[1] بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن مۇنداق بىر ئىش يۈز بەردى: داۋۇتنىڭ تامار ئىسىملىك ناھايىتى چىرايلىق بىر قىزى بولۇپ، ئۇ ئابسالومنىڭ سىڭلىسى ئىدى. تامار داۋۇتنىڭ باشقا بىر ئوغلى ئامنوننىڭ ئاتا بىر ئانا باشقا سىڭلىسى ئىدى. ئامنون تامارغا كۆيۈپ قالدى ھەمدە
[2] كۆيۈك دەردىدە ئاغرىپ قالدى. تامار تېخى قىز بولغاچقا، ئامنوننىڭ ئۇنىڭغا چېقىلىشقا كۆزى يەتمىدى.
[3] ئامنوننىڭ يوناداب ئىسىملىك بىر ئاغىنىسى بار بولۇپ، ئۇ داۋۇتنىڭ ئاكىسى شامماھنىڭ ئوغلى ئىدى. يوناداب ئىنتايىن قۇۋ ئادەم ئىدى.
[4] ئۇ ئامنوندىن: _ شاھزادە، نېمىشقا كۈندىن-كۈنگە چۈشكۈنلىشىپ كېتىسىز؟ ماڭا ئېيتىپ بېرەمسىز، _ دەپ سورىدى. _ مەن ئۆگەي ئىنىم ئابسالومنىڭ سىڭلىسى تامارغا كۆيۈپ قالدىم، _ دېدى ئۇ.
[5] _ ئۇنداق بولسا سىز كارىۋاتقا چىقىپ يالغاندىن كېسەل بولۇپ يېتىۋېلىڭ، ئاتىڭىز يوقلاپ كەلگەندە، ئۇنىڭغا: «سىڭلىم تامار كېلىپ ماڭا يېگىلى بىر نەرسە بەرسۇن، كۆز ئالدىمدا تاماق ئەتسۇن، ئەتكەن تامىقىنى قولىدىن ئېلىپ يەي» دەڭ، _ دېدى يوناداب.
[6] شۇنداق قىلىپ ئامنون يالغاندىن كېسەل بولۇپ يېتىۋالدى. پادىشاھ يوقلاپ كەلگەندە، ئامنون: _ سىڭلىم تامارنى چاقىرتىپ، كۆز ئالدىمدا ماڭا نان پىشۇرغۇزۇپ بەرگەن بولسىڭىز، ئۇنىڭ ئۆز قولىدىن ئېلىپ يېگەن بولسام، _ دېدى.
[7] داۋۇت ئوردىغا چاپارمەن ئەۋەتىپ تامارغا: «ئاكىڭىز ئامنوننىڭ ئۆيىگە بېرىپ، ئۇنىڭغا غىزا ئېتىپ بېرىڭ» دېدى.
[8] شۇنىڭ بىلەن تامار ئاكىسى ئامنوننىڭ ئۆيىگە باردى. ئۇ چاغدا ئامنون ئورۇن تۇتۇپ ياتقانىدى. تامار ئازراق ئۇندا خېمىر يۇغۇرۇپ، ئامنوننىڭ كۆز ئالدىدا تاۋىدا نان پىشۇرۇپ بەردى.
[9] ئۇ تاۋىنى ئېلىپ كېلىپ، ناننى ئامنوننىڭ ئالدىغا قويغانىدى، ئامنون ناننى يېگىلى ئۇنىماي: «ھەممىڭلار بۇ يەردىن چىقىپ كېتىڭلار!» دېدى. ھەممەيلەن ئۇنىڭ يېنىدىن چىقىپ كېتىشتى.
[10] ئاندىن ئامنون تامارغا: _ ناننى ھۇجرامغا ئەكىر، ئۆز قولۇڭدىن ئېلىپ يەي، _ دېدى. تامار پىشۇرغان نانلارنى ئېلىپ، ئاكىسى ئامنوننىڭ ھۇجرىسىغا كىرىپ، ئۇنىڭ يېنىغا كەلدى.
[11] تامار ناننى ئۇنىڭغا سۇنغاندا، ئامنون ئۇنى ئۆزىگە تارتىپ: _ سىڭلىم، كەل، مەن بىلەن ياتقىن! _ دېدى.
[12] _ ياق، ئاكا، مېنى زورلىماڭ! ئىسرائىللار ئىچىدە بۇنداق قىلىشقا بولمايدۇ. بۇنداق سەت ئىشنى قىلماڭ.
[13] بۇ رەسۋاچىلىقنى مەن قانداق كۆتۈرۈپ يۈرەي؟ سىزمۇ ئىسرائىللار ئىچىدە ئۇياتقا قالغان بىر ئەخمەققە ئايلىنىپ قالىسىز. ئۆتۈنەي، پادىشاھقا ئېيتسىڭىز، ئۇ مېنىڭ سىزگە ياتلىق بولۇشۇمغا قارشى چىقمايدۇ، _ دېدى.
[14] لېكىن ئامنون ئۇنىڭ گېپىگە قۇلاق سالمىدى. ئۇ تاماردىن كۈچلۈك بولغاچقا، ئۇنىڭغا زورلۇق قىلىپ، ئۇنىڭ بىلەن بىللە ياتتى.
[15] شۇنىڭدىن كېيىن، ئامنون تامارغا بەك ئۆچ بولۇپ كەتتى. ئۆچلۈكى ئۇنىڭ ئىلگىرى تامارغا بولغان مۇھەببىتىدىنمۇ كۈچلۈك بولدى. ئامنون تامارغا: _ قوپ، بۇ يەردىن يوقال! _ دېدى.
[16] _ ياق! مېنى قوغلىغان بۇ گۇناھىڭىز ھېلى مېنى ئاياغ ئاستى قىلغان گۇناھىڭىزدىنمۇ ئېغىردۇر، _ دېدى تامار. لېكىن ئامنون ئۇنىڭ گېپىگە قۇلاق سالماي،
[17] ئەكسىچە شەخسىي خىزمەتكارىنى چاقىرىپ: _ بۇ خوتۇننى ھەيدەپ چىقىرىپ، ئىشىكنى قۇلۇپلاپ قوي! _ دېدى.
[18] ئامنوننىڭ خىزمەتكارى تامارنى ھەيدەپ چىقىرىۋەتكەندىن كېيىن، ئىشىكنى قۇلۇپلاپ قويدى. بۇ چاغدا تامار ئۇزۇن يەڭلىك لىباس كىيىۋالغان بولۇپ، پادىشاھنىڭ ياتلىق بولمىغان قىزلىرى شۇنداق كىيىنىشەتتى.
[19] تامار بېشىغا كۈل چېچىپ، ئۈستىدىكى ئۇزۇن يەڭلىك لىباسىنى يىرتىۋەتتى. ئىككى قولى بىلەن يۈزىنى يېپىۋېلىپ، ھۆڭرەپ يىغلاپ ماڭدى.
[20] ئاكىسى ئابسالوم ئۇنى كۆرۈپ، ئۇنىڭدىن: _ ئاكاڭ ئامنون سەن بىلەن بىللە ياتتىمۇ؟ ھەي سىڭلىم، ئەمدى سەن بۇ ئىشنى ئاغزىڭدىن چىقارما. ئۇ دېگەن سېنىڭ ئاكاڭ، بۇ ئىشنى كۆڭلۈڭگە ئالما، _ دېدى. شۇنىڭدىن كېيىن تامار تەنھا ۋە غەمكىن ھالدا ئاكىسى ئابسالومنىڭ ئۆيىدە ياشىدى.
[21] بولۇپ ئۆتكەن ئىشلارنى داۋۇت پادىشاھ ئاڭلاپ، ناھايىتى خاپا بولۇپ كەتتى.
[22] ئۆز سىڭلىسى تامارنىڭ نومۇسىغا تەگكەنلىكى ئۈچۈن، ئابسالوم ئامنونغا ئۆچ بولۇپ كەتتى، ئۇ ئامنونغا يا ياخشى، يا يامان سۆز قىلمىدى.
[23] ئىككى يىل ئۆتكەندىن كېيىن ئابسالوم پادىشاھنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ھەممىسىنى بائال-خازورغا زىياپەتكە تەكلىپ قىلدى. بائال-خازور ئەفرايىم زېمىنىنىڭ يېنىغا جايلاشقان بولۇپ، ئۇ يەردە ئابسالوم قويلىرىنى قىرقىتىۋاتاتتى.
[24] ئابسالوم شاھ ئاتىسىنىڭ ئالدىغا كېلىپ: _ قويلارنى قىرقىتىۋاتىمەن. ئەي ئالىيلىرى، مەرھەمەت قىلىپ ئەمەلدارلىرىڭىزنى ئېلىپ مەن بىلەن بىرگە تەبرىكلەش زىياپىتىگە قاتناشقايسىز، _ دېدى.
[25] _ ياق، ئوغلۇم! ئەگەر ھەممىمىز بارساق، ساڭا ئېغىرىمىز چۈشۈپ قالىدۇ، _ دېدى پادىشاھ. ئابسالوم پادىشاھقا قاتتىق يالۋۇردى. پادىشاھ يەنىلا بېرىشقا ئۇنىماي، پەقەت ئۇنىڭغا بەخت تىلەپ دۇئا قىلدى.
[26] _ ئەگەر ئۆزىڭىز بارالمايدىغان بولسىڭىز، ئاكام ئامنوننىڭ بىز بىلەن بېرىشىغا رۇخسەت قىلغايسىز، _ دەپ ئۆتۈندى ئابسالوم. پادىشاھ ئۇنىڭدىن: _ نېمىشقا ئۇ سەن بىلەن بىللە بېرىشى كېرەك؟ _ دەپ سورىدى،
[27] ئابسالوم يالۋۇرۇۋەرگەندىن كېيىن، پادىشاھ ئاخىرى ئامنوننىڭ ۋە بارلىق ئوغۇللىرىنىڭ ئۇنىڭ بىلەن بىللە بېرىشىغا ماقۇل بولدى.
[28] ئابسالوم ئۆزىنىڭ خىزمەتكارلىرىغا: _ دىققەتتە بولۇڭلار، ئامنون ھاراق ئىچىپ، سەل كەيپ بولغاندا، مەن: «ئامنوننى ئۆلتۈرۈڭلار!» دەپ بۇيرۇق قىلىمەن. شۇ چاغدا ئۇنى ئۆلتۈرۈۋېتىڭلار! قورقماڭلار، بۇنى سىلەرگە مەن بۇيرۇدۇم. دادىل ۋە جەسۇر بولۇڭلار، _ دېدى.
[29] ئابسالومنىڭ خىزمەتكارلىرى ئۇنىڭ بۇيرۇقىنى بەجا كەلتۈرۈپ، ئامنوننى ئۆلتۈرۈۋەتتى. پادىشاھنىڭ قالغان ئوغۇللىرى ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشۇپ، قېچىرلىرىنى مىنىپ قېچىشتى.
[30] ئۇلار يولدا كېتىۋاتقاندىلا، داۋۇت پادىشاھقا: «ئابسالوم پادىشاھنىڭ بالىلىرىنىڭ بىرىنىمۇ قالدۇرماي، ھەممىسىنى ئۆلتۈرۈۋېتىپتۇ» دېگەن خەۋەر يەتتى.
[31] پادىشاھ بۇنى ئاڭلاپ، ئورنىدىن تۇرۇپ، قاتتىق قايغۇرغان ھالدا كىيىملىرىنى يىرتىپ، ئۆزىنى يەرگە تاشلاپ يېتىۋالدى. ئۇنىڭ ئەتراپىدا تۇرغان ھەممە خىزمەتكارلىرىمۇ كىيىملىرىنى يىرتىشتى.
[32] لېكىن داۋۇت پادىشاھنىڭ ئاكىسى شامماھنىڭ ئوغلى يوناداب ئۇنىڭغا: _ پادىشاھ ئالىيلىرى، «ھەممە ئوغۇللىرىمدىن ئايرىلىپتىمەن» دەپ ئويلىمىسىلا، پەقەت ئامنون ئۆلۈپتۇ، خالاس. ئۇ ئۆگەي سىڭلىسى تامارنىڭ نومۇسىغا تەگكەن كۈندىن باشلاپ، ئابسالوم ئۇنى ئۆلتۈرۈش قەستىدە بولۇپ كەلگەن.
[33] ئەمدى پادىشاھ ئالىيلىرى «ھەممە ئوغۇللىرى ئۆلتۈرۈلۈپتۇ» دېگەن خەۋەرگە ئىشەنمىسىلە. ئەمەلىيەتتە ئۆلتۈرۈلگىنى بىرلا ئامنون.
[34] ئابسالوم بولسا قېچىپ كەتتى، _ دېدى. شۇ چاغدا سېپىلنىڭ ئۈستىدىكى كۆزەتچى ئەتراپقا قارىغانىدى، تاغ تەرەپتىكى يولدا، بەيت-خورون شەھىرىدىن كېلىۋاتقان نۇرغۇن ئادەملەرنى كۆردى.
[35] _ ئەنە، ئوغۇللىرىنىڭ ھەممىسى كېلىۋېتىپتۇ. خۇددى پېقىر ئېيتقاندەك بولدى، _ دېدى يوناداب پادىشاھقا.
[36] ئۇنىڭ گېپى تۈگەر-تۈگىمەيلا، پادىشاھنىڭ ئوغۇللىرى يېتىپ كېلىپ، ھۆڭرەپ يىغلاپ كېتىشتى. پادىشاھ ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئەمەلدارلىرىمۇ قاتتىق يىغلاپ كېتىشتى.
[37] ئابسالوم قېچىپ، گىشۇرنىڭ پادىشاھى تالماينىڭ يېنىغا باردى ۋە ئۇ يەردە ئۈچ يىل تۇرۇپ قالدى. تالماي ئاممىھۇدنىڭ ئوغلى ئىدى. داۋۇت پادىشاھ ئوغلى ئامنون ئۈچۈن ئۇزۇن ۋاقىت ماتەم تۇتتى.
[39] داۋۇت ئامنوننىڭ ئۆلۈمىدىن تەسەللى تاپقاندىن كېيىن، ئابسالومنى سېغىنىشقا باشلىدى.