[1] شۇ چاغدا بىنيامىن قەبىلىسىدىن بولغان بىكرىنىڭ ئوغلى شىبا دېگەن بىر ئوسال ئادەم شۇ يەردە ئىدى. ئۇ بۇرغا چېلىپ: «يىشاينىڭ ئوغلى داۋۇتنىڭ بىزگە ئۆتكۈزۈپ قويغىنى يوق، بىزنىڭ ھەم ئۇنىڭدا قەرزىمىز يوق. ھەي ئىسرائىللار، ھەممىمىز ئۆز ئۆيلىرىمىزگە قايتايلى!» دېدى.
[2] شۇنىڭدىن كېيىن بارلىق ئىسرائىل خەلقى داۋۇتنى تاشلاپ، بىكرىنىڭ ئوغلى شىباغا ئەگىشىپ كەتتى. يەھۇدا قەبىلىسىدىكىلەر بولسا ئۆزلىرىنىڭ پادىشاھىغا سادىق بولۇپ، ئىئوردان دەرياسىدىن يېرۇسالېمغا قەدەر ئۇنىڭغا ئەگىشىپ كەلدى.
[3] داۋۇت پادىشاھ يېرۇسالېمدىكى ئوردىسىغا قايتىپ كېلىپ، ئوردىنى ساقلاشقا قالدۇرغان ئون توقالنى مەخسۇس بىر ئۆيگە ئورۇنلاشتۇرۇپ، نەزەربەند ئاستىغا ئالدى. داۋۇت پادىشاھ ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىغا قارىدى، لېكىن بىرەرسى بىلەن بىللە بولمىدى. ئۇلار تاكى ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە نەزەربەند ئاستىدا تۇل خوتۇنلاردەك ياشىدى.
[4] شۇنىڭدىن كېيىن داۋۇت پادىشاھ ئۆز قوشۇنىنىڭ باش سەركەردىسى ئاماساغا: _ ئۈچ كۈن ئىچىدە يەھۇدا قەبىلىسىدىكىلەرنى ھۇزۇرۇمغا جەم قىل. ئۆزۈڭمۇ بۇ يەردە بول، _ دېدى.
[5] ئاماسا يەھۇدا قەبىلىسىدىكىلەرنى جەم قىلغىلى كەتتى. لېكىن ئۇ بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە قايتىپ كەلمىدى.
[6] شۇڭا داۋۇت ئابىشايغا: _ بىكرىنىڭ ئوغلى شىبا بىزگە ئابسالومدىنمۇ ئېغىر زىيان ئېلىپ كېلىدۇ. سەن ئادەملىرىمنى باشلاپ بېرىپ، ئۇنىڭ كەينىدىن قوغلا. بولمىسا ئۇ سېپىللىرى مۇستەھكەم بىر شەھەرنى تېپىپ كىرىۋېلىپ، يوشۇرۇنۇۋالىدۇ، _ دېدى.
[7] شۇنىڭ بىلەن يوئابنىڭ ئادەملىرى، كىرېتلەر بىلەن پىلېتلەردىن تەركىب تاپقان ياساۋۇللار ۋە باھادىرلار ئابىشاي ۋە يوئابقا ئەگىشىپ، يېرۇسالېمدىن يولغا چىقىپ، بىكرىنىڭ ئوغلى شىبانى قوغلاپ ماڭدى.
[8] ئۇلار گىبئوندىكى قورام تاشنىڭ يېنىغا كەلگەندە، ئاماسا ئۇلارنىڭ ئالدىغا چىقتى. يوئاب جەڭ كىيىملىرىنى كىيگەن بولۇپ، بېلىگە غىلاپلىق خەنجەر ئېسىلغان كەمەر باغلىغانىدى. ئۇ ئالدىغا قاراپ ماڭغاندا خەنجەر سىيرىلىپ چۈشۈپ قالدى.
[9] _ ياخشىمۇسەن قېرىندىشىم، _ دېدى يوئاب ئاماساغا ۋە ئۇنىڭ يۈزىنى سۆيۈش ئۈچۈن ئوڭ قولى بىلەن ئۇنىڭ ساقىلىنى تۇتتى.
[10] ئاماسا يوئابنىڭ سول قولىدىكى خەنجەرنى بايقىمىدى. شۇ چاغدا يوئاب خەنجىرىنى ئۇنىڭ قورسىقىغا تىقىۋەتتى. ئۇنىڭ ئۈچەي-قېرىنلىرى يەرگە شالاقلاپ چۈشتى. ئاماساغا ئىككىنچى خەنجەر ئۇرۇشنىڭ ئورنى قالمىدى. ئۇنىڭ جېنى دەرھال چىقتى. شۇنىڭدىن كېيىن يوئاب ۋە ئاكىسى ئابىشايلار بىكرىنىڭ ئوغلى شىبانى داۋاملىق قوغلاشقا ماڭدى.
[11] يوئابنىڭ ئادەملىرىدىن بىر ياش يىگىت ئاماسانىڭ جەسىتى يېنىدا تۇرۇپ: _ كىم يوئاب بىلەن داۋۇت تەرەپتە تۇرسا، يوئابنىڭ ئارقىسىدىن ماڭسۇن! _ دېدى.
[12] ئاماسانىڭ جەسىتى ئۆز قېنىغا مىلىنىپ، چوڭ يولنىڭ ئوتتۇرىسىدا ياتاتتى. ھېلىقى ياش يىگىت ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ھەربىر ئادەمنىڭ جەسەتنى كۆرگەندە ئۇنىڭغا قاراپ تۇرۇپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ، جەسەتنى يولدىن سۆرەپ ئېتىزغا ئاپىرىپ، ئۈستىنى بىر چاپان بىلەن يېپىپ قويدى.
[13] جەسەت چوڭ يولدىن يۆتكىۋېتىلگەندىن كېيىن، ھەممەيلەن يوئابقا ئەگىشىپ، بىكرىنىڭ ئوغلى شىبانىڭ كەينىدىن قوغلاپ كەتتى.
[14] شۇ ئەسنادا، شىبا بارلىق ئىسرائىلىيە قەبىلىلىرىنىڭ زېمىنلىرىنى بېسىپ ئۆتۈپ، بەيت-مائاكادىكى ئابېل شەھىرىگە يېتىپ كەلدى. بىكرى قەبىلىسىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى يىغىلىپ، شىباغا ئەگىشىپ شەھەرگە بىللە كىرگەنىدى.
[15] يوئاب ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى شىبانىڭ بەيت-مائاكادىكى ئابېل شەھىرىدە ئىكەنلىكىنى ئاڭلاپ، ئۇ يەرگە بېرىپ، شەھەرنى قامال قىلىۋالدى. ئۇلار شەھەر سېپىلىگە يۆلەپ توپا دۆۋىلىدى ۋە سېپىلنى ئۇرۇپ بۇزۇشقا باشلىدى.
[16] شۇ پەيتتە بىر دانا ئايال شەھەر ئىچىدىن: _ ئاڭلاڭلار، ئاڭلاڭلار! يوئابقا دەڭلار، بۇ ياققا كەلسۇن، ئۇنىڭغا دەيدىغان گېپىم بار! _ دەپ توۋلىدى.
[17] يوئاب ھېلىقى ئايالغا يېقىنراق كەلدى. _ سىلى يوئاب بولاملا؟ _ دەپ سورىدى ئايال. _ ھە، مەن شۇ، _ دېدى يوئاب. _ دېدەكلىرىنىڭ گېپىگە قۇلاق سالغايلا! _ دېدى ئايال. _ ھە، ئاڭلاۋاتىمەن! _ دېدى يوئاب.
[18] ئايال گېپىنى داۋام قىلىپ: _ قەدىمكىلەر: «مەسلىھەتنى ئابېلدا ئال، بارلىق دەۋالار ئۇندا ھەل بولار» دەپتىكەن.
[19] بىز ئىسرائىلىيەنىڭ تىنچلىقپەرۋەر، سادىق كىشىلىرىدىنمىز. سىلى ئىسرائىلىيەنىڭ بۇ ئانا شەھىرىنى ۋەيران قىلماقچى بولدىلا. سىلى نېمىدەپ پەرۋەردىگارغا تەۋە بولغاننى يوق قىلماقچى بولۇۋاتىلا؟ _ دېدى.
[20] _ خۇدا ساقلىسۇن! _ دېدى يوئاب، _ مەن بۇ شەھەرنى ھەرگىز ۋەيران قىلماقچى ياكى يوق قىلماقچى ئەمەسمەن.
[21] ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، ئەفرايىم تاغلىق رايونىدىن بولغان بىكرىنىڭ ئوغلى شىبا دېگەن بىر ئادەم داۋۇت پادىشاھقا قارشى ئىسيان كۆتۈرگەنىدى. پەقەت شۇ بىر كىشىنى تاپشۇرۇپ بەرسەڭلارلا بولدى، مەن بۇ شەھەردىن كېتىمەن. _ بولىدۇ ئەمىسە، ئۇ ئادەمنىڭ كاللىسىنى سېپىلدىن سىلىگە تاشلاپ بېرىمىز، _ دېدى ئايال.
[22] شۇنىڭ بىلەن ئايال پۈتۈن شەھەر ئەھلىگە ئۆزىنىڭ دانا سۆزلىرىنى يەتكۈزدى. ئۇلار بىكرىنىڭ ئوغلى شىبانىڭ كاللىسىنى كېسىۋېلىپ، يوئابقا تاشلاپ بەردى. يوئاب بۇرغىسىنى چېلىشى بىلەن ئادەملىرى شەھەردىن چىقىپ، ئۆز ئۆيلىرىگە قايتىشتى. يوئاب يېرۇسالېمغا، يەنى داۋۇت پادىشاھنىڭ يېنىغا كەتتى.
[23] يوئاب پۈتكۈل ئىسرائىلىيە قوشۇنىنىڭ باش سەركەردىسى، يىھويادانىڭ ئوغلى بىنايا كىرېتلەر بىلەن پىلېتلەردىن تەركىب تاپقان ياساۋۇللارنىڭ قوماندانى،
[24] ئادورام ھاشارچىلارنى باشقۇرغۇچى، ئاخىلۇدنىڭ ئوغلى يىھوشافات تەزكىرىچى،
[25] شىۋا پۈتۈكچى، زادوق بىلەن ئەبىياتار روھانىي ئىدى.
[26] يائىرلىق ئىرا بولسا داۋۇتنىڭ خۇسۇسىي روھانىيسى ئىدى.