[1] داۋۇت يېنىدىكى ئادەملىرىنى بىر جايغا يىغىپ، ئۇلار ئۈستىدىن سەركەردىلەر تەيىنلىدى، بەزىلىرى مىڭ لەشكەرگە باشلىق بولسا، بەزىلىرى يۈز لەشكەرگە باشلىق بولدى.
[2] ئۇ ئادەملىرىنىڭ ئۈچتىن بىرىنى يوئابنىڭ قولىغا، ئۈچتىن بىرىنى يوئابنىڭ ئاكىسى _ مەزلۇم زىرۇيانىڭ ئوغلى ئابىشاينىڭ قولىغا، قالغان ئۈچتىن بىرىنى گاتلىق ئىتتاينىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ، ئۇلارنى جەڭگە ئاتلاندۇردى. داۋۇت ئۇلارغا: _ مەنمۇ سىلەر بىلەن بىللە جەڭگە چىقىمەن، _ دېدى.
[3] ئادەملىرى ئۇنىڭغا: _ ئۆزلىرى جەڭگە چىقسىلا بولمايدۇ. ئەگەر بىز جەڭدە قېچىشقا توغرا كېلىپ قالساق، دۈشمەنلىرىمىز بىزگە پەرۋا قىلمايدۇ، ھەتتا بىزنىڭ يېرىمىمىز جەڭدە ئۆلسەكمۇ ئۇلارغا بەرىبىر. ئۆزلىرى بىزدەكتىن 10 مىڭغا ئەرزىيلە. شۇڭا ئەڭ ياخشىسى ئۆزلىرى شەھەردە قېلىپ بىزگە ياردەمچى ئەۋەتىپ تۇرغايلا، _ دېيىشتى.
[4] پادىشاھ داۋۇت ئۇلارغا: _ سىلەرچە قانداق قىلسام ياخشى بولسا شۇنداق قىلاي! _ دېدى. لەشكەرلەر يۈز كىشىلىك ۋە مىڭ كىشىلىك قوشۇن بولۇپ جەڭگە ئاتلانغاندا، پادىشاھ شەھەر دەرۋازىسىنىڭ يېنىدا تۇردى.
[5] پادىشاھ داۋۇت يوئاب، ئابىشاي ۋە ئىتتايغا: _ مېنىڭ ھۆرمىتىم ئۈچۈن ئابسالوم دېگەن يىگىتكە ياخشى مۇئامىلە قىلىڭلار _ دەپ بۇيرۇدى. پادىشاھنىڭ ئابسالوم توغرۇلۇق سەركەردىلەرگە بۇيرۇغان گېپىنى لەشكەرلەرنىڭ ھەممىسى ئاڭلىدى.
[6] شۇنىڭ بىلەن داۋۇتنىڭ ئادەملىرى ئىسرائىللار بىلەن جەڭ قىلىش ئۈچۈن دالاغا چىقتى. جەڭ ئەفرايىم ئورمانلىقىدا بولدى.
[7] داۋۇتنىڭ ئادەملىرى ئىسرائىللارنى مەغلۇپ قىلدى. ئۇ كۈنى چوڭ قىرغىنچىلىق بولۇپ 20 مىڭ كىشى ئۆلتۈرۈلدى.
[8] جەڭ پۈتۈن ئەتراپقا يېيىلدى. شۇ كۈنى ئورماندىكى خەتەرلەردە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى جەڭدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانىدىن كۆپ بولدى.
[9] ئابسالوم داۋۇتنىڭ ئادەملىرىگە دۇچ كېلىپ قالدى. ئۇ چاغدا ئابسالوم قېچىرغا مىنىپ قېچىپ كېتىۋاتاتتى. قېچىر شاخلىرى ناھايىتى قويۇق ئۆسكەن چوڭ بىر پىستە دەرىخىنىڭ ئاستىدىن ئۆتكەندە، ئابسالومنىڭ بېشى دەرەخ شاخلىرىنىڭ ئارىسىغا كىرىپ قالدى. قېچىر چاپقان پېتى كېتىۋەردى، ئابسالوم بولسا دەرەخكە ئېسىلىپ قالدى.
[10] داۋۇتنىڭ ئادەملىرىدىن بىرى ئۇنى كۆرۈپ قېلىپ، بېرىپ يوئابقا: _ مەن ئابسالومنىڭ بىر پىستە دەرىخىنىڭ شاخلىرىغا ئېسىلىپ قالغانلىقىنى كۆردۈم، _ دېدى.
[11] يوئاب خەۋەر ئېلىپ كەلگەن ئادەمگە: _ ئۇنى كۆرگەن بولساڭ، نېمىشقا شۇ يەردىلا ئۆلتۈرۈۋەتمىدىڭ؟ ساڭا ئون كۈمۈش تەڭگە بىلەن بىر كەمەر ئىنئام قىلغان بولاتتىم، _ دېدى.
[12] ھېلىقى ئادەم يوئابقا مۇنداق دېدى: _ ماڭا ھەتتا مىڭ كۈمۈش تەڭگە بەرسىلىمۇ، پادىشاھنىڭ ئوغلىغا قارشى قولۇمنى كۆتۈرمەيمەن. چۈنكى بىز ھەممىمىز پادىشاھنىڭ سىلىگە ۋە ئابىشاي بىلەن ئىتتايغا: «مېنىڭ ھۆرمىتىم ئۈچۈن ئابسالوم دېگەن يىگىتكە ياخشى مۇئامىلە قىلىڭلار» دەپ بۇيرۇغانلىقىنى ئاڭلىغانمىز.
[13] ئەگەر پادىشاھقا خىيانەت قىلىپ، ئوغلىنى ئۆلتۈرسەم، پادىشاھ چوقۇم كىمنىڭ ئۇنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى تاپىدۇ. ئۇ چاغدا سىلىمۇ ئۆزلىرىنى مەندىن چەتكە ئالىدىلا.
[14] يوئاب جاۋابەن: _ سەن بىلەن بۇ يەردە ۋاقتىمنى ئۆتكۈزمەي، _ دېدى-دە، قولىغا ئۈچ دانە نەيزە ئېلىپ، ئۇ يەرگە باردى. ئابسالوم تېخى تىرىك ھالدا پىستە دەرىخىگە ئېسىلىپ تۇرغان ۋاقتىدا، يوئاب كېلىپ، ئۇنىڭ يۈرىكىگە نەيزىلەرنى تىقىۋەتتى.
[15] ئاندىن يوئابنىڭ ئون نەپەر قورال-ياراغ كۆتۈرگۈچىسى ئابسالومنى قورشىۋېلىپ، ئۇنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋەتتى.
[16] يوئاب جەڭنى توختىتىش ئۈچۈن بۇرغا چالدۇردى، ئادەملىرى ئىسرائىللارنى قوغلاشتىن توختاپ، ئارقىلىرىغا قايتىشتى.
[17] ئۇلار ئابسالومنىڭ جەسىتىنى دەرەختىن چۈشۈرۈپ، ئورماندىكى چوڭ بىر ئورەككە تاشلىۋەتتى ۋە ئۈستىگە ئېگىز قىلىپ تاش دۆۋىلەپ قويدى. ئابسالومغا ئەگەشكەن ئىسرائىللارنىڭ ھەممىسى ئۆز ئۆيلىرىگە قېچىپ كېتىشتى.
[18] ئابسالوم ھايات ۋاقتىدا: «نامىمنى داۋاملاشتۇرىدىغان ئوغلۇم يوق» دەپ، «پادىشاھ جىلغىسى» دېگەن يەردە ئۆزىگە ئاتاپ بىر تاش ئابىدە ئورنىتىپ، ئۇنىڭغا ئۆز نامىنى بەرگەنىدى. بۇ تاش ئابىدە تاكى ھازىرغىچە «ئابسالوم ئابىدىسى» دەپ ئاتىلىپ كەلمەكتە.
[19] زادوقنىڭ ئوغلى ئاخىمائاز يوئابقا: _ ئىجازەت بەرسىڭىز، مەن تېز بېرىپ پادىشاھقا: «پەرۋەردىگار سىلىنى دۈشمەنلىرىنىڭ قولىدىن قۇتقۇزدى» دەپ، خۇش خەۋەر يەتكۈزەي، _ دېدى.
[20] _ ياق، _ دېدى يوئاب، _ پادىشاھنىڭ ئوغلى ئۆلدى، بۈگۈن سەن خەۋەر ئېلىپ بارمايسەن. باشقا كۈنى خەۋەر يەتكۈزسەڭ بولىدۇ، لېكىن بۈگۈن ئەمەس.
[21] شۇنىڭدىن كېيىن يوئاب كۇشلاردىن بىرىگە: _ سەن بېرىپ كۆرگەنلىرىڭنى پادىشاھقا ئېيتقىن، _ دېدى. ئۇ ئادەم يوئابقا تەزىم قىلدى-دە، يۈگۈرۈپ كەتتى.
[22] لېكىن زادوقنىڭ ئوغلى ئاخىمائاز يوئابقا يەنە: _ مەيلى نېمە بولسا بولسۇن، مېنىڭمۇ كۇشلاردىن بولغان ئاۋۇ ئادەم بىلەن بىللە بېرىشىمغا رۇخسەت قىلسىڭىز، _ دېگەنىدى. يوئاب: _ سەن نېمىشقا بارىمەن، دەپ تۇرۇۋالىسەن؟ ئوغلۇم، سەن خەۋەر يەتكۈزۈپ مۇكاپاتقا ئېرىشەلمەيسەن، _ دېدى.
[23] ئاخىمائاز يەنە: _ مەيلى نېمە بولسا بولسۇن، يۈگۈرۈپلا باراي! _ دەپ تۇرۇۋالدى. _ بوپتۇ بارغىن! _ دېدى يوئاب. شۇنىڭ بىلەن ئاخىمائاز ئىئوردان تۈزلەڭلىكىنى بويلاپ يۈگۈرۈپ، ھېلىقى كۇشلاردىن بولغان ئادەمدىن ئۆتۈپ كەتتى.
[24] داۋۇت بۇ چاغدا شەھەرنىڭ ئىچكىرىكى ۋە تاشقىرىقى دەرۋازىلىرىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئولتۇراتتى. كۆزەتچى سېپىلنىڭ ئۈستىگە چىقتى. ئۇ دەرۋازىنىڭ ئۆگزىسىدە تۇرۇپ، ئەتراپقا قاراپ بىر ئادەمنىڭ يالغۇز يۈگۈرۈپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆردى ۋە
[25] پادىشاھقا بۇ ھەقتە توۋلاپ خەۋەر يەتكۈزدى. پادىشاھ: _ ئۇ يالغۇز بولسا، چوقۇم ياخشى خەۋەر يەتكۈزگىلى كېلىۋاتقان ئادەم، _ دېدى. ئۇ ئادەم يېقىنلاپ كەلگەندە،
[26] كۆزەتچى يەنە بىر ئادەمنىڭ يۈگۈرۈپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، دەرۋازىۋەنگە قاراپ: _ قاراڭلا، يەنە بىر ئادەم يالغۇز يۈگۈرۈپ كېلىۋاتىدۇ! _ دەپ توۋلىدى. _ ئۇمۇ چوقۇم ياخشى خەۋەر يەتكۈزگىلى كېلىۋاتقان ئادەم، _ دېدى پادىشاھ.
[27] _ مېنىڭچە ئالدىدا يۈگۈرۈپ كېلىۋاتقان ئادەمنىڭ يۈگۈرۈشى زادوقنىڭ ئوغلى ئاخىمائازنىڭ يۈگۈرۈشىگە ئوخشايدىكەن، _ دېدى كۆزەتچى. _ ئۇ ياخشى ئادەم، چوقۇم ياخشى خەۋەر ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ، _ دېدى پادىشاھ.
[28] ئاخىمائاز پادىشاھقا يۇقىرى ئاۋازدا: _ تىنچ-ئامان بولغايلا، _ دەپ توۋلىدى. ئۇ يەرگە باش قويۇپ پادىشاھقا تەزىم قىلغاندىن كېيىن، مۇنداق دېدى: _ پادىشاھ ئالىيلىرىغا قارشى ئىسيان كۆتۈرگەنلەر ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشلىرىغا مۇيەسسەر قىلغان پەرۋەردىگار خۇدالىرىغا ھەمدۇسانالار بولغاي.
[29] _ ياش يىگىت ئابسالوم ئامان-ئېسەنمۇ؟ _ دەپ سورىدى پادىشاھ. _ يوئاب كۇشلاردىن بولغان خىزمەتكارلىرىنى ۋە پېقىرنى يولغا سالغان چاغدا، قالايمىقانچىلىق بولۇپ كېتىپ نېمە ئىش بولغانلىقىنى بىلەلمىدىم، _ دەپ جاۋاب بەردى ئاخىمائاز.
[30] _ بوپتۇ ئەمىسە، بىر چەتتە كۈتۈپ تۇر، _ دېدى پادىشاھ ئۇنىڭغا. ئاخىمائاز بىر چەتكە بېرىپ تۇردى.
[31] شۇ ئارىلىقتا ھېلىقى كۇشلاردىن بولغان ئادەم يېتىپ كەلدى. _ پادىشاھ ئالىيلىرىغا ياخشى خەۋەر ئېلىپ كەلدىم. بۈگۈن پەرۋەردىگار ئۆزلىرىنى سىلىگە قارشى ئىسيان كۆتۈرگەنلەر قولىدىن قۇتقۇزدى! _ دېدى ئۇ.
[32] پادىشاھ ئۇنىڭدىن: _ ياش يىگىت ئابسالوم تىنچ-ئامانمۇ؟ _ دەپ سورىدى، _ پادىشاھ ئالىيلىرىنىڭ دۈشمەنلىرىنىڭ، يەنى ئۆزلىرىگە قارشى چىققانلارنىڭ تەقدىرى ئاشۇ ياش يىگىتنىڭ تەقدىرىدەك بولغاي، _ دەپ جاۋاب بەردى كۇشلاردىن بولغان ھېلىقى ئادەم.
[33] پادىشاھ ھەسرەت ئىچىدە دەرۋازا ئۈستىدىكى بالىخانىغا چىقىپ، قايغۇرۇپ يىغلاپ كەتتى. ئۇ بالىخانىغا چىققاچ: _ ئوغلۇم ئابسالوم! سېنىڭ ئورنۇڭدا مەن ئۆلسەم بولماسمىدى ئوغلۇم، ئاھ جېنىم ئوغلۇم ئابسالوم، ئوغلۇم ئابسالوم! _ دەپ پەرياد قىلدى.