[1] مەلۇم ۋاقىتتىن كېيىن داۋۇت فىلىستىيەلىكلەرگە يەنە ھۇجۇم قىلىپ، ئۇلارنى بويسۇندۇردى. ئۇ گات دېگەن شەھەرنى ۋە ئۇنىڭغا تەۋە يېزا-كەنتلەرنى فىلىستىيەلىكلەردىن تارتىۋالدى.
[2] ئۇ موئابلارنىمۇ مەغلۇپ قىلدى. شۇنداق قىلىپ موئابلار داۋۇتقا ئەل بولۇپ، ئۇنىڭغا باج-سېلىق تۆلەيدىغان بولدى.
[3] زوباھ پادىشاھلىقىنىڭ پادىشاھى ھادادئەزەر فىرات دەرياسى ئەتراپىدىكى زېمىنغا بولغان ھوقۇقىنى تارتىۋېلىشقا ئاتلىنىپ چىققاندا، داۋۇت ئۇنى مەغلۇپ قىلىپ، خامات دېگەن يەرگىچە ھۇجۇم قىلىپ باردى.
[4] داۋۇت ئۇنىڭ بىر مىڭ دانە جەڭ ھارۋىسىنى، يەتتە مىڭ ئاتلىق لەشكىرىنى ۋە 20 مىڭ پىيادە لەشكىرىنى ئەسىرگە ئالدى. ئۆزىنىڭ يۈز ھارۋىسىنى تارتىشقا يەتكۈدەك ئاتنى قالدۇرغاندىن بۆلەك، قالغان ئاتلارنىڭ ھەممىسىنىڭ پېيىنى كەستۈرۈۋەتتى.
[5] دەمەشقتىكى سۈرىيەلىكلەر زوباھ پادىشاھى ھادادئەزەرگە ياردەم بېرىشكە كەلگەندە، داۋۇت سۈرىيەلىكلەردىن 22 مىڭ ئادەمنى ئۆلتۈردى.
[6] شۇنىڭدىن كېيىن داۋۇت دەمەشقتىكى سۈرىيەلىكلەر رايونىغا ئۆزىنىڭ قوشۇنلىرىنى تۇرغۇزدى. شۇنداق قىلىپ سۈرىيەلىكلەر داۋۇتقا ئەل بولۇپ، ئۇنىڭغا باج تۆلەيدىغان بولدى. داۋۇت مەيلى نەگە ھۇجۇم قىلمىسۇن، پەرۋەردىگار ئۇنى غەلىبىگە ئېرىشتۈرۈپ تۇردى.
[7] داۋۇت ھادادئەزەرنىڭ ئادەملىرىنىڭ ئالتۇن قالقانلىرىنى ئولجا ئېلىپ يېرۇسالېمغا قايتتى.
[8] داۋۇت پادىشاھ يەنە ھادادئەزەرنىڭ تىبخات ۋە كۇن دېگەن ئىككى شەھىرىدىنمۇ ناھايىتى نۇرغۇن تۇچ ئولجا ئالدى. كېيىنكى ۋاقىتلاردا سۇلايمان بۇ تۇچلاردىن ئىبادەتخانا ھويلىسىدا تۇرىدىغان «تۇچ دېڭىزى» دەپ ئاتالغان تۇچ داڭقان، تۈۋرۈكلەر ۋە تۇچ بۇيۇملارنى ياساتتى.
[9] خامات پادىشاھى توئۇ داۋۇتنىڭ زوباھ پادىشاھى ھادادئەزەرنىڭ پۈتۈن قوشۇنىنى مەغلۇپ قىلغانلىقىنى ئاڭلاپ،
[10] ئوغلى ھادورامنى داۋۇت پادىشاھنىڭ ئالدىغا سالامغا ئەۋەتتى ۋە ئۇنىڭ ھادادئەزەر بىلەن جەڭ قىلىپ، ئۇنى مەغلۇپ قىلغانلىقىنى تەبرىكلىدى. ئەمەلىيەتتە توئۇ ھادادئەزەر بىلەن دائىم ئۇرۇش قىلىپ كەلگەنىدى. ئۇ يەنە داۋۇتقا ئالتۇن، كۈمۈش ۋە تۇچتىن ياسالغان ھەر تۈرلۈك نەرسىلەرنى سوۋغا قىلىپ ئەۋەتتى.
[11] داۋۇت پادىشاھ بۇ نەرسىلەرنى ۋە بارلىق خەلقلەردىن، يەنى ئىدوملۇقلار، موئابلار، ئاممونلار، فىلىستىيەلىكلەر ۋە ئامالەكلەردىن ئولجا ئالغان ھەممە ئالتۇن-كۈمۈشلەرنى پەرۋەردىگار ئۈچۈن قىلىنىدىغان خىزمەتلەرگە ئاتىدى.
[12] مەزلۇم زىرۇيانىڭ ئوغلى ئابىشاي تۇز جىلغىسىدا ئىدوملۇقلاردىن 18 مىڭ ئادەمنى ئۆلتۈرۈۋەتتى.
[13] ئۇ يەنە ئىدومغا ئۆز قوشۇنلىرىنى تۇرغۇزدى، ئىدوملۇقلارنىڭ ھەممىسى داۋۇتقا ئەل بولدى. داۋۇت قەيەرگە بېرىپ جەڭ قىلمىسۇن، ھەممە يەردە پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا غەلىبە-نۇسرەت ئاتا قىلدى.
[14] داۋۇت ئەمدى پۈتۈن ئىسرائىلىيەگە ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇ خەلقنى ئادىللىق ۋە ھەققانىيەت بىلەن باشقۇردى.
[15] مەزلۇم زىرۇيانىڭ ئوغلى يوئاب قوشۇنغا باش سەركەردە، ئاخىلۇدنىڭ ئوغلى يىھوشافات تەزكىرىچى،
[16] ئاخىتۇبنىڭ ئوغلى زادوق بىلەن ئەبىياتارنىڭ ئوغلى ئابىمەلەك روھانىي، سىرايا پۈتۈكچى،
[17] يىھويادانىڭ ئوغلى بىنايا كىرېتلەر بىلەن پىلېتلەردىن تەركىب تاپقان ياساۋۇللارنىڭ باشلىقى، داۋۇتنىڭ ئوغۇللىرى پادىشاھنىڭ خىزمىتىدە بولىدىغان باش ئەمەلدارلار ئىدى.