Skip to content
Opens in a new window

[1] يىشاينىڭ ئوغلى داۋۇتنى خۇدا يۈكسەك قىلغاندۇر، ياقۇپ ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا ئۇنى تاللاپ پادىشاھ قىلغاندۇر. ئۇ ئىسرائىلىيەنىڭ سۆيۈملۈك مۇناجاتچىسىدۇر. داۋۇتنىڭ ئاخىرقى سۆزلىرى مۇنۇلاردىن ئىبارەت:

[2] پەرۋەردىگارنىڭ روھى مەن ئارقىلىق سۆزلىدى، مېنىڭ تىلىمدىدۇر ئۇنىڭ سۆزلىرى.

[3] ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا سۆزلىدى، يەنى ئىسرائىللارنى قوغداپ كەلگەن قورام تاش ماڭا شۇنداق دەيدۇكى: «خەلقنى ئادالەت بىلەن باشقۇرغۇچى، خۇدادىن ئەيمىنىپ ھۆكۈم سۈرگۈچى،

[4] ئوخشار خۇددى بۇلۇتسىز سەھەردىكى يېڭى كۆتۈرۈلگەن قۇياشقا، ئوخشار خۇددى يامغۇردىن كېيىن ئوت-چۆپلەرنى پارقىراتقان قۇياشقا.»

[5] مېنىڭ جەمەتىم خۇدا ئالدىدا ئەنە شۇنداق ئەمەسمۇ؟ مەن بىلەن خۇدا مەڭگۈلۈك ئەھدە تۈزمىگەنمۇ؟ بۇ ئەھدە تولۇق رەتلەنگەن بولۇپ، ئىشەنچلىكتۇر. ئۇ مېنى ئازاد قىلار، ئارزۇ-ئارمانلىرىمغا يەتكۈزەر.

[6] ئوخشار ئوسال ئادەملەر تاشلىۋېتىلگەن تىكەنگە، تۇتقىلى بولماس ئۇلارنى قولدا.

[7] تىكەنلەرنى تۇتۇشتا، تۆمۈر ئەسۋاب ياكى نەيزىنىڭ سېپى ئىشلىتىلەر، ۋە ئۇلار ياتقان يېرىدە كۆيدۈرۈلۈپ، كۈلى كۆككە سورۇلار.

[8] داۋۇتنىڭ لەشكەرلىرى ئىچىدىكى باھادىرلارنىڭ ئىسىملىرى تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت: بىرىنچىسى تاخكىمونلۇق يوشىب-باسشەبەت بولۇپ، ئۇ «ئۈچ باھادىر» نىڭ بېشى ئىدى. بىر قېتىملىق جەڭدە نەيزىسى بىلەن سەككىز يۈز ئادەمنى ئۆلتۈرىدۇ.

[9] «ئۈچ باھادىر» نىڭ ئىككىنچىسى ئاخوۋا ئۇرۇقىدىن بولغان دودونىڭ ئوغلى ئەلئازار ئىدى. ئۇ ئۇرۇشۇشقا يىغىلغان فىلىستىيەلىكلەرگە قارشى تۇرۇشتا داۋۇت بىلەن بىرگە بولغان بولۇپ، كېيىن ئىسرائىل لەشكەرلىرى چېكىنىپ كېتىدۇ.

[10] ئەلئازار ئۆز ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، قوللىرىنىڭ پەيلىرى تارتىشىپ كەتكۈچە فىلىستىيەلىكلەرنى قىرىدۇ. شۇ كۈنى پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا زور غەلىبە ئاتا قىلىدۇ. كېيىن ئىسرائىل لەشكەرلىرى ئۆلگەن فىلىستىيەلىكلەرنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىش ئۈچۈن يەنە قايتىپ كېلىدۇ.

[11] «ئۈچ باھادىر» نىڭ ئۈچىنچىسى ھارارلىق ئاگېنىڭ ئوغلى شامماھ ئىدى. بىر قېتىم فىلىستىيەلىكلەر لەخى دېگەن جايدا بىر پۇرچاق ئېتىزلىقىنىڭ يېنىغا يىغىلىدۇ، ئىسرائىل لەشكەرلىرى بۇ چاغدا قېچىپ كېتىدۇ.

[12] شامماھ ھېلىقى ئېتىزلىقنىڭ ئوتتۇرىسىدا چىڭ تۇرۇپ، فىلىستىيەلىكلەرنى قىرىۋېتىدۇ ۋە ئېتىزلىقنىمۇ قوغداپ قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار ئىسرائىللارغا زور غەلىبە ئاتا قىلىدۇ.

[13] بىر قېتىم ئورما ۋاقتىدا، داۋۇتنىڭ لەشكەرلىرى ئارىسىدا «ئوتتۇز باھادىر» دەپ ئاتالغان باھادىرلاردىن «ئۈچ باھادىر» داۋۇت بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن «ئادۇللام» دېگەن غارغا بارىدۇ. داۋۇت تاغدىكى شۇ غاردا پاناھلىنىۋاتقانىدى. بۇ چاغدا فىلىستىيەلىك لەشكەرلەرنىڭ بىر قاراۋۇل ئەترىتى رافائىم جىلغىسىدا بارگاھ قۇرىدۇ، يەنە بىر قىسىم فىلىستىيەلىكلەر بولسا بەيتلەھەمنى ئىگىلىۋالىدۇ.

[15] داۋۇت تەشنالىق بىلەن: _ بىرەرسى ماڭا بەيتلەھەمنىڭ دەرۋازىسى يېنىدىكى قۇدۇقتىن سۇ ئەكېلىپ بەرگەن بولسا ئىدى! _ دەيدۇ.

[16] ھېلىقى «ئۈچ باھادىر» فىلىستىيەلىكلەرنىڭ بارگاھىدىن بۆسۈپ ئۆتۈپ، بەيتلەھەمنىڭ دەرۋازىسى يېنىدىكى قۇدۇقتىن سۇ تارتىپ ئېلىپ، سۇنى داۋۇتقا ئەكېلىپ بېرىدۇ. لېكىن داۋۇت سۇنى ئىچىشنى خالىماي، ئۇنى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ يەرگە تۆكۈۋېتىدۇ، ھەمدە:

[17] _ ئى پەرۋەردىگار، مېنى بۇ سۇنى ئىچىشتىن ساقلىغايسەن. بۇ سۇ، ھاياتىنى ئۆلۈمگە تىكىپ قويۇپ، سۇ ئالغىلى بارغان «ئۈچ باھادىر» نىڭ قېنىدەك قىممەتلىك ئەمەسمۇ؟ _ دەيدۇ ۋە شۇ سەۋەبلىك سۇنى ئىچىشتىن باش تارتىدۇ. مانا بۇ «ئۈچ باھادىر» نىڭ كۆرسەتكەن جەسۇرلۇقلىرىدۇر.

[18] مەزلۇم زىرۇيانىڭ ئوغلى، يوئابنىڭ ئاكىسى ئابىشاي «ئوتتۇز باھادىر» نىڭ بېشى ئىدى. ئۇ نەيزىسىنى كۆتۈرۈپ يۈرۈپ بىر قېتىملىق ئۇرۇشتا ئۈچ يۈز ئادەمنى ئۆلتۈرىدۇ ۋە «ئۈچ باھادىر» دەك شۆھرەتكە ئېرىشىدۇ.

[19] ئۇ «ئوتتۇز باھادىر» نىڭ ئىچىدىكى ئەڭ داڭلىقى بولۇپ، ئۇلارنىڭ بېشى ئىدى. بىراق ئۇ «ئۈچ باھادىر» نىڭ ئىچىدە ئەمەس ئىدى.

[20] يىھويادانىڭ ئوغلى قابزىئېللىق بىنايا جەسۇر جەڭچى بولۇپ، نۇرغۇن چوڭ ئىشلارنى قىلىدۇ. ئۇ موئابلارنىڭ كۈچلۈك لەشكىرىدىن ئىككىنى ئۆلتۈرىدۇ. قار ياغقان بىر كۈنى ئۇ ئورىغا چۈشۈپ، بىر شىرنى ئۆلتۈرىدۇ.

[21] ئۇ يەنە بەستى كېلىشكەن بىر مىسىرلىقنى ئۆلتۈرىدۇ. ئۇ مىسىرلىقنىڭ قولىدا بىر نەيزە بار ئىدى. بىنايا مىسىرلىقنىڭ يېنىغا كالتەك بىلەنلا ھۇجۇم قىلىپ بېرىپ، ئۇنىڭ قولىدىكى نەيزىسىنى تارتىۋېلىپ، ئاشۇ نەيزە بىلەن ئۇنى ئۆلتۈرىدۇ.

[22] بۇلار يىھويادانىڭ ئوغلى بىنايانىڭ قىلغان ئىشلىرىدۇر. شۇڭا ئۇمۇ «ئۈچ باھادىر» دەك شۆھرەتكە ئېرىشىدۇ.

[23] ئۇنىڭ داڭقى «ئوتتۇز باھادىر» نىڭكىدىن ئۈستۈن بولسىمۇ، بىراق «ئۈچ باھادىر» نىڭ ئىچىدە ئەمەس ئىدى. داۋۇت بىنايانى ياساۋۇللار باشلىقى قىلىدۇ.

[24] تۆۋەندىكىلەرمۇ «ئوتتۇز باھادىر» لاردىن ئىدى: يوئابنىڭ ئىنىسى ئاسائېل، دودونىڭ ئوغلى بەيتلەھەملىك ئەلخانان،

[25] خارودلۇق شامماھ، خارودلۇق ئەلىقا،

[26] پالاتلىق خەلەز، ئىققېشنىڭ ئوغلى تىقوۋالىق ئىرا،

[27] ئاناتوتلۇق ئابىئەزەر، خۇشاھلىق مىبۇنناي،

[28] ئاخوۋاخلىق زالمون، نىتوفالىق ماھراي،

[29] نىتوفالىق بائانانىڭ ئوغلى خېلەب، بىنيامىن قەبىلىسىدىن بولغان گىبئاھلىق رىباينىڭ ئوغلى ئىتاي،

[30] پىرئاتونلۇق بىنايا، گائاش سايلىقىدىن كەلگەن ھىدداي،

[31] ئارابالىق ئابى-ئالبون، باخۇرىملىق ئازماۋەت،

[32] شائالبىملىق ئەلياخبا، ياشېننىڭ ئوغۇللىرى ۋە يوناتان،

[33] ھارارلىق شامماھ، شارارنىڭ ئوغلى ھارارلىق ئاخىئام،

[34] مائاكالىق ئاخاسبانىڭ ئوغلى ئەلىفەلەت، جىلولۇق ئاخىتوفەلنىڭ ئوغلى ئەلىئام،

[35] كارمەللىك خەزرو، ئاربىلىق پائاراي،

[36] زوباھلىق ناتاننىڭ ئوغلى يىگال، گادلىق بانى،

[37] ئاممونلاردىن بولغان زەلەق، بەئەروتلۇق ناخراي (ناخراي زىرۇيانىڭ ئوغلى يوئابنىڭ ياراغ كۆتۈرگۈچىسى ئىدى)،

[38] يىترىلاردىن بولغان ئىرا بىلەن گارېب

[39] ۋە خىتلاردىن بولغان ئۇرىيا. ئۇلار ھەممىسى بولۇپ ئوتتۇز يەتتە كىشى ئىدى.

سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم — Chapters