Skip to content
Opens in a new window

[1] ئىسساكارنىڭ تولاھ، پۇئاھ، ياشۇب ۋە شىمرون ئىسىملىك تۆت ئوغلى بار ئىدى.

[2] تولاھنىڭ ئۇززى، رىفايا، يىرىئېل، ياخماي، يىبسام ۋە سامۇئىل ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى. ئۇلار ئۆز جەمەتىنىڭ باشلىقلىرى ئىدى. داۋۇت پادىشاھنىڭ دەۋرىدە تولاھنىڭ نەسەبنامىسىدا 22,600 لەشكىرى بار، دەپ خاتىرىلەنگەنىدى.

[3] ئۇززىنىڭ يىزراخيا ئىسىملىك بىر ئوغلى بولۇپ، يىزراخيانىڭ مىكائىل، ئوبادىيا، يوئېل ۋە يىششىيا دەپ ئوغۇللىرى بار ئىدى. يىزراخيا ۋە ئۇنىڭ تۆت ئوغلى جەمەت باشلىقلىرى ئىدى.

[4] ئۇلارنىڭ خوتۇن-بالىلىرى ناھايىتى كۆپ بولغانلىقى ئۈچۈن، نەسەبنامىسىدا جەڭ قىلىشقا تەييار 36,000 لەشكىرى بار، دەپ خاتىرىلەنگەنىدى.

[5] ئىسساكار قەبىلىسىنىڭ جەمەتلەر نەسەبنامىسىدا جەمئىي 87,000 لەشكىرى بار، دەپ خاتىرىلەنگەنىدى.

[6] بىنيامىننىڭ بەلا، بەكەر ۋە يىدىئائېل ئىسىملىك ئۈچ ئوغلى بار ئىدى.

[7] بەلانىڭ ئەزبون، ئۇززى، ئۇززىئېل، يىرىموت ۋە ئىرى ئىسىملىك بەش ئوغلى بار ئىدى. بۇ بەش ئوغۇل ئۆز جەمەتىنىڭ باشلىقلىرى بولۇپ، ئۇلارنىڭ نەسەبنامىسىدا 22,034 لەشكىرى بار، دەپ خاتىرىلەنگەنىدى.

[8] بەكەرنىڭ زىمىرا، يوئاش، ئەلىئەزەر، ئەليوئېناي، ئومرى، يىرېموت، ئابىيا، ئاناتوت ۋە ئالەمەت ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى.

[9] ئۇلارنىڭ نەسەبنامىسىدا جەمەت باشلىقلىرىدىن سىرت 20,200 لەشكىرى بار، دەپ خاتىرىلەنگەنىدى.

[10] يىدىئائېلنىڭ بىلھان ئىسىملىك بىر ئوغلى بار ئىدى. بىلھاننىڭ يىئۇش، بىنيامىن، ئېھۇد، كىنائانا، زېتان، تارشىش ۋە ئاخىشاخار ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى.

[11] يىدىئائېلنىڭ ئوغلى ۋە نەۋرىلىرىنىڭ ھەممىسى جەمەت باشلىقلىرى بولۇپ، نەسەبنامىسىدا جەڭ قىلىشقا تەييار 17,200 لەشكىرى بار، دەپ خاتىرىلەنگەنىدى.

[12] شۇپپىم ۋە خۇپپىم خەلقلىرى ئىرنىڭ ئەۋلادى، خۇشىم خەلقى بولسا ئاخېرنىڭ ئەۋلادى ئىدى.

[13] نافتالىنىڭ ياخزىئېل، گۇنى، يېزەر ۋە شاللۇم ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى. ئۇلار ياقۇپنىڭ توقىلى بىلھاھنىڭ ئەۋلادلىرىدىن ئىدى.

[14] ماناسسە ئارراملىق توقىلىدىن ئاسرىئېل ۋە ماكىر ئىسىملىك ئوغۇللارنى كۆردى. ماكىر گىلئادنىڭ ئاتىسى ئىدى.

[15] ماكىر خۇپپىم ۋە شۇپپىمغا خوتۇن ئېلىپ بەردى. ماكىرنىڭ مائاكا ئىسىملىك بىر سىڭلىسى بار ئىدى. زىلوفخاد ماكىرنىڭ يەنە بىر ئوغلى بولۇپ، ئۇ پەقەت قىز پەرزەنتلا كۆرگەنىدى.

[16] ماكىرنىڭ خوتۇنى مائاكا ئىككى ئوغۇل تۇغدى. ئۇلارنىڭ ئىسمىنى پەرەش ۋە شەرەش قويدى. پەرەش ئۇلام ۋە رەقەم ئىسىملىك ئوغۇللارنى كۆردى.

[17] ئۇلامنىڭ بىدان ئىسىملىك ئوغلى بار ئىدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى گىلئادنىڭ ئەۋلادىدۇر. گىلئاد ماكىرنىڭ ئوغلى، ماكىر ماناسسەنىڭ ئوغلىدۇر.

[18] گىلئادنىڭ سىڭلىسى ھاممولەكەتتىن ئىشھود، ئابىئەزەر ۋە ماخلاھ تۇغۇلدى.

[19] شىمىدانىڭ ئاخيان، شەكەم، لىقخى ۋە ئانىئام ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى.

[20] ئەفرايىمنىڭ شۇتەلاخ ئىسىملىك ئوغلى بار ئىدى. (شۇتەلاخنىڭ ئوغلى بەرەد، بەرەدنىڭ ئوغلى تاخات، تاخاتنىڭ ئوغلى ئەلئادا، ئەلئادانىڭ ئوغلى تاخات،

[21] تاخاتنىڭ ئوغلى زاباد، زابادنىڭ ئوغلى شۇتەلاخ ئىدى.) ئەفرايىمنىڭ شۇتەلاختىن سىرت يەنە ئەزەر ۋە ئەلئاد ئىسىملىك ئوغۇللىرىمۇ بار ئىدى. ئۇلار گات شەھىرىنىڭ يەرلىك ئاھالىسىنىڭ چارۋىلىرىنى ئوغرىلىماقچى بولغاندا، گاتلىقلار ئۇلارنى ئۆلتۈرۈۋەتكەنىدى.

[22] ئۇلارنىڭ ئاتىسى ئەفرايىم خېلى كۈنلەرگىچە ھازا تۇتتى. تۇغقانلىرى ئۇنىڭغا تەسەللى بەرگىلى كەلدى.

[23] ئەفرايىم خوتۇنى بىلەن يەنە بىللە بولدى. خوتۇنى ھامىلىدار بولۇپ، بىر ئوغۇل تۇغدى. ئەفرايىم ئائىلىسىدە يۈز بەرگەن بەختسىزلىكنى ئويلاپ، ئوغلىنىڭ ئىسمىنى بىرىئا [مەنىسى «بەختسىزلىك»] قويدى.

[24] ئەفرايىمنىڭ شەئەرا ئىسىملىك بىر قىزى بار ئىدى. شەئەرا ئۈستۈن بەيت-خورون ۋە ئاستىن بەيت-خورون شەھەرلىرىنى ھەمدە ئۇزېن-شەئەرا شەھىرىنى قۇرغانىدى.

[25] ئەفرايىمنىڭ يەنە رەفاخ ئىسىملىك بىر ئوغلىمۇ بار ئىدى. رەفاخنىڭ ئوغلى رەشەف، رەشەفنىڭ ئوغلى تەلاخ، تەلاخنىڭ ئوغلى تاخان،

[26] تاخاننىڭ ئوغلى لادان، لاداننىڭ ئوغلى ئاممىھۇد، ئاممىھۇدنىڭ ئوغلى ئەلىشاما،

[27] ئەلىشامانىڭ ئوغلى نۇن، نۇننىڭ ئوغلى يوشۇۋا ئىدى.

[28] ئەفرايىمنىڭ ئەۋلادلىرى جەنۇبتا بەيتەل شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى يېزىلار، شەرقتە نائاران شەھىرى، غەربتە گەزەر شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى يېزىلار، شەكەم ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى يېزىلار ۋە ئەڭ يىراق بولغاندا ئايياھ شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپتىكى يېزىلارغىچە ئورۇنلاشقانىدى.

[29] ماناسسە زېمىنىنىڭ چېگرىسىدا بەيتشان، تاناك، مىگىددو، دور شەھەرلىرى ۋە ئۇ شەھەرلەرنىڭ ئەتراپىدىكى يېزىلار بار ئىدى. بۇ جايلاردا ئىسرائىلنىڭ ئوغلى يۈسۈپنىڭ ئەۋلادلىرى ياشىغانىدى.

[30] ئاشېرنىڭ ئوغۇللىرى تۆۋەندىكىچە: يىمناھ، يىشۋاھ، يىشۋى ۋە بىرىئا. بۇ ئوغۇللارنىڭ سەراخ ئىسىملىك بىر سىڭلىسىمۇ بار ئىدى.

[31] بىرىئانىڭ خەبەر ۋە مالكىئېل ئىسىملىك ئوغۇللىرى بولۇپ، مالكىئېل بىرزايىت شەھىرىنى قۇرغانىدى.

[32] خەبەرنىڭ يافلېت، شومېر ۋە خوتام ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى. بۇ ئوغۇللارنىڭ شۇئا ئىسىملىك بىر قىز قېرىندىشى بار ئىدى.

[33] يافلېتنىڭ پاساك، بىمھال ۋە ئاشۋات ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى.

[34] شومېرنىڭ ئاخى، روھاگا، يىخۇببا ۋە ئاررام ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى.

[35] شومېرنىڭ ئىنىسى ھېلەمنىڭ زوفاخ، يىمنا، شېلەش ۋە ئامال ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى.

[36] زوفاخنىڭ سۇۋاخ، خارنەفەر، شۇئال، بەرى، يىمراھ،

[37] بەزەر، ھود، شامما، شىلشاھ، يىتران ۋە بىئېرا ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى.

[38] يەتەرنىڭ يىفۇننە، پىسپاھ ۋە ئارا ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى.

[39] ئۇللانىڭ ئاراخ، خاننىئېل ۋە رىزيا ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى.

[40] ئاشېر ئەۋلادلىرى مانا مۇشۇلاردىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇلار جەمەت باشلىقلىرى، باتۇر، پىشقان جەڭچىلەر، كۆزگە كۆرۈنگەن يولباشچىلار ئىدى. ئاشېر قەبىلىسىنىڭ نەسەبنامىسىدا جەڭ قىلىشقا تەييار 26,000 جەڭچىسى بار ئىدى، دەپ خاتىرىلەنگەنىدى.

تارىخلار — Chapters