Skip to content
Opens in a new window

[1] شۇنىڭدىن كېيىن ئىسرائىلىيە قەبىلىلىرىنىڭ ھەممىسى ھىبرونغا كېلىپ داۋۇتنىڭ قېشىغا يىغىلدى. ئۇلار داۋۇتقا: _ قارىسىلا، بىز سىلىنىڭ جانجىگەر تۇغقانلىرى بولىمىز.

[2] بۇرۇن سائۇل بىزگە پادىشاھ بولۇپ تۇرغان ۋاقتىدا، ئۇرۇشلاردا ئىسرائىل خەلقىگە باشچىلىق قىلغانىدىلە. پەرۋەردىگارمۇ سىلىگە: «سەن خۇددى بىر پادىچى ئۆز قويلىرىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغاندەك، مېنىڭ خەلقىم بولغان ئىسرائىللارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىسەن ۋە ئۇلارغا باشچى بولىسەن» دېگەنىدى، _ دېدى.

[3] شۇنداق قىلىپ، داۋۇت ھىبروندا ئىسرائىللارنىڭ بارلىق ئاقساقاللىرى بىلەن «پەرۋەردىگار گۇۋاھ بولسۇن» دەپ، ئەھدە تۈزدى. ئۇلار داۋۇتنىڭ بېشىغا ياغ قۇيۇپ، ئۇنى ئىسرائىلىيەگە پادىشاھ قىلدى.

[4] داۋۇت تەختكە ئولتۇرغان چېغىدا ئوتتۇز ياش ئىدى، ئۇ قىرىق يىل تەختتە ئولتۇردى.

[5] ئۇ ھىبروندا يەھۇدا قەبىلىسىگە يەتتە يېرىم يىل، يېرۇسالېمدا پۈتۈن ئىسرائىلىيە ۋە يەھۇدىيەگە ئوتتۇز ئۈچ يىل پادىشاھ بولدى.

[6] داۋۇت پادىشاھ ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى يېرۇسالېمغا كېلىپ، شۇ يەردە تۇرىدىغان يىبۇسلارغا ھۇجۇم قىلماقچى بولغانىدى، يىبۇسلار: «داۋۇت ھەرگىز بۇ يەرگە كىرەلمەيدۇ» دەپ ئويلاپ، ئۇنىڭغا: _ سەن بۇ يەرگە كىرەلمەيسەن، سىلەرنى ھەتتا بۇ يەردىكى كور-توكۇرلارمۇ توسۇپ قالالايدۇ، _ دېدى.

[7] (كېيىن، داۋۇت سىئون قەلئەسىنى ھۇجۇم قىلىپ ئالدى ۋە بۇ قەلئەگە «داۋۇت شەھىرى» دەپ نام بەردى.)

[8] داۋۇت ئۇ چاغدا ئۆز ئادەملىرىگە: _ كىمكى يىبۇسلارنى يوقاتماقچى بولسا، ماڭا ئۆچ بولغان شۇ «كور» ۋە «توكۇر» لارنىڭ يېنىغا ئۆستەڭ ئارقىلىق بېرىپ، ئۇلارغا ھۇجۇم قىلسۇن، _ دېدى. شۇ سەۋەبتىن «كور ۋە توكۇرلار پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا كىرەلمەيدۇ» دېگەن گەپ پەيدا بولغان.

[9] شۇنداق قىلىپ، داۋۇت قەلئەنى ئىگىلەپ، ئۇ يەردە تۇرۇپ قالدى ۋە ئۇ قەلئەنى «داۋۇت شەھىرى» دەپ ئاتىدى. داۋۇت شەھەرنى تىندۇرۇلغان يەردىن باشلاپ كېڭەيتىپ قۇردى.

[10] داۋۇت كۈندىن-كۈنگە كۈچەيدى. پەرۋەردىگار _ قۇدرەتلىك سەردار خۇدا ئۇنىڭغا يار ئىدى.

[11] تىر پادىشاھى ھىرام ئەلچىلەرنى داۋۇتنىڭ يېنىغا ئەۋەتتى ۋە ئۇلار بىلەن بىرگە كېدىر ياغاچلىرى، ياغاچچىلار ۋە تاشچىلارنىمۇ ئەۋەتتى. ئۇلار داۋۇتقا ئوردا سېلىپ بەردى.

[12] شۇنىڭ بىلەن داۋۇت پەرۋەردىگارنىڭ ئۆزىنى ئىسرائىلىيەگە پادىشاھ قىلغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ ئۆز خەلقى ئىسرائىللار ئۈچۈن ئۆزىنىڭ پادىشاھلىقىنى گۈللەندۈرگەنلىكىنى بىلدى.

[13] داۋۇت ھىبروندىن كەتكەندىن كېيىن يېرۇسالېمدا يەنە بىرقانچە خوتۇن ۋە توقاللارنى ئالدى ۋە نۇرغۇن پەرزەنت كۆردى.

[14] يېرۇسالېمدىكى پەرزەنتلىرىنىڭ ئىسىملىرى: شاممۇۋا، شوباب، ناتان، سۇلايمان

[15] يىبخار، ئەلىشۇۋا، نەفەگ، يافىيا،

[16] ئەلىشاما، ئەليادا ۋە ئەلىفەلەت.

[17] داۋۇتنىڭ بېشىغا ياغ قۇيۇلۇپ، ئىسرائىلىيەگە پادىشاھ قىلىپ تەيىنلەنگەنلىكىنى ئاڭلىغان فىلىستىيەلىكلەر لەشكەرلىرىنى داۋۇتنى تۇتۇشقا ئەۋەتتى. داۋۇت بۇنى ئاڭلاپ، پاناھلىنىش ئۈچۈن تاغدىكى غارغا كەتتى.

[18] فىلىستىيەلىكلەر كېلىپ رافائىم جىلغىسىغا تارقالدى.

[19] داۋۇت پەرۋەردىگاردىن: _ مەن فىلىستىيەلىكلەرگە قارشى جەڭگە چىقايمۇ؟ ئۇلارنى مېنىڭ قولۇمغا تاپشۇرامسەن؟ _ دەپ سورىدى، پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: _ جەڭگە چىق، مەن چوقۇم فىلىستىيەلىكلەرنى سېنىڭ قولۇڭغا تاپشۇرىمەن، _ دېدى.

[20] شۇنىڭ بىلەن داۋۇت بائال-پىرازىمغا بېرىپ، فىلىستىيەلىكلەرنى مەغلۇپ قىلدى ۋە: «پەرۋەردىگار دۈشمەنلىرىم ئۈستىدىن خۇددى كەلكۈندەك بۆسۈپ ئۆتتى» دېدى. شۇڭا داۋۇت ئۇ يەرگە «بائال-پىرازىم» [مەنىسى «بۆسۈپ ئۆتكۈچى ئىگە»] دېگەن نامنى بەردى.

[21] فىلىستىيەلىكلەر ئۆزلىرىنىڭ بۇتلىرىنى شۇ يەرگە تاشلاپ قاچقانىدى. داۋۇت ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى ئۇ بۇتلارنى ئېلىپ كەتتى.

[22] ۋاھالەنكى، فىلىستىيەلىكلەر كېلىپ يەنە رافائىم جىلغىسىغا تارقالدى.

[23] داۋۇت يەنە پەرۋەردىگاردىن نېمە ئىش قىلىش كېرەكلىكىنى سورىدى، پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: _ ئۇلارنىڭ ئالدى تەرىپىدىن بارماي، ئارقىسىغا ئايلىنىپ ئۆتۈپ، ئۇلارغا تېرەكلىكنىڭ يېنىدىن ھۇجۇم قىل،

[24] سەن تېرەكلەرنىڭ يۇقىرى تەرىپىدىن لەشكەرلىرىمنىڭ ئاياغ تىۋىشلىرىنى ئاڭلىشىڭ بىلەنلا تېز ھەرىكەت قىل، چۈنكى شۇ چاغدا مەن سېنىڭ ئالدىڭدا فىلىستىيەلىكلەرنىڭ قوشۇنىغا قارشى ھۇجۇمغا چىققان بولىمەن، _ دېدى.

[25] شۇنداق قىلىپ داۋۇت پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇقى بويىچە ئىش تۇتۇپ، فىلىستىيەلىكلەرنى گەبادىن گەزەرگىچە قوغلاپ بېرىپ، قىردى.

سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم — Chapters