[1] ئۇ چاغلاردا پادىشاھ داۋۇت ئۆز ئوردىسىدا تۇراتتى. پەرۋەردىگار ئۇنى ئەتراپىدىكى دۈشمەنلىرىدىن ئامان ساقلىدى.
[2] بىر كۈنى پادىشاھ ناتان ئىسىملىك پەيغەمبەرگە: _ قاراڭ، مەن كېدىر ياغىچىدىن ياسالغان ئوردىدا تۇرۇۋاتىمەن، پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى بولسا چېدىردا تۇرۇۋاتىدۇ، _ دېدى.
[3] ناتان پەيغەمبەر ئۇنىڭغا: _ پەرۋەردىگار سىزگە يار بولۇۋاتقاندىكىن، كۆڭلىڭىزدە قانداق ئويلىغان بولسىڭىز شۇنداق قىلىڭ، _ دېدى.
[4] لېكىن شۇ كۈنى كەچتە پەرۋەردىگاردىن ناتانغا ۋەھىي كەلدى:
[5] سەن بېرىپ، خىزمەتكارىم داۋۇتقا مۇنداق دېگىن: «سەن مېنىڭ تۇرۇشۇم ئۈچۈن بىر ئىبادەتخانا سالماقچىمۇ؟
[6] مەن پەرۋەردىگار ئىسرائىل خەلقىنى مىسىردىن باشلاپ چىققان كۈندىن تارتىپ تاكى ھازىرغىچە ھېچقانداق بىر ئىبادەتخانىدا تۇرۇپ باقمىدىم، ئىزچىل چېدىردا تۇرۇپ، ھەممە يەرنى ئايلىنىپ يۈردۈم.
[7] مەن ئىسرائىل خەلقى بىلەن بىللە بولغان يەرلەردە خەلقىم ئىسرائىللارنى پادىچى بولۇپ باشلاپ ماڭسۇن دەپ، تەيىنلىگەن يېتەكچىلەرگە ‹نېمە ئۈچۈن ماڭا ئاتاپ كېدىر ياغىچىدىن ئوردا سالدۇرمىدىڭلار؟› دەپ باققانمۇ؟
[8] مەنكى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، سېنى يايلاقتا قويلارنىڭ ئارقىسىدا يۈرگەن يېرىڭدىن تاللاپ، خەلقىم ئىسرائىللارغا باش بولۇشقا قويدۇم،
[9] قەيەرگىلا بارساڭ مەن ساڭا يار بولۇپ، ھەممە دۈشمىنىڭنى كۆز ئالدىڭدا يوقاتتىم. ئەمدى سېنىڭ نامىڭنى يەر يۈزىدىكى ئۇلۇغلارنىڭ نامىدەك ئۇلۇغ قىلىمەن.
[10] مەن خەلقىم ئىسرائىللارغا بىر جاي تاللاپ بېرىمەن ۋە ئۇلارنى ئۇ يەردە مۇستەھكەم تۇرغۇزىمەن. ئۇلار ئۆز ماكانىدا خېيىم-خەتەرسىز ياشايدۇ. مەن سەردارلارنى خەلقىم ئىسرائىللارغا يېتەكچىلىك قىلىشقا تەيىنلىگەن ئاشۇ زاماندىن تارتىپ باشلانغان، رەزىللەرنىڭ خەلقىمگە زۇلۇم قىلىشى ئەمدى توختايدۇ. مەن سېنى بارلىق دۈشمەنلىرىڭدىن تىنچ-ئامان ساقلايمەن. ئەمدى مەن پەرۋەردىگار شۇنى جاكارلايمەنكى: مەن سېنىڭ جەمەتىڭگە بىر خانىدانلىق تىكلەپ بېرىمەن.
[12] سېنىڭ كۈنلىرىڭ توشۇپ، ئاتا-بوۋىلىرىڭنىڭ يېنىغا دەپنە قىلىنغان چاغدا، ئۆز پۇشتۇڭدىن بولغان بىرسىنى ئورنۇڭغا قويىمەن، ھەمدە ئۇنىڭ پادىشاھلىقىنى مۇستەھكەم قىلىمەن.
[13] ماڭا ئاتالغان ئىبادەتخانىنى ئۇ سالدۇرىدۇ، مەن ئۇنىڭ پادىشاھلىق تەختىنى مەڭگۈلۈك قىلىمەن.
[14] مەن ئۇنىڭغا ئاتا بولىمەن، ئۇ ماڭا ئوغۇل بولىدۇ، مۇبادا ئۇ گۇناھ ئۆتكۈزسە، ئاتا-ئانا بالىسىنى تەربىيە بېرىپ تۈزەتكەندەك، ئۇنى تۈزەيمەن.
[15] سېنى پادىشاھ بولسۇن دەپ، سائۇلنى مېھىر-مۇھەببىتىمدىن مەھرۇم قىلغانىدىم. لېكىن مېھىر-مۇھەببىتىمنى سېنىڭ پۇشتۇڭدىن ھېچقاچان يىراق تۇتمايمەن.
[16] سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭ ۋە پادىشاھلىقىڭ مېنىڭ ئالدىمدا مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ. سېنىڭ پادىشاھلىق تەختىڭنى ئەبەدىي قىلىمەن.»
[17] ناتان پەيغەمبەر پەرۋەردىگاردىن ئۆزىگە كەلگەن ۋەھىيلەرنىڭ ھەممىسىنى داۋۇتقا يەتكۈزدى.
[18] شۇنىڭدىن كېيىن داۋۇت ئەھدە ساندۇقى قويۇلغان چېدىرغا كىرىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا ئولتۇرۇپ مۇنداق دېدى: _ ئى ئىگەم پەرۋەردىگار! ماڭا بۇ قەدەر شاپائەت قىلغۇدەك مەن كىم ئىدىم، ئائىلەم قانچىلىك ئىدى؟
[19] ئۇنىڭ ئۈستىگە، سەن ئىگەم پەرۋەردىگار مەن قۇلۇڭنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ كەلگۈسى ھەققىدە ۋەدە بەردىڭ. ئىگەم پەرۋەردىگار، سەن باشقا ئىنسانلارغىمۇ شۇنداق مۇئامىلە قىلامسەن؟
[20] ئاھ ئىگەم پەرۋەردىگار، سەن قۇلۇڭنى بىلىسەن، ساڭا دەيدىغان يەنە نېمە گېپىم بولسۇن؟
[21] بەرگەن ۋەدەڭ ۋە ئۆز خاھىشىڭ بويىچە شۇنداق ئۇلۇغۋار ئىشلارنى قىلدىڭ ۋە بۇ ئىشلارنى قۇلۇڭغا ئايان قىلدىڭ.
[22] ئى ئىگەم پەرۋەردىگار، نەقەدەر ئۇلۇغدۇرسەن، سېنىڭ تەڭدىشىڭ يوقتۇر. سەن بىردىنبىر ھەقىقىي خۇدادۇرسەن. بىز ساڭا ئوخشاش باشقا خۇدا ھەققىدە ھېچقاچان ئاڭلاپ باقمىغانىدۇق.
[23] يەر يۈزىدە ئىسرائىللاردەك يەنە بىر خەلق بارمۇ؟ قايسى بىر خەلقنى ئىسرائىللاردەك قۇللۇقتىن قۇتۇلدۇرۇپ ئۆز خەلقىڭ قىلدىڭ؟ ئىسرائىللار ئۈچۈن قىلغان ئۇلۇغ مۆجىزىلىرىڭ شان-شۆھرىتىڭنى نامايان قىلدى. ئۆز خەلقىڭنى مىسىردىن قۇتۇلدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئالدىدا تۇرۇۋالغان يات ئەللەرنى بۇتلىرى بىلەن قوشۇپ قوغلىۋەتتىڭ.
[24] ئى پەرۋەردىگار، سەن ئىسرائىللارنى مەڭگۈگە ئۆز خەلقىڭ قىلدىڭ ۋە ئۆزۈڭ ئۇلارنىڭ خۇداسى بولدۇڭ.
[25] ئى پەرۋەردىگار خۇدا، قۇلۇڭ ۋە قۇلۇڭنىڭ ئەۋلادلىرى توغرۇلۇق قىلغان سۆزلىرىڭدە مەڭگۈگە تۇرغايسەن، ۋەدىلىرىڭنى ئىشقا ئاشۇرغايسەن.
[26] شۇندا نامىڭ تائەبەدكە ئۇلۇغلىنىپ، ئىنسانلار: «ئىسرائىللارغا يېتەكچىلىك قىلغۇچى خۇدا، قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ئىكەن» دەپ بىلىدۇ، قۇلۇڭ داۋۇتنىڭ خانىدانلىقى ئەۋلادتىن-ئەۋلادقىچە سېنىڭ ھۇزۇرۇڭدا مۇستەھكەم تۇرىدۇ.
[27] ئەي قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا! سەن قۇلۇڭ داۋۇتنىڭ جەمەتىگە بىر خانىدانلىق تىكلەپ بېرىدىغانلىقىڭنى ئايان قىلغانىدىڭ، شۇ سەۋەبتىن مەن ساڭا شۇنداق دەپ دۇئا قىلىشقا جۈرئەت قىلدىم.
[28] ئى ئىگەم پەرۋەردىگار! سەن خۇدادۇرسەن. سېنىڭ سۆزلىرىڭ ئىشەنچلىكتۇر. سەن ماڭا مۇشۇنداق ياخشى ئىشلارنى ۋەدە قىلدىڭ.
[29] ئەمدى مەن ساڭا شۇنداق ئىلتىجا قىلاي، مېنىڭ خانىدانلىقىمنىڭ ھۇزۇرۇڭدا مەڭگۈ تۇرۇشى ئۈچۈن بەخت ئاتا قىلغايسەن. ئى پەرۋەردىگار! سەن شۇنى ۋەدە قىلغانسەن، سەن ئاتا قىلغان بەخت بىلەن قۇلۇڭنىڭ خانىدانلىقى مەڭگۈ بەختكە سازاۋەر بولىدۇ.