[1] ئىسرائىللارغا پەرۋەردىگارنىڭ يەنە غەزىپى كەلدى-دە، داۋۇت پادىشاھنى ئىسرائىللارغا قارشى قويۇپ، ئۇنىڭغا: «سەن بېرىپ، ئىسرائىلىيە ۋە يەھۇدىيەنىڭ جەڭ قىلىشقا قادىر ئادەملىرىنى ساناپ چىق!» دېدى.
[2] شۇنىڭ بىلەن داۋۇت ئۆز قوشۇنىنىڭ باش سەركەردىسى يوئابقا بۇيرۇق قىلىپ: _ سىلەر ئىسرائىلىيەنىڭ ھەرقايسى قەبىلىلىرىنى داندىن تاكى بەئەرشەباغىچە ئارىلاپ، جەڭ قىلىشقا قادىر ئادەملەرنى ساناپ چىقىڭلار، مەن ئۇلارنىڭ سانىنى بىلىشىم كېرەك، _ دېدى.
[3] ۋاھالەنكى، يوئاب پادىشاھتىن: _ پەرۋەردىگار خۇدالىرى لەشكەرلەرنىڭ ھازىرقى سانىنى يۈز ھەسسە ئاشۇرغاي. پادىشاھ ئالىيلىرىغا ئۇلارنى ئۆز كۆزلىرى بىلەن كۆرۈش نېسىپ بولغاي. پادىشاھ ئالىيلىرى، نېمە سەۋەبتىن بۇنداق قىلىشنى ئىستەپ قالدىلا؟ _ دەپ سورىدى.
[4] لېكىن پادىشاھنىڭ سۆزى يوئاب ۋە سەركەردىلەرنىڭ سۆزىدىن ئۈستۈن كەلدى. شۇنداق قىلىپ ئۇلار پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىدىن چىقىپ، ئىسرائىللارنىڭ لەشكەرلىرىنى ساناشقا يۈرۈپ كەتتى.
[5] ئۇلار ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ، دەريا ۋادىسىدىكى ئاروئېر شەھىرىدە ۋە ۋادىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى باشقا بىر شەھەردە لەشكەرلەرنى ساناشقا كىرىشتى. كېيىن ئۇلار گاد زېمىنىنى بېسىپ ئۆتۈپ، ئۇ يەردىن يازېر شەھىرىگىچە باردى.
[6] كېيىن ئۇلار يەنە گىلئادقا ۋە خىتلارنىڭ زېمىنىدىكى كادېش شەھىرىگە باردى. ئۇلار ئۇ يەردىن دان-يائانغا بېرىپ، سىدوننى ئايلىنىپ ئۆتۈپ،
[7] تىر قەلئەسىگە، كېيىن يەنە خىۋلار ۋە كەنئانلىقلارنىڭ ھەممە شەھەرلىرىگە باردى. ئاخىرىدا ئۇلار يەھۇدىيەنىڭ ئەڭ جەنۇبىدىكى بەئەرشەباغا يېتىپ باردى.
[8] ئۇلار پۈتۈن زېمىننى ئايلىنىپ چىقىپ، توققۇز ئاي يىگىرمە كۈن بولغاندا يېرۇسالېمغا قايتىپ كەلدى.
[9] يوئاب لەشكەرلەرنى تىزىملاش ئەھۋالىدىن پادىشاھقا مەلۇمات بېرىپ، مۇنداق دېدى: ئىسرائىلىيەدە جەڭ قىلىشقا قادىر سەككىز يۇز مىڭ ئادەم، يەھۇدىيەدە بەش يۈز مىڭ ئادەم بار ئىكەن.
[10] داۋۇت لەشكەرلەرنىڭ سانىنى ئېلىپ بولغاندىن كېيىن، ۋىجدانى قاتتىق ئازابلاندى. ئۇ پەرۋەردىگارغا: _ لەشكەرلەرنىڭ سانىنى ئېلىپ ئېغىر گۇناھ ئۆتكۈزۈپتىمەن. ئاھ پەرۋەردىگار! قۇلۇڭنىڭ گۇناھىدىن كەچكەيسەن، مەن تولىمۇ ئەخمىقانە ئىش قىلىپتىمەن! _ دېدى.
[11] ئەتىسى داۋۇت ئورنىدىن تۇرغاندا، داۋۇتنىڭ خىزمىتىدە بولۇۋاتقان غايىبنى بىلگۈچى گادقا پەرۋەردىگاردىن ۋەھىي كېلىپ، مۇنداق دېدى: «سەن بېرىپ داۋۇتقا ئېيتقىن، مەنكى پەرۋەردىگار، سېنىڭ ئالدىڭغا ئۈچ تۈرلۈك جازانى قويىمەن، ئۇلارنىڭ ئىچىدىن بىرنى تاللىۋال، تاللىغان شۇ جازايىڭنى مەن ساڭا چۈشۈرىمەن.»
[13] شۇنىڭ بىلەن گاد، داۋۇتنىڭ ھۇزۇرىغا بېرىپ، مۇنداق دېدى: _ زېمىنلىرىدا يەتتە يىل ئاچارچىلىق بولسۇنمۇ؟ ياكى دۈشمەنلىرىنىڭ ئالدىدا ئۈچ ئاي قېچىپ يۈرەملا؟ ياكى بولمىسا زېمىنلىرىدا ئۈچ كۈن ۋابا تارقالسۇنمۇ؟ بۇلارنى ياخشىراق ئويلاپ كۆرسىلە، مېنى ئەۋەتكۈچىگە قايسى جاۋابنى بېرىشىم كېرەك.
[14] داۋۇت گادقا مۇنداق دېدى: _ مەن ئېغىر ئەھۋالدا قالدىم. نېمىلا بولمىسۇن ئىنسانلارنىڭ قولىغا ئەمەس، بەلكى پەرۋەردىگارنىڭ قولىغا چۈشەيلى. چۈنكى ئۇ مېھىر-شەپقەتلىكتۇر.
[15] شۇنداق قىلىپ، پەرۋەردىگار ئىسرائىلىيەگە شۇ كۈنى سەھەردىن باشلاپ بەلگىلەنگەن ۋاقىتقىچە ۋابا تارقاتتى. داندىن بەئەرشەباغىچە بولغان زېمىندا 70 مىڭ ئادەم ئۆلدى.
[16] پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى يېرۇسالېمنى ۋەيران قىلىشقا قول كۆتۈرگەندە، پەرۋەردىگار ئۇلارنى جازالاش نىيىتىدىن ياندى ۋە ۋەيران قىلغۇچى پەرىشتىگە: _ يېتەر ئەمدى، قولۇڭنى تارت! _ دېدى. ئۇ چاغدا پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى يىبۇسلاردىن بولغان ئاراۋنانىڭ خامىنىدا تۇراتتى.
[17] داۋۇت خەلقنى قىرغان پەرىشتىنى كۆرۈپ، پەرۋەردىگارغا: _ گۇناھ قىلغان مەن، رەزىللىك قىلغان مەن، قويدەك بىگۇناھ بۇ خەلق نېمە گۇناھ قىلدى؟ مېنى ۋە ئاتا جەمەتىمنى جازالىغايسەن! _ دېدى.
[18] غايىبنى بىلگۈچى گاد شۇ كۈنى داۋۇت پادىشاھنىڭ يېنىغا كېلىپ ئۇنىڭغا: _ سىز يىبۇسلاردىن بولغان ئاراۋنانىڭ خامىنىغا بېرىپ، ئۇ يەردە پەرۋەردىگارغا ئاتاپ بىر قۇربانلىق سۇپىسى سېلىڭ، _ دېدى.
[19] داۋۇت پەرۋەردىگارنىڭ گاد ئارقىلىق قىلغان ئەمرى بويىچە دەل شۇ يەرگە باردى.
[20] ئاراۋنا داۋۇت پادىشاھ ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرىنىڭ ئۆزى تەرەپكە كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ ئالدىغا چىقىپ، يەرگە باش قويۇپ، پادىشاھقا تەزىم قىلدى ۋە:
[21] _ ئى پادىشاھ ئالىيلىرى، قانداقلارچە پېقىرلىرىنىڭكىگە قەدەم تەشرىپ قىلىپ قالدىلىكىن؟ _ دەپ سورىدى، داۋۇت پادىشاھ: _ خەلق ئىچىگە تارقالغان ۋابانى يوقىتىش ئۈچۈن سېنىڭ مۇشۇ خامىنىڭنى سېتىۋېلىپ، پەرۋەردىگارغا ئاتاپ بۇ يەرگە بىر قۇربانلىق سۇپىسى سالاي دەيمەن، _ دەپ جاۋاب بەردى.
[22] _ پادىشاھ ئالىيلىرى، ئېلىۋەرسىلە! نېمىنى خالىسىلىرى شۇنى قۇربانلىق قىلغايلا. مانا، بۇ يەردە كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن ئۆكۈزلىرىمنى، ئوتۇن ئۈچۈن خامان تېپىدىغان ياغاچ تاختامنى ۋە ئۆكۈزلەرنىڭ بويۇنتۇرۇقلىرى تۇرۇپتۇ.
[23] پادىشاھ ئالىيلىرى، بۇلارنىڭ ھەممىسىنى پېقىر، ئۆزلىرىگە ئىنئام قىلاي، پەرۋەردىگار ئۆزلىرىدىن رازى بولسۇن، _ دېدى ئاراۋنا.
[24] _ ياق! مەن بۇلارنى ئۆز باھاسىدا سېتىۋالىمەن، بىكارغا كەلگەن نەرسىلەرنى پەرۋەردىگار خۇدايىمغا كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلمايمەن، _ دېدى پادىشاھ ئاراۋناغا. شۇنىڭ بىلەن داۋۇت خامان ۋە ئۆكۈزلەرنى 50 كۈمۈش تەڭگىگە سېتىۋالدى.
[25] داۋۇت شۇ يەردە پەرۋەردىگارغا ئاتاپ بىر قۇربانلىق سۇپىسى سېلىپ، كۆيدۈرمە ۋە ئامانلىق قۇربانلىقلىرىنى سۇندى. پەرۋەردىگار ئىسرائىلىيە زېمىنى ئۈچۈن قىلىنغان دۇئالارنى قوبۇل قىلدى، شۇنداق قىلىپ ۋابا ئىسرائىللار ئارىسىدىن يوقالدى.