Skip to content
Opens in a new window

[1] ئارىدىن بىرقانچە ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، ئاممونلارنىڭ پادىشاھى ناخاش ۋاپات بولدى. ئۇنىڭ پادىشاھلىق ئورنىغا ئوغلى خانۇن چىقتى.

[2] داۋۇت: «خانۇننىڭ ئاتىسى ناخاش ماڭا مېھىر-شەپقەت كۆرسەتكەنلىكى ئۈچۈن، مەن ئۇنىڭ ئوغلى خانۇنغا مېھىر-شەپقەت كۆرسىتىمەن» دەپ ئويلىدى. داۋۇت ئۇنىڭغا تەسەللى بېرىش ئۈچۈن ئەلچىلىرىنى ئەۋەتتى. ئەلچىلەر خانۇنغا تەسەللى بېرىش ئۈچۈن ئاممونلارنىڭ زېمىنىغا كىرگەندە،

[3] ئاممونلارنىڭ ئەمەلدارلىرى خانۇنغا: _ داۋۇت بۇ يەرگە ھال سورىغىلى ئادەم ئەۋەتىپتۇ، سىلىچە ئۇ ئاتىلىرىنىڭ ھۆرمىتىنى قىلىۋاتقانمىدۇ؟ ئۇنىڭ ئەلچىلىرىنىڭ بۇ يەرگە كېلىشتىكى مەقسىتى بۇ زېمىننى تەكشۈرۈپ، پايلاپ چىقىپ، ئاندىن كېيىن زېمىنىمىزنى ئىشغال قىلىش، دەپ ئويلىماملا؟ _ دېيىشتى.

[4] شۇنىڭدىن كېيىن خانۇن داۋۇتنىڭ ئەلچىلىرىنى تۇتۇۋېلىپ، ئۇلارنىڭ ساقال-بۇرۇتلىرىنى چۈشۈرۈۋەتتى. يەنە ئۇلارنىڭ تونلىرىنىڭ ئاستى تەرىپىدىن يانپاشلىرىغىچە بولغان قىسمىنى كېسىۋېتىپ، ئاندىن ئۇلارنى قوغلىۋەتتى.

[5] داۋۇت ئەلچىلەرنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، ئۇلارنى كۈتۈۋېلىشقا ئالدىغا ئادەم ئەۋەتتى. ئەلچىلەر تولىمۇ ئىزا-ئاھانەتتە قالغانىدى. پادىشاھ ئەلچىلىرىگە: «سىلەر ئېرىخا شەھىرىدە تۇرۇپ، ساقال-بۇرۇتۇڭلار ئۆسكەندىن كېيىن قايتىپ كېلىڭلار» دەپ سۆز ئەۋەتتى.

[6] ئاممونلار ئۆزلىرىنىڭ داۋۇتنى رەنجىتىپ قويغانلىقىنى بىلىپ، خانۇن بىلەن بىرلىشىپ، 35 توننا كۈمۈشكە ئاررام-ناھارايىم، ئاررام-مائاكا ۋە زوباھ دېگەن يەرلەردىن ھارۋىلىق لەشكەرلەرنى جەڭ ھارۋىلىرى بىلەن ياللاپ ئالدى.

[7] ئۇلار يەنە 32 مىڭ ھارۋىلىق لەشكەرلەر، شۇنداقلا مائاكا پادىشاھى بىلەن ئۇنىڭ قوشۇنىنى ياللاپ ئالدى. مائاكا پادىشاھى كېلىپ، مېدىبا شەھىرىنىڭ ئالدىدا بارگاھ قۇردى. ئاممونلارمۇ ئۆز شەھەرلىرىدىن يىغىلىشىپ جەڭگە ئاتلاندى.

[8] داۋۇت بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ، ئىسرائىلىيەنىڭ پۈتۈن قوشۇنىنى يوئابنىڭ باشچىلىقىدا ئۇلار بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا چىقاردى.

[9] ئاممونلار پايتەخت رابباھ شەھىرىدىن چىقىپ، شەھەر دەرۋازىسىنىڭ ئالدىدا سەپ تۈزۈپ تۇردى، ياردەمگە كەلگەن باشقا پادىشاھلار بولسا دالادا ئايرىم بىر قوشۇن بولۇپ تۇردى.

[10] يوئاب ئۆزىنىڭ ئالدى-كەينىدىن ھۇجۇمغا ئۇچرايدىغانلىقىنى كۆرۈپ، ئىسرائىلىيەنىڭ بىر قىسىم خىل لەشكەرلىرىنى تاللاپ، ئۇلارنى سۈرىيەلىكلەرگە قارشى سەپكە تۇرغۇزدى.

[11] قالغان ئادەملىرىنى بولسا ئاكىسى ئابىشاينىڭ باشقۇرۇشىغا قويدى. ئابىشاي ئۇلارنى ئاممونلارغا قارشى جەڭگە تەييار قىلدى.

[12] يوئاب ئابىشايغا: _ مۇبادا سۈرىيەلىكلەر مەندىن كۈچلۈك چىقسا، سەن ماڭا ياردەمگە كەل. مۇبادا ئاممونلار سەندىن كۈچلۈك چىقسا، مەن ساڭا ياردەمگە باراي.

[13] جاسارەتلىك بول، خەلقىمىز ۋە خۇدايىمىزنىڭ شەھەرلىرى ئۈچۈن جان تىكىپ ئۇرۇش قىلايلى! پەرۋەردىگارنىڭ ئىرادىسى ئەمەلگە ئاشقاي، _ دېدى.

[14] يوئاب ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى ئىلگىرىلەپ بېرىپ، سۈرىيەلىكلەرگە ھۇجۇمغا ئۆتۈشكە تەييار بولدى. سۈرىيەلىكلەر ئۇلارنىڭ ئالدىدا قاچتى.

[15] سۈرىيەلىكلەرنىڭ قاچقانلىقىنى كۆرگەن ئاممونلارمۇ يوئابنىڭ ئاكىسى ئابىشايدىن قېچىپ، شەھەرگە قايتىپ كىرىۋالدى. شۇنىڭدىن كېيىن يوئاب يېرۇسالېمغا قايتىپ كەتتى.

[16] ئىسرائىللاردىن يېڭىلگەنلىكىنى بىلگەن سۈرىيەلىكلەر فىرات دەرياسىنىڭ ئۇ تەرىپىدىكى سۈرىيەلىكلەرگە ئادەم ئەۋەتىپ، ئۇلارنى يۆتكەپ كەلدى. ئۇلار ھادادئەزەر قوشۇنىنىڭ باش سەركەردىسى شوباكنىڭ رەھبەرلىكىدە ئۇرۇشقا كەلدى.

[17] بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان داۋۇت ئىسرائىلىيەدىكى لەشكەرلەرنىڭ ھەممىسىنى يىغىپ، ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ، سۈرىيەلىكلەرگە يېقىن يەرگە كېلىپ، ئۆز قوشۇنىنى ئۇلارغا قارشى سەپكە تۇرغۇزدى. بۇنى كۆرگەن سۈرىيەلىكلەر داۋۇتقا قارشى جەڭگە ئاتلاندى.

[18] ۋاھالەنكى، سۈرىيەلىكلەر ئىسرائىللارنىڭ ئالدىدىن يەنە قاچتى. داۋۇت سۈرىيەلىكلەرنىڭ يەتتە مىڭ ھارۋىلىق لەشكىرىنى ۋە 40 مىڭ پىيادە لەشكىرىنى ئۆلتۈردى. داۋۇت يەنە سۈرىيەلىكلەرنىڭ قوشۇنىنىڭ باش سەركەردىسى شوباكنى ھالاك قىلدى.

[19] ھادادئەزەرگە تەۋە پادىشاھلارنىڭ ھەممىسى ئۆزلىرىنىڭ ئىسرائىللاردىن مەغلۇپ بولغانلىقىنى كۆرۈپ، داۋۇت بىلەن سۈلھى تۈزۈشۈپ، ئۇنىڭغا ئەل بولدى. شۇنىڭدىن كېيىن سۈرىيەلىكلەر ئاممونلارغا ياردەم بېرىشتىن باش تارتىدىغان بولدى.

تارىخلار — Chapters