Skip to content
Opens in a new window

[1] شۇنىڭدىن كېيىن داۋۇت پەرۋەردىگاردىن: _ يەھۇدا شەھەرلىرىنىڭ بىرەرسىگە بارايمۇ؟ _ دەپ سورىدى. _ بار، _ دېدى پەرۋەردىگار. _ قايسى شەھەرگە باراي؟ _ دەپ سورىدى داۋۇت. _ ھىبرونغا بار! _ دېدى پەرۋەردىگار.

[2] شۇنىڭ بىلەن داۋۇت ئىككى ئايالىنى _ يىزرىئەللىك ئاخىنوئام بىلەن كارمەللىك نابالدىن تۇل قېلىپ داۋۇتقا تەگكەن ئابىگالنى ئېلىپ، ھىبرونغا كەتتى.

[3] داۋۇت يەنە ئۆز ئادەملىرىنى ھەم ئۇلارنىڭ خوتۇن-بالىلىرىنى بىللە ئېلىپ ماڭدى. ئۇلار ھىبرون شەھىرىنىڭ ئەتراپىدىكى يېزىلارغا ئولتۇراقلاشتى.

[4] شۇنىڭدىن كېيىن يەھۇدا قەبىلىسىدىكىلەر ھىبرونغا كېلىپ، داۋۇتنىڭ بېشىغا ياغ قۇيۇپ، ئۇنى يەھۇدا قەبىلىسىگە پادىشاھ قىلىپ تىكلىدى. داۋۇت سائۇلنى گىلئادتىكى يابېشلىقلارنىڭ دەپنە قىلغانلىقىنى ئاڭلاپ،

[5] ئۇلارغا ئەلچىلەر ئارقىلىق مۇنۇ سۆزلەرنى يەتكۈزدى: «سىلەر جانابىي پادىشاھىڭلار سائۇلغا شاپائەت كۆرسىتىپ، ئۇنى دەپنە قىلغانلىقىڭلار ئۈچۈن پەرۋەردىگار سىلەرگە بەخت ئاتا قىلغاي.

[6] سىلەرنىڭ قىلغان بۇ خەيرلىك ئىشلىرىڭلارغا يارىشا، پەرۋەردىگار سىلەرگە ھازىرلا مېھرىبانلىق ۋە ۋاپادارلىقىنى يەتكۈزگەي. مەنمۇ قىلغان ياخشىلىقىڭلارنى سىلەرگە ياخشىلىق قىلىش بىلەن ياندۇراي.

[7] پادىشاھىڭلار سائۇل ۋاپات بولدى. يەھۇدا قەبىلىسى مېنى ئۆزلىرىگە پادىشاھ قىلىپ تەيىنلىدى. ئەمدى دادىل ۋە قەيسەر بولۇڭلار.»

[8] نېر دېگەن ئادەمنىڭ ئوغلى ئابنېر سائۇلنىڭ قوشۇنىنىڭ باش سەركەردىسى بولۇپ، ئۇ سائۇلنىڭ ئوغلى ئىشبوشەتنى ماخانايىم شەھىرىگە ئېلىپ كەلدى.

[9] ئۇ يەردە ئابنېر ئىشبوشەتنى گىلئاد، ئاشۇر، يىزرىئەل، ئەفرايىم ۋە بىنيامىن دېگەن زېمىنلارغا، يەنى پۈتۈن ئىسرائىلىيەگە پادىشاھ قىلىپ تىكلىدى.

[10] سائۇلنىڭ ئوغلى ئىشبوشەت ئىسرائىلىيەگە پادىشاھ بولۇپ تىكلەنگەندە، قىرىق ياشتا ئىدى؛ ئۇ ئىسرائىلىيەگە ئىككى يىل پادىشاھلىق قىلدى. ۋاھالەنكى، يەھۇدا قەبىلىسى داۋۇتقا ئەگەشتى.

[11] داۋۇت ھىبروندا يەھۇدا قەبىلىسىگە جەمئىي يەتتە يېرىم يىل پادىشاھ بولدى.

[12] بىر كۈنى نېرنىڭ ئوغلى ئابنېر سائۇلنىڭ ئوغلى ئىشبوشەتنىڭ ئادەملىرىنى باشلاپ، ماخانايىمدىن چىقىپ گىبئون شەھىرىگە قاراپ ماڭدى.

[13] مەزلۇم زىرۇيانىڭ ئوغلى يوئاب بولسا داۋۇتنىڭ ئادەملىرىنى باشلاپ، گىبئون كۆلىنىڭ بويىدا ئۇلار بىلەن ئۇچراشتى. ئىشبوشەتنىڭ ئادەملىرى كېلىپ كۆلنىڭ بۇ تەرىپىدە، داۋۇتنىڭ ئادەملىرى بولسا كۆلنىڭ ئۇ تەرىپىدە ئولتۇرۇشتى.

[14] ئابنېر يوئابقا قاراپ: _ يىگىتلەردىن بىرنەچچىسى چىقىپ ئالدىمىزدا ئېلىشىپ باقسۇن، _ دەپ توۋلىدى. _ مەيلى، ئېلىشسۇن، _ دېدى يوئاب.

[15] شۇنداق قىلىپ ئىشبوشەت بىلەن بىنيامىن قەبىلىسى ئون ئىككى ئادەم چىقىرىپ، داۋۇتنىڭ ئون ئىككى ئادىمى بىلەن ئېلىشتى.

[16] ئۇلار رەقىبلىرىنىڭ بېشىنى مەھكەم تۇتۇپ، بېقىنلىرىغا خەنجەر ئۇرۇشتى. شۇ تەرىقىدە ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆلۈشتى. شۇنىڭ ئۈچۈن گىبئوندىكى بۇ يەر «خەنجەر مەيدانى» دەپ ئاتالدى.

[17] شۇنىڭدىن كېيىن ئىككى تەرەپ قاتتىق ئېلىشىشقا باشلىدى. نەتىجىدە ئابنېر بىلەن ئىسرائىللار داۋۇتنىڭ ئادەملىرى ئالدىدا مەغلۇپ بولدى.

[18] مەزلۇم زىرۇيانىڭ يوئاب، ئابىشاي، ئاسائېل دېگەن ئۈچ ئوغلى شۇ يەردە ئىدى. ئاسائېلنىڭ پۇتى خۇددى دالادىكى جەرەندەك چاققانىدى.

[19] ئاسائېل ئابنېرنىڭ ئارقىسىدىن قالماي، ئىز بېسىپ قوغلاپ ماڭدى.

[20] ئابنېر ئارقىسىغا قاراپ ئۇنىڭدىن: _ سەن ئاسائېلمۇ؟ _ دەپ سورىدى. _ ھەئە، _ دېدى ئۇ.

[21] _ مېنى قوغلاشتىن توختا، باشقا بىرەر لەشكەرنى قوغلاپ، ئۇنىڭ قورال-ياراغلىرىنى تارتىۋال _ دېدى ئابنېر. لېكىن ئاسائېل ئۇنىڭ ئارقىسىدىن قالماي، داۋاملىق قوغلاپ كەلدى.

[22] _ مېنى قوغلىما! _ دېدى ئابنېر ئاسائېلغا يەنە بىر قېتىم، _ مېنى جېنىڭنى ئېلىشقا زورلىما. ئۇنداق قىلسام ئاكاڭ يوئابنىڭ يۈزىگە قانداقمۇ قارىيالايمەن؟

[23] لېكىن ئاسائېل ئۇنى قوغلاشتىن توختىمىدى، شۇنىڭ بىلەن ئابنېر نەيزىسىنىڭ ئارقا ئۇچى بىلەن ئۇنىڭ قورسىقىغا بىر ئۇرۇۋىدى، نەيزە ئاسائېلنىڭ دۈمبىسىدىن چىقتى. ئاسائېل يىقىلىپ شۇ يەردىلا جان بەردى. ئاسائېلنىڭ جەسىتى ياتقان يەرگە كەلگەنلەرنىڭ ھەممىسى شۇ يەردە توختاپ قالدى.

[24] ئەمدى يوئاب بىلەن ئابىشاي ئابنېرنى قوغلاشقا باشلىدى. ئۇلار كۈن ئولتۇرغاندا ئامماھ ئېگىزلىكىگە يېتىپ كەلدى. بۇ ئېگىزلىك گىبئون چۆلىگە چىقىدىغان يول بويىدىكى گىياخ دېگەن يەرنىڭ يېنىغا جايلاشقانىدى.

[25] بىنيامىن قەبىلىسىدىكىلەر ئابنېرنىڭ ئەتراپىغا يىغىلىپ، بىر توپ بولۇپ ئېگىزلىكنىڭ ئۈستىدە ھازىر بولۇشتى.

[26] ئابنېر يوئابقا قاراپ: _ قاچانغىچە بىر-بىرىمىزنى قىرىمىز؟ بۇنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ يامان بولىدىغانلىقىنى بىلمەمسەن؟ سەن ئۆز ئادەملىرىڭگە: «ئۆز قېرىنداشلىرىڭلارنى قوغلىماڭلار» دەپ قاچان بۇيرۇق قىلىسەن؟ _ دەپ توۋلىدى.

[27] _ مەڭگۈ ھايات خۇدا ئالدىدا قەسەم قىلىمەنكى، ئەگەر سەن بايىقى سۆزلەرنى قىلمىغان بولساڭ، ئادەملىرىم ئۆز قېرىنداشلىرىنى ئەتە سەھەرگىچە داۋاملىق قوغلىغان بولاتتى، _ دېدى يوئاب

[28] ۋە بۇرغا چالدۇرۇۋىدى، ئادەملىرى ئىسرائىللارنى قوغلاشتىن توختىدى، ئۇلار بىلەن جەڭمۇ قىلمىدى.

[29] ئابنېر ئادەملىرى بىلەن كېچىلەپ ئىئوردان ۋادىسىنى بويلاپ مېڭىپ، ئىئوردان دەرياسىدىن كېچىپ ئۆتۈپ، ئەتىسى ئەتىگەندە ماخانايىمغا يېتىپ كەلدى.

[30] يوئاب ئابنېرنى قوغلاشتىن ۋاز كېچىپ، ئادەملىرىنى توپلىغاندا، داۋۇتنىڭ ئادەملىرىدىن ئاسائېلدىن باشقا يەنە 19 ئادەم كەم چىقتى.

[31] لېكىن داۋۇتنىڭ ئادەملىرى بىنيامىن قەبىلىسىدىن، يەنى ئابنېرنىڭ ئادەملىرىدىن 360 ئادەمنى ئۆلتۈرگەنىدى.

[32] يوئاب ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى ئاسائېلنى ئېلىپ كېلىپ، بەيتلەھەمدە ئۆز ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلدى. ئاندىن ئۇلار بىر كېچە يول مېڭىپ، تاڭ ئاتقاندا ھىبرونغا يېتىپ كەلدى.

سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم — Chapters