[1] ئىسرائىلىيە بىلەن ئاررام ئوتتۇرىسىدا ئۈچ يىلغىچە ئۇرۇش بولمىدى.
[2] لېكىن ئۈچىنچى يىلىغا كەلگەندە يەھۇدىيە پادىشاھى يىھوشافات ئىسرائىلىيە پادىشاھى ئاخاب بىلەن كۆرۈشكىلى كەلدى.
[3] ئىسرائىلىيە پادىشاھى ئۆز ئەمەلدارلىرىغا: _ گىلئادتىكى راموت شەھىرى بىزنىڭ ئەمەسمۇ؟! بىز نېمە ئۈچۈن ئۇنى ئاررام پادىشاھىدىن قايتۇرۇۋالماي قاراپ تۇرىمىز؟ _ دېدى.
[4] ئۇنىڭدىن كېيىن ئاخاب يىھوشافاتتىن: _ سىلى راموتنى ئالغىلى جەڭ قىلىش ئۈچۈن مەن بىلەن بىللە باراملا؟ _ دەپ سورىدى. يىھوشافات: _ مەن سىلى بىلەن ئاتلىنىشقا تەييارمەن. ئادەملىرىمنى ئۆزلىرىنىڭ ئادەملىرى، ئاتلىرىمنى ئۆزلىرىنىڭ ئاتلىرى دەپ، بىلگەيلا.
[5] لېكىن سىلى بۇنى ئالدى بىلەن پەرۋەردىگاردىن سورىسىلا! _ دېدى.
[6] شۇنىڭ بىلەن ئاخاب تەخمىنەن 400 پەيغەمبەرنى يىغىپ، ئۇلاردىن: _ مەن راموتقا ھۇجۇم قىلىشقا بارسام بولامدۇ-بولمامدۇ؟ _ دەپ سورىدى. _ بارغايلا! ئىگىمىز راموتنى قوللىرىغا تاپشۇرىدۇ، _ دېدى ئۇلار.
[7] بىراق يىھوشافات: _ بۇ يەردە پەرۋەردىگارنىڭ پەيغەمبەرلىرىدىن قالمىدىمۇ، ئەگەر قالسا، بىز بۇنى ئۇنىڭدىن سورايلى، _ دېدى.
[8] _ پەرۋەردىگاردىن سورىغىلى يەنە بىرەيلەن بار، _ دېدى ئاخاب، _ لېكىن مەن ئۇنىڭغا ئۆچ، چۈنكى ئۇ مەن ھەققىدە ۋەھىي يەتكۈزگەندە، ھەمىشە ياخشى گەپ ئەمەس، يامان گەپ قىلىدۇ. ئۇ يىملاھنىڭ ئوغلى مىكايادۇر. _ پادىشاھ تۇرۇپ، بۇنداق دېسىلا بولمايدۇ! _ دېدى يىھوشافات.
[9] شۇنىڭ بىلەن ئاخاب ئوردا ئەمەلدارلىرىدىن بىرەيلەننى چاقىرىپ، ئۇنى يىملاھنىڭ ئوغلى مىكايانى دەرھال ئېلىپ كېلىشكە بۇيرۇدى.
[10] ئىسرائىلىيە پادىشاھى ئاخاب بىلەن يەھۇدىيە پادىشاھى يىھوشافات شاھانە تونىنى كىيىپ، سامارىيەنىڭ شەھەر دەرۋازىسىنىڭ سىرتىدىكى خاماندا ھەرقايسىسى ئۆز تەختىدە ئولتۇرۇشاتتى. پۈتۈن پەيغەمبەرلەر ئۇلارنىڭ ئالدىدا ۋەھىيلەرنى يەتكۈزدى.
[11] پەيغەمبەرلەردىن بىرى كىنائاننىڭ ئوغلى زىدقىيا ئىدى. ئۇ تۆمۈردىن ياسالغان بىر جۈپ مۈڭگۈزنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ، ئاخاب پادىشاھقا: _ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «سەن بۇ مۈڭگۈزلەر بىلەن ئارراملارغا بۇقىدەك ئۈسسۈپ، ئۇلارنى مەغلۇپ قىلىسەن»، _ دېدى.
[12] باشقا پەيغەمبەرلەرمۇ ئوخشاش سۆزنى قىلىپ: _ راموتقا ھۇجۇم قىلغايلا، سىلى غەلىبە قىلىدىلا. پەرۋەردىگار شەھەرنى قوللىرىغا تاپشۇرىدۇ، _ دېيىشتى.
[13] بۇ چاغدا مىكايانى چاقىرغىلى بارغان ئەمەلدار ئۇنىڭغا: _ قاراڭ، ھەممە پەيغەمبەرلەر پادىشاھقا بىر ئېغىزدىن ياخشىلىقتىن بېشارەت بېرىشتى. سىزمۇ ئۇلارغا ئوخشاش ياخشىلىقتىن بېشارەت بەرگەيسىز، _ دېدى.
[14] لېكىن مىكايا: _ مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگار ئالدىدا قەسەم قىلىمەنكى، پەرۋەردىگار ماڭا نېمە دېسە مەن شۇنى دەيمەن، _ دېدى.
[15] مىكايا ئاخاب پادىشاھنىڭ ئالدىغا بارغاندا، پادىشاھ ئۇنىڭدىن: _ مىكايا، بىز راموتقا ھۇجۇم قىلىشقا بارساق بولامدۇ-بولمامدۇ؟ _ دەپ سورىدى. _ ھۇجۇم قىلىشقايلا، غەلىبە قىلىشىدىلا. پەرۋەردىگار شەھەرنى قوللىرىغا تاپشۇرىدۇ، _ دەپلا قويدى ئۇ.
[16] لېكىن پادىشاھ: _ مەن سېنى، پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن گەپ قىلغىنىڭدا راستچىل بول، دەپ قانچە قېتىم قەسەم قىلدۇرىمەن؟ _ دېدى.
[17] مىكايا: _ مەن ئىسرائىلىيە قوشۇنلىرىنىڭ خۇددى ئىگىسىز قالغان قوي پادىسىدەك تاغقا تارقىلىپ كەتكەن كۆرۈنۈشنى كۆردۈم. پەرۋەردىگار مۇنداق دېگەن: «بۇ كىشىلەرنىڭ يېتەكچىسى يوق، ئۇلار ئۆز يۇرتىغا تىنچ-ئامان قايتسۇن!» _ دېدى.
[18] ئاخاب يىھوشافاتقا: _ مەن ئۆزلىرىگە بۇ ئادەم مەن ھەققىدە ۋەھىي يەتكۈزگەندە، ياخشى گەپ قىلماي، ھامان يامان گەپ قىلىدۇ، دېمىگەنمىدىم؟ _ دېدى.
[19] مىكايا يەنە مۇنداق دېدى: _ شۇڭا پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالغايلا! مەن پەرۋەردىگارنىڭ تەختىدە ئولتۇرغىنىنى كۆردۈم. پۈتكۈل ساماۋى جامائەت ئۇنىڭ ئوڭ ۋە سول تەرىپىدە تۇراتتى.
[20] پەرۋەردىگار: «ئاخابنىڭ جەڭدە ئۆلۈشى ئۈچۈن ئۇنى راموتقا بېرىشقا كىم ئازدۇرىدۇ؟» دەپ سورىدى. بەزىلەر بۇنداق دېسە، بەزىلەر ئۇنداق دېدى.
[21] كېيىن بىر روھ چىقىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ، «مەن ئازدۇرىمەن» دېدى. پەرۋەردىگار ئۇنىڭدىن «قانداق ئازدۇرىسەن؟» دەپ سورىدى.
[22] ھېلىقى روھ «مەن ئاخابنىڭ پۈتۈن پەيغەمبەرلىرىنى يالغان ئېيتقۇزىمەن» دېدى. پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا «بارغىن، ئۇنى ئازدۇرساڭ، چوقۇم ئازدۇرالايسەن» دېدى.
[23] مىكايا ئەڭ ئاخىرىدا: _ ئىشنىڭ جەريانى مانا شۇنداق، پەرۋەردىگار سىلىنىڭ پەيغەمبەرلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئۆزلىرىگە يالغان ئېيتقۇزدى. ئەمەلىيەتتە ئۇ سىلىگە بالايىئاپەت ياغدۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى! _ دېدى.
[24] شۇنىڭ بىلەن كىنائاننىڭ ئوغلى زىدقىيا مىكايانىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئۇنى بىر كاچات ئۇرۇپ، ئۇنىڭدىن: _ پەرۋەردىگارنىڭ روھى قانداقلارچە مەندىن ئايرىلىپ، ساڭا سۆز قىلىدۇ؟ _ دەپ سورىدى.
[25] _ بىر كۈنى سەن بىر ئۆينىڭ ئەڭ ئىچكىرىسىدىكى خانىسىغا يوشۇرۇنۇشقا مەجبۇر بولىسەن، شۇ كۈنى بىلىسەن، _ دەپ جاۋاب بەردى مىكايا.
[26] شۇنىڭ بىلەن ئاخاب ئەمەلدارغا مىكايانى تۇتۇپ، شەھەر ھاكىمى ئامون بىلەن شاھزادە يوئاشنىڭ ئالدىغا ئېلىپ بېرىشنى بۇيرۇپ،
[27] ئەمەلدارغا: _ ئۇلارغا: «پادىشاھ مۇنداق پەرمان قىلىدۇكى، ماۋۇنى زىندانغا تاشلاپ، مەن ئامان-ئېسەن قايتىپ كەلگۈچە، ئۇنىڭغا جېنىنى ساقلىغۇدەكلا نان بىلەن سۇ بېرىڭلار» دېگىن، _ دەپ بۇيرۇدى.
[28] _ ئەگەر ئامان-ئېسەن قايتىپ كەلسىلە، بۇ پەرۋەردىگارنىڭ مەن ئارقىلىق سۆزىنى يەتكۈزمىگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ، _ دېدى مىكايا، _ ھەربىرلىرى سۆزۈمنى ئەسلىرىدە تۇتۇشقايلا.
[29] ئىسرائىلىيە پادىشاھى ئاخاب بىلەن يەھۇدىيە پادىشاھى يىھوشافات گىلئادتىكى راموت شەھىرىگە قارشى جەڭگە ئاتلاندى.
[30] ئاخاب يىھوشافاتقا: _ بىز جەڭگاھقا چىققاندا، مەن قىياپىتىمنى ئۆزگەرتىۋالاي، سىلى شاھانە تونلىرىنى كىيىۋەرسىلە، _ دېدى. شۇنداق قىلىپ ئاخاب قىياپىتىنى ئۆزگەرتىپ جەڭگە كىردى.
[31] ئاررام پادىشاھى 32 نەپەر ھارۋىلىق لەشكەر باشلىقلىرىغا: «سىلەر ئىسرائىلىيەنىڭ چوڭ-كىچىك لەشكەرلىرى بىلەن جەڭ قىلىپ يۈرمەي، ھۇجۇمنىڭ ئۇچىنى ئىسرائىلىيە پادىشاھىغا قارىتىڭلار» دەپ بۇيرۇغانىدى.
[32] شۇڭا ئۇلار يىھوشافاتنى كۆرگەندە، ئۇنى جەزمەن ئىسرائىلىيە پادىشاھى دەپ ئويلاپ، ھەممىسى بۇرۇلۇپ، ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلىشتى. يىھوشافات قورقۇپ ۋارقىرىۋەتتى.
[33] شۇندىلا ئۇلار ئۇنىڭ ئىسرائىلىيە پادىشاھى ئەمەسلىكىنى بىلىپ، ئۇنى قوغلىماي كېتىپ قېلىشتى.
[34] بىراق، بىر ئاررام لەشكىرى تاسادىپىي بىر ئوق ئېتىۋىدى، ئۇ ئوق دەل ئىسرائىلىيە پادىشاھى ئاخابنىڭ قاسراقسىمان ساۋۇتى ياپالمىغان يېرىگە تەگدى. ئاخاب جەڭ ھارۋىسىنى ھەيدىگۈچىسىگە ۋارقىراپ: _ مەن يارىلاندىم، كەينىڭگە قايتىپ، جەڭدىن چېكىن! _ دېدى.
[35] ئۇ كۈنى جەڭ شىددەتلىك بولغاچقا، پادىشاھ بىرەيلەننىڭ يۆلىشى بىلەن ھارۋىسىدا قېلىپ، ئارراملارغا يۈزلىنىپ ئولتۇردى. يارىسىدىن ئاققان قان ھارۋىنىڭ تېگىگە ئېقىپ چۈشتى. ئۇ كەچ بولاي دېگەندە جان ئۈزدى.
[36] كۈن پاتقاندا ئىسرائىلىيە قوشۇنى ئارىسىدىن: «ھەممە ئادەم ئۆز ماكانىغا، ئۆز يۇرتىغا قايتسۇن!» دېگەن چاقىرىق ئاڭلاندى.
[37] شۇنداق قىلىپ ئاخاب پادىشاھ ئالەمدىن ئۆتتى. ئۇنىڭ جەسىتى سامارىيەگە ئېلىپ بېرىلىپ، ئۇ يەردە دەپنە قىلىندى.
[38] ئۇلار ئۇنىڭ جەڭ ھارۋىسىنى سامارىيەدىكى پاھىشىلەر سۇغا چۈشىدىغان كۆلچەكتە يۇيۇپ تازىلاۋاتقاندا، خۇددى پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقىنىدەك، ئىتلار كېلىپ ئۇنىڭ قېنىنى يالىدى.
[39] ئاخاب پادىشاھنىڭ باشقا ئىش-ئىزلىرى ۋە بارلىق پائالىيەتلىرى، بولۇپمۇ ئۇنىڭ پىل چىشىدىن بېزىگەن ئوردىسى ۋە كېڭەيتىپ قۇرغان نۇرغۇن شەھەرلىرى ھەققىدىكى خاتىرىلەر «ئىسرائىلىيە پادىشاھلىرىنىڭ تەزكىرىلىرى» گە پۈتۈلگەن.
[40] ئاخاب ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ قېشىغا كەتتى. ئۇنىڭ ئوغلى ئاخازيا ئۇنىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلدى.
[41] ئىسرائىلىيە پادىشاھى ئاخابنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ تۆتىنچى يىلى ئاسانىڭ ئوغلى يىھوشافات يەھۇدىيەگە پادىشاھ بولدى.
[42] ئۇ تەختكە چىققان چاغدا 35 ياش ئىدى. ئۇ يېرۇسالېمدا 25 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسى شىلخىنىڭ قىزى ئازۇبا ئىدى.
[43] ئۇ پۈتۈنلەي ئاتىسى ئاسا ماڭغان يولدا مېڭىپ، ھېچ ياققا ئېغىشماي، پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغان ئىشلارنى قىلدى. بىراق سەجدىگاھلار يوقىتىۋېتىلمىدى. خالايىق يەنىلا ئۇ يەرلەردە قۇربانلىق قىلىش ۋە ئىسرىق سېلىشنى داۋاملاشتۇردى.
[44] يىھوشافات ئىسرائىلىيە پادىشاھى بىلەن تىنچ ئۆتتى.
[45] يىھوشافات پادىشاھنىڭ باشقا ئىش-ئىزلىرى، جۈملىدىن ئۇنىڭ قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى ۋە قىلغان ئۇرۇشلىرى «يەھۇدىيە پادىشاھلىرىنىڭ تەزكىرىلىرى» گە پۈتۈلگەن.
[46] ئۇ سەجدىگاھلاردىكى ئاتىسى ئاسانىڭ زامانىدىن قېلىپ قالغان ئەر-ئايال پاھىشىلەرنى زېمىنىدىن يوقاتتى.
[47] ئۇ چاغلاردا ئىدومدا پادىشاھ يوق ئىدى. يەھۇدىيە پادىشاھى ئۇ يەرنى ئىدارە قىلىشقا بىر ۋالىي تەيىنلىدى.
[48] يەھۇدىيە پادىشاھى يىھوشافات ئوفىر زېمىنىدىن ئالتۇن ئەكېلىش ئۈچۈن ئۇزۇن يوللۇق كاتتا كېمىلەرنى ياساتتى، لېكىن كېمىلەر ئەزيون-گەبەردىن چىقماي تۇرۇپلا پارچىلىنىپ كەتكەنلىكتىن ئۇ يەرگە بارالمىدى.
[49] بىر مەزگىلدىن كېيىن ئاخابنىڭ ئوغلى ئىسرائىلىيە پادىشاھى ئاخازيا ئۆز ئادەملىرىنى يىھوشافات پادىشاھنىڭ ئادەملىرى بىلەن بىللە كېمىدە بېرىش توغرىسىدا تەكلىپ بەرگەنىدى، بىراق يىھوشافات قوشۇلمىدى.
[50] يىھوشافات ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ قېشىغا كەتتى. ئۇ ئۇلارنىڭ يېنىغا، يەنى ئەجدادى داۋۇتنىڭ نامىدا ئاتالغان «داۋۇت شەھىرى» گە دەپنە قىلىندى. ئوغلى يىھورام ئۇنىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلدى.
[51] يەھۇدىيە پادىشاھى يىھوشافاتنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 17-يىلى ئاخابنىڭ ئوغلى ئاخازيا ئىسرائىلىيەگە پادىشاھ بولدى. ئۇ سامارىيەدە ئىككى يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى.
[52] ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلىپ، ئاتىسى ئاخاب ۋە ئانىسى ئىزەبەلنىڭ ئىزىنى بېسىپ، ئىسرائىللارنى گۇناھكار قىلغان نىباتنىڭ ئوغلى ياروبئامنىڭ يولىدا ماڭدى.
[53] ئۇ پۈتۈنلەي ئاتىسىغا ئوخشاش بائالغا چوقۇنۇپ ۋە خىزمەت قىلىپ، ئىسرائىللارنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇدانىڭ غەزىپىنى قوزغىدى.