[1] داۋۇت مىڭبېشى ۋە يۈزباشلىرىنىڭ ھەممىسى بىلەن مەسلىھەتلەشتى.
[2] ئاندىن داۋۇت پۈتۈن ئىسرائىل جامائىتىگە مۇنداق دېدى: _ ئەگەر سىلەر مۇۋاپىق كۆرسەڭلار ۋە پەرۋەردىگارىمىز خۇدا ئىرادە قىلسا، بىز ئىسرائىلىيەنىڭ ھەممە يۇرتلىرىدا ياشاۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزغا جۈملىدىن شەھەرلەر ۋە ئوتلاقلاردا تۇرۇۋاتقان روھانىيلار بىلەن لاۋىيلارغا: «ئالدىمىزغا يىغىلىپ كېلىڭلار» دەپ خەۋەر يەتكۈزەيلى. بىز خۇدايىمىزنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى بۇ يەرگە قايتۇرۇپ ئېلىپ كېلەيلى، چۈنكى پادىشاھ سائۇلنىڭ دەۋرىدە بىز خۇدايىمىزنىڭ ئەھدە ساندۇقى بىلەن ھېچ كارىمىز بولمىغانىدى.
[4] بۇ ئىشنى پۈتۈن جامائەت توغرا دەپ قارىغاچقا، ھەممەيلەن ماقۇل بولۇشتى.
[5] شۇڭا داۋۇت خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى قىريات-يىئارىم شەھىرىدىن ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن مىسىرنىڭ شىخور دەرياسىدىن تاكى لىبو-خاماتقىچە بولغان ئارىلىقتىكى پۈتۈن ئىسرائىللارنى يىغدى.
[6] داۋۇت پەرۋەردىگار خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن پۈتۈن ئىسرائىللارنى باشلاپ، يەھۇدىيەنىڭ بائالا شەھىرىگە، يەنى قىريات-يىئارىم شەھىرىگە قاراپ يولغا چىقتى. پەرۋەردىگارنىڭ تەختى ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئۈستىدىكى ئىككى كېرۇبنىڭ ئوتتۇرىسىدا بولۇپ، ئۇنىڭ نام-شەرىپى ئەھدە ساندۇقىدا ئىدى.
[7] ئۇلار خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى ئابىنادابنىڭ ئۆيىدىن كۆتۈرۈپ چىقىپ، يېڭى بىر ھارۋىنىڭ ئۈستىگە قويدى. ئۇززا ۋە ئاخىيو ھارۋىنى ھەيدەپ ماڭدى.
[8] داۋۇت ۋە پۈتۈن ئىسرائىل خەلقى خۇدانىڭ ھۇزۇرىدا لىرا، چىلتار، داپ، جاڭ ۋە كانايلارنى چېلىپ، ھاياجان بىلەن ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناۋاتاتتى.
[9] ئۇلار كىدوننىڭ خامىنىغا كەلگەندە كالا پۇتلىشىپ، خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقى چۈشۈپ كېتەي دېگەندە، ئۇززا قولىنى ئۇزىتىپ، ئۇنى يۆلۈۋالدى.
[10] ئۇ ئەھدە ساندۇقىغا خالىغانچە قولىنى تەگكۈزگەنلىكى ئۈچۈن، پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى كېلىپ، ئۇنىڭ جېنىنى ئالدى. ئۇ خۇدانىڭ ئالدىدا جان بەردى.
[11] داۋۇت پەرۋەردىگارنىڭ ئۇززانى جازالىغانلىقىغا خاپا بولۇپ، ئۇ يەرنى «پەرەس-ئۇززا» [مەنىسى «ئۇززانىڭ جازالىنىشى»] دەپ ئاتىدى. ئۇ يەر ھازىرغىچە شۇ نام بىلەن ئاتىلىپ كەلمەكتە.
[12] شۇ كۈنى داۋۇت خۇدادىن قورقۇپ: «خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىغا قاراش ۋەزىپىسىنى قانداق قىلىپ ئۈستۈمگە ئالالايمەن؟» دەپ ئويلىدى.
[13] شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئەھدە ساندۇقىنى ئۆزى تۇرۇۋاتقان داۋۇت شەھىرىگە ئەكەلمەي، ئۇنى گاتلىق ئوبېد-ئىدومنىڭ ئۆيىگە ئاپىرىپ قويدى.
[14] خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقى ئوبېد-ئىدومنىڭ ئۆيىدە ئۈچ ئاي تۇردى، پەرۋەردىگار ئوبېد-ئىدومنىڭ ئۇرۇق-جەمەتى ۋە پۈتۈن مال-مۈلكىگە بەرىكەت ئاتا قىلدى.