Skip to content
Opens in a new window

[1] داۋۇت پادىشاھ ئىسرائىلىيەدىكى بارلىق ئەمەلدارلارنى يەنى ھەرقايسى قەبىلىلەرنىڭ باشلىقلىرىنى، پادىشاھقا خىزمەت قىلىۋاتقان ھەرقايسى ھەربىي قىسىملارنىڭ سەركەردىلىرىنى، مىڭبېشى، يۈزباشلىرىنى، پادىشاھ ۋە شاھزادىلەرنىڭ مال-مۈلۈك، چارۋىلىرىنى باشقۇرغۇچىلارنى، ئوردا خىزمەتكارلىرىنى، باھادىرلارنى ۋە باشقا بارلىق باتۇر جەڭچىلەرنى يېرۇسالېمغا چاقىرتتى.

[2] داۋۇت پادىشاھ ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۇلارغا مۇنداق دېدى: _ قېرىنداشلىرىم، خەلقىم، گېپىمگە قۇلاق سېلىڭلار! مەن ئەسلى پەرۋەردىگارنىڭ پۇت قويغۇچى بولغان ئەھدە ساندۇقىنى ساقلايدىغان بىر ئىبادەتخانا سالماقچى ئىدىم. مەن بۇنىڭ ئۈچۈن قۇرۇلۇش تەييارلىقلىرىنى پۈتتۈرۈپ قويغانىدىم.

[3] لېكىن خۇدا: «مېنىڭ نام-شەرىپىم ئۈچۈن ئىبادەتخانىنى سەن سالساڭ بولمايدۇ، چۈنكى سەن ئىلگىرى كۆپ جەڭلەرنى قىلىپ، نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ قېنىنى تۆكتۈڭ» دېدى.

[4] ھالبۇكى، پەرۋەردىگار _ ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا پۈتۈن جەمەتىمىز ئىچىدىن مېنى تاللاپ، ئىسرائىل خەلقىنىڭ مەڭگۈلۈك پادىشاھى قىلىپ تىكلىدى. چۈنكى ئۇ، بۇ تاللاشتا يەھۇدا قەبىلىسىنى ئاساس قىلدى، يەھۇدا قەبىلىسى ئىچىدىن ئاتامنىڭ جەمەتىنى مۇۋاپىق كۆردى. ئاتامنىڭ ئوغۇللىرى ئىچىدىن ئۇ مېنى ئىسرائىلىيەنىڭ پادىشاھى قىلىپ تىكلەشنى خالىدى.

[5] پەرۋەردىگار ماڭا كۆپ ئوغۇل بەردى ھەمدە بۇ ئوغۇللىرىمنىڭ ئارىسىدىن سۇلايماننى ئىسرائىلىيەنىڭ پادىشاھلىققا تاللاپ، پەرۋەردىگارنىڭ پادىشاھلىق تەختىگە ئولتۇرغۇزدى.

[6] پەرۋەردىگار ماڭا: «مېنىڭ ئىبادەتخانامنى ۋە ھويلىلىرىمنى ئوغلۇڭ سۇلايمان سالىدۇ. مەن سۇلايماننى ئۆزۈمگە ئوغۇل قىلىپ تاللىدىم، مەن ئۇنىڭ ئاتىسىدۇرمەن.

[7] ئەگەر ئۇ بۈگۈنكىدەك مېنىڭ ئەمر-پەرمانلىرىمنى ھەر دائىم قەتئىي ئىجرا قىلسا، مەن ئۇنىڭ تەختىنى مەڭگۈ مۇستەھكەم قىلىمەن.» دېدى.

[8] شۇنىڭ ئۈچۈن ھازىر مەن پەرۋەردىگارنىڭ جامائىتى بولغان پۈتۈن ئىسرائىل خەلقى ئالدىدا، شۇنداقلا خۇدايىمىزنىڭ گۇۋاھلىقىدا سىلەرگە شۇنى ئېيتىمەنكى، سىلەر پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ بارلىق ئەمرلىرىنىڭ بىرىنىمۇ قالدۇرماي ئىجرا قىلىشىڭلار كېرەك. شۇنداق قىلغاندىلا، مانا بۇ گۈزەل زېمىنغا ئىگە بولالايسىلەر، شۇنداقلا ئۇنى ئەۋلادلىرىڭلارغىمۇ مەڭگۈ مىراس قىلىپ قالدۇرالايسىلەر.

[9] ئوغلۇم سۇلايمان، ئاتاڭ ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدانى تونۇغىن، پۈتۈن جان-دىلىڭ ۋە ئىختىيارلىقىڭ بىلەن ئۇنىڭ خىزمىتىدە بولغىن. چۈنكى ئۇ ھەربىر ئىنساننىڭ كۆڭلىدىكىنى، ئۇنىڭ نىيىتىنى بىلىدۇ. ئەگەر سەن ئۇنى ئىزدىسەڭ، ئۇنى چوقۇم تاپالايسەن، ئەگەر سەن ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈسەڭ، ئۇمۇ سېنى مەڭگۈ تاشلاپ كېتىدۇ.

[10] گېپىمگە قۇلاق سال، پەرۋەردىگار مۇقەددەس جاي بولغان ئىبادەتخانىنى سېلىشقا سېنى تاللىغان ئىكەن، دادىل بول، بۇ ئىشقا بەل باغلا!

[11] داۋۇت ئىبادەتخانىنىڭ قۇرۇلمىسىنى، يەنى ئىبادەتخانىنىڭ ئايۋىنى، ئامبارلىرى، يۇقىرى ۋە ئىچكىرى خانىلىرىنىڭ ھەمدە ئەڭ مۇقەددەس جاي _ گۇناھتىن پاكلىنىش جايىنىڭ لايىھەسىنى ئوغلى سۇلايمانغا بەردى.

[12] داۋۇت ئۇنىڭغا يەنە ئىبادەتخانىنىڭ ھويلىلىرى، ئەتراپىدىكى ئۆيلەر ۋە خۇداغا ئاتالغان سوۋغاتلارنى ساقلايدىغان خەزىنىلەر ھەققىدىمۇ پەرۋەردىگارنىڭ كۆڭلىگە سالغانلىرى بويىچە كۆرسەتمە بەردى.

[13] داۋۇت ئۇنىڭغا يەنە روھانىيلار ۋە لاۋىيلارنى قانداق تەشكىللەشكە، ئۇلارنىڭ ئىبادەتخانىدا قىلىدىغان خىزمەتلىرىگە ۋە خىزمەت قىلغاندا ئىشلىتىلىدىغان بۇيۇملارغا ئائىت ئىشلارنىمۇ چۈشەندۈردى.

[14] ئۇنىڭغا يەنە خۇدانىڭ خىزمىتىدە ئىشلىتىلىدىغان تۈرلۈك بۇيۇملارغا كېتىدىغان ئالتۇن، كۈمۈشنىڭ مىقدارى،

[15] يەنى ھەربىر ئالتۇن ۋە كۈمۈش چىراغ ۋە چىراغدانلارنىڭ ئىشلىتىلىدىغان ئورنىغا قاراپ، ئۇنىڭغا كېتىدىغان ئالتۇن ۋە كۈمۈشنىڭ مىقدارى،

[16] خۇداغا ئاتالغان نانلارنى قويىدىغان ئالتۇن شىرەلەرگە كېتىدىغان ئالتۇننىڭ مىقدارى ۋە كۈمۈش شىرەلەرگە كېتىدىغان كۈمۈشنىڭ مىقدارى،

[17] ھەربىر ئالتۇن ئارا، ئالتۇن داس، ئالتۇن كومزەك ۋە ئالتۇن، كۈمۈش تەخسىلەرگە كېتىدىغان ئالتۇن ۋە كۈمۈشنىڭ مىقدارى،

[18] ئالتۇن ئىسرىقدانغا كېتىدىغان ئالتۇننىڭ مىقدارىنى بەلگىلەپ بەردى. شۇنداقلا، ئالتۇن ھارۋىدىكى پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئۈستىنى ئېچىلغان قاناتلىرى بىلەن يېپىپ تۇرىدىغان ئالتۇن كېرۇبنىڭ لايىھەسىنىمۇ سۇلايمانغا بەردى.

[19] داۋۇت مۇنداق دېدى: _ مەن بۇلارنىڭ ھەممىسىنى پەرۋەردىگارنىڭ ماڭا ئۆز قولى بىلەن كۆرسەتكەنلىرى بويىچە، بىرمۇبىر تەپسىلى يېزىپ چىقتىم.

[20] ئۇ ئوغلى سۇلايمانغا يەنە: _ سەن قەيسەر ۋە جاسارەتلىك بول، ئىشنى باشلا! ھەرگىز قورقما ھەم چۈشكۈنلەشمە. چۈنكى پەرۋەردىگار خۇدا، يەنى مەن ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا سەن بىلەن بىرگىدۇر. شۇڭا پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسى چوقۇم قۇرۇلىدۇ، پەرۋەردىگار سەندىن ھەرگىز ئايرىلمايدۇ، سېنى تاشلىمايدۇ.

[21] مانا قارا، خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىدا روھانىيلار ۋە لاۋىيلار ھەرقانداق خىزمەتلەرنى قىلىشقا تەييار تۇرىدۇ. ئۇستا ھۈنەرۋەنلەرمۇ ساڭا جان-دىلى ۋە ئىختىيارلىقى بىلەن ياردەم قىلىدۇ. پۈتۈن ئەمەلدار ۋە خەلق سېنىڭ بۇيرۇقۇڭغا بويسۇنىدۇ، _ دېدى.

تارىخلار — Chapters