Skip to content
Opens in a new window

[1] پېرسىيە پادىشاھى كورەش تەختكە ئولتۇرغان 1-يىلى پەرۋەردىگار يەرەمىيا پەيغەمبەر ئارقىلىق ئېيتقان سۆزلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇردى. خۇدا كورەش پادىشاھنىڭ دىلىغا سېلىپ، بىر پەرمان چۈشۈرگۈزدى. پادىشاھ ئۇنى قەغەزگە پۈتۈپ، پادىشاھلىقىنىڭ ھەممە يېرىگە تارقاتتى.

[2] «بۇ پېرسىيە پادىشاھىنىڭ ئېيتقانلىرىدۇر: ‹پەرۋەردىگار، يەنى ئەرشىئەلادىكى خۇدا پۈتۈن يەر يۈزىدىكى پادىشاھلىقلارنى ماڭا ئاتا قىلدى. ئۇ مېنى يەھۇدىيەنىڭ يېرۇسالېم شەھىرىدە ئۆزىگە ئاتاپ بىر ئىبادەتخانا قۇرۇشقا تەيىنلىدى.

[3] پەرۋەردىگارنىڭ ئۆز خەلقى بولغان سىلەر ئىسرائىللار يەھۇدىيەنىڭ يېرۇسالېم شەھىرىگە بېرىپ، پەرۋەردىگارنىڭ، يەنى ئەجدادلىرىڭلار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىنى قايتا بىنا قىلىڭلار. خۇدا يېرۇسالېمدىدۇر، ئۇ سىلەرگە يار بولغاي!

[4] مەيلى قەيەردە بولسۇن، سۈرگۈنلەر ئارىسىدا يېرۇسالېمغا قايتماقچى بولغانلار بولسا، ئۇلارغا قولۇم-قوشنىلىرى ياردەم قىلىپ، ئالتۇن-كۈمۈش، مال-مۈلۈك ۋە مال-ۋاران بەرسۇن. ئۇنىڭدىن باشقا، خۇدانىڭ يېرۇسالېمدىكى ئىبادەتخانىسىغا خالىس ھەدىيەلەرنى سۇنسۇن.›»

[5] شۇنىڭدىن كېيىن، خۇدا دىللىرىغا سالغان ئىشنى ئورۇنداش ئۈچۈن يەھۇدا ۋە بىنيامىن قەبىلىلىرىنىڭ باشلىقلىرى، روھانىيلار ۋە لاۋىيلار يېرۇسالېمغا بېرىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنى قايتىدىن بىنا قىلىشقا تەييارلاندى.

[6] بارلىق قولۇم-قوشنىلار ئۇلارغا ياردەم بېرىپ، ئالتۇن-كۈمۈش قاچىلار، مال-مۈلۈك، مال-ۋاران ۋە قىممەتلىك نەرسىلەردىن باشقا يەنە ئىبادەتخانا ئۈچۈن خالىس ھەدىيىلەرنى سۇندى.

[7] كورەش پادىشاھ ئۇلارغا سابىق پادىشاھ نىبۇكادنەزەر يېرۇسالېمدىكى ئىبادەتخانىدىن ئولجا ئېلىپ ئۆز بۇتخانىسىغا قويغان قاچا-قۇچىلارنى قايتۇرۇپ بەردى.

[8] پېرسىيە پادىشاھى كورەش خەزىنە ۋەزىرى مىترىداتنى بۇ قاچا-قۇچىلارنى قايتۇرۇپ بېرىشكە مەسئۇل قىلدى. مىترىدات يەھۇدىيەگە قايتىدىغان سۈرگۈنلەرنىڭ باشلىقى شېشباسسارغا ئۇلارنى ساناپ ئۆتكۈزۈپ بەردى.

[9] ئۇلارنىڭ تىزىملىكى تۆۋەندىكىچە: 30 دانە ئالتۇن داس 1000 دانە كۈمۈش داس 29 دانە كۈمۈش ئەسۋابلار

[10] 30 دانە ئالتۇن قاچا 410 دانە كۈمۈش قاچا 1000 دانە باشقا خىل قاچا-قۇچا

[11] ھەممىسى بولۇپ 5400 دانە ئالتۇن-كۈمۈش قاچا-قۇچا بولدى. سۈرگۈنلەر بابىلدىن يېرۇسالېمغا قايتىپ كەلگەندە، شېشباسسار بۇ قاچا-قۇچىلارنى بىرگە ئېلىپ كەلدى.

ئەزرا — Chapters