[1] داۋۇت كىشنىڭ ئوغلى سائۇل پادىشاھتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ زىقلاقتا مۆكۈنۈۋالغاندا، داۋۇتنىڭ جەڭ قىلىشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن باھادىرلاردىن بىر تۈركۈم ئادەملەر كېلىشتى.
[2] ئۇلار ئوڭ قولى بىلەنمۇ، سول قولى بىلەنمۇ ئوقيا ۋە سالغا ئېتىشقا ماھىر بولغان بىنيامىن قەبىلىسىدىن، يەنى سائۇلنىڭ جەمەتىدىن ئىدى.
[3] ئۇلارنىڭ بېشى بولغان ئاخىئەزەر ۋە يوئاشلار گىبئاھلىق شىمائانىڭ ئوغۇللىرى ئىدى. ئۇلاردىن كېيىن ئازماۋەتنىڭ ئوغۇللىرى يىزىئېل بىلەن پەلەت، بىراكا، ئاناتوتلۇق يېھۇ ۋە
[4] گىبئونلۇق يىشمايا ئىدى. يىشمايا «ئوتتۇز باھادىر» جەڭچىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇلارنىڭ يېتەكچىسى ئىدى. يەنە يەرەمىيا، ياخازىئېل، يوخانان، گىدېرالىق يوزاباد،
[5] ئەلۇزاي، يىرىموت، بىئاليا، شىماريا، خارۇفلۇق شىفاتيا،
[6] كوراھلاردىن بولغان ئەلقانا، يىششىيا، ئازارئېل، يوئەزەر بىلەن ياشوبئام،
[7] يەنە گىدورلۇق يىروخامنىڭ ئوغۇللىرى يوئېلا بىلەن زىباديا بار ئىدى.
[8] گاد قەبىلىسىدىن ئۇرۇشقا ماھىر باتۇر جەڭچىلەر داۋۇت تەرەپكە ئۆتمەكچى بولۇپ، ئۇنىڭ قاقاسلىقتىكى غارىغا باردى. ئۇلار قالقان ۋە نەيزە ئىشلىتىشكە ماھىر بولۇپ، ئۇلارنىڭ قىياپىتى خۇددى شىرغا، يۈگۈرۈشى گويا تاغ ئۈستىدىكى جەرەنگە ئوخشايتتى.
[9] ئۇلارنىڭ بېشى ئەزەر، ئىككىنچىسى ئوبادىيا، ئۈچىنچىسى ئەلىئاب،
[10] تۆتىنچىسى مىشماننا، بەشىنچىسى يەرەمىيا،
[11] ئالتىنچىسى ئاتتاي، يەتتىنچىسى ئەلىئېل،
[12] سەككىزىنچىسى يوخانان، توققۇزىنچىسى ئەلزاباد،
[13] ئونىنچىسى يەرەمىيا، ئون بىرىنچىسى ماكبانناي ئىدى.
[14] بۇ گاد قەبىلىسىدىن بولغانلار قوشۇننىڭ سەركەردىلىرى بولۇپ، ئەڭ ئاجىزلىرى يۈز ئادەمگە، ئەڭ كۈچلۈكلىرى مىڭ ئادەمگە باشچىلىق قىلاتتى.
[15] ئەتىيازدا ئىئوردان دەرياسىدىكى سۇلار كۆپىيىپ قىرغاقلىرىدىن تاشقاندا، دەريادىن ئۆتۈپ، جىلغىنىڭ شەرقى ۋە غەربىدىكى كىشىلەرنى قوغلىۋەتكەنلەر دەل مۇشۇ ئادەملەر ئىدى.
[16] بىنيامىن بىلەن يەھۇدا قەبىلىلىرىدىن بىر قىسىم كىشىلەر غاردا تۇرىدىغان داۋۇتنىڭ يېنىغا كېلىشتى.
[17] داۋۇت سىرتقا چىقىپ، ئۇلارنى كۈتۈۋالدى، ھەمدە: _ سىلەر ئەگەر تىنچلىق ئۈچۈن ماڭا ياردەم بېرىشكە كەلگەن بولساڭلار، مەن سىلەر بىلەن بىر نىيەتتىدۇرمەن. ئەگەر سىلەر مەندەك بىر گۇناھسىزنى دۈشمەنلىرىمگە ساتماقچى بولۇپ كەلگەن بولساڭلار، ئاتا-بوۋىلىرىمىز ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا بۇنى كۆرۈپ ھۆكۈم چىقارسۇن، _ دېدى.
[18] شۇ چاغدا خۇدانىڭ روھى ھېلىقى «ئوتتۇز باھادىر» نىڭ بېشى ئاماسايغا چۈشتى. ئاماساي: _ ئەي داۋۇت، بىز ساڭا تەئەللۇقمىز، ئەي يىشاينىڭ ئوغلى، سەن بىلەن بىللىدۇرمىز! ساڭا ۋە ساڭا ياردەم قىلغانلارغىمۇ تىنچ-ئامانلىق يار بولغاي! چۈنكى سېنىڭ خۇدايىڭ ساڭا ياردەم قىلغۇچىدۇر، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن داۋۇت ئۇلارنى قوبۇل قىلىپ، ئۇلارنى لەشكەرلەرنىڭ باشلىقلىرى قىلىپ تەيىنلىدى.
[19] داۋۇت فىلىستىيەلىكلەر بىلەن بىرلىكتە سائۇلغا قارشى ئۇرۇشقا ئاتلانغاندا، ماناسسە قەبىلىسىنىڭ بەزىلىرى داۋۇت تەرەپكە ئۆتتى. (لېكىن ئاخىردا فىلىستىيەلىكلەر داۋۇتنىڭ ياردىمىنى قوبۇل قىلمىدى، چۈنكى فىلىستىيەلىكلەرنىڭ بەگلىرى مەسلىھەتلىشىپ: «ئەگەر داۋۇت ئۆز غوجايىنى سائۇل تەرەپكە ئۆتۈۋالسا، بېشىمىز كېتىدۇ!» دەپ ئۇلارنى قايتۇرۇۋەتتى.)
[20] داۋۇت زىقلاققا قايتىپ ماڭغاندا، ئۇنىڭغا ماناسسە قەبىلىسىدىن قوشۇلۇۋالغانلارنىڭ ئىسىملىرى تۆۋەندىكىچە: ئادناخ، يوزاباد، يىدىئائېل، مىكائىل، يوزاباد، ئەلىھۇ ۋە زىللىتاي. بۇلارنىڭ ھەممىسى ماناسسە قەبىلىسىنىڭ مىڭباشلىرى ئىدى.
[21] ئۇلار داۋۇتنىڭ قاراقچىلارغا قارشى ئۇرۇشىغا ياردەم قىلدى، چۈنكى ئۇلارنىڭ ھەممىسى باتۇر جەڭچىلەر ئىدى. ئۇلار كېيىن داۋۇت قوشۇنىنىڭ سەركەردىلىرىگە ئايلاندى.
[22] داۋۇتقا ياردەم بەرگىلى كەلگەنلەر كۈندىن-كۈنگە ئۇنىڭ قوشۇنىغا قوشۇلۇپ، ئۇنىڭ قوشۇنى خۇددى خۇدانىڭ قوشۇنىدەك بۈيۈك بىر قوشۇنغا ئايلانغانىدى.
[23] پەرۋەردىگارنىڭ ۋەدە قىلغىنى بويىچە سائۇلنىڭ پادىشاھلىقىنى داۋۇتقا ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن ئۇنىڭغا قوشۇلماق بولۇپ، ھىبرونغا كەلگەن قوراللىق لەشكەرنىڭ سانلىرى تۆۋەندىكىچە:
[24] يەھۇدا قەبىلىسىدىن قالقان ۋە نەيزە بىلەن قوراللانغان 8006 جەڭچى.
[25] شىمون قەبىلىسىدىن 1007 باتۇر جەڭچى.
[26] لاۋىي قەبىلىسىدىن 4600 جەڭچى بولۇپ،
[27] ئۇلارنىڭ ئىچىدە ھارۇنلارنىڭ جەمەت باشلىقى بولغان يىھويادا ۋە ئۇنىڭ 3700 ئادىمى شۇنداقلا
[28] ياش باتۇر زادوق ۋە ئۇنىڭ جەمەتىدىن كەلگەن 22 سەركەردىمۇ بار ئىدى.
[29] بىنيامىن قەبىلىسىدىن، سائۇلنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىنمۇ 3000 جەڭچى، بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى شۇ ۋاقىتقىچە سائۇل جەمەتىگە سادىق بولۇپ كەلگەنىدى.
[30] ئەفرايىم قەبىلىسىدىن 20,800 جەڭچى، بۇلار ئۆز جەمەتلىرىدە يۈز-ئابرۇي تاپقان باتۇر جەڭچىلەر ئىدى.
[31] ماناسسە قەبىلىسىنىڭ غەربىي يېرىمىدىن 18,000 جەڭچى. ئۇلار داۋۇتنى پادىشاھ قىلىش ئۈچۈن ئالايىتەن تاللىنىپ كەلگەنىدى.
[32] ئىسساكار قەبىلىسىدىن ۋەزىيەتنى چۈشىنىدىغان، ئىسرائىللارنىڭ قانداق قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلىدىغان 200 باشچى بىلەن ئۇلارنىڭ قول ئاستىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى.
[33] زەبۇلۇن قەبىلىسىدىن جەڭگە تەييار 50,000 جەڭچى. ئۇلار ھەر خىل قورال-ياراغلار بىلەن جەڭگە تەييارلانغان بولۇپ، داۋۇتقا پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ياردەم قىلماقچى ئىدى.
[34] نافتالى قەبىلىسىدىن 1000 سەركەردە ۋە ئۇلارنىڭ قول ئاستىدىكى قالقان ۋە نەيزە بىلەن قوراللانغان 37,000 جەڭچى.
[35] دان قەبىلىسىدىن جەڭگە تەييار 28,600 جەڭچى.
[36] ئاشېر قەبىلىسىدىن جەڭگە تەييار 40,000 جەڭچى.
[37] ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىي تەرىپىدىكى رۇبېن، گاد ھەم ماناسسە قەبىلىسىنىڭ يېرىمىدىن ھەر خىل قورال-ياراغلار بىلەن قوراللانغان 120,000 جەڭچى.
[38] يۇقىرىدا دېيىلگەندەك بۇ لەشكەرلەرنىڭ ھەممىسى داۋۇتنى پۈتۈن ئىسرائىلىيەنىڭ پادىشاھى قىلىش ئۈچۈن بىر نىيەتتە بولۇپ، سەپ تۈزۈشۈپ ھىبرونغا كەلدى. قالغان پۈتۈن ئىسرائىل خەلقىمۇ داۋۇتنى پادىشاھ قىلىش ئۈچۈن ئىتتىپاقلاشقانىدى.
[39] ئۇلار شۇ يەردە قېرىنداشلىرى تەييارلاپ قويغان غىزالارنى داۋۇت بىلەن ئۈچ كۈن يەپ-ئىچىشتى.
[40] قېرىنداشلىرى، ھەتتا ئىسساكار، زەبۇلۇن ۋە نافتالىدەك يىراقتا تۇرىدىغان قەبىلىلەرمۇ ئېشەك، تۆگە، قېچىر ۋە بۇقىلارغا ئوزۇق-تۈلۈك ئارتىپ، يەنى زور مىقداردا ئۇن، ئەنجۈر قېقى، كىشمىش، شاراب، زەيتۇن يېغى، كالا ۋە قويلارنى ئېلىپ كەلگەنىدى. چۈنكى ئىسرائىلىيە شاد-خۇراملىققا چۆمگەنىدى.