[1] پەرۋەردىگار ناتان پەيغەمبەرنى داۋۇتنىڭ يېنىغا ئەۋەتتى. ئۇ كېلىپ، داۋۇتقا مۇنداق دېدى: _ بىر شەھەردە ئىككى ئادەم بار بولۇپ، بىرسى باي، بىرسى كەمبەغەل ئىكەن.
[2] باينىڭ ناھايىتى كۆپ چارۋا-ماللىرى بار ئىكەن،
[3] كەمبەغەلنىڭ بولسا سېتىۋېلىپ بېقىۋاتقان كىچىككىنە بىر چىشى قوزىسىدىن باشقا ھېچنېمىسى يوق ئىكەن. ئۇ قوزا كەمبەغەلنىڭ ئۆيىدە ئۇنىڭ بالىلىرى بىلەن بىللە چوڭ بولۇشقا باشلاپتۇ. قوزا ئۇنىڭ تامىقىدىن يەپ، قاچىسىدىن سۈت ئىچىپ، قوينىدا ئۇخلايدىكەن. قىسقىسى قوزا ئۇ ئادەمنىڭ قىزىدەكلا بولۇپ كېتىپتۇ.
[4] بىر كۈنى باينىڭ ئۆيىگە بىر يولۇچى چۈشۈپتۇ. باي مېھمانغا تائام ھازىرلاش ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ ماللىرىدىن بىرەرنى سويۇشقا كۆزى قىيماي، ھېلىقى كەمبەغەلنىڭ پاقلىنىنى ئەكەلدۈرۈپ، ئۇنى سويۇپتۇ-دە، يولۇچىنى مېھمان قىلىپتۇ.
[5] داۋۇت بۇنى ئاڭلاپ بايغا قاتتىق غەزەپلىنىپ، ناتانغا: _ مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگار ئالدىدا قەسەم قىلىمەنكى، بۇنداق ئىشنى قىلغان ئادەم ئۆلۈمگە مەھكۇمدۇر.
[6] ئۇ باغرى تاشلىق قىلىپ، بۇنداق ئىشنى قىلغانلىقى ئۈچۈن كەمبەغەلگە تۆت پاقلان تۆلىشى كېرەك، _ دېدى.
[7] _ ئۇ ئادەم دەل سەن! _ دېدى ناتان داۋۇتقا، _ پەرۋەردىگار، ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا ساڭا دەيدۇكى: «مەن سېنى ئىسرائىلىيەگە پادىشاھ بولۇشقا تاللاپ، سائۇلنىڭ قولىدىن قۇتۇلدۇرۇپ چىقتىم.
[8] ئۇنىڭ ئوردىسىنى ساڭا ئاتا قىلىپ، خوتۇنلىرىنى قۇچىقىڭغا سېلىپ بەردىم. ئىسرائىلىيە ۋە يەھۇدىيە پادىشاھلىقلىرىنىمۇ ساڭا بەردىم. بۇلارنى ئاز كۆرگەن بولساڭ، بۇنىڭدىنمۇ كۆپرەكىنى بېرەر ئىدىم.
[9] سەن نېمىشقا مېنى كۆزگە ئىلماي، رەزىل ئىشلارنى قىلدىڭ؟ خىت خەلقىدىن بولغان ئۇرىيانىڭ جېنىنى ئۇرۇشتا ئاممونلارنىڭ قولى بىلەن ئالدىڭ. ئۇنىڭ ئايالىنى تارتىۋېلىپ، ئۆزۈڭگە خوتۇن قىلىۋالدىڭ!
[10] مېنى كۆزۈڭگە ئىلماي، ئۇرىيانىڭ ئايالىنى ئۆزۈڭگە خوتۇن قىلىۋالغانلىقىڭ ئۈچۈن، بۇنىڭدىن كېيىن قىلىچ ئەۋلادلىرىڭغا دائىم خەۋپ ئېلىپ كېلىدۇ.»
[11] پەرۋەردىگار يەنە شۇنداق دەيدۇكى: «قارا! مەن ئۆزۈڭنىڭ ئەۋلادلىرىڭدىن ئۆزۈڭگە يامانلىق كەلتۈرىمەن؛ كۆز ئالدىڭدىلا خوتۇنلىرىڭنى باشقا بىرسىگە بېرىۋېتىمەن. ئۇ كۈپكۈندۈزدە خوتۇنلىرىڭنىڭ قوينىغا كىرىدۇ.
[12] سەن ئۇ ئىشنى يوشۇرۇنچە قىلغان بولساڭ، مەن بۇنى بارلىق ئىسرائىل خەلقى ئالدىدا كۈپكۈندۈزدە قىلغۇزىمەن.»
[13] داۋۇت بۇ گەپنى ئاڭلاپ ناتانغا: _ مەن پەرۋەردىگار ئالدىدا گۇناھ قىلدىم، _ دېدى. _ پەرۋەردىگار گۇناھىڭنى كەچۈردى. سەن ئۆلمەيسەن، _ دېدى ناتان،
[14] _ ئەمما سەن بۇ ئىشنى قىلىپ، پەرۋەردىگارنى مەنسىتمىگەنلىكىڭ ئۈچۈن، يېڭى تۇغۇلغان ئوغلۇڭ ئۆلۈپ كېتىدۇ.
[15] شۇنىڭ بىلەن ناتان ئۆز ئۆيىگە قايتىپ كەتتى. پەرۋەردىگار ئۇرىيانىڭ خوتۇنى داۋۇتقا تۇغۇپ بەرگەن بالىنى ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار قىلدى.
[16] داۋۇت ئوغلى ئۈچۈن پەرۋەردىگارغا يالۋۇردى. ئۇ روزا تۇتتى، كېچىلىرى ئۆيىگە كىرىپ، يەردىلا ياتتى.
[17] ئوردا ئاقساقاللىرى ئۇنىڭ يېنىغا كىرىپ، ئۇنى يەردىن تۇرغۇزماقچى بولسىمۇ، داۋۇت ئورنىدىن تۇرمىدى. ئۇلار بىلەن بىللە غىزا يېگىلىمۇ ئۇنىمىدى.
[18] يەتتىنچى كۈنى بالا قازا قىلدى. داۋۇتنىڭ ئەمەلدارلىرى ئۇنىڭغا بالىسىنىڭ ئۆلۈم خەۋىرىنى ئېيتىشقا پېتىنالمىدى. ئۇلار: «بىز بالا ھايات چېغىدا ئۇنىڭغا شۇنچە نەسىھەت قىلىپمۇ ئۇنى گەپكە كىرگۈزەلمىگەن تۇرساق، ئەمدى ئۇنىڭغا بالىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى قانداقمۇ ئېيتالايمىز؟ ئۇ ئۆزىگە بىرەر يامان ئىش قىلىپ قويارمىكىن» دەپ ئەنسىرەشتى.
[19] داۋۇت ئەمەلدارلىرىنىڭ بىر-بىرىگە پىچىرلىشىپ يۈرگەنلىكىدىن بالىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ھېس قىلىپ، ئەمەلدارلىرىدىن: _ بالا قازا قىلدىمۇ؟ _ دەپ سورىدى. ئۇلار: _ ھەئە! _ دەپ جاۋاب بېرىشتى.
[20] شۇنىڭدىن كېيىن داۋۇت ئورنىدىن تۇرۇپ، يۇيۇنۇپ، خۇش پۇراق ئەتىرلەرنى چېچىپ، كىيىملىرىنى يەڭگۈشلەپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتگاھىغا كىرىپ ئىبادەت قىلدى. ئاندىن ئۇ ئۆز ئوردىسىغا قايتىپ كېلىپ، غىزا كەلتۈرگۈزۈپ يېدى.
[21] شۇ چاغدا ئەمەلدارلىرى ئۇنىڭدىن: _ بالا ھايات چېغىدا روزا تۇتۇپ، يىغلىدىلا. بالا ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن بولسا ئەكسىچە غىزا يېدىلا، بۇ قانداق قىلغانلىرى؟ _ دەپ سورىدى.
[22] داۋۇت ئۇلارغا: _ بالا ھايات چېغىدا روزا تۇتۇپ يىغلىشىم؛ پەرۋەردىگار ماڭا شەپقەت قىلىپ، بالىنى ھايات قالدۇرارمىكىن، دېگەن ئويدا بولغانلىقىمدىن ئىدى.
[23] ئەمدى ئۇ ئۆلۈپ كەتتى، يەنە نېمىشقا روزا تۇتىدىكەنمەن؟ ئۇنى تىرىلدۈرۈۋالالايتتىممۇ؟ مەن ھامان بىر كۈنى ئۇنىڭ يېنىغا بارىمەن، لېكىن ئۇ مېنىڭ يېنىمغا قايتىپ كېلەلمەيدۇ، _ دەپ جاۋاب بەردى.
[24] ئاندىن كېيىن داۋۇت ئايالى باتشەباغا تەسەللى بەردى ۋە ئۇنىڭ يېنىغا كىرىپ ئۇنىڭ بىلەن بىللە ياتتى. باتشەبا ھامىلىدار بولۇپ، بىر ئوغۇل تۇغدى. بالىغا «سۇلايمان» دەپ ئات قويۇلدى. پەرۋەردىگار بالىنى ياخشى كۆرگەنلىكى ئۈچۈن،
[25] ناتان پەيغەمبەرنى ئەۋەتىپ، ئۇنىڭغا يىدىدىيا [مەنىسى «پەرۋەردىگار ياخشى كۆرۈپ سۆيدى»] دەپ ئات قويدى.
[26] شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يوئاب ئاممونلارنىڭ پايتەختى رابباھقا بولغان ھۇجۇمىنى داۋام قىلىۋەردى. نەتىجىدە شەھەرنىڭ پادىشاھ ئوردىسى جايلاشقان قەلئەسىنى بېسىۋالدى.
[27] كېيىن ئۇ داۋۇتقا چاپارمەنلەرنى ئەۋەتىپ: _ مەن رابباھ شەھىرىگە ھۇجۇم قىلىپ، شەھەرنىڭ ئاساسلىق سۇ مەنبەسىنى ئالدىم.
[28] ئەمدى قالغان ئادەملەرنى ئۆزىڭىز باشلاپ كېلىپ، شەھەرنى قورشاپ بېسىۋېلىڭ. شەھەرنى مەن ئالغان بولۇپ قالماي، بولمىسا خەلق «شەھەرنى يوئاب ئالغان» دەپ يۈرۈشىدۇ، _ دېدى.
[29] شۇنىڭدىن كېيىن، داۋۇت قالغان قوشۇننى يىغىپ رابباھقا يۈرۈش قىلىپ، شەھەرنى ھۇجۇم بىلەن ئالدى.
[30] داۋۇت ئاممونلارنىڭ پادىشاھىنىڭ بېشىدىكى ئالتۇن تاجنى ئالدى. ئېغىرلىقى 35 كىلو كېلىدىغان، ئۈستى ياقۇت بىلەن بېزەلگەن بۇ ئالتۇن تاج داۋۇتنىڭ بېشىغا كىيدۈرۈلدى. داۋۇت شەھەردىن نۇرغۇن ئولجىلارنى ئالدى.
[31] ئۇ يەنە شەھەر ئاھالىسىنى ھەرە، كەتمەن، پالتا بىلەن قىلىنىدىغان ئىشلارغا ۋە خۇمداندا خىش پىشۇرۇشقا سالدى. داۋۇت ئاممونلارنىڭ باشقا شەھەر ئاھالىلىرىگىمۇ شۇنداق مۇئامىلە قىلدى. ئاندىن داۋۇت پۈتۈن قوشۇنىنى باشلاپ، يېرۇسالېمغا قايتىپ كەتتى.