[1] داۋۇت تاغ چوققىسىدىن ئېشىپ، ئەمدىلا چۈشۈۋاتقاندا، مىفىبوشەتنىڭ خىزمەتكارى زىبا دېگەن ئادەمنى ئۇچراتتى؛ زىبانىڭ يېنىدا ئېگەرلەنگەن ئىككى ئېشىكى بار بولۇپ، ئېشەكلەرگە ئىككى يۈز نان، يۈز ئوچۇم كىشمىش، يۈز ئوچۇم يازلىق مېۋىلەر ۋە بىر تۇلۇم شاراب ئارتىلغانىدى.
[2] پادىشاھ زىبادىن: _ سەن بۇ نەرسىلەرنى نېمىگە ئېلىپ كەلدىڭ؟ _ دەپ سورىدى. _ ئېشەكلەرنى پادىشاھىمنىڭ ئائىلە ئەزالىرىنىڭ مىنىشىگە، نان ۋە يازلىق مېۋىلەرنى ياشلارنىڭ يېيىشىگە، شارابنى چۆلدە ھېرىپ قالغانلارنىڭ ئىچىشىگە ئېلىپ كەلدىم، _ دەپ جاۋاب بەردى زىبا.
[3] _ خوجايىنىڭ سائۇلنىڭ نەۋرىسى مىفىبوشەت قەيەردە؟ _ دەپ سورىدى پادىشاھ يەنە ئۇنىڭدىن. _ مىفىبوشەت: «بۈگۈن ئىسرائىل خەلقى ماڭا بوۋام سائۇلنىڭ پادىشاھلىقىنى قايتا تىكلەپ بېرىدۇ» دەپ يېرۇسالېمدا قالدى، _ دەپ جاۋاب بەردى ئۇ.
[4] _ مىفىبوشەتكە تەۋە بولغان ھەممە نەرسە ئەمدى ساڭا تەۋەدۇر، _ دېدى پادىشاھ. _ پادىشاھ ئالىيلىرىنىڭ ئالدىدا باش ئېگىپ قۇللىرى بولاي، ئىلتىپاتلىرىغا سازاۋەر بولغايمەن! _ دەپ جاۋاب قايتۇردى زىبا.
[5] داۋۇت باخۇرىم شەھىرىگە يېتىپ كەلگەندە، سائۇل جەمەتىدىن بىر ئادەم ئۇنىڭ ئالدىغا چىقىپ كەلدى. ئۇ گېرانىڭ ئوغلى بولۇپ، ئىسمى شىمئى ئىدى. ئۇ داۋۇتنىڭ يېنىغا كېلىۋېتىپ ئۇنى قارغىدى.
[6] ئۇ داۋۇت پادىشاھ ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئادەملىرىگە ھەمدە مەخسۇس تەربىيەلەنگەن لەشكەرلىرىگە قارىتىپ تاش ئاتتى.
[7] _ ئەي قانخور، ئەي رەزىل ئىنسان، يوقال! يوقال بۇ يەردىن! _ دەپ ئۇنى ھاقارەتلەپ توۋلىدى شىمئى،
[8] _ سائۇل جەمەتىنىڭ قېنىنى تۆككەنلىكىڭ ئۈچۈن مانا پەرۋەردىگار سېنى جازالاۋاتىدۇ. سەن سائۇلنىڭ پادىشاھلىق تەختىنى تارتىۋالغانىدىڭ، پەرۋەردىگار ئەمدى ئۇنى ئوغلۇڭ ئابسالومغا ئېلىپ بەردى. مانا ئەمدى قىلغانلىرىڭ ئۆزۈڭگە قايتتى، ئەي قانخور!
[9] زىرۇيانىڭ ئوغلى ئابىشاي پادىشاھقا: _ نېمىشقا بۇ ئۆلۈك ئىتقا پادىشاھى ئالەمنى ھاقارەتلەتكۈزىمىز؟ مەن بېرىپ ئۇ بىر نېمىنىڭ كاللىسىنى ئۈزۈۋېتەي، _ دېدى.
[10] _ ھەي زىرۇيانىڭ ئوغۇللىرى، _ دېدى داۋۇت ئابىشاي ۋە يوئابقا، _ سىلەرنىڭ بۇ ئىش بىلەن نېمە مۇناسىۋىتىڭلار بار؟ ئەگەر پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: «سەن بېرىپ داۋۇتنى قارغا» دېگەنلىكى ئۈچۈن ئۇ مېنى قارغىغان بولسا، كىممۇ ئۇنىڭغا: «سەن نېمىشقا بۇنداق قىلىسەن؟» دېيەلىسۇن؟
[11] ئاندىن داۋۇت ئابىشاي ۋە ئۆزىنىڭ بارلىق ئادەملىرىگە: _ قاراڭلار، ئۆزۈمنىڭ پۇشتىدىن بولغان ئوغلۇم جېنىمنى ئالماقچى بولۇۋاتقان يەردە، بىنيامىن قەبىلىسىدىن بولغان بۇ ئادەم نېمە قىلمايدۇ؟ پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا شۇنداق قىلىشنى بۇيرۇغان، مەيلىگە قويۇۋېتىڭلار، قارغاۋەرسۇن!
[12] پەرۋەردىگار مۈشكۈللۈكتە قالغانلىقىمنى كۆرۈپ، بۈگۈن بۇ ئادەمنىڭ قارغاشلىرى ئورنىغا ماڭا شەپقەت كۆرسىتىپمۇ قالار، _ دېدى.
[13] شۇنىڭدىن كېيىن داۋۇت ئادەملىرى بىلەن يولىنى داۋاملاشتۇردى. شىمئى تاغ باغرىنى بويلاپ داۋۇت بىلەن قاتار ماڭغاچ، ئۇنى قارغاپ، ئۇنىڭغا تاش ئېتىپ، توپا چېچىپ ماڭدى.
[14] پادىشاھ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بارىدىغان مەنزىلىگە يېتىپ كەلگەندە، ھارغانلىقلىرىنى ھېس قىلىشتى-دە، شۇ يەردە ئارام ئېلىشتى.
[15] شۇ پەيتتە ئابسالوم ۋە ئۇنىڭغا ئەگەشكەن پۈتۈن ئىسرائىللار يېرۇسالېمغا كىرىپ بولغانىدى. ئاخىتوفەلمۇ ئابسالوم بىلەن بىللە ئىدى.
[16] داۋۇتنىڭ دوستى ئاركى جەمەتىدىن بولغان خۇشاي ئابسالومنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇنىڭغا: _ پادىشاھ ئالىيلىرى ياشىغايلا! _ دېدى.
[17] ئابسالوم ئۇنىڭدىن: _ سېنىڭ دوستۇڭغا كۆرسەتكەن مېھىر-شەپقىتىڭ شۇمۇ؟ نېمىشقا دوستۇڭ بىلەن بىللە كەتمىدىڭ؟ _ دەپ سورىدى.
[18] خۇشاي ئابسالومغا: _ نەگىمۇ باراتتىم؟ مەن، پەرۋەردىگار ۋە بۇ خەلق، شۇنداقلا پۈتۈن ئىسرائىللار تەرىپىدىن تاللانغان ئادەمگە تەۋەدۇرمەن، مەن سىلى بىلەن بىللە بولىمەن.
[19] يەنە كېلىپ، داۋۇتنىڭ ئوغلى ئابسالومدىن باشقا يەنە كىمگىمۇ خىزمەت قىلاتتىم؟ ئاتىلىرىغا قانداق خىزمەت قىلغان بولسام، سىلىگىمۇ شۇنداق خىزمەت قىلىمەن، _ دېدى.
[20] شۇندا ئابسالوم ئاخىتوفەلگە قاراپ: _ نېمە قىلىشىمىز كېرەك؟ بىر مەسلىھەت بەرگىن، _ دېدى.
[21] _ سىلى ئاتىلىرى ئوردىغا قاراشقا قالدۇرۇپ كەتكەن توقاللارغا يېقىنلىشىلا، شۇنداق قىلسىلىرى ئىسرائىل خەلقى سىلىنىڭ ئۆز ئاتىلىرىنى شەرمەندە قىلغانلىقلىرىنى ئاڭلايدۇ، شۇنىڭ بىلەن سىلىگە ئەگەشكەنلەرنىڭ سىلىنى قوللاش قارارى تېخىمۇ قەتئىي بولىدۇ، _ دېدى.
[22] شۇنداق قىلىپ ئابسالومغا ئوردىنىڭ ئۆگزىسىدە بىر چېدىر تىكىلدى. ئابسالوم ئىسرائىل خەلقىنىڭ كۆز ئالدىدىلا ئاتىسىنىڭ توقاللىرى بىلەن بىر ياستۇققا باش قويدى.
[23] ئۇ چاغلاردا كىشىلەرگە ئاخىتوفەلنىڭ كۆرسەتكەن مەسلىھەتلىرى خۇدادىن كەلگەن مەسلىھەتتەك بىلىنەتتى. ئابسالوم ئاخىتوفەلنىڭ بەرگەن مەسلىھەتلىرىنى بەجايىكى داۋۇت قوبۇل قىلغاندەك قوبۇل قىلاتتى.