Skip to content
Opens in a new window

[1] مەزلۇم زىرۇيانىڭ ئوغلى يوئاب داۋۇت پادىشاھنىڭ ئابسالومنى سېغىنغانلىقىنى بىلىپ،

[2] تىقوۋا شەھىرىگە ئادەم ئەۋەتىپ، ئۇ يەردىن بىر دانىشمەن ئايالنى چاقىرتىپ كەلدى. يوئاب ئۇ ئايالغا: _ سەن ماتەم تۇتۇۋاتقان قىياپەتكە كىرىپ، ھازىدارلىق كىيىملىرىڭنى كىيگىن. پەرداز قىلما، ئۆزۈڭنى بىر مەرھۇمغا ئۇزاقتىن بېرى ماتەم تۇتۇۋاتقان ئايالدەك كۆرسىتىپ،

[3] مەن ساڭا نېمە دېسەم، پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىغا بېرىپ، ئۇنىڭغا شۇنى دە، _ دېدى. كېيىن يوئاب ئۇ ئايالغا نېمىلەرنى ئېيتىشنى ئۆگەتتى.

[4] تىقوۋالىق ئايال، پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىغا كىرىپ، يەرگە باش قويۇپ تەزىم قىلىپ، مۇنداق دېدى: _ ئى پادىشاھ ئالىيلىرى، ماڭا بىر ياردەم قىلغايلا!

[5] _ نېمە ئىشىڭ بار؟ _ دەپ سورىدى پادىشاھ. _ مەن بىر تۇل ئايالمەن، _ دېدى ئۇ، _ ئېرىم ئۆلۈپ كەتكەن.

[6] دېدەكلىرىنىڭ ئىككى ئوغلى بار ئىدى. بىر كۈنى ئۇ ئىككىسى ئېتىزلىقتا ئۇرۇشۇپ قاپتۇ. ئۇ يەردە ئىككىسىنى ئاجرىتىپ قويىدىغان ئادەم يوق، بىرى يەنە بىرىنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ قويۇپتۇ.

[7] ئەمدى پۈتۈن جەمەتىم دېدەكلىرىگە قارشى چىقىپ، ماڭا: «ئاكىسىنى ئۆلتۈرگەن قاتىلنى بىزگە تاپشۇرۇپ بەر. ئاكىسىنى ئۆلتۈرگەنلىكى ئۈچۈن، گەرچە مىراسخورۇڭ قالمىسىمۇ، ئۇنى ئۆلتۈرىمىز» دېيىشىۋاتىدۇ. ئەگەر شۇنداق بولسا، ئۇلار مېنىڭ ئۈمىد چىرىغىمنى ئۆچۈرۈۋېتىدۇ. بۇ دۇنيادا ئېرىمنىڭ نامىنى داۋاملاشتۇرىدىغان بىرەرسى قالمايدۇ.

[8] _ سەن ئۆيۈڭگە قايت! مەن سېنىڭ مەنپەئەتىڭگە پايدىلىق پەرمان چۈشۈرىمەن، _ دېدى پادىشاھ ھېلىقى ئايالغا.

[9] تىقوۋالىق ئايال پادىشاھقا يەنە: _ ئى جانابىي ئالىيلىرى، بۇ ئىشلارغا مەن ۋە ئاتامنىڭ جەمەتى ئەيىبلىكتۇرمىز. پادىشاھ ۋە پادىشاھنىڭ تەختى ئەيىبسىز بولغاي، _ دېدى.

[10] _ بۇ ئىش توغرۇلۇق كىم ساڭا بىر نېمە دېسە، ئۇنى مېنىڭ يېنىمغا باشلاپ كەل. ئۇ ئادەم سېنى يەنە خاپا قىلمايدىغان بولىدۇ، _ دېدى پادىشاھ.

[11] _ ئەي پادىشاھ ئالىيلىرى، پەرۋەردىگار خۇدالىرىنىڭ ئالدىدا قەسەم قىلغايلا، ئوغلۇمنىڭ ئاتا جەمەتىدىكى قانغا قان ئالىمەن دېگۈچىلەر، قالغان بىر ئوغلۇمنىمۇ ئۆلتۈرۈپ، تېخىمۇ چوڭ جىنايەت ئۆتكۈزمىگەي، _ دېدى ئايال. _ مەن مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا قەسەم قىلىمەنكى، _ دېدى پادىشاھ، _ ئوغلۇڭنىڭ بىر تال مويىغىمۇ زەرەر يەتمەيدۇ.

[12] _ دېدەكلىرىنىڭ پادىشاھ ئالىيلىرىغا يەنە بىر ئېغىز گەپ قىلىشىغا رۇخسەت قىلغايلا، _ دېدى ئايال. _ قېنى، دېگىن، _ دېدى پادىشاھ.

[13] _ ئۇنداقتا ئۆزلىرى نېمىشقا دەل بۇنداق ناھەقچىلىكنى خۇدانىڭ خەلقىگە راۋا كۆرىدىلا؟ _ دېدى ئايال، _ ئى پادىشاھ ئالىيلىرى، سىلى بۇنداق دەپ تۇرۇپ ئۆزلىرىنىڭ قېچىپ كەتكەن ئوغۇللىرىنىڭ قايتىپ كېلىشىگە يول قويمىسىلا، ئۆزلىرىنىڭ خاتا ئىش قىلغانلىقلىرىنى ئىسپاتلىمامدىلا؟

[14] بىز ھەممىمىز ھامان ئۆلۈپ تۈگەيمىز. خۇددى سۇ تۇپراققا سېپىلسە قايتۇرۇۋالغىلى بولمىغاندەك، بىزمۇ قايتىپ كەلمەيمىز. لېكىن خۇدا بىزنى ھاياتلىقتىن مەھرۇم قىلمايدۇ، ئەكسىچە ئازغانلارنى ئۆزىنىڭ يېنىغا ئېلىپ كېلىشنىڭ يوللىرىنى ئىزدەيدۇ.

[15] پۈتۈن جەمەتىم مېنى قورقۇتۇۋەتكەنلىكى ئۈچۈن مەن: «بۈگۈن پادىشاھ ئالىيلىرىغا بۇ ئىشلار توغرۇلۇق ئىلتىجا قىلسام، پادىشاھىم دېدىكىنىڭ بۇ تەلىپىنى ئىجابەت قىلار،

[16] ئوغلۇم بىلەن مېنى ئۆلتۈرۈپ، بىزنى خۇدا ئۆز خەلقىگە بەرگەن زېمىندىن ئايرىۋەتمەكچى بولغانلاردىن قۇتقۇزار» دەپ ئويلىدىم.

[17] مەن يەنە: «پادىشاھ ئالىيلىرىنىڭ گېپى مېنى ئەمىن تاپقۇزىدۇ. چۈنكى پادىشاھىم خۇدانىڭ پەرىشتىسىگە ئوخشاش ھەق-ناھەقنى ئايرىيالايدۇ» دەپ ئويلىدىم. ئۆزلىرىنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇدالىرى سىلىگە يار بولغاي!

[18] _ مەن سەندىن بىر گەپ سوراي، _ دېدى پادىشاھ ھېلىقى ئايالغا، _ سەن مەندىن يوشۇرما. _ جانابىي ئالىيلىرى، قېنى، سورىسىلا، _ دېدى ئايال.

[19] _ سېنىڭ يېنىمغا كېلىپ بۇ سۆزلەرنى قىلىشىڭ يوئابنىڭ كۆرسەتمىسىمۇ؟ _ دەپ سورىدى پادىشاھ. ئايال جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: _ مەن پادىشاھ ئالىيلىرى ئالدىدا قەسەم قىلىمەنكى، ئۆزلىرىنىڭ ئويلىغانلىرى توغرا. ماڭا نېمە دېيىشنى ۋە نېمە قىلىشنى ئۆگەتكەن دەل ئۆزلىرىنىڭ خىزمەتكارلىرى يوئابتۇر.

[20] ئۇنىڭ بۇنداق قىلىشى مەسىلىنىڭ يەنە بىر تەرىپىنى سىلىگە كۆرسىتىپ بېرىشتۇر. دانالىقتا ئۆزلىرى خۇدانىڭ پەرىشتىسىگە ئوخشايدىلا، يەر يۈزىدە بولۇۋاتقان ھەممە ئىشلارنى بىلىلا.

[21] پادىشاھ يوئابنى چاقىرتىپ، ئۇنىڭغا: _ مەن ئارزۇيۇڭنى ئىجابەت قىلىشنى قارار قىلدىم. سەن بېرىپ، ياش يىگىت ئابسالومنى قايتۇرۇپ كەل، _ دېدى.

[22] يوئاب يەرگە باش قويۇپ تەزىم قىلىپ، پادىشاھقا بەخت تىلىدى ۋە: _ بۈگۈن پېقىر پادىشاھ ئالىيلىرىنىڭ ئالدىدا ئىلتىپات تاپتىم، چۈنكى پادىشاھىم ئارزۇيۇمنى ئىجابەت قىلدى، _ دېدى.

[23] شۇنىڭدىن كېيىن يوئاب گىشۇرغا بېرىپ، ئابسالومنى يېرۇسالېمغا قايتۇرۇپ كەلدى.

[24] لېكىن پادىشاھ: _ ئابسالوم ئۆيىگە بارسۇن، مېنىڭ ھۇزۇرۇمغا كەلمىسۇن، _ دېدى. شۇڭا ئابسالوم پادىشاھ بىلەن كۆرۈشمەي، ئۆز ئۆيىگە كەتتى.

[25] پۈتۈن ئىسرائىللار ئارىسىدا ئابسالومدەك قەددى-قامىتى كېلىشكەنلىكىدىن داڭقى چىققان ئادەم يوق ئىدى. ئۇنىڭ بېشىدىن تاپىنىغىچە بىرەر ئەيىب تاپقىلى بولمايتتى.

[26] بېشىدىكى چېچى ئۇنىڭغا ئېغىر كەلگەچكە، ئۇ ھەر يىلى بىر قېتىم چېچىنى ئالدۇراتتى. ئالدۇرغان چېچىنى ئۆلچىسە، ئىككى كىلودىن ئارتۇق كېلەتتى.

[27] ئابسالومنىڭ ئۈچ ئوغلى ۋە تامار ئىسىملىك گۈزەل بىر قىزى بار ئىدى.

[28] ئابسالوم يېرۇسالېمدا ئىككى يىل تۇرغان بولسىمۇ، پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىغا كىرمىدى.

[29] شۇنىڭ بىلەن ئابسالوم يوئابنى پادىشاھ ھۇزۇرىغا ئەۋەتمەكچى بولۇپ، ئۇنى چاقىرتتى، لېكىن يوئاب كەلگىلى ئۇنىمىدى. ئابسالوم ئىككىنچى قېتىم يەنە ئادەم ئەۋەتكەن بولسىمۇ، يوئاب يەنىلا كەلگىلى ئۇنىمىدى.

[30] شۇ سەۋەبتىن ئابسالوم خىزمەتكارلىرىغا: _ مانا، يوئابنىڭ ئارپا تېرىغان ئېتىزى مېنىڭ ئېتىزىم بىلەن يانداش تۇرۇپتۇ. سىلەر بېرىپ، يوئابنىڭ ئېتىزىغا ئوت قويۇۋېتىڭلار! _ دەپ بۇيرۇدى. ئابسالومنىڭ خىزمەتكارلىرى ئۇنىڭ ئېتىزىغا ئوت قويۇۋەتتى.

[31] شۇنىڭ بىلەن يوئاب ئابسالومنىڭ ئۆيىگە كېلىپ ئۇنىڭدىن: _ خىزمەتكارلىرىڭىز نېمە ئۈچۈن مېنىڭ ئېتىزىمغا ئوت قويىدۇ؟ _ دەپ سورىدى.

[32] ئابسالوم يوئابقا جاۋاب بېرىپ: _ سېنى چاقىرتىشىمدىكى مەقسەت، يېنىمغا كەلسەڭ، سېنى پادىشاھ ھۇزۇرىغا ئەۋەتىپ پادىشاھقا: «مېنى نېمىشقا گىشۇردىن قايتۇرۇپ كەلدىڭىز؟ شۇ يەردە تۇرۇۋەرگىنىم ياخشى بولاتتى» دېگەن سۆزلەرنى يەتكۈزۈش ئىدى. ئەمدى مەن پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىغا كىرەي. ئەگەر مەن ئەيىبلىك بولسام، مېنى ئۆلتۈرۈۋەتسۇن، _ دېدى.

[33] يوئاب پادىشاھنىڭ ئالدىغا كىرىپ، بۇ خەۋەرنى يەتكۈزدى. شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ ئابسالومنى چاقىرتتى. ئابسالوم پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىغا كىرىپ، ئۇنىڭ ئالدىدا باش قويۇپ تەزىم قىلدى. پادىشاھ ئابسالومنى قۇچاقلاپ سۆيدى.

سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم — Chapters