[1] ئەتىياز كېلىپ، پادىشاھلار جەڭگە چىقىدىغان چاغ بولدى. داۋۇت پۈتۈن ئىسرائىلىيە قوشۇنىنى يوئاب بىلەن لەشكەر باشلىرىنىڭ باشچىلىقىدا جەڭگە ئاتلاندۇردى. ئۇلار ئاممونلارنى يەڭدى ۋە رابباھنى قورشاۋغا ئېلىۋالدى. داۋۇت ئۆزى بولسا يېرۇسالېمدا قالدى.
[2] بىر كۈنى كەچقۇرۇن داۋۇت ئورنىدىن تۇرۇپ، ئوردىنىڭ ئۆگزىسىدە ئۇيان-بۇيان مېڭىپ يۈرگىنىدە، ناھايىتى چىرايلىق بىر ئايالنىڭ يۇيۇنۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قالدى.
[3] داۋۇت ئۇ ئايالنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلىپ كېلىشكە ئادەم ئەۋەتتى. ئۇ ئادەم قايتىپ كېلىپ: _ ئۇ ئەلىئامنىڭ قىزى، خىت خەلقىدىن بولغان ئۇرىيانىڭ خوتۇنى باتشەبا ئىكەن، _ دېدى.
[4] داۋۇت ئادەم ئەۋەتىپ، ئۇ ئايالنى ئەكەلدۈردى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولدى. (بۇ چاغدا ئۇ ئايال ھەيز كۆرۈپ يېڭىدىن ساقايغان بولۇپ، ئەمدىلا تازىلىنىپ بولغانىدى). كېيىن ئۇ ئايال ئۆيىگە قايتىپ كەتتى.
[5] ئايال ئۆزىنىڭ ھامىلىدار بولۇپ قالغانلىقىنى بىلىپ، بۇ ھەقتە داۋۇتقا خەۋەر ئەۋەتتى.
[6] داۋۇت يوئابقا ئادەم ئەۋەتىپ: «سەن خىت خەلقىدىن بولغان ئۇرىيانى مېنىڭ يېنىمغا ئەۋەتكىن» دېدى. يوئاب ئۇرىيانى داۋۇتنىڭ يېنىغا ئەۋەتتى.
[7] ئۇرىيا كەلگەندىن كېيىن، داۋۇت ئۇنىڭدىن يوئاب ۋە لەشكەرلەرنىڭ شۇنداقلا جەڭ مەيدانىنىڭ ئەھۋالىنى سورىدى.
[8] ئاندىن داۋۇت ئۇنىڭغا: _ ئۆيۈڭگە قايتىپ، دەم ئالغىن! _ دېدى. ئۇرىيا ئوردىدىن كەتكەندىن كېيىن، داۋۇت پادىشاھ ئۇنىڭ ئارقىسىدىن سوۋغاتلارنى ئەۋەتتى.
[9] ئۇرىيا بولسا ئۆزىنىڭ ئۆيىگە قايتماي، پادىشاھنىڭ خىزمەتكارلىرى بىلەن بىللە ئوردا دەرۋازىسىنىڭ يېنىدا قونۇپ قالدى.
[10] «ئۇرىيا ئۆيىگە قايتماپتۇ» دېگەن خەۋەر داۋۇتقا يەتكەندە، ئۇ ئۇرىيانى چاقىرتىپ، ئۇنىڭدىن: _ سەن سەپەردىن كېلىپ تۇرۇپ، نېمىشقا ئۆز ئۆيۈڭگە بارمىدىڭ؟ _ دەپ سورىدى.
[11] ئۇرىيا جاۋاب بېرىپ: _ ئىسرائىلىيە ۋە يەھۇدىيە لەشكەرلىرى چېدىرلاردا تۇرۇۋاتىدۇ، ئەھدە ساندۇقىمۇ ئۇلارنىڭ يېنىدا. خوجام يوئاب ۋە ئۇنىڭ سەركەردىلىرى دالادا يېتىۋاتسا، مەن قانداقمۇ ئۆيگە قايتىپ يەپ-ئىچىپ، خوتۇنۇم بىلەن بىللە ياتاي؟ مەن سىلىنىڭ ناملىرى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، مەن ھەرگىز ئۇنداق ئىشنى قىلمايمەن، _ دېدى.
[12] _ بۈگۈنمۇ مۇشۇ يەردە قال. مەن سېنى ئەتە ئۇرۇش مەيدانىغا يولغا سېلىپ قويىمەن، _ دېدى داۋۇت ئۇرىياغا. ئۇرىيا شۇ كۈنى يېرۇسالېمدا قالدى.
[13] ئەتىسى داۋۇت ئۇرىيانى ئۆزى بىلەن غىزالىنىشقا چاقىرتىپ، ئۇنى مەست قىلىپ قويدى. ۋاھالەنكى، كەچ بولغاندا ئۇرىيا ئۆز ئۆيىگە بېرىپ ياتماي، يەنىلا پادىشاھنىڭ خىزمەتكارلىرى ياتىدىغان جايدا ياتتى.
[14] ئەتىسى ئەتىگەندە داۋۇت يوئابقا بىر پارچە خەت يېزىپ، ئۇنى ئۇرىيا ئارقىلىق ئەۋەتتى.
[15] ئۇ خېتىدە: «ئۇرىيانى ئەڭ شىددەتلىك جەڭ بولىدىغان ئالدىنقى سەپكە ئەۋەت، ئۇنىڭ جەڭدە ئۆلۈپ كېتىشى ئۈچۈن، ئۇنى يالغۇز تاشلاپ، كەينىڭلارغا چېكىنىڭلار» دەپ يازغانىدى.
[16] يوئاب ئۇ چاغدا رابباھ شەھىرىنى مۇھاسىرىگە ئېلىۋاتاتتى. دۈشمەنلەر قەيەردە ئەڭ كۈچلۈك بولسا، ئۇ ئۇرىيانى شۇ يەرگە ئەۋەتتى.
[17] دۈشمەن لەشكەرلىرى شەھەردىن چىقىپ، يوئابنىڭ قوشۇنى بىلەن ئېلىشقاندا، داۋۇتنىڭ لەشكەرلىرىنىڭ بەزىلىرى يىقىلدى. خىت خەلقىدىن بولغان ئۇرىيامۇ ئۆلدى.
[18] شۇنىڭدىن كېيىن، يوئاب داۋۇتقا خەۋەرچى ئەۋەتىپ، ئۇنىڭغا جەڭ ئەھۋالىدىن مەلۇمات بەردى.
[19] يوئاب خەۋەرچىگە: _ سەن پادىشاھقا پۈتۈن جەڭ ئەھۋالىنى تولۇق يەتكۈزگىن.
[20] ئەگەر پادىشاھ ئاڭلاپ قاتتىق خاپا بولۇپ، سېنى: «سىلەر نېمىشقا شەھەرگە شۇنچە يېقىن بېرىپ جەڭ قىلدىڭلار، دۈشمەننىڭ سېپىلدىن ئوق ئاتىدىغانلىقىنى بىلمەمتىڭلار؟
[21] گىدئوننىڭ ئوغلى ئابىمەلەكنى كىمنىڭ ئۆلتۈرگەنلىكىنى بىلمەمسىلەر، ئۇنى تىبېزدا بىر ئايال سېپىلدىن يارغۇنچاقنىڭ تېشىنى تاشلاپ ئۆلتۈرمىگەنمىدى؟ شۇنداق ئىكەن سىلەر سېپىلغا نېمىشقا شۇنچە يېقىن باردىڭلار؟» دەپ ئەيىبلەپ كەتسە، سەن ئۇنىڭغا: «پادىشاھنىڭ خىزمەتكارى ئۇرىيامۇ ئۆلدى» دەپ جاۋاب بەرگىن، _ دېدى.
[22] خەۋەرچى داۋۇت پادىشاھنىڭ يېنىغا باردى ۋە يوئاب تاپىلىغان سۆزلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۇنىڭغا ئېيتتى.
[23] خەۋەرچى داۋۇت پادىشاھقا: _ دۈشمىنىمىز بىزدىن كۈچلۈك كەلدى. ئۇلار شەھەردىن چىقىپ، دالادا بىز بىلەن جەڭ قىلدى. بىراق بىز ئۇلارنى شەھەر دەرۋازىسىغىچە قوغلاپ باردۇق.
[24] شۇ پەيتتە دۈشمەننىڭ ئوقياچىلىرى سېپىلدا تۇرۇپ، پادىشاھى ئالەمنىڭ لەشكەرلىرىنى ئوقياغا تۇتۇشتى. سىلىنىڭ لەشكەرلىرىدىن بەزىلىرى ئۆلدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە خىت خەلقىدىن بولغان خىزمەتكارلىرى ئۇرىيامۇ بار، _ دېدى.
[25] داۋۇت خەۋەرچىگە: _ سەن بېرىپ يوئابنى رىغبەتلەندۈرۈپ، ئۇنىڭغا: «بۇ ئىش سەۋەبىدىن كۆڭلۈڭنى يېرىم قىلما، جەڭ قۇربانسىز بولمايدۇ. ئەمدى شەھەرگە بولغان ھۇجۇمنى كۈچەيتىپ، شەھەرنى ئىشغال قىل» دېگىن، _ دېدى.
[26] ئۇرىيانىڭ ئايالى ئېرىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئاڭلاپ، ھازا تۇتتى.
[27] ھازا مۇددىتى توشۇشى بىلەن داۋۇت ئادەم ئەۋەتىپ، ئۇنى ئوردىغا ئەكەلدۈرۈۋالدى. ئۇ داۋۇتقا خوتۇن بولۇپ، بىر ئوغۇل تۇغۇپ بەردى. لېكىن داۋۇتنىڭ بۇ قىلغانلىرى پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىللىك ئىدى.