[1] ئەتىياز كېلىپ، پادىشاھلار جەڭگە چىقىدىغان چاغ بولدى. يوئاب ئىسرائىلىيە قوشۇنىنى جەڭگە باشلاپ ئاممونلارنىڭ زېمىنىغا بېسىپ كىردى ۋە رابباھ شەھىرىنى قورشاۋغا ئالدى. داۋۇت ئۆزى بولسا يېرۇسالېمدا قالدى. يوئاب رابباھقا ھۇجۇم قىلىپ، شەھەرنى ۋەيران قىلىۋەتتى.
[2] داۋۇت ئاممونلارنىڭ پادىشاھىنىڭ بېشىدىكى ئالتۇن تاجنى ئالدى. ئېغىرلىقى 35 كىلو كېلىدىغان، ئۈستى ياقۇت بىلەن بېزەلگەن بۇ ئالتۇن تاج داۋۇتنىڭ بېشىغا كىيدۈرۈلدى. داۋۇت شەھەردىن نۇرغۇن ئولجىلارنى ئالدى.
[3] ئۇ يەنە شەھەر ئاھالىسىنى ھەرە، كەتمەن، پالتا بىلەن قىلىنىدىغان ئىشلارغا سالدى. داۋۇت ئاممونلارنىڭ باشقا شەھەر ئاھالىلىرىگىمۇ شۇنداق مۇئامىلە قىلدى. ئاندىن داۋۇت پۈتۈن قوشۇنىنى باشلاپ، يېرۇسالېمغا قايتىپ كەتتى.
[4] شۇنىڭدىن كېيىن، گەزەر دېگەن يەردە فىلىستىيەلىكلەر بىلەن يەنە بىر قېتىم ئۇرۇش بولدى. بۇ قېتىمقى ئۇرۇشتا خۇشاھلىق سىببىكاي رافاھ خەلقىدىن بولغان سىپپاي ئىسىملىك بىر پالۋاننى ئۆلتۈردى. شۇنىڭ بىلەن فىلىستىيەلىكلەر بويسۇندى.
[5] فىلىستىيەلىكلەر بىلەن بولغان يەنە بىر ئۇرۇشتا يائىرنىڭ ئوغلى ئەلخانان گاتلىق گولياتنىڭ قېرىندىشى لاخمىنى ئۆلتۈردى. لاخمىنىڭ نەيزىسىنىڭ دەستىسى دەستىگاھنىڭ ئوقىدەك توم ئىدى.
[6] كېيىن گاتتا يەنە بىر مەيدان ئۇرۇش بولدى. بۇ ئۇرۇشقا ناھايىتى بەستلىك بىر ئادەم قاتناشقان بولۇپ، ئۇنىڭ قول ۋە پۇتىدا ئالتىدىن جەمئىي يىگىرمە تۆت بارماق بار ئىدى. ئۇمۇ رافاھ خەلقىدىن ئىدى.
[7] بۇ ئادەم ئىسرائىللارنى ھاقارەتلىگەنلىكى ئۈچۈن، داۋۇتنىڭ ئاكىسى شامماھنىڭ ئوغلى يوناتان ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتتى.
[8] بۇ فىلىستىيەلىك پالۋانلار گات شەھىرىدىكى رافاھ خەلقىدىن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى داۋۇت ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلدى.