[1] دەرۋازىۋەنلىككە تۆۋەندىكى لاۋىيلار بەلگىلەنگەنىدى: كوراھ ئەۋلادىدىن بولغان ئاساف جەمەتىدىن قورېنىڭ ئوغلى مىشەلەميا.
[2] مىشەلەميانىڭ يەتتە ئوغلى بولۇپ، چوڭ ئوغلى زىكىرىيا، ئىككىنچىسى يىدىئائېل، ئۈچىنچى ئوغلى زىباديا، تۆتىنچى ئوغلى ياتنىئېل،
[3] بەشىنچى ئوغلى ئېلام، ئالتىنچى ئوغلى يىھوخانان، يەتتىنچى ئوغلى ئەليىھوئېناي ئىدى.
[4] خۇدانىڭ بەرىكىتى بىلەن ئوبېد-ئىدوم سەككىز ئوغۇل پەرزەنت كۆرگەنىدى. چوڭ ئوغلىنىڭ ئىسمى شىمايا، ئىككىنچىسى يىھوزاباد، ئۈچىنچىسى يوئاخ، تۆتىنچىسى ساكار، بەشىنچىسى نىتانئېل، ئالتىنچىسى ئاممىئېل، يەتتىنچىسى ئىسساكار، سەككىزىنچىسى پىئۇللىتاي ئىدى.
[6] ئوبېد-ئىدومنىڭ ئوغلى شىمايانىڭمۇ ئوغۇللىرى بار ئىدى. ئۇلار قابىلىيەتلىك بولغانلىقى ئۈچۈن، ھەرقايسىسى ئۆز ئاتا جەمەتىنىڭ جەمەت باشلىقلىرى بولغانىدى.
[7] ئۇلار تۆت ئوغۇل بولۇپ، ئىسىملىرى ئوتنى، رىفائېل، ئوبېد ۋە ئەلزاباد ئىدى. ئۇلارنىڭ تۇغقانلىرى ئەلىھۇ بىلەن سىماكيامۇ قابىلىيەتلىك كىشىلەر ئىدى.
[8] ئوبېد-ئىدومنىڭ بۇ ئەۋلادلىرى جەمئىي ئاتمىش ئىككى كىشى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئىنتايىن قابىلىيەتلىك ۋە ئۆز خىزمەتلىرىگە كۈچ چىقىرالايدىغان ئادەملەر ئىدى.
[9] مىشەلەميانىڭ ئوغۇللىرى ۋە تۇغقانلىرى جەمىي ئون سەككىز كىشى بولۇپ، ئۇلارمۇ قابىلىيەتلىك ئادەملەر ئىدى.
[10] مىرارىنىڭ ئەۋلادىدىن بولغان خوساھنىڭ تۆت ئوغلى بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى شىمرى دېگەن ئوغلى گەرچە تۇنجى ئوغۇل بولمىسىمۇ، ئاتىسى ئۇنى جەمەت باشلىقى قىلغانىدى.
[11] خوساھنىڭ ئىككىنچى ئوغلىنىڭ ئىسمى خىلقىيا، ئۈچىنچى ئوغلىنىڭ ئىسمى تىباليا، تۆتىنچى ئوغلىنىڭ ئىسمى زىكىرىيا ئىدى. خوساھ جەمەتىدىن ئون ئۈچ ئادەم بار ئىدى.
[12] دەرۋازىۋەنلەر جەمەتلەر بويىچە ئايرىم-ئايرىم توپلارغا بۆلۈنگەن بولۇپ، ھەرقايسى توپتىكىلەر پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدا خىزمەت قىلىۋاتقان باشقا لاۋىيلارغا ئوخشاش ئۆز خىزمەتلىرىنى ئادا قىلاتتى.
[13] ھەربىر جەمەت مەيلى چوڭ ياكى كىچىك بولسۇن، چەك تاشلاش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ قايسى دەرۋازىغا مەسئۇل بولىدىغانلىقىمۇ ئېنىق قىلىپ بەلگىلەنگەنىدى.
[14] شەرقىي دەرۋازىنى قوغداشنىڭ چېكى شەلەمياغا چىقتى. كېيىن ئوغلى زىكىرىياغا چەك تاشلاندى، زىكىرىيا دانا مەسلىھەتچى ئىدى، ئۇنىڭغا شىمالىي دەرۋازا چىقتى.
[15] ئوبېد-ئىدومغا چەك تاشلانغاندا، ئۇنىڭغا جەنۇبىي دەرۋازا چىقتى. ئوغۇللىرىغا بولسا ئامبارغا مەسئۇل بولۇش چېكى چىقتى.
[16] شۇپپىم بىلەن خوساھقا غەربىي دەرۋازا ۋە يۇقىرىغا ئۆرلەيدىغان يولدىكى شاللەكەت دەرۋازىسىنىڭ چېكى چىقتى. دەرۋازىۋەنلەر بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا نۆۋەت بىلەن ئالمىشىپ كۆزەتچىلىك قىلىشى كېرەك ئىدى.
[17] ھەر كۈنى شەرقىي دەرۋازىدا ئالتە دەرۋازىۋەن، شىمالىي دەرۋازىدا تۆت دەرۋازىۋەن، جەنۇبىي دەرۋازىدا تۆت دەرۋازىۋەن نۆۋەت بىلەن كۆزەتچىلىك قىلاتتى. ئامبارغا ئىككىدىن ئادەم نۆۋەت بىلەن قارايتتى.
[18] غەربىي ھويلىنىڭ يېنىدىكى يولدا تۆت ئادەم، ھويلىدا بولسا ئىككى ئادەم نۆۋەت بىلەن كۆزەتچىلىك قىلاتتى.
[19] كوراھ ۋە مىرارىنىڭ ئەۋلادلىرىغا مانا مۇشۇنداق كۆزەتچىلىك ۋەزىپىسى تەقسىم قىلىپ بېرىلگەنىدى.
[20] ئاخىيا باشچىلىقىدىكى باشقا لاۋىيلار خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىدىكى خەزىنىلەرنى ۋە خۇداغا تەقدىم قىلىنغان بۇيۇملار ساقلىنىدىغان ئامبارنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل ئىدى.
[21] گېرشون ئەۋلادى بولغان لاداننىڭ ئەۋلادىدىن كۆپلىگەن جەمەت باشلىقلىرى چىققانىدى. لاداننىڭ ئوغلى يىخىئېلى،
[22] يىخىئېلىنىڭ ئوغۇللىرى زېتام بىلەن ئىنىسى يوئېل پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدىكى خەزىنىلەرگە مەسئۇل ئىدى.
[23] ئامرام، يىزھار، ھىبرون ۋە ئۇززىئېلنىڭ ئەۋلادلىرىغىمۇ ۋەزىپىلەر تەقسىم قىلىپ بېرىلگەنىدى:
[24] مۇسانىڭ ئوغلى گېرشون ئەۋلادىدىن بولغان شىبۇئېل ئىبادەتخانىنىڭ باش خەزىنىچىسى ئىدى.
[25] تۆۋەندىكىلەر شىبۇئېلنىڭ تۇغقانلىرى بولۇپ، ئۇلار ئەلىئەزەرنىڭ ئەۋلادلىرىدۇر. ئەلىئەزەرنىڭ ئوغلى رىخابيا، رىخابيانىڭ ئوغلى يەشايا، يىشايانىڭ ئوغلى يورام، يورامنىڭ ئوغلى زىكرى ۋە زىكرىنىڭ ئوغلى شىلوموت.
[26] شىلوموت ۋە ئۇنىڭ جەمەتى خەزىنىدىكى پەرۋەردىگارغا تەقدىم قىلغان بۇيۇملارنى باشقۇراتتى. بۇ خەزىنىدە پادىشاھ داۋۇت، ھەرقايسى جەمەت باشلىقلىرى، مىڭبېشى، يۈزبېشى ۋە باشقا سەركەردىلەر پەرۋەردىگارغا تەقدىم قىلغان بۇيۇملار ساقلانغانىدى.
[27] ئۇلار جەڭلەردە قولغا چۈشۈرگەن ئولجىلارنىڭ بىر قىسمىنى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنى ياخشىلاش ئۈچۈن تەقدىم قىلاتتى.
[28] ئىبادەتخانىدىكى بارلىق سوۋغاتلارنى، يەنى غايىبنى بىلگۈچى سامۇئىل، كىشنىڭ ئوغلى پادىشاھ سائۇل، نېرنىڭ ئوغلى ئابنېر ۋە مەزلۇم زىرۇيانىڭ ئوغلى يوئابلار پەرۋەردىگارغا ئاتاپ تەقدىم قىلغان سوۋغاتلارنىمۇ شىلومىت ۋە ئۇنىڭ جەمەتى باشقۇراتتى.
[29] يىزھارنىڭ ئەۋلادى كىنانيا ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ئىسرائىلىيەنىڭ مەمۇرىي ۋە دەۋا ئىشلىرىغا تەيىنلىنىپ، ئىبادەتخانىنىڭ سىرتىدىكى ئىشلارنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل قىلىندى.
[30] ھىبرون ئەۋلادىدىن بولغان خاشابيا ۋە ئۇنىڭ بىر مىڭ يەتتە يۈز نەپەر تۇغقىنى مەمۇرىي ئىشلارغا تەيىنلەندى، ئۇلار قابىلىيەتلىك ئادەملەر ئىدى. ئۇلار ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىي تەرىپىدىكى ئىسرائىل قەبىلىلىرىگە مەسئۇل بولۇپ، پەرۋەردىگار ۋە پادىشاھنىڭ خىزمىتىنى قىلاتتى.
[31] نەسەبنامىدا خاتىرىلىنىشىچە ھىبرون ئەۋلادىدىن بولغان يىرىيا ھىبرون جەمەتىنىڭ باشلىقى ئىدى. داۋۇت پادىشاھ ھاكىمىيىتىنىڭ 40-يىلىدا نەسەبنامىلارغا دائىر بارلىق يازما ماتېرىياللار كۆرۈپ چىقىلغان بولۇپ، بۇ ماتېرىياللاردا گىلئادتىكى يازېر شەھىرىدە ھىبرون ئەۋلادى ئىچىدە قابىلىيەتلىك ئادەملەرنىڭ بارلىقى خاتىرىلەنگەنىدى.
[32] پادىشاھ داۋۇت يىرىيانىڭ تۇغقانلىرىدىن ئىككى مىڭ يەتتە يۈز نەپەر قابىلىيەتلىك جەمەت باشلىقلىرىنى مەمۇرىي ئىشلارغا مەسئۇل قىلىپ تەيىنلىدى. ئۇلار ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرق تەرىپىدىكى رۇبېن، گاد قەبىلىلىرىگە ۋە ماناسسە قەبىلىسىنىڭ يېرىمىغا مەسئۇل بولۇپ، خۇدا ۋە پادىشاھنىڭ خىزمىتىنى قىلاتتى.