[1] ئادەمئاتىدىن سېت تۆرەلدى، سېتنىڭ ئەۋلادلىرى: ئەنوش،
[2] قېنان، ماھالالئېل، يەرەد،
[3] خانوك، مىتۇشەلاخ، لەمەك ۋە نۇھ.
[4] نۇھنىڭ سام، ھام ۋە يەفەت ئىسىملىك ئۈچ ئوغلى بار ئىدى.
[5] يەفەتنىڭ ئوغۇللىرى: گومەر، مەجۈج، ماداي، ياۋان، تۇبال، مەشەك ۋە تىراس.
[6] گومەرنىڭ ئەۋلادلىرى: ئاشكىناز، رىفات ۋە توگارما.
[7] ياۋاننىڭ ئەۋلادلىرى: ئەلىشا، تارشىش، كىتتىم ۋە رودانىم.
[8] ھامنىڭ ئەۋلادلىرى: كۇش، مىسىر، پۇت ۋە كەنئان.
[9] كۇشنىڭ ئەۋلادلىرى: سىبا، خاۋىلا، سابتا، راماھ ۋە سابتىكا. راماھنىڭ ئەۋلادلىرى: شىبا ۋە دىدان.
[10] كۇشنىڭ نىمرود ئىسىملىك بىر ئوغلى بولۇپ، ئۇ يەر يۈزىدىكى بىرىنچى باتۇر ھېسابلىناتتى.
[11] مىسىرنىڭ ئەۋلادلىرى: لۇدلار، ئاناملار، لىھابلار، نافتۇخلار،
[12] پاترۇسلار، كاسلۇخلار ۋە كافتورلار. فىلىستىيەلىكلەر بولسا كاسلۇخلارنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرى ئىدى.
[13] كەنئاننىڭ تۇنجى ئوغلى سىدون بولۇپ، ئۇ سىدونلارنىڭ ئەجدادىدۇر. كەنئان يەنە خىتلارنىڭ ئەجدادىدۇر.
[14] كەنئاندىن يەنە يىبۇس، ئامور، گىرگاش،
[15] خىۋ، ئارقى، سىن،
[16] ئارۋاد، زىمار ۋە خاماتلارمۇ كېلىپ چىقتى.
[17] سامنىڭ ئەۋلادلىرى: ئېلام، ئاسسۇر، ئارپاكشاد، لۇد ۋە ئاررام. ئاررامنىڭ ئەۋلادلىرى: ئۇز، خۇل، گەتەر ۋە مەشەك.
[18] ئارپاكشاد شەلاخنىڭ ئاتىسى بولۇپ، شەلاخ بولسا ئېبەرنىڭ ئاتىسى ئىدى.
[19] ئېبەردىن ئىككى ئوغۇل تۆرەلدى. بىرىنىڭ ئىسمى پەلەگ ئىدى. ئۇ ياشىغان دەۋردە ئىنسانلار بۆلۈنۈشكە باشلىغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭغا پەلەگ دېگەن بۇ ئىسىم قۇيۇلغان ئىدى. ئۇنىڭ ئىنىسىنىڭ ئىسمى يوقتان ئىدى.
[20] يوقتاننىڭ ئەۋلادلىرى: ئالموداد، شەلەف، خازارماۋەت، يەراھ
[21] ھادورام، ئۇزال، دىقلاھ
[22] ئېبال، ئابىمائېل، شىبا
[23] ئوفىر، خاۋىلا ۋە يوباب. مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى يوقتاننىڭ ئەۋلادلىرى ئىدى.
[24] سامدىن ئىبرامغىچە بولغان ئەۋلادلار تۆۋەندىكىچە: سام، ئارپاكشاد، شەلاخ،
[25] ئېبەر، پەلەگ، رىئۇ،
[26] سىرۇگ، ناخور، تەراھ
[27] ۋە ئىبرام، يەنى ئىبراھىم.
[28] ئىبراھىمنىڭ ئوغۇللىرى ئىسھاق ۋە ئىسمائىلدۇر.
[29] ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى تۆۋەندىكىچە: ئىسمائىلنىڭ تۇنجى ئوغلى نىبايوت، كېيىنكى ئوغۇللىرى: قېدار، ئادبىئېل، مىبسام،
[30] مىشما، دۇماھ، ماسا، خاداد، تەما،
[31] يىتۇر، نافىش ۋە قېدىماھ. مانا بۇلار ئىسمائىلنىڭ ئوغۇللىرىدۇر.
[32] ئىبراھىمنىڭ توقىلى قىتۇرا ئۇنىڭغا زىمران، يوقشان، مىدان، مىديان، يىشباق ۋە شۇۋاخ قاتارلىق ئوغۇللارنى تۇغۇپ بەرگەن بولۇپ، يوقشاننىڭ شىبا ۋە دىدان ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى.
[33] مىدياننىڭ ئېفاھ، ئېفەر، خانوك، ئابىدا ۋە ئەلدائا قاتارلىق ئوغۇللىرى بار ئىدى. مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى قىتۇرانىڭ ئەۋلادلىرىدۇر.
[34] ئىبراھىم ئىسھاقنىڭ ئاتىسىدۇر، ئىسھاقنىڭ ئەساۋ ۋە ئىسرائىل ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى.
[35] ئەساۋنىڭ ئوغۇللىرى: ئەلىفاز، رىئۇئېل، يىئۇش، يالام ۋە كوراھ.
[36] ئەلىفازنىڭ ئوغۇللىرى: تېمان، ئومار، زىفو، گاتام، قېناز ۋە ئۇنىڭ تىمنا ئىسىملىك ئايالىدىن بولغان ئوغلى ئامالەك.
[37] رىئۇئېلنىڭ ئوغۇللىرى: ناخات، زەراخ، شامماھ ۋە مىززاھ.
[38] سەئىرنىڭ ئەۋلادلىرى: لوتان، شوبال، زىبئون، ئاناھ، دىشون، ئېزېر ۋە دىشان.
[39] لوتاننىڭ ئەۋلادلىرى: خورى ۋە ھومام. يەنە لوتاننىڭ سىڭلىسى تىمنامۇ بار.
[40] شوبالنىڭ ئەۋلادلىرى: ئاليان، ماناخات، ئېبال، شىفو ۋە ئونام. زىبىئوننىڭ ئەۋلادلىرى: ئايياھ ۋە ئاناھ.
[41] ئاناھنىڭ ئوغلى: دىشون. دىشوننىڭ ئەۋلادلىرى: خامران، ئەشبان، يىتران ۋە كىران.
[42] ئېزېرنىڭ ئەۋلادلىرى: بىلھان، زائاۋان ۋە يائاقان. دىشاننىڭ ئەۋلادلىرى: ئۇز ۋە ئاران.
[43] ئىسرائىللارنىڭ تېخى ئۆز پادىشاھى بولماستا، ئىدوملۇقلارنىڭ پادىشاھى بار بولغان بولۇپ، بىئورنىڭ ئوغلى بەلا ئۇلارغا پادىشاھ ئىدى، ئۇ دىنھابا دېگەن شەھەردە تۇراتتى.
[44] بەلا ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئورنىغا زەراخنىڭ ئوغلى بوزرالىق يوباب چىقتى.
[45] يوباب ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن ئورنىغا تېمان رايونىدىن كەلگەن خۇشام چىقتى.
[46] خۇشام ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئورنىغا بىدادنىڭ ئوغلى ھاداد چىقتى. ئۇ مىديانلارنى موئاب زېمىنىدا تارمار قىلغانىدى. ئۇ تۇرغان شەھەرنىڭ ئىسمى ئاۋىت ئىدى.
[47] ھاداد ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئورنىغا ماسرېقالىق ساملاھ چىقتى.
[48] ساملاھ ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئورنىغا فىرات دەرياسى بويىغا جايلاشقان رىھوبوت شەھىرىدىن كەلگەن شائۇل چىقتى.
[49] شائۇل ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئورنىغا ئاكبورنىڭ ئوغلى بائال-خانان چىقتى.
[50] بائال-خانان ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئورنىغا ھاداد چىقتى. ئۇ تۇرغان شەھەرنىڭ ئىسمى پائۇ ئىدى. ئۇنىڭ ئايالى مىھېتابىئېل ماترېدنىڭ قىزى بولۇپ، بوۋىسىنىڭ ئىسمى مىزاھاب ئىدى.
[51] ئاخىرىدا ھادادمۇ ئالەمدىن ئۆتتى. ئىدوملۇقلارنىڭ يولباشچىلىرى تۆۋەندىكىچە: تىمنا، ئالۋاھ، يىتېت،
[52] ئوھولىباما، ئەلاھ، پىنون،
[53] قېناز، تېمان، مىبزار،
[54] ماگدىئېل ۋە ئىرام. مانا بۇلار ئىدوملۇقلارنىڭ يولباشچىلىرىدۇر.