Skip to content
Opens in a new window

[1] داۋۇت قېرىپ، ساناقلىقلا كۈنلىرى قالغاندا، ئوغلى سۇلايماننى ئىسرائىلىيەگە پادىشاھ قىلىپ تىكلىدى.

[2] داۋۇت ئىسرائىللارنىڭ بارلىق ئاقساقاللىرى، روھانىيلىرى ۋە لاۋىيلارنى چاقىرتىپ كەلدى.

[3] ئۇ لاۋىيلارنىڭ ئوتتۇز ياشتىن يۇقىرىلىرىنى تىزىملىدى، ئۇلار جەمئىي 38 مىڭ نەپەر ئەر چىقتى.

[4] داۋۇت بۇلارنىڭ ئىچىدىن 24 مىڭ كىشىنى ئىبادەتخانىنىڭ خىزمىتىنى باشقۇرۇشقا قويدى. يەنە ئالتە مىڭ كىشىنى ئىبادەتخانىنىڭ ئەمەلدارلىرى ۋە سوتچىلىرى قىلىپ تەيىنلىدى.

[5] يەنە تۆت مىڭ كىشىنى دەرۋازىۋەنلىككە قويدى، قالغان تۆت مىڭ كىشىنى داۋۇت ئۆزى ياساتقۇزغان چالغۇلارنى چېلىپ، پەرۋەردىگارنى مەدھىيەلەش ئىشلىرىغا مەسئۇل قىلدى.

[6] داۋۇت لاۋىيلارنى ئۇرۇق-جەمەتى بويىچە گېرشون، قوھات ۋە مىرارى دەپ ئۈچ توپقا بۆلدى.

[7] گېرشوننىڭ لادان ۋە شىمئى ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى.

[8] لاداننىڭ چوڭ ئوغلى يىخىئېل ئىدى، ئۇنىڭدىن باشقا زېتام ۋە يوئېل ئىسىملىك ئوغۇللىرى بولۇپ، جەمئىي ئۈچ ئوغلى بار ئىدى.

[9] ئۇلارنىڭ ھەممىسى لادان جەمەتىنىڭ باشلىقلىرى ئىدى. شىمئىنىڭ شىلوموت، خازىئېل ۋە ھاران دەپ ئۈچ ئوغلى بار ئىدى.

[10] شىمئى كېيىن يەنە ياخات، زىزا، يىئۇش ۋە بىرىئا ئىسىملىك تۆت ئوغۇل پەرزەنت كۆردى.

[11] ياخات ئوغۇللارنىڭ چوڭى، زىزا ئوغۇللارنىڭ ئىككىنچىسى ئىدى. يىئۇش بىلەن بىرىئانىڭ ئەۋلادى كۆپ بولمىغاچقا، ئۇلار قوشۇلۇپ بىر جەمەت قىلىپ ھېسابلاندى.

[12] قوھاتنىڭ تۆت ئوغلى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىسىملىرى ئامرام، يىزھار، ھىبرون ۋە ئۇززىئېل ئىدى.

[13] ئامرامنىڭ ھارۇن ۋە مۇسا ئىسىملىك ئىككى ئوغلى بار ئىدى. ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى پەرۋەردىگارنىڭ خىزمىتىگە ئاتالغان بولۇپ، ئۇلار ئەڭ مۇقەددەس بۇيۇملارنى باشقۇرۇشقا مۇقىم ئورۇنلاشتۇرۇلغانىدى. ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا ئۇنىڭغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلىشقا، پەرۋەردىگارنىڭ نامىدا دۇئا قىلىشقا ۋە خەلققە مەڭگۈ بەخت تىلەشكە تەيىنلەنگەنىدى.

[14] خۇدانىڭ يېقىن ئادىمى مۇسانىڭ ئەۋلادلىرى لاۋىي قەبىلىسىنىڭ بىر تارمىقى ھېسابلىناتتى.

[15] مۇسانىڭ گېرشون ۋە ئەلىئەزەر ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى.

[16] گېرشوننىڭ چوڭ ئوغلىنىڭ ئىسمى شىبۇئېل ئىدى.

[17] ئەلىئەزەرنىڭ بىرلا ئوغلى بولۇپ، ئىسمى رىخابيا ئىدى. لېكىن رىخابيانىڭ پەرزەنتلىرى كۆپ ئىدى.

[18] قوھاتنىڭ ئىككىنچى ئوغلى يىزھارمۇ ئوغۇل پەرزەنت كۆرگەنىدى. ئۇنىڭ تۇنجى ئوغلىنىڭ ئىسمى شىلومىت ئىدى.

[19] قوھاتنىڭ ئۈچىنچى ئوغلى ھىبرون تۆت ئوغۇل كۆرگەن بولۇپ، تۇنجى ئوغلىنىڭ ئىسمى يىرىيا، ئىككىنچى ئوغلىنىڭ ئىسمى ئاماريا، ئۈچىنچى ئوغلىنىڭ ئىسمى ياخازىئېل، تۆتىنچى ئوغلىنىڭ ئىسمى يىقامئام ئىدى.

[20] قوھاتنىڭ كەنجى ئوغلى ئۇززىئېلنىڭ ئىككى ئوغلى بولۇپ، چوڭ ئوغلىنىڭ ئىسمى مىكاھ، كىچىك ئوغلىنىڭ ئىسمى يىششىيا ئىدى.

[21] مىرارىنىڭ ماخلى ۋە مۇشى دېگەن ئوغۇللىرى بار ئىدى. ماخلىنىڭ ئەلئازار، كىش دېگەن ئوغۇللىرى بار ئىدى.

[22] ئەلئازار ئالەمدىن ئۆتكەنگە قەدەر ئوغۇل پەرزەنت كۆرمىدى، ئۇنىڭ پەقەت قىزلىرىلا بار ئىدى. ئۇنىڭ قىزلىرى ئۆز جەمەتىدىن بولغان كىشنىڭ ئوغۇللىرىغا ياتلىق بولدى.

[23] مۇشىنىڭ ماخلى، ئەدەر، يىرېموت دەپ ئۈچ ئوغلى بار ئىدى.

[24] مانا بۇلار لاۋىيلارنىڭ ئۇرۇق-جەمەتلىرىنىڭ ئايرىم-ئايرىم ھالدا جەمەت باشلىقلىرىنىڭ نامى بويىچە تىزىمغا ئېلىنغان ئەۋلادلىرى بولۇپ، ئومۇمەن 20 ياشتىن يۇقىرى لاۋىيلارنىڭ ھەممىسى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ خىزمىتىگە قويۇلغانىدى.

[25] داۋۇت مۇنداق دېگەنىدى: «پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا ئۆز خەلقىگە تىنچلىق ئاتا قىلدى. ئەمدى ئۇ مەڭگۈ يېرۇسالېمدا ياشايدۇ.

[26] شۇنداق ئىكەن، بۇنىڭدىن كېيىن پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەت چېدىرىنى ۋە ئۇنىڭ ئىچىدىكى ئىبادەت قىلىشقا ئىشلىتىلىدىغان بۇيۇملارنى لاۋىيلارنىڭ كۆتۈرۈپ يۈرۈشى ھاجەت ئەمەس.»

[27] داۋۇتنىڭ جان ئۈزۈش ئالدىدا قىلغان ئەمرلىرىگە ئاساسەن، يىگىرمە ياشتىن يۇقىرى لاۋىيلارنىڭ ھەممىسى تىزىمغا ئېلىنغانىدى.

[28] لاۋىيلارنىڭ ۋەزىپىلىرى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدا خىزمەت قىلىۋاتقان ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىغا ياردەملىشىپ، ئىبادەتخانىنىڭ ھويلىلىرى ۋە يان خانىلىرىنى باشقۇرۇش، بارلىق مۇقەددەس بۇيۇملارنى پاكىزلاش ۋە شۇنىڭغا دائىر باشقا ئىشلارنىمۇ قىلىش ئىدى.

[29] ئۇلار يەنە پەرۋەردىگارغا ئاتالغان نانلارنى، پېتىر نانلارنى ۋە چەلپەكلەرنى پىشۇرۇشقا ۋە ھەدىيە قىلىنىدىغان سۈپەتلىك ئۇنلارنى تەييارلاشقا ھەمدە بۇ نەرسىلەرنىڭ مىقدارى ۋە سانىنى بەلگىلەشكە مەسئۇل ئىدى.

[30] ئۇلار ھەر كۈنى ئەتىگەن ۋە كەچتە ئىبادەتخانىدا پەرۋەردىگارغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشى ۋە ئۇنى مەدھىيەلەپ، ھەمدۇسانا ئوقۇشى كېرەك ئىدى.

[31] دېمەك ھەر دەم ئېلىش كۈنلىرىدە، يېڭى ئاي بايرىمىدا ياكى باشقا بەلگىلەنگەن بايرام كۈنلىرىدە كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار قىلىنغاندا، ئۇلار پەرۋەردىگارغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، ئۇنى مەدھىيەلەپ، ھەمدۇسانالار ئوقۇشى كېرەك ئىدى. پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا دائىم خىزمەت قىلىدىغان لاۋىيلارنىڭ سانى ئىبادەتخانىنىڭ تەلىپىگە مۇۋاپىق بولۇشى شەرت ئىدى.

[32] لاۋىيلار پەرۋەردىگار بىلەن ئۇچرىشىش چېدىرى ۋە ئىبادەتخانىغا قاراشقا مەسئۇل بولۇپ، ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدا خىزمەت قىلىۋاتقان، ئۆزلىرىنىڭ قېرىنداشلىرى بولغان ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىغا ياردەم بېرىشى كېرەك ئىدى.

تارىخلار — Chapters