[1] تىر پادىشاھى ھىرام داۋۇتقا ئوردا سېلىپ بېرىش ئۈچۈن ئەلچىلەرنى ئەۋەتتى ۋە ئۇلار بىلەن بىرگە كېدىر ياغاچلىرى، تاشچىلار ۋە ياغاچچىلارنىمۇ ئەۋەتتى.
[2] شۇنىڭ بىلەن داۋۇت پەرۋەردىگارنىڭ ئۆزىنى ئىسرائىلىيەگە پادىشاھ قىلغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ ئۆز خەلقى ئىسرائىللار ئۈچۈن ئۆزىنىڭ پادىشاھلىقىنى گۈللەندۈرگەنلىكىنى بىلدى.
[3] داۋۇت يېرۇسالېمدا يەنە بىرقانچە خوتۇنلارنى ئالدى ۋە نۇرغۇن پەرزەنت كۆردى.
[4] يېرۇسالېمدىكى پەرزەنتلىرىنىڭ ئىسىملىرى: شاممۇۋا، شوباب، ناتان، سۇلايمان،
[5] يىبخار، ئەلىشۇۋا، ئەلپەلەت،
[6] نوگاھ، نەفەگ، يافىيا،
[7] ئەلىشاما، بىئەليادا ۋە ئەلىفەلەت.
[8] داۋۇتنىڭ بېشىغا ياغ قۇيۇلۇپ، پۈتۈن ئىسرائىلىيەگە پادىشاھ قىلىپ تەيىنلەنگەنلىكىنى ئاڭلىغان فىلىستىيەلىكلەر لەشكەرلىرىنى داۋۇتنى تۇتۇشقا ئەۋەتتى. داۋۇت بۇنى ئاڭلاپ، ئۇلارغا قارشى جەڭگە ئاتلاندى.
[9] فىلىستىيەلىكلەر كېلىپ، رافائىم جىلغىسىدا بۇلاڭچىلىق قىلدى.
[10] داۋۇت خۇدادىن: _ مەن فىلىستىيەلىكلەرگە قارشى جەڭگە چىقايمۇ؟ ئۇلارنى مېنىڭ قولۇمغا تاپشۇرامسەن؟ _ دەپ سورىدى. پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: _ جەڭگە چىق، مەن ئۇلارنى سېنىڭ قولۇڭغا تاپشۇرىمەن، _ دېدى.
[11] شۇنىڭ بىلەن داۋۇت ئادەملىرى بىلەن بائال-پىرازىمغا بېرىپ، فىلىستىيەلىكلەرنى مەغلۇپ قىلدى ۋە: «خۇدا مېنىڭ قولۇم بىلەن دۈشمەنلىرىم ئۈستىدىن خۇددى كەلكۈندەك بۆسۈپ ئۆتتى» دېدى. شۇڭا ئۇلار بۇ يەرگە «بائال-پىرازىم» [مەنىسى «بۆسۈپ ئۆتكۈچى ئىگە»] دېگەن نامنى بەردى.
[12] فىلىستىيەلىكلەر ئۆزلىرىنىڭ بۇتلىرىنى شۇ يەرگە تاشلاپ قاچقانىدى. داۋۇت ئۆزىنىڭ ئادەملىرىگە بۇتلارنى كۆيدۈرۈۋېتىشنى بۇيرۇدى.
[13] ۋاھالەنكى، فىلىستىيەلىكلەر يەنە رافائىم جىلغىسىدا بۇلاڭچىلىق قىلدى.
[14] داۋۇت يەنە خۇدادىن نېمە ئىش قىلىش كېرەكلىكىنى سورىدى، خۇدا ئۇنىڭغا: _ ئۇلارنىڭ ئالدى تەرىپىدىن بارماي، ئارقىسىغا ئايلىنىپ ئۆتۈپ، ئۇلارغا تېرەكلىكنىڭ يېنىدىن ھۇجۇم قىل.
[15] سەن تېرەكلەرنىڭ يۇقىرى تەرىپىدىن لەشكەرلىرىمنىڭ ئاياغ تىۋىشلىرىنى ئاڭلىشىڭ بىلەنلا تېز ھۇجۇم قىل، چۈنكى شۇ چاغدا مەن سېنىڭ ئالدىڭدا فىلىستىيەلىكلەرنىڭ قوشۇنىغا قارشى ھۇجۇمغا چىققان بولىمەن، _ دېدى.
[16] شۇنداق قىلىپ ئۇلار خۇدانىڭ بۇيرۇقى بويىچە ئىش تۇتۇپ، فىلىستىيەلىكلەرنى گىبئوندىن گەزەرگىچە قوغلاپ بېرىپ، قىردى.
[17] داۋۇتنىڭ شۆھرىتى ھەممە يۇرتلارغا تارقالدى ۋە پەرۋەردىگار ھەممە خەلقلەرنى ئۇنىڭدىن قورقىدىغان قىلىپ قويدى.