Skip to content
Opens in a new window

[1] ئارىدىن بىرقانچە ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، ئاممونلارنىڭ پادىشاھى ناخاش ۋاپات بولدى. ئۇنىڭ پادىشاھلىق ئورنىغا ئوغلى خانۇن چىقتى.

[2] داۋۇت: «خانۇننىڭ ئاتىسى ناخاش ماڭا مېھىر-شەپقەت كۆرسەتكەنلىكى ئۈچۈن، مەن ئۇنىڭ ئوغلى خانۇنغا مېھىر-شەپقەت كۆرسىتىمەن» دەپ ئويلىدى. داۋۇت ئۇنىڭغا تەسەللى بېرىش ئۈچۈن ئەلچىلىرىنى ئەۋەتتى. ئەلچىلەر ئاممونلارنىڭ زېمىنىغا كىرگەندە،

[3] ئاممونلارنىڭ ئەمەلدارلىرى خوجىسى خانۇنغا: _ داۋۇت بۇ يەرگە ھال سورىغىلى ئادەم ئەۋەتىپتۇ. سىلىچە ئۇ ئاتىلىرىنىڭ ھۆرمىتىنى قىلىۋاتقانمىدۇ؟ ئۇنىڭ ئەلچىلىرىنىڭ بۇ يەرگە كېلىشتىكى مەقسىتى بۇ شەھەرنى تەكشۈرۈپ، پايلاپ چىقىپ، ئاندىن كېيىن شەھەرنى ئىشغال قىلىش، دەپ ئويلىماملا؟ _ دېيىشتى.

[4] شۇنىڭدىن كېيىن خانۇن داۋۇتنىڭ ئەلچىلىرىنى تۇتۇۋېلىپ، ئۇلارنىڭ يۈزلىرىنىڭ بىر تەرىپىدىكى ساقال-بۇرۇتلىرىنى چۈشۈرۈۋەتتى. يەنە ئۇلارنىڭ تونلىرىنىڭ ئاستى تەرىپىدىن يانپاشلىرىغىچە بولغان قىسمىنى كېسىۋېتىپ، ئاندىن ئۇلارنى قوغلىۋەتتى.

[5] داۋۇت ئەلچىلەرنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، ئۇلارنى كۈتۈۋېلىشقا ئالدىغا ئادەم ئەۋەتتى. ئەلچىلەر تولىمۇ ئىزا-ئاھانەتتە قالغانىدى. پادىشاھ ئەلچىلىرىگە: «سىلەر ئېرىخا شەھىرىدە تۇرۇپ، ساقال-بۇرۇتۇڭلار ئۆسكەندىن كېيىن قايتىپ كېلىڭلار» دەپ سۆز ئەۋەتتى.

[6] ئاممونلار ئۆزلىرىنىڭ داۋۇتنى رەنجىتىپ قويغانلىقىنى بىلىپ، بەيت-رىخوب ۋە زوباھتىكى سۈرىيەلىكلەردىن 20 مىڭ پىيادە لەشكەر، مائاكا پادىشاھىدىن بىر مىڭ لەشكەر، توبلۇقلاردىن 12 مىڭ لەشكەر ياللاپ ئالدى.

[7] داۋۇت بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ، ئىسرائىلىيەنىڭ پۈتۈن قوشۇنىنى يوئابنىڭ باشچىلىقىدا ئۇلار بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا چىقاردى.

[8] ئاممونلار پايتەخت رابباھ شەھىرىدىن چىقىپ، شەھەر دەرۋازىسىنىڭ ئالدىدا سەپ تۈزۈپ تۇردى، زوباھ ۋە رىخوبتىكى سۈرىيەلىكلەر، توبلۇقلار ۋە مائاكانىڭ ئادەملىرى بولسا دالادا ئايرىم بىر قوشۇن بولۇپ تۇردى.

[9] يوئاب ئۆزىنىڭ ئالدى-كەينىدىن ھۇجۇمغا ئۇچرايدىغانلىقىنى كۆرۈپ، ئىسرائىلىيەنىڭ بىر قىسىم خىل لەشكەرلىرىنى تاللاپ، ئۇلارنى سۈرىيەلىكلەرگە قارشى سەپكە تۇرغۇزدى.

[10] قالغان ئادەملىرىنى بولسا ئاكىسى ئابىشاينىڭ باشقۇرۇشىغا قويدى. ئابىشاي ئۇلارنى ئاممونلارغا قارشى جەڭگە تەييار قىلدى.

[11] يوئاب ئابىشايغا: _ مۇبادا سۈرىيەلىكلەر مەندىن كۈچلۈك چىقسا، سەن ماڭا ياردەمگە كەل. مۇبادا ئاممونلار سەندىن كۈچلۈك چىقسا، مەن ساڭا ياردەمگە باراي.

[12] جاسارەتلىك بول، خەلقىمىز ۋە خۇدايىمىزنىڭ شەھەرلىرى ئۈچۈن جان تىكىپ ئۇرۇش قىلايلى! پەرۋەردىگارنىڭ ئىرادىسى ئەمەلگە ئاشقاي، _ دېدى.

[13] يوئاب ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى ئىلگىرىلەپ بېرىپ، سۈرىيەلىكلەرگە ھۇجۇمغا ئۆتۈشكە تەييار بولدى؛ سۈرىيەلىكلەر ئۇلارنىڭ ئالدىدا قاچتى.

[14] سۈرىيەلىكلەرنىڭ قاچقانلىقىنى كۆرگەن ئاممونلارمۇ ئابىشايدىن قېچىپ، شەھەرگە قايتىپ كىرىۋالدى. شۇنىڭدىن كېيىن يوئاب ئاممونلار بىلەن جەڭ قىلماي، يېرۇسالېمغا قايتىپ كەتتى.

[15] ئىسرائىللاردىن يېڭىلگەنلىكىنى بىلگەن سۈرىيەلىكلەر يەنە قوشۇنلىرىنى يىغىشتى.

[16] پادىشاھ ھادادئەزەر فىرات دەرياسىنىڭ ئۇ تەرىپىدىكى سۈرىيەلىكلەرگە ئادەم ئەۋەتىپ، ئۇلارنى يۆتكەپ كەلدى. ئۇلار ھادادئەزەر قوشۇنىنىڭ باش سەركەردىسى شوباكنىڭ رەھبەرلىكىدە خېلام شەھىرىگە ئۇرۇشقا كەلدى.

[17] بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان داۋۇت ئىسرائىلىيەدىكى لەشكەرلەرنىڭ ھەممىسىنى يىغىپ، ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ، خېلامغا كەلدى. ئۇ يەردە سۈرىيەلىكلەر سەپ تۈزۈپ داۋۇتقا قارشى جەڭگە ئاتلاندى،

[18] ۋاھالەنكى، سۈرىيەلىكلەر ئىسرائىللارنىڭ ئالدىدىن يەنە قاچتى. داۋۇت سۈرىيەلىكلەرنىڭ جەڭ ھارۋىسى ھەيدەيدىغان 7 يۈز لەشكىرىنى ۋە 40 مىڭ ئاتلىق لەشكىرىنى ئۆلتۈردى. داۋۇت يەنە سۈرىيەلىكلەرنىڭ قوشۇنىنىڭ باش سەركەردىسى شوباكنى يارىلاندۇردى. ئۇ شۇ يەردە ئۆلدى.

[19] ھادادئەزەرگە تەۋە پادىشاھلارنىڭ ھەممىسى ئۆزلىرىنىڭ ئىسرائىللاردىن مەغلۇپ بولغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇلار بىلەن سۈلھى تۈزۈشۈپ، ئىسرائىللارغا ئەل بولدى. شۇنىڭدىن كېيىن سۈرىيەلىكلەر ئاممونلارغا ياردەم بېرىشتىن قورقۇپ قالدى.

سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم — Chapters