Skip to content
Opens in a new window

[1] شۇنداق قىلىپ، پۈتكۈل ئىسرائىل خەلقى نەسەبنامىدا خاتىرىلىنىپ، «ئىسرائىلىيە پادىشاھلىرى كىتابى» غا كىرگۈزۈلگەنىدى. يەھۇدىيە خەلقى پەرۋەردىگارغا ۋاپاسىزلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن، بابىلغا سۈرگۈن قىلىنغانىدى.

[2] ئەڭ ئاۋۋال روھانىيلار، لاۋىيلار، ئىبادەتخانا خىزمەتكارلىرى ۋە باشقا ئىسرائىللار قايتىپ كېلىپ، ئۆز شەھەرلىرىگە ئولتۇراقلاشتى.

[3] يەھۇدا، بىنيامىن، ئەفرايىم ۋە ماناسسە قەبىلىلىرىنىڭ بىر قىسىملىرى يېرۇسالېمدا ئولتۇراقلاشتى.

[4] بۇلارنىڭ ئىچىدە يەھۇدانىڭ ئوغلى پەرەسنىڭ ئەۋلادىدىن بولغان ئۇتايمۇ بار ئىدى. ئۇتاي ئاممىھۇدنىڭ ئوغلى، ئاممىھۇد ئومرىنىڭ ئوغلى، ئومرى ئىمرىنىڭ ئوغلى، ئىمرى بانىنىڭ ئوغلى ئىدى.

[5] قايتىپ كەلگەن شېلاھنىڭ ئەۋلادلىرى: شېلاھنىڭ تۇنجى ئوغلى ئاسايا ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى.

[6] زەراخنىڭ ئەۋلادى: يىئۇئېل. يەھۇدا قەبىلىسىدىن قايتىپ كەلگەنلەر جەمئىي 690 كىشى ئىدى.

[7] بىنيامىن قەبىلىسىدىن: مىشۇللامنىڭ ئوغلى ساللۇ، (مىشۇللام ھوداۋيانىڭ ئوغلى، ھوداۋيا ھاسسىنۇئانىڭ ئوغلى ئىدى.) يىروخامنىڭ ئوغلى يىبنېيا، ئۇززىنىڭ ئوغلى يەنى مىكرىنىڭ نەۋرىسى ئەلاھ، شىفاتيانىڭ ئوغلى مىشۇللام، (شىفاتيا رىئۇئېلنىڭ ئوغلى، رىئۇئېل يىبنىيانىڭ ئوغلى ئىدى.)

[9] بىنيامىن قەبىلىسىدىن نەسەبنامىغا 956 كىشى كىرگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى جەمەت باشلىقلىرى ئىدى.

[10] يېرۇسالېمغا قايتىپ كەلگەن روھانىيلار: يىدايا، يىھويارىب، ياكىن ۋە

[11] خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ باش غوجىدارى ئازاريا. ئازاريا خىلقىيانىڭ ئوغلى، خىلقىيا مىشۇللامنىڭ ئوغلى، مىشۇللام زادوقنىڭ ئوغلى، زادوق مىرايوتنىڭ ئوغلى، مىرايوت ئاخىتۇبنىڭ ئوغلى ئىدى.

[12] يىروخامنىڭ ئوغلى ئادايا (يىروخام پاشخۇرنىڭ ئوغلى، پاشخۇر مالكىيانىڭ ئوغلى ئىدى) ۋە ئادىئېلنىڭ ئوغلى ماساي (ئادىئېل ياخزېرانىڭ ئوغلى، ياخزېرا مىشۇللامنىڭ ئوغلى، مىششۇلام مىشىللېمىتنىڭ ئوغلى، مىشىللېمىت ئىممېرنىڭ ئوغلى ئىدى) مۇ قايتىپ كەلگەنىدى.

[13] جەمەت باشلىقلىرى بولۇپ جەمئىي 1760 روھانىي قايتىپ كەلدى. ئۇلار خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىدا خىزمەت قىلىشقا قابىل كىشىلەر ئىدى.

[14] يېرۇسالېمغا قايتىپ كەلگەن لاۋىيلار: خاششۇبنىڭ ئوغلى شىمايا. (خاششۇب ئازرىقامنىڭ ئوغلى، ئازرىقام مىرارىلاردىن بولغان خاشابيانىڭ ئوغلى ئىدى.)

[15] باقباققار، خەرەش، گالال ۋە ماتتانيامۇ قايتىپ كەلگەنىدى. ماتتانيا مىكانىڭ ئوغلى، مىكا زىكرىنىڭ ئوغلى، زىكرى ئاسافنىڭ ئوغلى ئىدى.

[16] شىمايانىڭ ئوغلى ئوبادىيا (شىمايا گالالنىڭ ئوغلى، گالال يىدۇتۇننىڭ ئوغلى ئىدى) ۋە ئاسانىڭ ئوغلى بەرەكيا قايتىپ كەلگەنىدى. بەرەكيا ئەلقانانىڭ نەۋرىسى بولۇپ، نىتوفانىڭ يېزىلىرىدا ياشىغانىدى.

[17] يېرۇسالېمغا قايتىپ كەلگەن ئىبادەتخانا دەرۋازىۋەنلىرى تۆۋەندىكىچە: شاللۇم، ئاققۇب، تالمون، ئاخىمان ۋە ئۇلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى. شاللۇم ئۇلارنىڭ باشلىقى ئىدى.

[18] ئۇلار بۈگۈنگە قەدەر شەرق تەرەپتىكى پادىشاھ دەرۋازىسىدا مۇھاپىزەتچىلىك قىلماقتا. لاۋىيلارنىڭ قارارگاھىغا قارايدىغان دەرۋازىۋەنلەرمۇ شۇلاردىندۇر.

[19] ئەبياسافنىڭ نەۋرىسى، قورېنىڭ ئوغلى شاللۇم ۋە ئۇنىڭ كوراھ جەمەتىدىن بولغان قېرىنداشلىرى ئىبادەتخانىدا مۇھاپىزەتچىلىك قىلاتتى، ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىمۇ بۇرۇن پەرۋەردىگارنىڭ قارارگاھىنىڭ كىرىش ئېغىزىدا مۇھاپىزەتچىلىك قىلغانىدى.

[20] ئەلئازارنىڭ ئوغلى پىنىخاس بۇرۇن ئۇلارغا باشلىق بولغانىدى، پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا يار ئىدى.

[21] مىشەلەميانىڭ ئوغلى زىكىرىيا ئىبادەتخانىنىڭ دەرۋازىسىدا مۇھاپىزەتچىلىك قىلغانىدى.

[22] كىرىش ئېغىزى بىلەن دەرۋازىغا قاراشقا جەمئىي 212 كىشى تاللانغانىدى. نەسەبنامىدا ئۇلار ئۆزلىرى تۇرىدىغان يېزىلار بويىچە خاتىرىلەنگەنىدى. داۋۇت پادىشاھ بىلەن سامۇئىل پەيغەمبەر بۇ مۇھىم ۋەزىپىنى ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرىغا تاپشۇرغانىدى.

[23] ئۇلار ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ دەرۋازىسىدا داۋاملىق مۇھاپىزەتچىلىك قىلىپ كەلدى.

[24] ھەممە تەرەپكە، يەنى شەرق، غەرب، شىمال ۋە جەنۇب تەرەپتىكى دەرۋازىلىرىنىڭ ھەربىرىگە دەرۋازىۋەنلەر قويۇلغانىدى.

[25] بۇ مۇھاپىزەتچىلەرگە ئۆز يېزىسىدىكى تۇغقانلىرى ياردەملىشىپ، نۆۋەت بىلەن يەتتە كۈندىن قارايتتى.

[26] تۆت نەپەر دەرۋازىۋەنلەر باشلىقى لاۋىيلاردىن بولۇپ، ئۇلار خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ ھۇجرىلىرى ۋە خەزىنىلىرىگە قاراشقا مەسئۇل ئىدى.

[27] ئۇلار ئىبادەتخانىنى مۇھاپىزەت قىلىشقا، شۇنداقلا ھەر كۈنى سەھەردە ئىبادەتخانا دەرۋازىلىرىنى ئېچىشقا مەسئۇل بولغاچقا، تۈننى ئىبادەتخانىنىڭ ئەتىراپىدا ئۆتكۈزەتتى.

[28] بەزى لاۋىيلار ئىبادەتكە ئىشلىتىدىغان بۇيۇملارغا قاراشقا مەسئۇل ئىدى. ھەر قېتىم بۇ بۇيۇملارنى ئېلىپ چىقىپ، ئەكىرىپ قويغاندا ئۇلار سانىنى ئالاتتى.

[29] يەنە بىر قىسىم لاۋىيلار ئىبادەتخانىنىڭ مۇقەددەس جايىدىكى نەرسىلەرگە، باشقا بۇيۇملارغا ۋە ئۇن، شاراب، زەيتۇن يېغى، ئىسرىق، خۇشبۇي ماددا قاتارلىقلارغا قارايتتى.

[30] خۇشبۇي ماددىلارنى تەڭشەپ مۇقەددەس ياغنى ياساش روھانىيلارنىڭ ئىشى ئىدى.

[31] لاۋىيلارنىڭ كوراھ جەمەتىدىن بولغان شاللۇمنىڭ تۇنجى ئوغلى ماتتىتيا خۇداغا ئاتالغان نانلارنى پىشۇرۇشقا مەسئۇل ئىدى.

[32] قوھات جەمەتىدىكىلەردىن بەزىلىرى ھەر دەم ئېلىش كۈنى ئىبادەتخانىدا پەرۋەردىگارغا ئاتالغان نانلارنى تەييارلاشقا مەسئۇل ئىدى.

[33] لاۋىيلارنىڭ بىر قىسىم جەمەت باشلىقلىرى ئىبادەتخانىنىڭ ساز چېلىش ئىشلىرىغا مەسئۇل ئىدى. ئۇلار ئىبادەتخانىنىڭ ھۇجرىلىرىدا تۇراتتى. ئۇلار كېچە-كۈندۈز ساز چېلىشقا مەسئۇل بولغانلىقى ئۈچۈن، باشقا ئىش قىلمايتتى.

[34] يۇقىرىدا ئىسىملىرى تىلغا ئېلىنغان لاۋىيلار نەسەبنامىدا جەمەت باشلىقلىرى، دەپ خاتىرىلەنگەنىدى. ئۇلار يېرۇسالېمدا تۇراتتى.

[35] يىئىئېل گىبئون شەھىرىنى بىنا قىلىپ، شۇ يەرگە ئورۇنلاشتى. ئۇنىڭ ئايالىنىڭ ئىسمى مائاكا بولۇپ،

[36] تۇنجى ئوغلىنىڭ ئىسمى ئابدون، كېيىنكىلىرنىڭ ئىسمى زۇر، كىش، بائال، نېر، ناداب،

[37] گىدور، ئاخيو، زىكىرىيا ۋە مىقلوت ئىدى.

[38] مىقلوت بولسا شىمئامنىڭ ئاتىسى ئىدى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى يېرۇسالېمدا ئۆز تۇغقانلىرىنىڭ يېنىدا ياشىدى.

[39] نېر كىشنىڭ ئاتىسى، كىش سائۇل پادىشاھنىڭ ئاتىسى ئىدى. سائۇل پادىشاھنىڭ يوناتان، مالكىشۇۋا، ئابىناداب ۋە ئەشبائال ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى.

[40] يوناتان مىرىب-بائالنىڭ ئاتىسى، مىرىب-بائال مىكاھنىڭ ئاتىسى ئىدى.

[41] مىكاھنىڭ پىتون، مەلەك، تاخرېيا ۋە ئاخاز ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى.

[42] ئاخاز ياداھنىڭ ئاتىسى ئىدى. ياداھتىن ئالەمەت، ئازماۋەت ۋە زىمرى تۆرەلدى. زىمرىدىن موزا تۆرەلدى،

[43] موزادىن بىنئا تۆرەلدى، بىنئادىن رىفايا تۆرەلدى، رىفايادىن ئەلئاسا تۆرەلدى، ئەلئاسادىن ئازېل تۆرەلدى.

[44] ئازېلنىڭ ئالتە ئوغلى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىسىملىرى ئازرىقام، بوكىرۇ، ئىسمائىل، شىئاريا، ئوبادىيا ۋە خانان ئىدى. بۇلار ئازېلنىڭ ئوغۇللىرىدۇر.

تارىخلار — Chapters