[1] سائۇل بىلەن داۋۇتنىڭ جەمەتى ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇش ئۇزۇن ۋاقىتقىچە داۋام قىلىپ تۇردى. داۋۇت كۈندىن-كۈنگە كۈچەيدى، سائۇلنىڭ جەمەتى بولسا كۈندىن-كۈنگە ئاجىزلاشتى.
[2] داۋۇت ھىبروندا بىرنەچچە ئوغۇل پەرزەنت كۆردى: تۇنجىسى يىزرىئەللىك ئاخىنوئامدىن تۇغۇلغان ئامنون،
[3] ئىككىنچىسى كارمەللىك نابالدىن تۇل قالغان ئابىگالدىن تۇغۇلغان كىلاب، ئۈچىنچىسى گىشۇرنىڭ پادىشاھى تالماينىڭ قىزى مائاكادىن تۇغۇلغان ئابسالوم،
[4] تۆتىنچىسى خاگگىتتىن تۇغۇلغان ئادونىيا، بەشىنچىسى ئابىتالدىن تۇغۇلغان شىفاتيا،
[5] ئالتىنچىسى داۋۇتنىڭ يەنە بىر ئايالى ئەگلاھتىن تۇغۇلغان يىترىئامدۇر. بۇلار داۋۇتنىڭ ھىبروندا كۆرگەن پەرزەنتلىرىدۇر.
[6] سائۇل بىلەن داۋۇت جەمەتى ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش بولۇپ تۇرغان مەزگىللەردە ئابنېرنىڭ سائۇل جەمەتىدىكى تەسىر كۈچى كۈندىن-كۈنگە ئېشىپ باردى.
[7] سائۇلنىڭ رىزپاھ ئىسىملىك بىر توقىلى بار ئىدى، ئۇ ئايياھنىڭ قىزى ئىدى. بىر كۈنى ئىشبوشەت ئابنېرغا: _ سەن نېمىشقا ئاتامنىڭ توقىلى بىلەن بىر ئورۇندا ياتىسەن؟ _ دېگەنىدى،
[8] ئابنېر ئىشبوشەتنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ بەك خاپا بولۇپ: سەن مېنى يەھۇدا قەبىلىسىگە ئىشلەۋاتقان لالما ئىت دەپ قارامسەن؟ ھازىرغىچە مەن ئاتاڭ سائۇلنىڭ جەمەتىگە، ئۇنىڭ بۇرادەرلىرى بىلەن دوستلىرىغا سادىق بولۇپ، سېنى داۋۇتنىڭ قولىغا چۈشۈرمىگەن بولساممۇ، لېكىن سەن بۈگۈن ماڭا: «ئۇ خوتۇن بىلەن بۇزۇقچىلىق قىلدىڭ» دەپ ئەيىب ئارتامسەن؟
[9] ئەگەر مەن پەرۋەردىگارنىڭ داۋۇتقا قىلغان ۋەدىسىگە بىنائەن سائۇلنىڭ پادىشاھلىقىنى ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىدىن تارتىۋېلىپ، داۋۇتنى پادىشاھ قىلىپ، ئۇنى شىمالدىكى دان شەھىرىدىن جەنۇبتىكى بەئەرشەبا شەھىرىگىچە بولغان پۈتۈن ئىسرائىلىيە ۋە يەھۇدىيە ھۆكۈمرانلىق قىلغۇزمايدىغان بولسام، خۇدا مەن ئابنېرغا ئېغىر جازا بەرسۇن، _ دېدى.
[11] ئىشبوشەت قورققىنىدىن ئۇنىڭغا بىر ئېغىزمۇ جاۋاب قايتۇرالمىدى.
[12] ئابنېر داۋۇتقا ئەلچى ئەۋەتىپ، «بۇ پۈتۈن زېمىن ماڭا تەۋە ئەمەسمۇ؟ مەن بىلەن ئەھدە تۈزسىلە، سىلىگە ياردەملىشىپ پۈتۈن ئىسرائىلىيەنى ئۆزلىرىگە قارايدىغان قىلىپ بېرىمەن» دېدى.
[13] «ياخشى گەپ! سىز بىلەن ئەھدە تۈزەي، بىراق ئالدى بىلەن سىزدىن بىر ئىشنى تەلەپ قىلىمەن. سىز مەن بىلەن كۆرۈشكىلى كەلگەندە، سائۇلنىڭ قىزى مىكالنى ئېلىپ كېلىڭ، بولمىسا مەن بىلەن كۆرۈشەلمەيسىز» دېدى داۋۇت.
[14] داۋۇت يەنە سائۇلنىڭ ئوغلى ئىشبوشەتنىڭ قېشىغا ئەلچىلەر ئەۋەتىپ: «مەن 100 فىلىستىيەلىكنىڭ خەتنە تېرىسىگە ئالغان ئايالىم مىكالنى ماڭا قايتۇرۇپ بېرىڭ» دېدى.
[15] شۇنىڭ بىلەن ئىشبوشەت ئادەملىرىنى ئەۋەتىپ، مىكالنى ئۇنىڭ ئېرى _ لايىشنىڭ ئوغلى پالتىدىن تارتىۋالدى.
[16] مىكالنىڭ ئېرى تاكى باخۇرىمغىچە ئەگىشىپ يىغلاپ كەلدى. ئابنېر ئۇنىڭغا: _ بولدى، قايتىپ كەت! _ دېدى. ئۇ قايتىپ كەتتى.
[17] ئابنېر ئىسرائىللارنىڭ ئاقساقاللىرىنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇلارغا: _ سىلەر ئۇزۇندىن بېرى داۋۇتنىڭ ئۆزۈڭلارغا پادىشاھ بولۇشىنى ئۈمىد قىلىپ كەلگەنىدىڭلار،
[18] ئەمدى ۋاقتى كەلدى! پەرۋەردىگار خىزمەتكارى داۋۇتقا: «مەن خەلقىم ئىسرائىللارنى فىلىستىيەلىكلەر ۋە بارلىق دۈشمەنلىرىدىن سەن ئارقىلىق قۇتۇلدۇرىمەن» دەپ ۋەدە قىلغانىدى، _ دېدى.
[19] ئابنېر بۇ گەپنى بىنيامىن قەبىلىسىدىكىلەرگىمۇ ئېيتتى. ئاندىن ئىسرائىللار بىلەن بىنيامىن قەبىلىسىدىكىلەرنىڭ نېمىگە ماقۇل بولغانلىقىنى داۋۇتقا ئېيتقىلى ھىبرونغا باردى.
[20] ئابنېر 20 ئادەمنى باشلاپ ھىبروندا تۇرۇۋاتقان داۋۇتنىڭ يېنىغا كەلگەندە، داۋۇت ئابنېر ۋە ئۇنىڭ بىلەن كەلگەنلەرنىڭ شەرىپىگە زىياپەت بەردى.
[21] ئابنېر داۋۇتقا: _ ئەمدى كېتىشىمگە ئىجازەت بەرسىلە، پۈتۈن ئىسرائىللارنى جانابىي ئالىيلىرىنىڭ ئالدىغا جەم قىلاي، ئۇلار ئۆزلىرى بىلەن ئەھدە تۈزىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۆزلىرى ئۈمىد قىلىپ كەلگەندەك پۈتۈن خەلقنىڭ پادىشاھى بولىلا، _ دېدى. داۋۇت ئابنېرنى يولغا سالدى، ئۇ ئامان-ئېسەن كەتتى.
[22] شۇ چاغدا، يوئاب ۋە داۋۇتنىڭ ئادەملىرى ئۇرۇش قىلىپ نۇرغۇن ئولجىلار بىلەن قايتىپ كەلدى. ۋاھالەنكى ئابنېر ھىبروندا داۋۇت بىلەن بىللە ئەمەس ئىدى، داۋۇت ئۇنى يولغا سالغان بولۇپ، ئۇ ئامان-ئېسەن قايتىپ كەتكەنىدى.
[23] يوئاب ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە كەتكەن لەشكەرلەر قايتىپ كېلىشى بىلەنلا، يوئابنىڭ قۇلىقىغا: «نېرنىڭ ئوغلى ئابنېر كېلىپ داۋۇت پادىشاھ بىلەن كۆرۈشۈپتۇ، پادىشاھ ئۇنى يولغا سېلىپتۇ، ئۇ ئامان-ئېسەن قايتىپ كېتىپتۇ» دېگەن خەۋەر يېتىپ كەلدى.
[24] بۇنى ئاڭلىغان يوئاب پادىشاھ داۋۇت بىلەن كۆرۈشۈپ: _ بۇ نېمە قىلغىنىڭىز؟ نېرنىڭ ئوغلى ئابنېر ئۆزى يېنىڭىزغا كەلسە، نېمىشقا ئۇنى يولغا سېلىپ قويدىڭىز؟ مانا ئەمدى ئۇ كېتىپ قاپتۇ.
[25] سىز نېرنىڭ ئوغلى ئابنېرنى ياخشى بىلىسىز، ئۇ بۇ يەرگە سىزنى ئالدىغىلى، نەگە بېرىپ كېلىۋاتقانلىقىڭىزنى ۋە نېمە ئىش بىلەن بەند بولۇۋاتقانلىقىڭىزنى بىلگىلى كەلگەن، _ دېدى.
[26] يوئاب داۋۇتنىڭ يېنىدىن چىقىپ، ئابنېرنى قوغلاپ تۇتۇشقا ئادەملىرىنى ئەۋەتتى. ئۇلار ئۇنى سىراھ قۇدۇقىنىڭ يېنىدىن ياندۇرۇپ ئېلىپ كەلدى. لېكىن داۋۇت بۇ ئىشلاردىن بىخەۋەر ئىدى.
[27] ئابنېر ھىبرونغا قايتىپ كەلگەندە، يوئاب ئۇنىڭغا: «ئايرىم سۆزلىشەيلى» دەپ، شەھەر سېپىلىنىڭ دەرۋازىسىغا جايلاشقان بىر ئۆيگە ئېلىپ كىرىپ، «ئىنىم ئاسائېل ئۈچۈن ئىنتىقام ئالاي» دەپ، ئابنېرنىڭ قورسىقىغا خەنجەر تىقىپ ئۆلتۈردى.
[28] داۋۇت بۇ ۋەقەنى ئاڭلىغاندىن كېيىن: _ ئابنېرنىڭ ئاققان قېنى ئۈچۈن مەن ۋە پادىشاھلىقىم پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا مەڭگۈ ئەيىبكار ئەمەس.
[29] ئۇنىڭ قېنى يوئاب ۋە ئۇنىڭ ئاتا جەمەتىدىكىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ بېشىغا چۈشسۇن! يوئابنىڭ جەمەتىدىن يىرىڭلىق يارا ۋە ئىنساننى ناپاك قىلىدىغان تېرە كېسەللىكلىرى ۋە پەقەت ئاياللارنىڭ ئىشلىرىنىلا قىلالايدىغان، قىلىچ ئاستىدا ئۆلتۈرۈلگەن ۋە نانغا زار بولغان كىشىلەر ھېچ تۈگىمىسۇن، _ دېدى.
[30] ئابنېر گىبئوندىكى جەڭدە يوئابنىڭ ئىنىسى ئاسائېلنى ئۆلتۈرگەنلىكى ئۈچۈن يوئاب بىلەن ئۇنىڭ ئاكىسى ئابىشاي ئابنېرنى قەتل قىلدى.
[31] داۋۇت يوئاب ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە تۇرغانلارغا: «كىيىملىرىڭلارنى يىرتىڭلار، بۆز رەختكە يۆگىنىڭلار، ئابنېر ئۈچۈن ھازا تۇتۇڭلار!» دېدى. داۋۇت پادىشاھ ئۆزىمۇ جىنازىنىڭ كەينىدىن ماڭدى.
[32] ئۇلار ئابنېرنى ھىبروندا دەپنە قىلدى. پادىشاھ داۋۇت ئابنېرنىڭ قەبرىسى يېنىدا ھۆڭرەپ يىغلاپ كەتتى، كۆپچىلىكمۇ كۆز يېشى قىلىشتى.
[33] پادىشاھ داۋۇت يەنە ئابنېرغا ئاتاپ مۇنۇ مەرسىيەنى ئوقۇدى: ئەي ئابنېر، ئەخمەقلەردەك ئۆلۈشۈڭ كېرەكمىدى؟
[34] قوللىرىڭ باغلاقلىق ئەمەس ئىدى، پۇتلىرىڭغا كىشەن سېلىقلىق ئەمەس ئىدى، رەزىللەرنىڭ قارا نىيىتىدە يىقىلدىڭ مانا ئەمدى! كۆپچىلىك يەنە ئابنېر ئۈچۈن يىغلاپ كېتىشتى.
[35] ئۇلار داۋۇتنى كەچ كىرگۈچە ئازراق غىزا يېۋېلىشقا ئۈندىگەنىدى، داۋۇت قەسەم قىلىپ: ئەگەر مەن كۈن پاتقۇچە ئاغزىمغا بىرەر نەرسە سالسام، پەرۋەردىگار مېنى ئېغىر جازالىسۇن، _ دېدى.
[36] كۆپچىلىك بۇنى ئاڭلاپ ئۇنىڭدىن مەمنۇن بولۇشتى. پادىشاھنىڭ قىلغان ھەممە ئىشلىرىدىن ئۇلار خۇشال ئىدى.
[37] شۇنىڭ بىلەن بىرگە داۋۇتنىڭ بارلىق ئادەملىرىگە ۋە پۈتۈن ئىسرائىل خەلقىگە نېرنىڭ ئوغلى ئابنېرنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىدە پادىشاھنىڭ قولىنىڭ يوقلۇقى مەلۇم بولدى.
[38] پادىشاھ ئۆزىنىڭ ئادەملىرىگە: _ بىلمەمسىلەر، بۈگۈن ئىسرائىلىيەدىن بىر يولباشچى _ ئۇلۇغ بىر ئىنسان كەتتى.
[39] مەن خۇدا تەرىپىدىن تاللانغان پادىشاھ بولساممۇ، لېكىن مەن يەنىلا ئاجىزمەن. زىرۇيانىڭ بۇ ئىككى ئوغلى _ يوئاب بىلەن ئابىشاي زوراۋانلاردۇر، مەن ئۇلارنى باشقۇرالمايمەن. پەرۋەردىگار يامانلارنىڭ قىلمىشىغا يارىشا جازاسىنى بەرگەي، _ دېدى.