[1] تۆۋەندىكىلەر ئىسرائىللارنىڭ ھەرقايسى جەمەت باشلىقلىرى، مىڭبېشى ۋە يۈزبېشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سەركەردىلەرنىڭ تىزىملىكى بولۇپ، بۇلار پادىشاھنىڭ خىزمىتىنى قىلاتتى. ئۇلار ھەر يىلى بىر ئايدىن نۆۋەتلىشىپ ۋەزىپە ئۆتەيدىغان قىسىملارنى باشقۇراتتى. ھەربىر قىسىم 24 مىڭ ئادەمدىن تەشكىل تاپقانىدى.
[2] بىرىنچى ئايدا ۋەزىپە ئۆتەيدىغان قىسىمنىڭ سەركەردىسى زابدىئېلنىڭ ئوغلى ياشابئام ئىدى. ئۇنىڭ قىسىمى 24 مىڭ ئادەمدىن تەشكىل تاپقانىدى.
[3] ياشابئام پەرەس ئەۋلادىدىن بولۇپ، ئۇ شۇ ئايدا ۋەزىپە ئۆتەيدىغان قىسىمنىڭ بارلىق سەركەردىلىرىنى باشقۇراتتى.
[4] ئىككىنچى ئايدا ۋەزىپە ئۆتەيدىغان قىسىمنىڭ سەركەردىسى ئاخوۋاخ ئەۋلادىدىن بولغان دوداي بولۇپ، ئۇنىڭ ئوڭ قول ياردەمچىسى مىقلوت ئىدى. ئۇنىڭ قىسىمى 24 مىڭ ئادەمدىن تەشكىل تاپقانىدى.
[5] ئۈچىنچى ئايدا ۋەزىپە ئۆتەيدىغان قىسىمنىڭ سەركەردىسى بىنايا ئىدى. ئۇ روھانىي يىھويادانىڭ ئوغلى ئىدى. ئۇنىڭ قىسىمى 24 مىڭ ئادەمدىن تەشكىل تاپقانىدى.
[6] بىنايا «ئوتتۇز باھادىر» ئىچىدىكى باتۇر جەڭچى ئىدى. ئۇ يەنە «ئوتتۇز باھادىر» نىڭ سەركەردىسى ئىدى. بىنايانىڭ ئوغلى ئاممىزابادمۇ قىسىمنىڭ باش سەركەردىلىرىنىڭ بىرى ئىدى.
[7] تۆتىنچى ئايدا ۋەزىپە ئۆتەيدىغان قىسىمنىڭ سەركەردىسى يوئابنىڭ ئىنىسى ئاسائېل ئىدى. ئاسائېلدىن كېيىن ئوغلى زىباديا ئاتىسىنىڭ ئورنىغا چىقتى. ئۇنىڭ قىسىمى 24 مىڭ ئادەمدىن تەشكىل تاپقانىدى.
[8] بەشىنچى ئايدا ۋەزىپە ئۆتەيدىغان قىسىمنىڭ سەركەردىسى شامھۇت بولۇپ، ئۇ يىزراخ ئەۋلادىدىن ئىدى. ئۇنىڭ قىسىمى 24 مىڭ ئادەمدىن تەشكىل تاپقانىدى.
[9] ئالتىنچى ئايدا ۋەزىپە ئۆتەيدىغان قىسىمنىڭ سەركەردىسى تىقوۋالىق ئىققېشنىڭ ئوغلى ئىرا ئىدى. ئۇنىڭ قىسىمى 24 مىڭ ئادەمدىن تەشكىل تاپقانىدى.
[10] يەتتىنچى ئايدا ۋەزىپە ئۆتەيدىغان قىسىمنىڭ سەركەردىسى پىلونلۇق خەلەز بولۇپ، ئۇ ئەفرايىم قەبىلىسىدىن ئىدى. ئۇنىڭ قىسىمى 24 مىڭ ئادەمدىن تەشكىل تاپقانىدى.
[11] سەككىزىنچى ئايدا ۋەزىپە ئۆتەيدىغان قىسىمنىڭ سەركەردىسى خۇشاھلىق سىببىكاي بولۇپ، سىببىكاي زەراخ ئەۋلادىدىن ئىدى. ئۇنىڭ قىسىمى 24 مىڭ ئادەمدىن تەشكىل تاپقانىدى.
[12] توققۇزىنچى ئايدا ۋەزىپە ئۆتەيدىغان قىسىمنىڭ سەركەردىسى ئاناتوتلۇق ئابىئەزەر بولۇپ، ئۇ بىنيامىن قەبىلىسىدىن ئىدى. ئۇنىڭ قىسىمى 24 مىڭ ئادەمدىن تەشكىل تاپقانىدى.
[13] ئونىنچى ئايدا ۋەزىپە ئۆتەيدىغان قىسىمنىڭ سەركەردىسى نىتوفالىق ماھراي بولۇپ، ئۇ زەراخ ئەۋلادىدىن ئىدى. ئۇنىڭ قىسىمى 24 مىڭ ئادەمدىن تەشكىل تاپقانىدى.
[14] ئون بىرىنچى ئايدا ۋەزىپە ئۆتەيدىغان قىسىمنىڭ سەركەردىسى پىرئاتونلۇق بىنايا بولۇپ، ئۇ ئەفرايىم قەبىلىسىدىن ئىدى. ئۇنىڭ قىسىمى 24 مىڭ ئادەمدىن تەشكىل تاپقانىدى.
[15] ئون ئىككىنچى ئايدا ۋەزىپە ئۆتەيدىغان قىسىمنىڭ سەركەردىسى نىتوفالىق خەلداي بولۇپ، ئۇ ئوتنىئېل ئەۋلادىدىن ئىدى. ئۇنىڭ قىسىمى 24 مىڭ ئادەمدىن تەشكىل تاپقانىدى.
[16] تۆۋەندىكىلەر ئىسرائىلىيەدىكى قەبىلىلەر باشلىقلىرىنىڭ تىزىملىكىدۇر. رۇبېن قەبىلىسىنىڭ باشلىقى _ زىكرىنىڭ ئوغلى ئەلىئەزەر، شىمون قەبىلىسىنىڭ باشلىقى _ مائاكانىڭ ئوغلى شىفاتيا،
[17] لاۋىي قەبىلىسىنىڭ باشلىقى _ كىمۇئېلنىڭ ئوغلى خاشابيا، ھارۇن جەمەتىنىڭ باشلىقى _ زادوق،
[18] يەھۇدا قەبىلىسىنىڭ باشلىقى _ داۋۇتنىڭ ئاكىسى ئەلىھۇ، ئىسساكار قەبىلىسىنىڭ باشلىقى _ مىكائىلنىڭ ئوغلى ئومرى.
[19] زەبۇلۇن قەبىلىسىنىڭ باشلىقى _ ئوبادىيانىڭ ئوغلى يىشمايا، نافتالى قەبىلىسىنىڭ باشلىقى _ ئازرىئېلنىڭ ئوغلى يىرىموت،
[20] ئەفرايىم قەبىلىسىنىڭ باشلىقى _ ئازازيانىڭ ئوغلى ھوشىيا، ماناسسە قەبىلىسىنىڭ غەربىي يېرىمىنىڭ باشلىقى _ پىدايانىڭ ئوغلى يوئېل،
[21] گىلئادتىكى ماناسسە قەبىلىسىنىڭ شەرقىي يېرىمىنىڭ باشلىقى _ زىكىرىيانىڭ ئوغلى ئىددو، بىنيامىن قەبىلىسىنىڭ باشلىقى _ ئابنېرنىڭ ئوغلى يائاسىئېل،
[22] دان قەبىلىسىنىڭ باشلىقى _ يىروخامنىڭ ئوغلى ئازارئېل، ئىسرائىلىيەدىكى ھەرقايسى قەبىلىلەرنىڭ باشلىقلىرى ئەنە شۇلاردىن ئىبارەت ئىدى.
[23] داۋۇت ئىسرائىل خەلقىنى تىزىمغا ئالغاندا، يىگىرمە ياشتىن تۆۋەنلەرنى تىزىملىمىغانىدى. چۈنكى پەرۋەردىگار: «مەن ئىسرائىللارنىڭ سانىنى ئاسماندىكى يۇلتۇزلاردەك كۆپ قىلىمەن» دەپ ۋەدە قىلغانىدى.
[24] مەزلۇم زىرۇيانىڭ ئوغلى يوئاب خەلقنى تىزىملاشنى باشلىغان بولسىمۇ، لېكىن تولۇق تىزىملاپ بولالمىغانىدى. چۈنكى ئۇ خەلقنى تىزىمغا ئالغاندا، پەرۋەردىگار ئىسرائىللارغا غەزەپلەنگەنىدى. شۇڭا ئۇلارنىڭ سانى پادىشاھ داۋۇتنىڭ تەزكىرىسىگە كىرگۈزۈلمىگەنىدى.
[25] ئادىئېلنىڭ ئوغلى ئازماۋەت ئوردىنىڭ ئامبارلىرىغا مەسئۇل ئىدى. ئۇززىيانىڭ ئوغلى يوناتان ئىسرائىلىيەنىڭ شەھەرلىرى ۋە شەھەر ئەتراپىدىكى رايون، يېزا-قىشلاق ۋە قورغانلىرىغا قاراشلىق ئامبارلارغا مەسئۇل ئىدى.
[26] كىلۇبنىڭ ئوغلى ئەزرى دېھقانچىلىق ئىشلىرىغا مەسئۇل ئىدى.
[27] راماھلىق شىمئى ئۈزۈمزارلىقلارغا مەسئۇل ئىدى. شىفاملىق زابدى ئۈزۈمزارلىقتىكى شاراب ساقلىنىدىغان ئامبارلارغا مەسئۇل ئىدى.
[28] گەدەرلىك بائال-خانان غەربىي ئېدىرلىقتىكى زەيتۇنلۇقلارغا ۋە ياۋا ئەنجۈرلۈكلەرگە مەسئۇل ئىدى. يوئاش زەيتۇن ياغلىرىنى ساقلايدىغان ئامبارلارغا مەسئۇل ئىدى.
[29] شارونلۇق شىتراي شارون تۈزلەڭلىكىدىكى كالا پادىلىرىغا، ئادلاينىڭ ئوغلى شافات جىلغىلاردىكى كالا پادىلىرىغا مەسئۇل ئىدى.
[30] ئىسمائىل ئەۋلادىدىن بولغان ئوبىل تۆگىلەرگە، مېرونوتلۇق يەخدىيا ئېشەكلەرگە مەسئۇل ئىدى.
[31] ھاگرى ئەۋلادىدىن بولغان يازىز قوي ۋە ئۆچكە پادىلىرىغا مەسئۇل ئىدى. يۇقىرىدىكى ئىسمى تىلغا ئېلىنغان مانا بۇ كىشىلەرنىڭ ھەممىسى داۋۇت پادىشاھنىڭ مال-مۈلكىنى باشقۇراتتى.
[32] داۋۇتنىڭ تاغىسى يوناتان دانىشمەن ئادەم بولۇپ، ئۇ مەسلىھەتچى ۋە پۈتۈكچى ئىدى. خاكمونىنىڭ ئوغلى يىخىئېل پادىشاھنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ تەلىم-تەربىيەسىگە مەسئۇل ئىدى.
[33] ئاخىتوفەل پادىشاھنىڭ مەسلىھەتچىسى ئىدى. ئاركى جەمەتىدىن بولغان خۇشاي پادىشاھنىڭ دوستى ئىدى.
[34] ئاخىتوفەلدىن كېيىن ئۇنىڭ ئورنىغا بىنايانىڭ ئوغلى يىھويادا ۋە ئەبىياتار مەسلىھەتچىلەر بولدى. يوئاب پۈتۈن قوشۇننىڭ باش سەركەردىسى ئىدى.