Skip to content
Opens in a new window

[1] سائۇلنىڭ ئوغلى ئىشبوشەت ئابنېرنىڭ ھىبروندا ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئاڭلاپلا، يۈرىكى سېلىپ كەتتى، پۈتۈن ئىسرائىل خەلقىمۇ ئالاقزادە بولۇپ كەتتى.

[2] ئىشبوشەتنىڭ خىزمىتىدە بائانا ۋە رېكاب ئىسىملىك قاراقچىلار توپلىرىنىڭ ئىككى سەركەردىسى بار ئىدى، ئۇلار بىنيامىن قەبىلىسىدىن بولغان بەئەروتتا ياشايدىغان رىمموننىڭ ئوغۇللىرى ئىدى. بەئەروت شەھىرى ئۇ ۋاقىتتا بىنيامىن قەبىلىسىگە تەۋە زېمىن ئىدى.

[3] بەئەروتنىڭ ئەسلى ئاھالىسى گىتتايىمغا قېچىپ بېرىپ، تاكى ھازىرغىچە شۇ يەردە مۇساپىر بولۇپ تۇرۇۋاتىدۇ.

[4] سائۇلنىڭ ئوغلى يوناتاننىڭ ئىككىلا پۇتى ئاقسايدىغان مىفىبوشەت ئىسىملىك بىر ئوغلى بار ئىدى. يىزرىئەلدىن سائۇل بىلەن يوناتاننىڭ قازا قىلغانلىق خەۋىرى يېتىپ كەلگەندە، ئۇ بەش ياشتا ئىدى. خەۋەر يېتىپ كېلىشى بىلەن ئىنىكئانىسى ئۇنى ئېلىپ قاچقانىدى، ئىنىكئانا ئالمان-تالمان قاچقاچقا، بالا يەرگە چۈشۈپ كېتىپ، توكۇر بولۇپ قالغانىدى.

[5] بىر كۈنى چۈش ۋاقتىدا بەئەروتتا ياشايدىغان رىمموننىڭ ئوغلى رېكاب بىلەن بائانا ئىشبوشەتنىڭ ئۆيىگە كەلدى. ئىشبوشەت چۈشلۈك ئۇيقۇدا ئىدى.

[6] كۆزەتچى ئايال بۇغداي تاسقاپ، چارچاپ كېتىپ مۈگدەپ قالغانىدى. ئۇلار ئۆيگە غىپپىدە كىرىۋالدى.

[7] ئۇلار ئۆيگە كىرگەن چاغدا، ئىشبوشەت ئۆزىنىڭ ياتىقىدا كارىۋاتتا ياتاتتى، ئۇلار ئۇنىڭغا خەنجەر تىقىپ ئۆلتۈرۈپ، كاللىسىنى كېسىۋالدى ۋە كاللىسىنى ئۆزلىرى بىلەن بىللە ئېلىپ كېتىپ، ئىئوردان ۋادىسىنى بويلاپ بىر كېچە ماڭدى.

[8] ئۇلار ئىشبوشەتنىڭ كاللىسىنى ھىبرونغا _ داۋۇت پادىشاھنىڭ يېنىغا ئېلىپ بېرىپ، ئۇنىڭغا: _ ئۆزلىرىنىڭ رەقىبى سائۇل ئىلگىرى جانلىرىنى ئېلىش قەستىدە بولغانىدى. قارىسىلا، مانا بۇ ئۇنىڭ ئوغلى ئىشبوشەتنىڭ كاللىسى. پەرۋەردىگار بۈگۈن پادىشاھى ئالەمنىڭ سائۇل ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىدىن ئالىدىغان ئىنتىقامىنى ئېلىپ بەردى، _ دېدى.

[9] لېكىن داۋۇت رېكاب بىلەن بائاناغا جاۋاب بېرىپ: _ جېنىمنى ھەممە قىيىنچىلىقلاردىن قۇتۇلدۇرۇپ قالغان مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگار ئالدىدا قەسەم قىلىمەنكى،

[10] ئىلگىرى ماڭا «قارىسىلا، سائۇل ئۆلدى!» دەپ خەۋەر يەتكۈزگۈچى كىشى، ماڭا خۇش خەۋەر يەتكۈزدۈم دەپ بىلگەن. لېكىن مەن ئۇنىڭ يەتكۈزگەن خەۋىرىگە مۇكاپات ئورنىدا ئۇنى تۇتۇپ، زىقلاقتا قەتل قىلغانىدىم.

[11] ئۇنداقتا، ئەيىبسىز بىر ئادەمنى ئۆيىدە، ياتقان يېرىدە قەتل قىلغان رەزىللەرگە نېمىمۇ مۇكاپات بېرەي؟ ئۇ ئادەمنىڭ خۇنىنى تەلەپ قىلىپ، مەن سىلەرنى يەر يۈزىدىن يوق قىلمايمەنمۇ؟ _ دېدى.

[12] داۋۇت ئادەملىرىگە ئۇلارنى ئۆلتۈرۈشنى بۇيرۇدى. داۋۇتنىڭ ئادەملىرى ئۇلارنى ئۆلتۈرۈپ، پۇت-قوللىرىنى كېسىپ، تەنلىرىنى ھىبروندىكى كۆلچەكنىڭ بويىغا ئېسىپ قويۇشتى. ئىشبوشەتنىڭ كاللىسىنى ئابنېرنىڭ ھىبروندىكى قەبرىسىگە ئېلىپ بېرىپ دەپنە قىلىشتى.

سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم — Chapters