[1] داۋۇت تەختتىكى ۋاقتىدا ئۇدا ئۈچ يىل ئاچارچىلىق بولدى؛ داۋۇت پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىغا بېرىپ، ئىلتىجا قىلدى. پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: _ سائۇل گىبئونلۇقلارنى قىرغىن قىلغان. بۇ ئاچارچىلىققا سائۇل ۋە ئۇنىڭ جەمەتىدىكىلەرنىڭ ئاشۇ قانخورلۇقى سەۋەبلىكتۇر، _ دېدى.
[2] گىبئونلۇقلار ئامورلارنىڭ قالدۇقلىرى بولۇپ، ئىسرائىللاردىن ئەمەس ئىدى. ئىسرائىللار ئىلگىرى ئۇلارنى ئۆلتۈرمەسلىككە قەسەم قىلغان بولسىمۇ، لېكىن سائۇل ئىسرائىلىيە ۋە يەھۇدىيە خەلقى ئۈچۈن قىزىققانلىق بىلەن گىبئونلۇقلارنى يوقاتماقچى بولغان. داۋۇت پادىشاھ گىبئونلۇقلارنى چاقىرتىپ كېلىپ ئۇلاردىن:
[3] _ مەن سىلەرگە نېمە قىلىپ بېرەي؟ پەرۋەردىگارنىڭ خەلقىگە بەخت تىلىشىڭلار ئۈچۈن بۇ گۇناھنى قانداق يۇياي؟ _ دەپ سورىدى.
[4] _ بىز سائۇل ۋە ئۇنىڭ جەمەتىدىكىلەردىن نە ئالتۇن، نە كۈمۈش تەلەپ قىلمايمىز، بىزنىڭ ئىسرائىللاردىن بىرەرسىنى ئۆلتۈرۈلۈش ھوقۇقىمىزمۇ يوق، _ دەپ جاۋاب بەردى گىبئونلۇقلار. _ ئۇنداقتا، سىلەر نېمىنى تەلەپ قىلساڭلار، مەن شۇنى سىلەرگە بەجا كەلتۈرۈپ بېرەي، _ دېدى داۋۇت پادىشاھ.
[5] ئۇلار داۋۇتقا: _ سائۇل بىزنى ئىسرائىلىيە تەۋەسىدە ياشىمىسۇن دەپ، قىرىپ يوقىتىشنى مەقسەت قىلغانىدى.
[6] شۇڭا ئۇنىڭ ئەۋلادىدىن يەتتە ئەر كىشى بىزگە تاپشۇرۇپ بېرىلسۇن. بىز ئۇلارنى پەرۋەردىگار گۇۋاھ بولسۇن دەپ، گىبئاھتا، يەنى پەرۋەردىگار تاللىغان پادىشاھ سائۇلنىڭ شەھىرىدە قەتل قىلىمىز، _ دېدى. _ بولىدۇ، مەن ئۇلارنى قولۇڭلارغا تاپشۇرۇپ بېرەي، _ دېدى داۋۇت پادىشاھ.
[7] سائۇلنىڭ نەۋرىسى، يەنى يوناتاننىڭ ئوغلى مىفىبوشەتكە داۋۇت پادىشاھنىڭ ئىچى ئاغرىدى، چۈنكى ئۇ، پەرۋەردىگار گۇۋاھ بولسۇن دەپ، سائۇلنىڭ ئوغلى يوناتان بىلەن قەسەم ئىچكەنىدى.
[8] سائۇلنىڭ ئارمونى ۋە مىفىبوشەت دېگەن ئوغۇللىرى بولۇپ، ئۇلار ئايياھنىڭ قىزى رىزپاھتىن تۇغۇلغانىدى. سائۇلنىڭ قىزى مېراب مىخولالىق بارزىللاينىڭ ئوغلى ئادرائىلدىن بەش ئوغۇل كۆرگەنىدى.
[9] داۋۇت بۇ ئوغۇللارنىڭ ھەممىسىنى گىبئونلۇقلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بەردى. گىبئونلۇقلار بۇ يەتتە ئوغۇلنى تاغدا، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا قەتل قىلدى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىرگە جان بەردى. بۇ ۋەقە يۈز بەرگەندە، ئارپا ئورمىسى ئەمدى باشلانغانىدى.
[10] ئايياھنىڭ قىزى رىزپاھ جەسەتلەرنىڭ يېنىغا بېرىپ، بىر قورام تاشنىڭ ئۈستىگە بۆز رەخت يايدى. ئۇ ئورما باشلانغاندىن تارتىپ تاكى ئورما تۈگەپ، جەسەتلەرنىڭ ئۈستىگە ئاسماندىن يامغۇر ياغقانغا قەدەر جەسەتلەرنى كۈندۈزى قاغا-قۇزغۇنلاردىن، كېچىسى ياۋايى ھايۋانلاردىن قوغدىدى.
[11] ئايياھنىڭ قىزى، يەنى سائۇلنىڭ توقىلى رىزپاھنىڭ قىلغان بۇ ئىشلىرى توغرىسىدىكى خەۋەر داۋۇتقا يېتىپ كەلگەندە،
[12] داۋۇت گىلئادتىكى يابېشلارنىڭ رەھبەرلىرىنىڭ يېنىغا بېرىپ، سائۇل ۋە ئۇنىڭ ئوغلى يوناتاننىڭ ئۇستىخانلىرىنى ئالدى. (فىلىستىيەلىكلەر گىلبوۋا تېغىدا سائۇلنى ئۆلتۈرگەن كۈنى، ئۇنىڭ ۋە ئوغلىنىڭ جەسىتىنى بەيتشان مەيدانىغا ئېسىپ قويغانىدى. گىلئادتىكى يابېشلار ئۇ ئىككىسىنىڭ جەسىتىنى ئۇ يەردىن ئوغرىلاپ كەتكەنىدى.)
[13] داۋۇت سائۇل بىلەن يوناتاننىڭ ئۇستىخانلىرىنى ئۇ يەردىن ئەكەلدى، ئۇ يەنە قەتل قىلىنغان يەتتە كىشىنىڭ ئۇستىخانلىرىنىمۇ ئەكەلدۈردى.
[14] ئاندىن داۋۇت ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى بۇ ئۇستىخانلارنى بىنيامىن يۇرتىدىكى زېلادا سائۇلنىڭ ئاتىسى كىشنىڭ قەبرىستانلىقىغا قويدى. شۇنداق قىلىپ، پادىشاھنىڭ بۇيرۇقلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئىجرا قىلىندى. بۇ ئىشلاردىن كېيىن، خۇدا خەلقىنىڭ ئۆز زېمىنلىرى ئۈچۈن قىلغان دۇئالىرىغا جاۋاب بەردى.
[15] فىلىستىيەلىكلەر بىلەن ئىسرائىللار ئوتتۇرىسىدا يەنە ئۇرۇش بولدى. داۋۇت ئۆز ئادەملىرى بىلەن بىرلىكتە فىلىستىيەلىكلەرگە قارشى ئۇرۇشقا ئاتلاندى. ئەمما ئۇرۇش جەريانىدا داۋۇت ھالسىراپ كەتتى.
[16] رافاھ خەلقىدىن بولغان يىشبى-بىنوب ئىسىملىك بىر پالۋان داۋۇتنى ئۆلتۈرمەكچى بولدى. ئۇنىڭ نەيزىسىنىڭ ئۇچىنىڭ ئېغىرلىقى ئۈچ يېرىم كىلو كېلەتتى، ئۇ يەنە بېلىگە يېڭى قىلىچ ئېسىۋالغانىدى.
[17] ئەمما مەزلۇم زىرۇيانىڭ ئوغلى ئابىشاي داۋۇتقا ياردەم بەردى. ئابىشاي ھېلىقى فىلىستىيەلىك پالۋان بىلەن ئېلىشىپ، ئۇنى ئۆلتۈردى. بۇ چاغدا داۋۇتنىڭ ئادەملىرى ئۇنىڭغا: _ ئىسرائىلىيەنىڭ چىرىغىنى ئۆچۈرۈپ قويماسلىقىمىز ئۈچۈن، بۇنىڭدىن ئېتىبارەن سىلى جەڭگە قاتناشسىلىرى بولمايدۇ، _ دېيىشتى.
[18] شۇنىڭدىن كېيىن، گوب دېگەن يەردە فىلىستىيەلىكلەر بىلەن يەنە بىر قېتىم ئۇرۇش بولدى. بۇ قېتىمقى ئۇرۇشتا خۇشاھلىق سىببىكاي رافاھ خەلقىدىن بولغان ساف ئىسىملىك بىر پالۋاننى ئۆلتۈردى.
[19] گوبتا يۈز بەرگەن فىلىستىيەلىكلەر بىلەن بولغان يەنە بىر ئۇرۇشتا بەيتلەھەملىك يائىرنىڭ ئوغلى ئەلخانان گاتلىق گولياتنىڭ قېرىندىشىنى ئۆلتۈردى. بۇ ئادەمنىڭ نەيزىسىنىڭ دەستىسى دەستىگاھنىڭ ئوقىدەك توم ئىدى.
[20] كېيىن گاتتا يەنە بىر مەيدان ئۇرۇش بولدى. بۇ ئۇرۇشقا ناھايىتى بەستلىك بىر ئادەم قاتناشقان بولۇپ، ئۇنىڭ قول ۋە پۇتىدا ئالتىدىن، جەمئىي يىگىرمە تۆت بارماق بار ئىدى. ئۇمۇ رافاھ خەلقىدىن ئىدى.
[21] بۇ ئادەم ئىسرائىللارنى ھاقارەتلىگەنلىكى ئۈچۈن، داۋۇتنىڭ ئاكىسى شامماھنىڭ ئوغلى يوناتان ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتتى.
[22] بۇ تۆت فىلىستىيەلىك پالۋان گات شەھىرىدىكى رافاھ خەلقىدىن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى داۋۇت ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلدى.