[1] ئۇلار خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى داۋۇت ئۇنىڭغا ئاتاپ تىكتۈرگەن چېدىرغا ئەكىرىپ قويدى. ئۇلار خۇداغا ئاتاپ كۆيدۈرمە ۋە ئامانلىق قۇربانلىقلىرى قىلدى.
[2] شۇنىڭدىن كېيىن داۋۇت خەلققە پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن بەخت تىلىدى.
[3] يەنە پۈتۈن خەلققە، ئەر-ئايال دېمەي ھەربىر ئادەمگە بىردىن نان، خورما قېقى ۋە كىشمىش ئۈلەشتۈرۈپ بەردى.
[4] داۋۇت بىر قىسىم لاۋىيلارنى پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى ئالدىدا خىزمەتتە بولۇشقا، يەنى دۇئا-تىلاۋەت قىلىشقا، ئىسرائىلنىڭ پەرۋەردىگارى خۇداغا رەھمەت-تەشەككۈر ئېيتىشقا ۋە مەدھىيە ئوقۇشقا تەيىنلىدى.
[5] ئۇلارنىڭ بېشى ئاساف بولۇپ، ئۇنىڭ ياردەمچىسى زىكىرىيا ئىدى. ئۇلاردىن باشقىلىرى يىئىئېل، شىمىراموت، يىخىئېل، ماتتىتيا، ئەلىئاب، بىنايا، ئوبېد-ئىدوم ۋە يىئىئېللار ئىدى. ئۇلار چىلتار ۋە لىرا چېلىشقا بۇيرۇلدى. ئاساف جاڭ چالماقچى بولدى.
[6] بىنايا بىلەن ياخازىئېل دېگەن ئىككى روھانىي خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقى ئالدىدا ھەر دائىم كاناي چېلىشقا بۇيرۇلدى.
[7] شۇ كۈنى داۋۇت تۇنجى قېتىم ئاساف ۋە قېرىنداشلىرىنى پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانا ئېيتىشقا بەلگىلىدى:
[8] پەرۋەردىگارغا شۈكۈرلەر ئېيتىڭلار، ئۇنىڭ شەنىگە مەدھىيەلەر ئوقۇڭلار، كارامەتلىرىنى ئەللەر ئارا بايان قىلىڭلار!
[9] خۇدانى كۈيلەڭلار قېتىپ ناخشا-نەغمىگە، مۆجىزىلىرىنى ئۇنىڭ جاكارلاڭلار ھەممىگە.
[10] ئۇلۇغلاڭلار مۇقەددەس خىسلەتلىرىنى خۇدانىڭ، قەلبى شادلانسۇن پەرۋەردىگارنى سېغىنغانلارنىڭ.
[11] تەلپۈنۈڭلار خۇدانىڭ قۇدرىتىگە-كۈچىگە، ئىنتىلىڭلار ھەم ئۇنىڭ ھۇزۇرىغا-مېھرىگە.
[12] ئېسىڭلاردا بولسۇن ئۇنىڭ كارامەتلىرى، مۆجىزىلىرى ۋە چىقارغان ھۆكۈملىرى،
[13] ئى خۇدانىڭ قۇلى، ئىسرائىلنىڭ نەسىللىرى، ئۇ ئۆزى تاللىغان ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرى.
[14] ئۇ پەرۋەردىگاردۇر، ئۇ بىزنىڭ خۇدايىمىزدۇر، ئۇنىڭ ھۆكۈملىرى ھەممە يەردە كۈچكە ئىگىدۇر.
[15] ئۇنىڭ تۈزگەن ئەھدىسى ئەبەدىي يادىدىدۇر، بۇ ئۇنىڭ ئاداققىچە ۋەدە قىلغان سۆزىدۇر.
[16] پەرۋەردىگار ئىبراھىم بىلەن ئەھدە تۈزگەنىدى، ئىسھاققىمۇ قەسەم ئىچكەنىدى.
[17] ئۇ بۇنى ياقۇپقىمۇ نىزام قىلىپ بەرگەنىدى. ئىسرائىلغا مەڭگۈلۈك ئەھدە قىلىپ مۇنداق دېگەنىدى:
[18] «كەنئان زېمىنىنى سېنىڭ مۈلكۈڭ قىلىمەن، ئۇنى ساڭا تەئەللۇق نېسىۋەڭ قىلىمەن.»
[19] ئۇ چاغدا ئۇلار ناھايىتى ئاز سانلىق ئىدى، نەزەردە يوق ھەم مۇساپىر ئىدى.
[20] ئۇلار يۇرتمۇ-يۇرت سەرسان ئىدى، ئەلدىن-ئەلگە كېزەر ئىدى.
[21] خۇدا ھېچكىمنىڭ ئۇلارنى ئېزىشىگە يول قويمىدى، ئۇلارنى دەپ، پادىشاھلارنىمۇ مۇنداق ئاگاھلاندۇردى:
[22] «مېنىڭ تاللىغانلىرىمغا چېقىلماڭلار، پەيغەمبەرلىرىمگە زىيانكەشلىك قىلماڭلار.»
[23] ناخشا ئېيتىڭلار پەرۋەردىگارغا، ئەي جاھان ئەھلى، بايان ئەيلەپ ھەر كۈنى ئۇنىڭ نىجاتلىقىنى.
[24] تارقىتىڭلار شان-شەرىپىنى ئەللەر ئارا، ئاجايىپ ئىشلىرىنى خەلق ئارا.
[25] ئۇلۇغ بولغاچ پەرۋەردىگار دائىما، ئۇ لايىقتۇر ھەسسىلەپ مەدھىيەلىنىشكە، ئۈستۈن بولغاچ ئۇ بارلىق «ئىلاھلار» دىن، پەقەت ئۇلا ئەرزىيدۇ ئەيمىنىشكە.
[26] پەقەت بۇتتۇر باشقىلارنىڭ ئىلاھلىرى، ئەمما خۇدا ياراتقاندۇر ئەرشلەرنى.
[27] ئوراپ تۇرار شان-شەرەپ ۋە بۈيۈكلۈك ئۇنى، قۇدرەت ۋە شاد-خۇراملىققا تولغاندۇر ئۇنىڭ تۇرارگاھى.
[28] تەرىپلەڭلار ئەي ئەل-قوۋملار پەرۋەردىگارنى، كۈيلەڭلار ئۇنىڭ شان-شۆھرەت ۋە قۇدرىتىنى.
[29] پەرۋەردىگار شەرىپىگە مۇناسىپ ھەمدۇسانا ئوقۇڭلار، خۇدانىڭ ھۇزۇرىغا ھەدىيە بىلەن كىرىڭلار. ئەي جاھان ئەھلى، پەرۋەردىگاردىن قورقۇڭلار، پارلاق، مۇقەددەس پەرۋەردىگارغا سەجدە قىلىڭلار، بەرھەق، دۇنيا مۇستەھكەم، تەۋرەنمەستۇر.
[31] شادلانسۇن يەر-جاھان، خۇش بولسۇن ئاسمانلار، ئېيتىشسۇن ئەللەر ئارا: «پەرۋەردىگار ئەڭ ئالىي ھۆكۈمراندۇر.»
[32] تەنتەنە قىلىشسۇن دېڭىز ۋە ئۇنىڭدىكى جانلىقلار، يايرىسۇن دالىلار، ئۇنىڭدىكى چارۋىلار.
[33] ناخشا ئېيتسۇن ئىگىمىز ئالدىدا ئورمانلار، چۈنكى پەرۋەردىگار جەزمەن كېلىدۇ دۇنياغا ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا.
[34] پەرۋەردىگارغا شۈكۈر ئېيتىڭلار، چۈنكى ئۇ شاپائەتلىكتۇر، ئۇنىڭ مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر.
[35] يەنە شۇنداق دەپ ئېيتىڭلار: _ ئى نىجاتكار بولغان خۇدايىمىز، قۇتقۇزغىن بىزنى، يات ئەللەر ئارىسىدىن قايتا يىغىپ ئەكەلگىن بىزلەرنى. شۇندا سېنى مەدھىيەلەيلى، كۈيلەيلى، شۇ مۇقەددەس نامىڭغا شۈكۈر-رەھمەت ئېيتايلى.
[36] مەدھىيەلەنگەي مەڭگۈدىن-مەڭگۈگە، ئىسرائىللارنى تاللىغان پەرۋەردىگار! ئاندىن كېيىن پۈتۈن خالايىقلار «ئامىن» دېيىشىپ، پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانا ئوقۇشتى.
[37] داۋۇت، ئاساف بىلەن ئۇنىڭ قېرىنداشلىرىنى ھەر كۈنى پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى ئالدىدا داۋاملىق خىزمەتتە بولۇش ۋەزىپىسىگە قالدۇرۇپ قويدى.
[38] ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئوبېد-ئىدوم بىلەن ئۇنىڭ قېرىنداشلىرىدىن ئاتمىش سەككىز كىشى بار ئىدى. شۇنىڭدەك يىدۇتۇننىڭ ئوغلى ئوبېد-ئىدوم بىلەن خوساھ دەرۋازىۋەنلىككە قويۇلدى.
[39] داۋۇت روھانىي زادوق بىلەن ئۇنىڭ روھانىي قېرىنداشلىرىنى گىبئوندىكى مۇقەددەس جايغا تىكىلگەن پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەت چېدىرىدا خىزمەت قىلىشقا تەيىنلىدى.
[40] ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىللارغا چۈشۈرگەن تەۋرات قانۇنىدا يېزىلغىنى بويىچە ھەر كۈنى ئەتىگىنى، ئاخشىمى قۇربانلىق سۇپىسى ئۈستىدە پەرۋەردىگارغا ئاتاپ كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارنى سۇنۇشقا بۇيرۇلدى.
[41] ئۇلار بىلەن بىللە بولغانلار، يەنى ھېمان، يىدۇتۇن ۋە قالغان تاللانغانلار، شۇنداقلا بارلىق ئىسمى تىزىملانغانلار پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانا ئېيتىشقا بۇيرۇلدى، چۈنكى «ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر».
[42] ھېمان ۋە يىدۇتۇن بولسا سازەندىلىككە، جۈملىدىن كاناي، جاڭ ۋە خۇدا ئۈچۈن چېلىنىدىغان بارلىق سازلارنى چېلىپ، مەدھىيە ناخشىلىرىنى ئوقۇشقا مەسئۇل قىلىندى. يىدۇتۇننىڭ ئوغۇللىرى دەرۋازىغا قاراشقا قويۇلدى.
[43] شۇنىڭدىن كېيىن كۆپچىلىك ئۆز ئۆيلىرىگە قايتىشتى، داۋۇتمۇ ئۆز ئائىلىسىدىكىلەرگە بەخت تىلەشكە قايتتى.