[1] بىنيامىننىڭ تۇنجى ئوغلى بەلا، ئىككىنچىسى ئاشبېل، ئۈچىنچىسى ئاخراخ،
[2] تۆتىنچىسى نوخاھ، بەشىنچىسى رافا ئىدى.
[3] بەلانىڭ ئوغۇللىرى: ئاددار، گېرا، ئابىخۇد،
[4] ئابىشۇۋا، نائامان، ئاخوۋاخ،
[5] گېرا، شىفۇفان ۋە خۇرام.
[6] ئېخۇدنىڭ نائامان، ئاخىيا ۋە گېرا ئىسىملىك ئوغۇللىرى بولۇپ، ئۇلار گەبا شەھىرى ئاھالىسىنىڭ جەمەت باشلىقلىرى ئىدى. گەبا ئاھالىسى ماناخاتقا سۈرگۈن قىلىنغاندا، گېرا خەلقنى باشلاپ كەتكەنىدى. گېرانىڭ ئۇززا ۋە ئاخىخۇد ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى.
[8] شاخارايىم خوتۇنلىرى خۇشىم ۋە بائارانى قويۇۋەتكەندىن كېيىن، موئاب زېمىنىدا ئوغۇل پەرزەنتلەر كۆرگەنىدى.
[9] ئۇنىڭ خودەش ئىسىملىك خوتۇنى ئۇنىڭغا يوباب، زىبيا، مېشا، مالكام،
[10] يىئۇز، ساكىياھ ۋە مىرماھ دېگەن ئوغۇللارنى تۇغۇپ بەردى. شاخارايىمنىڭ بۇ ئوغۇللىرى جەمەت باشلىقلىرى ئىدى.
[11] شاخارايىمنىڭ خۇشىمدىن تۇغۇلغان ئابىتۇب ۋە ئەلپائال ئىسىملىك ئوغۇللىرىمۇ بار ئىدى.
[12] ئەلپائالنىڭ ئېبەر، مىشئام، شەمەد، بىرىئا ۋە شەما ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى. شەمەد ئونو بىلەن لود شەھىرىنى ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى يېزىلارنى بىنا قىلغانىدى. بىرىئا ۋە شەما ئاييالون شەھىرى ئاھالىسىنىڭ جەمەت باشلىقلىرى بولۇپ، گات ئاھالىسىنى ئۇ يەردىن قوغلىۋەتكەنىدى.
[14] بىرىئانىڭ ئوغۇللىرى: ئاخيو، شاشاق، يىرېموت،
[15] زىباديا، ئاراد، ئەدەر،
[16] مىكائىل، يىشپاھ ۋە يوخا.
[17] ئەلپائالنىڭ ئوغۇللىرى: زىباديا، مىشۇللام، خىزقى، خەبەر،
[18] يىشمىراي، يىزلىئا ۋە يوباب.
[19] شىمئىنىڭ ئوغۇللىرى: ياقىم، زىكرى، زابدى،
[20] ئەلىئېناي، زىللىتاي، ئەلىئېل،
[21] ئادايا، بىرايا ۋە شىمرات.
[22] شاشاقنىڭ ئوغۇللىرى: يىشپان، ئېبەر، ئەلىئېل،
[23] ئابدون، زىكرى، خانان،
[24] خانانيا، ئېلام، ئانتوتىيا،
[25] يىفدىيا ۋە پىنۇئېل.
[26] يىروخامنىڭ ئوغۇللىرى: شامشىراي، شىخاريا، ئاتاليا،
[27] يائارېشيا، ئېلىيا ۋە زىكرى.
[28] يۇقىرىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى جەمەت باشلىقلىرى ۋە يولباشچىلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىسىملىرى ئۆز جەمەتىنىڭ نەسەبنامىسىدا خاتىرىلەنگەنىدى. ئۇلار يېرۇسالېمدا ياشايتتى.
[29] يىئىئېل گىبئون شەھىرىنى بىنا قىلىپ، شۇ يەرگە ئورۇنلاشتى. ئۇنىڭ ئايالىنىڭ ئىسمى مائاكا بولۇپ،
[30] تۇنجى ئوغلىنىڭ ئىسمى ئابدون، كېيىنكىلىرنىڭ ئىسمى زۇر، كىش، بائال، نېر، ناداب،
[31] گىدور، ئاخيو، زېكەر
[32] ۋە مىقلوت ئىدى. مىقلوت بولسا شىمئاھنىڭ ئاتىسى ئىدى. ئۇلارمۇ يېرۇسالېمدا ئۆز تۇغقانلىرىنىڭ يېنىدا ياشىدى.
[33] نېر كىشنىڭ ئاتىسى، كىش سائۇل پادىشاھنىڭ ئاتىسى ئىدى. سائۇل پادىشاھنىڭ يوناتان، مالكىشۇۋا، ئابىناداب ۋە ئەشبائال ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى.
[34] يوناتان مىرىب-بائالنىڭ ئاتىسى، مىرىب-بائال مىكاھنىڭ ئاتىسى ئىدى.
[35] مىكاھنىڭ پىتون، مەلەك، تارېيا ۋە ئاخاز ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى.
[36] ئاخازدىن ياداھ تۆرەلدى. يىھوئاددادىن ئالەمەت، ئازماۋەت ۋە زىمرى تۆرەلدى. زىمرىدىن موزا تۆرەلدى.
[37] موزادىن بىنئا تۆرەلدى، بىنئادىن رافاھ تۆرەلدى، رەفاھتىن ئەلئاسا تۆرەلدى، ئەلئاسادىن ئازېل تۆرەلدى.
[38] ئازېلنىڭ ئالتە ئوغلى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىسىملىرى ئازرىقام، بوكىرۇ، ئىسمائىل، شىئاريا، ئوبادىيا ۋە خانان ئىدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئازېلنىڭ ئوغۇللىرى ئىدى.
[39] ئازېلنىڭ ئىنىسى ئېشەقنىڭ ئۈچ ئوغلى بولۇپ، تۇنجىسى ئۇلام، ئىككىنچىسى يىئۇش، ئۈچىنچىسى ئەلىفەلەت ئىدى.
[40] ئۇلامنىڭ ئوغۇللىرى باتۇر جەڭچى ۋە مەرگەن ئوقياچىلار ئىدى. ئۇلارنىڭ نۇرغۇن ئوغۇللىرى ۋە نەۋرىلىرى بولۇپ، جەمئىي 150 كىشى ئىدى. مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى بىنيامىننىڭ ئەۋلادلىرىدۇر.