Skip to content
Opens in a new window

[1] ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرى بىرنەچچە توپقا بۆلۈنگەنىدى. ھارۇننىڭ ناداب، ئابىھۇ، ئەلئازار ۋە ئىتامار ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى.

[2] لېكىن ناداب ۋە ئابىھۇ ئاتىسىدىن بۇرۇن تۈگەپ كەتكەن بولۇپ، ئۇلار ئوغۇل پەرزەنت كۆرمىگەنىدى. شۇڭا ئەلئازار بىلەن ئىتامار روھانىي بولدى.

[3] پادىشاھ داۋۇت ئەلئازارنىڭ ئەۋلادى زادوق ۋە ئىتامارنىڭ ئەۋلادى ئاخىمەلەكنىڭ ياردىمى بىلەن ھارۇن ئەۋلادىنى ئۇلارنىڭ ۋەزىپىلىرىگە ئاساسەن بىرقانچە توپقا ئايرىدى.

[4] ئەلئازارنىڭ ئەۋلادى ئىچىدە جەمەت باشلىقلىرى ئىتامارنىڭ ئەۋلادىغا قارىغاندا كۆپرەك بولغانلىقى ئۈچۈن، ئەلئازارنىڭ ئەۋلادى ئون ئالتە توپقا، ئىتامارنىڭ ئەۋلادى سەككىز توپقا ئايرىلدى.

[5] خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىدا خىزمەت قىلىدىغان ئەمەلدارلارنىڭ بىر قىسمى ئەلئازار ئەۋلادىدىن، يەنە بىر قىسمى ئىتامار ئەۋلادىدىن بولغاچقا، چەك تارتىش ئۇسۇلى بىلەن خىزمەتلەر ئادىل ھالدا بۆلۈپ بېرىلدى.

[6] لاۋىيلاردىن بولغان نىتانئېلنىڭ ئوغلى شىمايا پۈتۈكچى بولۇپ، چەك نەتىجىسىنى تىزىملاپ ماڭدى. پادىشاھ، ئەمەلدارلار، روھانىي زادوق، ئەبىياتارنىڭ ئوغلى ئاخىمەلەك، روھانىيلار ۋە لاۋىيلارنىڭ جەمەت باشلىقلىرى چەك تارتىشقا گۇۋاھ بولدى. ئەلئازار بىلەن ئىتامارنىڭ ئەۋلادلىرى نۆۋەت بىلەن چەك تارتتى.

[7] بىرىنچى چەك يىھويارىبقا، ئىككىنچى چەك يىداياغا،

[8] ئۈچىنچى چەك خارىمغا، تۆتىنچى چەك سىئورىمغا،

[9] بەشىنچى چەك مالكىياغا، ئالتىنچى چەك مىيامىنغا،

[10] يەتتىنچى چەك خاققوزغا، سەككىزىنچى چەك ئابىياغا،

[11] توققۇزىنچى چەك يېشۇۋاغا، ئونىنچى چەك شىكانياغا،

[12] ئون بىرىنچى چەك ئەلياشىبقا، ئون ئىككىنچى چەك ياقىمغا،

[13] ئون ئۈچىنچى چەك خۇپپاھقا، ئون تۆتىنچى چەك يەشەبئابقا،

[14] ئون بەشىنچى چەك بىلگاھقا، ئون ئالتىنچى چەك ئىممېرغا،

[15] ئون يەتتىنچى چەك خېزىرغا، ئون سەككىزىنچى چەك ھاپپىززېزغا،

[16] ئون توققۇزىنچى چەك پىتاخياغا، يىگىرمىنچى چەك يىھەزكەلگە،

[17] يىگىرمە بىرىنچى چەك ياكىنغا، يىگىرمە ئىككىنچى چەك گامۇلغا،

[18] يىگىرمە ئۈچىنچى چەك دىلاياغا، يىگىرمە تۆتىنچى چەك مائازياغا چىقتى.

[19] بۇ ئادەملەر ئۆزلىرىنىڭ ئەجدادى بولغان ھارۇننىڭ كۆرسەتمىلىرى بويىچە پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدا ئۆز ۋەزىپىلىرىنى ئادا قىلىشتى. بۇ كۆرسەتمىلەرنى پەرۋەردىگار _ ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا ھارۇنغا چۈشۈرگەنىدى.

[20] لاۋىيلاردىن بولغان باشقا جەمەت باشلىقلىرىنىڭ ئىسىملىرى مۇنداق ئىدى: ئامرام ئەۋلادىدىن شۇبائېل، شۇبائېل ئەۋلادىدىن يەخدىيا،

[21] رىخابيا ئەۋلادىدىن تۇنجى ئوغلى يىششىيا،

[22] يىزھار ئەۋلادىدىن شىلوموت، شىلوموت ئەۋلادىدىن ياخات،

[23] ھىبروننىڭ چوڭ ئوغلى يىرىيا، ئىككىنچى ئوغلى ئاماريا، ئۈچىنچى ئوغلى ياخازىئېل، تۆتىنچى ئوغلى يىقامئام،

[24] ئۇززىئېل ئەۋلادىدىن مىكاھ، مىكاھ ئەۋلادىدىن شامىر

[25] ۋە مىكاھنىڭ ئىنىسى يىششىيا، يىششىيا ئەۋلادىدىن زىكىرىيا،

[26] مىرارىنىڭ ئەۋلادىدىن ماخلى ۋە مۇشى، يائازىيا ئەۋلادىدىن بىنو،

[27] مىرارىنىڭ يائازىيا ئەۋلادىدىن بىنو، شوھام، زاككۇر ۋە ئىبرى،

[28] ماخلىنىڭ ئەۋلادىدىن ئەلئازار، ئەلئازارنىڭ ئوغۇللىرى يوق ئىدى.

[29] كىشنىڭ ئەۋلادىدىن يىراخمىئېل،

[30] مۇشى ئەۋلادىدىن ماخلى، ئەدەر ۋە يىرىموت. مانا بۇلار لاۋىيلارنىڭ جەمەت باشلىقلىرى ئىدى.

[31] بۇلارمۇ خۇددى ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىغا ئوخشاش چەك تارتىش ئۇسۇلى بىلەن يېشىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىگە قارىماي، ئۆز ۋەزىپىلىرىنى تەقسىم قىلىشىۋالدى. بۇنىڭغا داۋۇت پادىشاھ، زادوق، ئاخىمەلەك، روھانىيلار ۋە لاۋىيلارنىڭ جەمەت باشلىقلىرى گۇۋاھ بولدى.

تارىخلار — Chapters