[1] لاۋىينىڭ ئوغۇللىرى گېرشون، قوھات ۋە مىرارى ئىدى.
[2] قوھاتنىڭ ئوغۇللىرى ئامرام، يىزھار، ھىبرون ۋە ئۇززىئېل ئىدى.
[3] ئامرامنىڭ بالىلىرى ھارۇن، مۇسا ۋە مەريەم ئىدى. ھارۇننىڭ ئوغۇللىرى ناداب، ئابىھۇ، ئەلئازار ۋە ئىتامار ئىدى.
[4] ئەلئازاردىن پىنىخاس تۆرەلدى، پىنىخاستىن ئابىشۇۋا تۆرەلدى،
[5] ئابىشۇۋادىن بۇققى تۆرەلدى، بۇققىدىن ئۇززى تۆرەلدى،
[6] ئۇززىدىن زىراخيا تۆرەلدى، زىراخيادىن مىرايوت تۆرەلدى،
[7] مىرايوتتىن ئاماريا تۆرەلدى، ئاماريادىن ئاخىتۇب تۆرەلدى،
[8] ئاخىتۇبتىن زادوق تۆرەلدى، زادوقتىن ئاخىمائاس تۆرەلدى،
[9] ئاخىمائاستىن ئازاريا تۆرەلدى، ئازاريادىن يوخانان تۆرەلدى،
[10] يوخاناندىن ئازاريا تۆرەلدى. (ئازاريا سۇلايمان پادىشاھ يېرۇسالېمدا قۇرغان ئىبادەتخانىدا روھانىي بولۇپ خىزمەت قىلغانىدى.)
[11] ئازاريادىن ئاماريا تۆرەلدى، ئاماريادىن ئاخىتۇب تۆرەلدى،
[12] ئاخىتۇبتىن زادوق تۆرەلدى، زادوقتىن شاللۇم تۆرەلدى،
[13] شاللۇمدىن خىلقىيا تۆرەلدى، خىلقىيادىن ئازاريا تۆرەلدى،
[14] ئازاريادىن سىرايا تۆرەلدى، سىرايادىن يىھوزاداق تۆرەلدى.
[15] پەرۋەردىگار پادىشاھ نىبۇكادنەزەر ئارقىلىق يەھۇدىيە ۋە يېرۇسالېم خەلقىنى سۈرگۈن قىلغاندا، يىھوزاداقمۇ سۈرگۈن قىلىنغانىدى.
[16] لاۋىينىڭ ئوغۇللىرى گېرشون، قوھات ۋە مىرارى ئىدى.
[17] گېرشوننىڭ ئوغۇللىرى لىبنى ۋە شىمئى ئىدى.
[18] قوھاتنىڭ ئوغۇللىرى ئامرام، يىزھار، ھىبرون ۋە ئۇززىئېل ئىدى.
[19] مىرارىنىڭ ئوغۇللىرى ماخلى ۋە مۇشى ئىدى. ئاتا جەمەتىگە قاراپ خاتىرىلەنگەن لاۋىينىڭ ئەۋلادلىرى تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت ئىدى.
[20] گېرشوننىڭ ئەۋلادلىرى تۆۋەندىكىچە: گېرشوننىڭ ئوغلى لىبنى، لىبنىنىڭ ئوغلى ياخات، ياخاتنىڭ ئوغلى زىمماھ،
[21] زىمماھنىڭ ئوغلى يوئاخ، يوئاخنىڭ ئوغلى ئىددو، ئىددونىڭ ئوغلى زەراخ، زەراخنىڭ ئوغلى يىئاتىراي.
[22] قوھاتنىڭ ئەۋلادلىرى تۆۋەندىكىچە: قوھاتنىڭ ئوغلى ئاممىناداب، ئاممىنادابنىڭ ئوغلى كوراھ، كوراھنىڭ ئوغلى ئاسسىر،
[23] ئاسسىرنىڭ ئوغلى ئەلقانا، ئەلقانانىڭ ئوغلى ئەبياساف، ئەبياسافنىڭ ئوغلى ئاسسىر،
[24] ئاسسىرنىڭ ئوغلى تاخات، تاخاتنىڭ ئوغلى ئۇرىئېل، ئۇرىئېلنىڭ ئوغلى ئۇززىيا، ئۇززىيانىڭ ئوغلى شائۇل.
[25] ئەلقانانىڭ ئاماساي ۋە ئاخىموت ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى.
[26] ئاخىموتنىڭ ئوغلى ئەلقانا، ئەلقانانىڭ ئوغلى زوفاي، زوفاينىڭ ئوغلى ناخات،
[27] ناخاتنىڭ ئوغلى ئەلىئاب، ئەلىئابنىڭ ئوغلى يىروخام، يىروخامنىڭ ئوغلى ئەلقانا، ئەلقانانىڭ ئوغلى سامۇئىل ئىدى.
[28] سامۇئىلنىڭ ئىككى ئوغلى بار ئىدى، تۇنجىسىنىڭ ئىسمى يوئېل، ئىككىنچىسىنىڭ ئىسمى ئابىيا ئىدى.
[29] مىرارىنىڭ ئەۋلادلىرى تۆۋەندىكىچە: مىرارىنىڭ ئوغلى ماخلى، ماخلىنىڭ ئوغلى لىبنى، لىبنىنىڭ ئوغلى شىمئى، شىمئىنىڭ ئوغلى ئۇززاھ،
[30] ئۇززاھنىڭ ئوغلى شىمئا، شىمئانىڭ ئوغلى خاگگىيا، خاگگىيانىڭ ئوغلى ئاسايا.
[31] ئەھدە ساندۇقى پەرۋەردىگار بىلەن ئۇچرىشىش چېدىرى دەپ ئاتالغان ئىبادەت چېدىرىغا يۆتكەپ كېلىنگەندىن كېيىن، داۋۇت ئۇ يەرگە نەغمىچىلەرنى يېتەكلەش خىزمىتىگە قويدى. سۇلايمان يېرۇسالېمدا پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنى بىنا قىلغانغا قەدەر، بۇ نەغمىچىلەر پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەت چېدىرىدا ساز چېلىپ، مۇناجات ئوقۇدى. ئۇلار ئۆز خىزمىتىنى بېرىلگەن كۆرسەتمىلەر بويىچە ئادا قىلدى.
[33] ئۇ يەردە ئۆزىنىڭ ئوغۇللىرى بىلەن بىللە خىزمەت قىلغان نەغمىچىلەر تۆۋەندىكىچە: قوھات جەمەتىدىن قوشاقچى ھېمان. ھېماننىڭ نەسەبنامىسى تۆۋەندىكىچە خاتىرىلەنگەنىدى. ھېمان يوئېلنىڭ ئوغلى، يوئېل سامۇئىلنىڭ ئوغلى،
[34] سامۇئىل ئەلقانانىڭ ئوغلى، ئەلقانا يىروخامنىڭ ئوغلى، يىروخام ئەلىئېلنىڭ ئوغلى، ئەلىئېل توۋاخنىڭ ئوغلى،
[35] توۋاخ زۇفنىڭ ئوغلى، زۇف ئەلقانانىڭ ئوغلى، ئەلقانا ماخاتنىڭ ئوغلى، ماخات ئاماساينىڭ ئوغلى،
[36] ئاماساي ئەلقانانىڭ ئوغلى، ئەلقانا يوئېلنىڭ ئوغلى، يوئېل ئازاريانىڭ ئوغلى، ئازاريا زىفانىيانىڭ ئوغلى،
[37] زىفانىيا تاخاتنىڭ ئوغلى، تاخات ئاسسىرنىڭ ئوغلى، ئاسسىر ئەبياسافنىڭ ئوغلى، ئەبياساف كوراھنىڭ ئوغلى،
[38] كوراھ يىزھارنىڭ ئوغلى، يىزھار قوھاتنىڭ ئوغلى، قوھات لاۋىينىڭ ئوغلى، لاۋىي ئىسرائىلنىڭ [ياقۇپنىڭ] ئوغلى ئىدى.
[39] ھېماننىڭ ئوڭ قول ياردەمچىسى تۇغقىنى بولغان ئاساف ئىدى. ئاسافنىڭ نەسەبنامىسى تۆۋەندىكىچە خاتىرىلەنگەنىدى. ئاساف بەرەكيانىڭ ئوغلى، بەرەكيا شىمئانىڭ ئوغلى،
[40] شىمئا مىكائىلنىڭ ئوغلى، مىكائىل بائاسېيانىڭ ئوغلى، بائاسېيا مالكىيانىڭ ئوغلى،
[41] مالكىيا ئەتنىنىڭ ئوغلى، ئەتنى زەراخنىڭ ئوغلى، زەراخ ئادايانىڭ ئوغلى،
[42] ئادايا ئېتاننىڭ ئوغلى، ئېتان زىمماھنىڭ ئوغلى، زىمماھ شىمئىنىڭ ئوغلى،
[43] شىمئى ياخاتنىڭ ئوغلى، ياخات گېرشوننىڭ ئوغلى، گېرشون لاۋىينىڭ ئوغلى ئىدى.
[44] ھېماننىڭ سول قول ياردەمچىسى ئېتان ئىدى. ئۇ مىرارى جەمەتىدىن ئىدى. ئېتاننىڭ نەسەبنامىسى تۆۋەندىكىچە خاتىرىلەنگەنىدى. ئېتان قىشىنىڭ ئوغلى، قىشى ئابدىنىڭ ئوغلى، ئابدى ماللۇكنىڭ ئوغلى،
[45] ماللۇك خاشابيانىڭ ئوغلى، خاشابيا ئامازيانىڭ ئوغلى، ئامازيا خىلقىيانىڭ ئوغلى،
[46] خىلقىيا ئامزىنىڭ ئوغلى، ئامزى بانىنىڭ ئوغلى، بانى سەمەرنىڭ ئوغلى،
[47] سەمەر ماخلىنىڭ ئوغلى، ماخلى مۇشىنىڭ ئوغلى، مۇشى مىرارىنىڭ ئوغلى، مىرارى لاۋىينىڭ ئوغلى ئىدى.
[48] لاۋىي قەبىلىسىنىڭ قالغان ئەزالىرى خۇدانىڭ ئۆيى بولغان ئىبادەت چېدىرىنىڭ باشقا خىزمەتلىرىگە تەيىنلەنگەنىدى.
[49] پەقەت ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىلا روھانىي بولۇپ، ئۇلار خۇداغا ئاتاپ كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۇپىسىدا قۇربانلىق قىلاتتى ۋە ئىسرىقداندا ئىسرىق سالاتتى. ئۇلار خۇدانىڭ خىزمەتكارى مۇسا پەيغەمبەرنىڭ بۇيرۇقلىرىغا ئاساسەن، ئىسرائىل خەلقىنىڭ گۇناھىنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىشى ئۈچۈن ئەڭ مۇقەددەس بولغان بۇ جايدىكى ھەممە مەجبۇرىيەتلەرنى ئادا قىلاتتى.
[50] ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرى تۆۋەندىكىچە: ھارۇننىڭ ئوغلى ئەلئازار، ئەلئازارنىڭ ئوغلى پىنىخاس، پىنىخاسنىڭ ئوغلى ئابىشۇۋا،
[51] ئابىشۇۋانىڭ ئوغلى بۇققى، بۇققىنىڭ ئوغلى ئۇززى، ئۇززىنىڭ ئوغلى زىراخيا،
[52] زىراخيانىڭ ئوغلى مىرايوت، مىرايوتنىڭ ئوغلى ئاماريا، ئاماريانىڭ ئوغلى ئاخىتۇب،
[53] ئاخىتۇبنىڭ ئوغلى زادوق، زادوقنىڭ ئوغلى ئاخىمائاس ئىدى.
[54] قوھات جەمەتىدىكى ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىغا چەك تارتىلىپ، چىققان چەك بويىچە بىرىنچى بولۇپ، تۆۋەندىكى شەھەرلەر بۆلۈپ بېرىلگەنىدى.
[55] ئۇلار يەھۇدا زېمىنىدىكى ھىبرون شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى يايلاقلارغا ئىگە بولدى.
[56] لېكىن بۇ شەھەرنىڭ ئەتراپىدىكى ئېتىزلىقلار ۋە يېزىلار يىفۇننەنىڭ ئوغلى كالىبقا بېرىلدى.
[57] شۇنىڭ بىلەن ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىغا تۆۋەندىكى شەھەرلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى يايلاقلار بېرىلدى: پاناھلىنىدىغان شەھەر ھىبرون، لىبناھ، ياتتىر، ئەشتىموۋا،
[58] خىلېن، دىبىر
[59] ئاشان، يۇتتاھ ۋە بەيت-شەمەش.
[60] يەنە بىنيامىن زېمىنىدىن تۆۋەندىكى شەھەرلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى يايلاقلارمۇ بېرىلدى: گىبئون، گەبا، ئالەمەت ۋە ئاناتوت. قوھات جەمەتىدىكى ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىغا جەمىي 13 شەھەر بېرىلدى.
[61] قوھات جەمەتىنىڭ قالغان ئەۋلادلىرىغا تارتىلغان چەك بويىچە ماناسسە قەبىلىسىنىڭ غەربىي يېرىمىغا قاراشلىق زېمىندىن ئون شەھەر بۆلۈپ بېرىلدى.
[62] گېرشون جەمەتىگە ئائىلىلىرى بويىچە ئىسساكار، ئاشېر، نافتالى ۋە باشاندىكى ماناسسە قەبىلىلىرىنىڭ زېمىنلىرىدىن 13 شەھەر بۆلۈپ بېرىلدى.
[63] مىرارى جەمەتىگە ئائىلىلىرى بويىچە رۇبېن، گاد ۋە زەبۇلۇن قەبىلىلىرىنىڭ زېمىنلىرىدىن 12 شەھەر چەك ئارقىلىق تەقسىم قىلىپ بېرىلدى.
[64] شۇنداق قىلىپ، ئىسرائىل خەلقى لاۋىيلارنىڭ ياشىشى ئۈچۈن مانا مۇشۇ شەھەرلەرنى ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى يايلاقلارنى ئاجرىتىپ بەردى.
[65] يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان شەھەرلەر يەھۇدا، شىمون ۋە بىنيامىن قەبىلىلىرىنىڭ زېمىنلىرىدىن چەك تارتىش ئارقىلىق بۆلۈپ بېرىلگەنىدى.
[66] قوھات ئەۋلادلىرىنىڭ بەزى جەمەتلىرىگە ئەفرايىم قەبىلىسىنىڭ زېمىنىدىن تۆۋەندىكى شەھەرلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى يايلاقلار بېرىلدى.
[67] ئەفرايىم تاغلىق رايونىدىكى پاناھلىنىدىغان شەھەر شەكەم، گەزەر،
[68] يوقمىئام، بەيت-خورون،
[69] ئاييالون ۋە گاترىممون.
[70] قوھات ئەۋلادلىرىنىڭ قالغان جەمەتلىرىگە ماناسسە قەبىلىسىنىڭ غەربىي يېرىمىغا قاراشلىق بولغان ئانېر ۋە بىلئام دېگەن ئىككى شەھەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى يايلاقلار قوشۇپ بېرىلدى.
[71] گېرشون جەمەتىگە تۆۋەندىكى شەھەرلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى يايلاقلار بېرىلدى. ماناسسە قەبىلىسىنىڭ شەرقىي يېرىمىنىڭ زېمىنىدىن ئاشتاروت ۋە باشان زېمىنىدىكى گولان،
[72] ئىسساكار قەبىلىسىنىڭ زېمىنىدىن قەدەش، دابىرات،
[73] راموت ۋە ئانېم.
[74] ئاشېر قەبىلىسىنىڭ زېمىنىدىن ماشال، ئابدون،
[75] خۇقوق ۋە رىخوب.
[76] نافتالى قەبىلىسىنىڭ زېمىنىدىن خاممون، قىرياتائىم ۋە جەلىلىيەدىكى قەدەش.
[77] مىرارى جەمەتىنىڭ قالغان ئائىلىلىرىگە تۆۋەندىكى شەھەرلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى يايلاقلار بۆلۈپ بېرىلدى. زەبۇلۇن قەبىلىسىنىڭ زېمىنىدىن رىممونو ۋە تابور،
[78] ئېرىخا شەھىرىنىڭ ئۇدۇلىدىكى، يەنى ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرق تەرىپىگە جايلاشقان رۇبېن قەبىلىسىنىڭ زېمىنىدىن ياھاز، قىدېموت، مېفائات ۋە چۆلدىكى بەزەر.
[80] گاد قەبىلىسىنىڭ زېمىنىدىن ماخانايىم، خەشبون، يازېر ۋە گىلئادتىكى راموت.