[1] شۇنىڭدىن كېيىن، ئابسالوم ئۆزىگە بىر جەڭ ھارۋىسى بىلەن ئاتلارنى شۇنداقلا 50 چاپارمەننى ھازىرلىدى.
[2] ئۇ دائىم سەھەر تۇرۇپ شەھەر دەرۋازىسى ئالدىدىكى يول بويىدا تۇراتتى. بىرەرسى دەۋا ئىشى توغرۇلۇق پادىشاھ بىلەن كۆرۈشۈشكە ئۇ يەرگە كەلسە، ئابسالوم ئۇنى چاقىرىپ «قەيەرلىكسىز؟» دەپ سورايتتى. ناتونۇش كىشى جاۋابەن: «پېقىر ئىسرائىلىيەنىڭ پالانى قەبىلىسىدىن» دېسە،
[3] ئابسالوم: «قاراڭ، دەۋايىڭىز يوللۇق ھەم ھەق ئىكەن، بىراق پادىشاھنىڭ يېنىدا بۇنى ئاڭلايدىغان ئادەم يوق» دەيتتى.
[4] ئابسالوم يەنە «ئەگەر مەن بۇ يەردە سەردار بولغان بولسام، ئەرز قىلىپ كەلگەنلەر مېنى ئىزدەيتتى. مەن ئۇلارنىڭ ئىشى ھەققىدە ئادىللىق بىلەن قارار چىقىراتتىم» دەيتتى.
[5] بىرەرسى كېلىپ ئابسالومغا تەزىم قىلماقچى بولسا، ئۇ قولىنى ئۇزىتىپ ئۇنى قۇچاقلاپ سۆيۈپ كېتەتتى.
[6] ئابسالوم پادىشاھقا ئەرز قىلغىلى كەلگەن بارلىق ئىسرائىللارغا مۇشۇنداق مۇئامىلە قىلىپ، ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى ئۆزىگە رام قىلىۋالدى.
[7] تۆت يىل ئۆتكەندىن كېيىن، ئابسالوم داۋۇت پادىشاھقا: _ مېنىڭ پەرۋەردىگارغا قىلغان ۋەدەمنى ئادا قىلىشىم ئۈچۈن ھىبرونغا بېرىشىمغا ئىجازەت بەرگەيلا!
[8] مەن سۈرىيەنىڭ گىشۇر دېگەن يېرىدە تۇرۇۋاتقىنىمدا پەرۋەردىگارغا: «ئەگەر مېنى يېرۇسالېمغا قايتۇرساڭ، ھىبروندا ساڭا ئىبادەت قىلىمەن» دەپ، ۋەدە بەرگەنىدىم، _ دېدى.
[9] پادىشاھ: _ ئامان-ئېسەن بار، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئابسالوم ھىبرونغا باردى.
[10] بىراق ئابسالوم ئىسرائىلىيەنىڭ بارلىق قەبىلىلىرىگە ئادەملىرى ئەۋەتىپ: «سىلەر بۇرغا ئاۋازىنى ئاڭلىغان ھامان ‹ئابسالوم ھىبروندا پادىشاھ بولۇپتۇ› دەڭلار» دېدى.
[11] ئابسالومنىڭ يېنىدا ئۇنىڭ تەكلىپى بويىچە يېرۇسالېمدىن ئۇنىڭغا ئەگىشىپ كەلگەن 200 ئادەم بار ئىدى. ئۇلار ئابسالومنىڭ يامان نىيىتىدىن خەۋەرسىز ئادەملەر ئىدى.
[12] ئابسالوم قۇربانلىق سۇنۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، داۋۇتنىڭ مەسلىھەتچىسى گىلوھلۇق ئاخىتوفەلگە ئادەم ئەۋەتىپ، ئۇنى گىلوھدىن ئېلىپ كەلدى. ئابسالومغا ئەگەشكەنلەرنىڭ سانى زور مىقداردا كۆپىيىشى بىلەن، داۋۇت پادىشاھقا بولغان سۇيىقەستمۇ بارغانسېرى كۈچەيدى.
[13] بىر خەۋەرچى داۋۇتنىڭ يېنىغا كېلىپ: «ئىسرائىللارنىڭ قەلبى ئابسالومغا ئېغىپ كەتتى» دېدى.
[14] ئاندىن داۋۇت يېرۇسالېمدا ئۆزى بىلەن بىرگە بولغان ھەممە ئەمەلدارلىرىغا: _ ئەمىسە، بىز قاچايلى، بولمىسا ئابسالومدىن قېچىپ قۇتۇلالمايمىز. تېز بولۇڭلار، بولمىسا ئۇ بىزگە يېتىشىۋېلىپ، بىزنى ھالاكەتكە تىقىپ، شەھەر ئاھالىسىنىڭ ھەممىسىنى قىلىچ بىلەن قىرىۋېتىدۇ، _ دېدى.
[15] پادىشاھنىڭ ئەمەلدارلىرى پادىشاھقا: _ خوپ، پادىشاھى ئالەم، قانداق قارار قىلسىلىرى باش ئۈستىگە، _ دېدى.
[16] شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ پۈتۈن ئوردا ئەھلىنى ئەگەشتۈرۈپ يولغا چىقتى. ئوردىنى ساقلىسۇن دەپ، ئون توقىلىنى ئوردىغا قويدى.
[17] پادىشاھ يولغا چىققاندا، ئۇنىڭ بارلىق ئادەملىرى ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ماڭدى. ئۇلار شەھەرنىڭ ئەڭ چېتىدىكى بىر ئۆيگە كېلىپ توختىدى.
[18] پادىشاھنىڭ ياساۋۇللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق ئادەملىرى ۋە گاتتىن پادىشاھقا ئەگىشىپ كەلگەن 600 نەپەر گاتلىقلار پادىشاھنىڭ يېنىدىن ئۆتتى.
[19] پادىشاھ گاتلىق ئىتتايغا: _ نېمىشقا بىز بىلەن كېلىسەن؟ قايتىپ كەت! سەن باشقا ئەلدىن سۈرگۈن قىلىنغان بىر مۇساپىرسەن. كىم پادىشاھىڭ بولسا، شۇنىڭ يېنىدا تۇر.
[20] سەن تۈنۈگۈنلا كەلدىڭ. مەن نەگە بېرىشىمنى ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن. بۇ كۈنلەردە سېنى سەرگەردان قىلىپ يۈرەيمۇ؟ ئۆزۈڭ بىلەن بىللە كەلگەنلەرنى ئېلىپ قايتقىن. خۇدا ساڭا مېھىر-مۇھەببەت ۋە ساداقەتمەنلىك كۆرسەتكەي! _ دېدى.
[21] بىراق ئىتتاي پادىشاھقا: _ ئى پادىشاھى ئالەم، مەن مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگار، شۇنداقلا سىلىنىڭ ئالدىلىرىدا قەسەم قىلىمەنكى، ھاياتلىق ياكى ماماتلىق بولسۇن، سىلى نەدە بولسىلا، پېقىر شۇ يەردە بولىمەن، _ دەپ جاۋاب بەردى.
[22] داۋۇت ئىتتايغا: _ بوپتۇ، بىز بىلەن يۈرۈۋەر، _ دېدى. شۇنداق قىلىپ، گاتلىق ئىتتاي بارلىق ئادەملىرىنى بالا-چاقىلىرى بىلەن ئېلىپ، ئالدىغا قاراپ مېڭىپ كەتتى.
[23] داۋۇتنىڭ ئادەملىرى يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندا، پۈتۈن يۇرت ئەھلى ھۆڭرەپ يىغلاپ كەتتى. پادىشاھ داۋۇت قىدرون جىلغىسىدىن كېسىپ ئۆتۈپ، بارلىق ئادەملىرىنى باشلاپ، دەشت-باياۋانغا قاراپ يول ئالدى.
[24] روھانىي زادوق ۋە روھانىي ئەبىياتار خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرۈۋالغان لاۋىيلار بىلەن بىللە شۇ يەردە ئىدى. ئۇلار خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى يەرگە قويۇپ، داۋۇت ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى شەھەردىن چىقىپ بولغۇچە ساقلاپ تۇرۇشتى.
[25] _ خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى يېرۇسالېمغا قايتۇرۇپ كېتىڭلار! _ دېدى پادىشاھ زادوققا، _ ئەگەر پەرۋەردىگار مەندىن رازى بولسا، مېنى قايتۇرۇپ كېلىپ، ئەھدە ساندۇقى تۇرغان ئۆينى ۋە ئەھدە ساندۇقىنى ماڭا يەنە كۆرسەتسۇن.
[26] ئەگەر پەرۋەردىگار: «سەندىن رازى ئەمەسمەن» دېسە، مەيلى، مېنى قانداق قىلسا شۇنداق قىلسۇن.
[27] پادىشاھ يەنە روھانىي زادوققا: _ سەن ئەھۋالنى چۈشىنىسەن. ئوغلۇڭ ئاخىمائاس ۋە روھانىي ئەبىياتار ھەمدە ئۇنىڭ ئوغلى يوناتان بىلەن بىللە شەھەرگە تىنچ قايتىپ كېتىڭلار.
[28] مەن سىلەردىن تاكى خەۋەر كەلگۈچە دالادىكى دەريا كېچىكىدە ساقلاپ تۇرىمەن، _ دېدى.
[29] شۇنداق قىلىپ زادوق بىلەن ئەبىياتار خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى يېرۇسالېمغا قايتۇرۇپ كېتىشتى ۋە ئۆزلىرىمۇ شۇ يەردە تۇرۇپ قېلىشتى.
[30] داۋۇت ھۆڭرەپ يىغلاپ، قايغۇ-ھەسرەتتىن بېشىنى يېپىۋېلىپ، يالاڭ ئاياغ پېتى زەيتۇن تېغىغا چىقىشقا باشلىدى. ئۇنىڭ ھەمراھلىرىمۇ باشلىرىنى يېپىۋېلىپ يىغلاپ مېڭىشتى.
[31] داۋۇتنىڭ مەسلىھەتچىسى ئاخىتوفەلنىڭ ئابسالوم تەرەپكە ئۆتۈپ كەتكەنلىك خەۋىرى داۋۇتقا يېتىپ كەلگەندە، داۋۇت پەرۋەردىگارغا: «ئى پەرۋەردىگار، ئاخىتوفەلنىڭ كۆرسەتكەن مەسلىھەتلىرىنى ئەخمىقانىلىققا ئايلاندۇرۇۋەتكەيسەن» دەپ دۇئا قىلدى.
[32] داۋۇت تاغنىڭ بېشىغا، يەنى كىشىلەر خۇداغا سەجدە قىلىدىغان يەرگە يېتىپ كەلگەندە، ئاركى جەمەتىدىن بولغان خۇشاي كىيىملىرىنى يىرتىپ، بېشىغا توپا چاچقان ھالدا ئۇنى شۇ يەردە كۈتۈۋالدى.
[33] داۋۇت ئۇنىڭغا: _ ئەگەر سەن مەن بىلەن بىللە ماڭساڭ، ماڭا يۈك بولۇپ قالىسەن.
[34] سەن يېرۇسالېمغا قايتىپ، ئابسالومغا: «ئى پادىشاھ ئالىيلىرى، مەن ئىلگىرى ئاتىلىرىنىڭ خىزمەتكارى بولغىنىمدەك، ئەمدى سىلىنىڭمۇ خىزمەتكارلىرى بولۇشنى خالايمەن» دېگىن. شۇنداق قىلساڭ، ئاخىتوفەلنىڭ كۆرسەتكەن مەسلىھەتىگە قارشى چىقىپ، ماڭا ياردەم قىلالايسەن.
[35] روھانىي زادوق بىلەن روھانىي ئەبىياتارمۇ شۇ يەردە سەن بىلەن بىللە بولىدۇ ئەمەسمۇ؟! سەن ئوردىدا ئاڭلىغانلىرىڭنىڭ ھەممىسىنى ئۇلارغا ئېيتىپ تۇر.
[36] ئۇلارنىڭ ئوغۇللىرى ئاخىمائاز بىلەن يوناتانمۇ شۇ يەردە. ئۇلار ئارقىلىق ئاڭلىغانلىرىڭنىڭ ھەممىسىنى ماڭا يەتكۈزسەڭ بولىدۇ، _ دېدى.
[37] شۇنداق قىلىپ داۋۇتنىڭ دوستى خۇشاي يېرۇسالېمغا قايتىپ كەلدى. شۇ پەيتتە ئابسالوممۇ يېرۇسالېمغا كىرىۋاتقانىدى.