[1] پەرۋەردىگار داۋۇتنى بارلىق دۈشمەنلىرى ۋە پادىشاھ سائۇلنىڭ قولىدىن قۇتقۇزغان كۈنى داۋۇت بۇ مۇناجاتنى پەرۋەردىگارغا ئوقۇغان:
[2] قورام تېشىم، قورغىنىم، نىجاتكارىم پەرۋەردىگاردۇر، ماڭا پاناھ بولىدىغان گىگانت تېغىم، باشپاناھىم، قالقىنىم، يېڭىلمەس قۇتقۇزغۇچىم خۇدايىمدۇر. ئۇ ئازاد قىلغۇچىم، زوراۋانلىقتىن ساقلىغۇچىمدۇر.
[4] ئىلتىجا قىلسام مەدھىيەلەر ئىگىسى پەرۋەردىگارغا، دۈشمەنلىرىم قوللىرىدىن قۇتقۇزۇلارمەن شۇندىلا.
[5] ئۆلۈم دولقۇنلىرى ئورىۋالدى مېنى، ھالاكەت سەللىرى چۈمكىدى مېنى.
[6] گۆرىستان تانىلىرىدا باغلاندىم، ئۆلۈم تۇزاقلىرىغا دۇچ كەلدىم.
[7] ئېغىر كۈلپەت ئارا ئىلتىجا قىلدىم پەرۋەردىگارغا، ياردەم تەلەپ قىلدىم پەرياد كۆتۈرۈپ خۇدايىمغا. ئاۋازىمنى ئاڭلىدى پەرۋەردىگار دەرگاھىدا، ئاھۇزارىم يېتىپ باردى ئۇنىڭ قۇلىقىغا.
[8] شۇ چاغ زېمىن سىلكىنىپ، يەر تەۋرىدى، ئەرشنىڭ ئۇلى تىترەپ، مىدىرلىدى، چۈنكى خۇدا دەرغەزەپكە كەلگەنىدى.
[9] چىقتى خۇدانىڭ بۇرنىدىن ئىس-تۈتەكلەر، ئېتىلدى خۇدانىڭ ئاغزىدىن ئوت-لاۋىلار، لاۋۇلداپ كۆيەتتى ھەتتا قىپقىزىل چوغلار.
[10] كۆكنى يېرىپ يەر تامان چۈشكەندە خۇدا، تۇراتتى قارا بۇلۇتلار ئايىغىنىڭ ئاستىدا.
[11] ئۇ مىنىپ ئۇچتى بىر «كېرۇب» قا، پەرۋاز قىلدى شامالنىڭ قاناتلىرىدا.
[12] يېپىنچا قىلغانىدى ئۇ قاراڭغۇلۇقنى، يامغۇرنىڭ قويۇق، قارا بۇلۇتلىرى قورشاپ تۇراتتى ئۇنى.
[13] يورۇتقانىدى ئالدىنى پارلاق نۇرى، ياغدۇرۇپ مۆلدۈر ۋە قىپقىزىل چوغلارنى.
[14] پەرۋەردىگارنىڭ ئاۋازى گۈلدۈرلەپ ئاسماندا ياڭرىتىپ ئاۋازىنى بۈيۈك خۇدا.
[15] تارقىتىۋەتتى خۇدا دۈشمەنلىرىنى، ياغدۇرۇپ ئوقلىرىنى، چاقماقلار چاقتۇرۇپ تىرىپىرەن قىلىپ ئۇلارنى.
[16] پەرۋەردىگارنىڭ تەنبىھىدىن، قەھرلىك تىنىقىڭنىڭ زەربىسىدىن، كۆرۈنۈپ قالدى دېڭىزنىڭ تېگى، ئېچىلىپ قالدى زېمىننىڭ ئۇلى.
[17] پەرۋەردىگار كۆكتىن سۇنۇپ قولىنى، چوڭقۇر سۇلاردىن تارتىپ ئالدى مېنى.
[18] قۇتقۇزدى مېنى ۋەھشىي دۈشمىنىمدىن، ماڭا ئۆچ بولغانلاردىن، چۈنكى ئۇلار كۈچلۈك ئىدى مەندىن.
[19] ئاپەتلىك كۈنلىرىمدە ھۇجۇم قىلدى ئۇلار ماڭا، پەرۋەردىگار يار-يۆلىكىم بولدى ئەمما.
[20] ئۇ مەندىن خۇرسەن بولغاچ نىجاتلىق بەردى ماڭا، ئېلىپ چىقتى مېنى ھەم بىخەتەر جايغا.
[21] ھەققانىيلىقىم ئۈچۈن ياخشىلىق قىلدى پەرۋەردىگار، قولۇمنىڭ پاكلىقىدىن ئىنئام بەردى ماڭا.
[22] چۈنكى مېڭىپ كەلدىم پەرۋەردىگارنىڭ يولىدا، رەزىللىك قىلىپ، ئاسىيلىق قىلمىدىم خۇدايىمغا.
[23] كۆز ئالدىمدا بولدى دائىم ئۇنىڭ بارلىق ھۆكۈملىرى، بىر ياققا قايرىپ قويمىدىم ھەم ئۇنىڭ پەرمانلىرىنى.
[24] ئۇنىڭ ئالدىدا غۇبارسىز بولدۇم، ئۆزۈمنى گۇناھ قىلىشتىن ساقلىدىم.
[25] مەن پاك، ھەققانىي بولغاچقا، پەرۋەردىگار ئىنئام بەردى ماڭا.
[26] ۋاپادارلارغا كۆرسىتىسەن ۋاپادارلىقىڭنى، ھەققانىي ئادەملەرگە ھەققانىيلىقىڭنى.
[27] پاكلىقىڭنى كۆرسىتىسەن پاك ئادەملەرگە، لايىقىدا جاۋاب قايتۇرىسەن نىيىتى ئەگرىلەرگە.
[28] قۇتقۇزىسەن چارىسىز، بىچارىلارنى، كۆزىتىپ، يەرگە ئۇرىسەن ھاكاۋۇرلارنى.
[29] پەرۋەردىگار، سەن مېنىڭ ھاياتلىق چىرىغىمسەن، پەرۋەردىگار، زۇلمىتىمنى يورۇقلۇققا ئايلاندۇرىسەن.
[30] ساڭا تايىنىپ، دۈشمەن قوشۇنىغا ھۇجۇم قىلالايمەن، ئى خۇدايىم، ياردىمىڭدە سېپىللاردىن بۆسۈپ ئۆتەلەيمەن.
[31] خۇدانىڭ يولى مۇكەممەل يولدۇر، ئۇنىڭ ئېيتقان سۆزلىرى ھەقىقەتتۇر. پاناھ ئىزدىگۈچىلەرگە خۇدا بىر قالقاندۇر.
[32] پەرۋەردىگاردىن باشقا كىمدۇر خۇدا؟ خۇدايىمىزدىن باشقا كىم بولار قورام تاشتەك باشپاناھ؟
[33] خۇدادۇر مۇستەھكەم قورغىنىم، يولۇمنى ئەيىب-نۇقسانسىز قىلغۇچى.
[34] كېيىكنىڭكىدەك يۈگۈرۈك قىلىپ ئۇ پۇتلىرىمنى، ئېگىز تاغلاردا ھەم مەزمۇت تۇرغۇزدى مېنى.
[35] قوللىرىمنى ئۆگەتتى ئۇ جەڭ قىلىشقا، بىلەكلىرىمنى تۇچ ئوقيانى تارتىشقا.
[36] ئى ئىگەم، بەردىڭ ماڭا نىجاتلىق قالقىنىڭنى، مۇلايىملىقىڭ يۈكسەك قىلدى مېنى،
[37] بىخەتەر قىلغاچ سەن باسقان ھەربىر قەدىمىمنى، تېيىلماستىن مېڭىپ يۈرىمەن يوللىرىمنى.
[38] قوغلاپ يۈرۈپ ھالاك قىلدىم دۈشمەنلىرىمنى، قايتمىدىم كەينىمگە يوقاتماستىن ئۇلارنى.
[39] مەن ئۇلارنى يانجىۋەتتىم، تۇرالماس قايتا، يىقىلدى ئۇلار پۇتلىرىمنىڭ ئاستىغا.
[40] جەڭگە باغلىدىڭ كۈچ-قۇدرەت بىلەن بېلىمنى، باش ئەگدۈردۈڭ پۇتلىرىمغا ماڭا ھۇجۇم قىلغانلارنى.
[41] چېكىنىشكە مەجبۇر قىلدىڭ رەقىبلىرىمنى، يوقاتتىم ماڭا ئۆچ بولغانلارنى.
[42] ئۇلار تۆت كۆز بىلەن ئىزدىسىمۇ، چىقمىدى قۇتقۇزىدىغانلار، نالە قىلىپ يالۋۇرسىمۇ جاۋاب بەرمىدى پەرۋەردىگار.
[43] ئېزىۋەتتىم ئۇلارنى يەردىكى تۇپراقدەك، چەيلىۋەتتىم ئۇلارنى كوچىدىكى پاتقاقتەك.
[44] خەلقىم بىلەن قارشىلىشىشتىن مۇستەسنا قىلدىڭ مېنى. باش قىلىپ كەلدىڭ مېنى يات ئەللەرگە، قىلماقتا ئۇلار مېنىڭ خىزمىتىمنى.
[45] تەسلىم بولىدۇ يات ئەللەر شۈمشىيىپ ئالدىمدا، ئاۋازىمنى ئاڭلاش بىلەن بويسۇنار ئۇلار ماڭا.
[46] جاسارىتىنى يوقاتقان يات ئەللەر، تىترىگەن ھالدا قورغانلىرىدىن چىقىشار.
[47] مەڭگۈ ھاياتتۇر پەرۋەردىگار! ئۇ قورام تېشىمغا ئېيتىلسۇن ھەمدۇسانا، ئۇلۇغلانسۇن قورام تاشتەك نىجاتكارىم خۇدا!
[48] خۇدادۇر قىساس ئېلىپ بەرگۈچى ماڭا، بويسۇندۇرغۇچىدۇر خەلقلەرنى قول ئاستىمغا.
[49] قۇتقۇزدۇڭ مېنى دۈشمەنلىرىمدىن، ئۈستۈن قىلدىڭ ماڭا ھۇجۇم قىلغانلاردىن، قۇتۇلدۇردۇڭ ھەم زوراۋانلاردىن.
[50] ئى پەرۋەردىگار، ساڭا رەھمەت ئېيتىمەن ياتلار ئالدىدا، مەدھىيە كۈيى ئوقۇيمەن نامىڭغا.
[51] پەرۋەردىگار ئېرىشتۈرەر ئۆزى تىكلىگەن پادىشاھنى ئۇلۇغ غەلىبىگە، ئۇ بېغىشلار مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىنى ئۆزى تاللىغان پادىشاھقا _ تائەبەد داۋۇت ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىغا.