Skip to content
Opens in a new window

[1] بىر كۈنى داۋۇت: _ سائۇل جەمەتىدىن ھايات قالغانلاردىن بىرەر كىشى بارمۇ؟ _ دەپ سورىدى، _ ئەگەر بولسا مەن يوناتاننىڭ ھەق ھۆرمىتى ئۈچۈن ئۇ كىشىگە مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتەي.

[2] سائۇلنىڭ جەمەتىگە ئىشلەيدىغان زىبا ئىسىملىك بىر خىزمەتكار بار ئىدى، ئۇنى داۋۇتنىڭ يېنىغا چاقىرتىپ كېلىشتى. _ سەن زىبا بولامسەن؟ _ دەپ سورىدى داۋۇت پادىشاھ ئۇنىڭدىن. _ ھەئە ئالىيلىرى، مەن بولىمەن، _ دەپ جاۋاب بەردى ئۇ.

[3] _ سائۇل جەمەتىدىن ھازىرغىچە بىرەر ئادەم قالغانمۇ؟ مەن ئۇنىڭغا خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتىنى كۆرسىتەي، _ دېدى پادىشاھ يەنە. _ يوناتاننىڭ ئوغۇللىرىدىن بىرى ھايات بولۇپ، ئۇنىڭ ئىككىلا پۇتى توكۇردۇر، _ دەپ جاۋاب بەردى زىبا.

[4] _ ئۇ نەدە؟ _ سورىدى پادىشاھ. _ ئۇ لودىباردىكى ئاممىئېلنىڭ ئوغلى ماكىرنىڭ ئۆيىدە تۇرىدۇ، _ دەپ جاۋاب بەردى زىبا.

[5] شۇنىڭدىن كېيىن، داۋۇت پادىشاھ لودىباردىكى ئاممىئېلنىڭ ئوغلى ماكىرنىڭ ئۆيىدىن ئۇنى ئېلىپ كېلىشكە ئادەم ئەۋەتتى.

[6] سائۇلنىڭ نەۋرىسى، يەنى يوناتاننىڭ ئوغلى مىفىبوشەت داۋۇتنىڭ ئالدىغا كېلىپ، يەرگە باش قويۇپ، تەزىم قىلدى. _ مىفىبوشەت! _ دېدى داۋۇت. _ لەببەي، _ دېدى ئۇ.

[7] _ قورقما، مەن ئاتاڭ يوناتاننىڭ ھەق ھۆرمىتى ئۈچۈن ساڭا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىپ، بۇرۇن بوۋاڭ سائۇلغا تەۋە بولغان يەر-زېمىننىڭ ھەممىسىنى ساڭا بېرىمەن. بۇنىڭدىن باشقا، سەن دائىم داستىخىنىمدا مەن بىلەن بىللە غىزالىنىسەن، _ دېدى داۋۇت پادىشاھ ئۇنىڭغا.

[8] _ پېقىر ئۆلۈك ئىتتەك قەدىرسىز بىر ئادەممەن، ئۆزلىرىنىڭ بۇنچىۋالا ياخشىلىق قىلىشلىرىغا ئەرزىمەيمەن، _ دېدى مىفىبوشەت يەنە بىر مەرتەم تەزىم قىلىپ.

[9] داۋۇت پادىشاھ سائۇل ئۈچۈن ئىشلىگەن خىزمەتكار زىبانى چاقىرتىپ كېلىپ ئۇنىڭغا: _ مەن سائۇل ۋە ئۇنىڭ جەمەتىگە نېمە تېگىشلىك بولسا، ھەممىسىنى خوجايىنىڭنىڭ نەۋرىسىگە بەردىم.

[10] سەن، ئوغۇللىرىڭ شۇنداقلا خىزمەتكارلىرىڭنىڭ ھەممىسى خوجايىنىڭنىڭ جەمەتى ئۈچۈن يەرلىرىنى تېرىپ، ئالغان ھوسۇلنى ئۇلارنىڭ يەپ-ئىچىشىگە بەرگىن. خوجايىنىڭنىڭ نەۋرىسى مىفىبوشەت بولسا دائىم مەن بىلەن بىر داستىخاندا بولىدۇ، _ دېدى. (زىبانىڭ 15 ئوغلى، 20 خىزمەتكارى بار ئىدى.)

[11] زىبا پادىشاھقا: _ پېقىر پادىشاھ ئالىيلىرىنىڭ ئەمر قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسىنى بەجا كەلتۈرىدۇ، _ دېدى. شۇنىڭدىن كېيىن مىفىبوشەت خۇددى پادىشاھنىڭ ئوغلىدەك پادىشاھ بىلەن بىر داستىخاندا ئولتۇرۇپ غىزالىنىدىغان بولدى.

[12] مىفىبوشەتنىڭ مىكا ئىسىملىك بىر كىچىك ئوغلى بار ئىدى. زىبانىڭ ئۆيىدە تۇرىدىغانلارنىڭ ھەممىسى مىفىبوشەتنىڭ خىزمەتكارلىرى بولدى.

[13] ئىككىلا پۇتى توكۇر بولغان مىفىبوشەت ئەمدى يېرۇسالېمدا ياشاپ قالدى ۋە دائىم پادىشاھ بىلەن بىر داستىخاندا غىزالىنىپ تۇردى.

سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم — Chapters