Skip to content
Opens in a new window

[1] نىباتنىڭ ئوغلى ئىسرائىلىيە پادىشاھى ياروبئامنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 18-يىلى ئابىيا يەھۇدىيەگە پادىشاھ بولدى.

[2] ئۇ يېرۇسالېمدا ئۈچ يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسى ئابسالومنىڭ قىزى مائاكا ئىدى.

[3] ئابىيا ئەجدادى داۋۇت پەرۋەردىگار خۇداغا جان-دىلى بىلەن سادىق بولغاندەك سادىق بولمىدى، ئەكسىچە ئاتىسى بۇرۇن قىلغان گۇناھلارنىڭ ھەممىسىنى قىلدى.

[4] لېكىن، پەرۋەردىگار خۇدا داۋۇتنىڭ ھۆرمىتىنى قىلىپ، يېرۇسالېمدا ئابىيانىڭ چىرىغىنى ئۆچۈرمىدى. ئۇنىڭ ئوغلىنى تەختكە ۋارىسلىق قىلدۇرۇپ، يېرۇسالېمنى قۇدرەت تاپقۇزدى.

[5] پەرۋەردىگارنىڭ بۇنداق قىلىشى، داۋۇتنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغان ئىشلارنى قىلغانلىقىدىن ئىدى. داۋۇت خىتلاردىن بولغان ئۇرىيانىڭ ئىشىدىن باشقا، پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرلىرىگە ھېچقاچان خىلاپلىق قىلىپ باقمىغانىدى.

[6] رىخوبئام بىلەن ياروبئام ئارىسىدا باشلانغان ئۇرۇش ئابىيا پادىشاھنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئاخىرىغىچە داۋام قىلدى.

[7] ئابىيا پادىشاھنىڭ باشقا ئىش-ئىزلىرى ۋە بارلىق پائالىيەتلىرى «يەھۇدىيە پادىشاھلىرىنىڭ تەزكىرىلىرى» گە پۈتۈلگەن. ئابىيا بىلەن ئىسرائىلىيە پادىشاھى ياروبئام ئارىسىدا ئۇرۇش بولۇپ تۇردى.

[8] ئابىيا ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ قېشىغا كېتىپ، داۋۇت شەھىرىدە دەپنە قىلىندى. ئوغلى ئاسا ئۇنىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلدى.

[9] ئىسرائىلىيە پادىشاھى ياروبئامنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 20-يىلى ئاسا يەھۇدىيەگە پادىشاھ بولدى.

[10] ئۇ يېرۇسالېمدا 41 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇنىڭ مومىسى ئابسالومنىڭ قىزى مائاكا ئىدى.

[11] ئاسا ئەجدادى داۋۇتقا ئوخشاش پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغان ئىشلارنى قىلدى.

[12] ئۇ سەجدىگاھلاردىكى ئەر-ئايال پاھىشىلەرنى زېمىنىدىن قوغلاپ چىقىرىپ، ئاتا-بوۋىلىرى ياساتقان بۇتلارنى پۈتۈنلەي ئېلىپ تاشلىدى.

[13] ئۇ ھەتتا مومىسى مائاكانىڭ مەلىكىلىك مەرتىۋىسىنى بىكار قىلدى. چۈنكى ئۇ ئاشېرانىڭ بىر يىرگىنچلىك بۇتىنى ياساتقانىدى. ئاسا ئۇ بەتبەشىرە بۇتنى چېپىپ يىقىتىپ، ئۇنى قىدرون جىلغىسىدا كۆيدۈرۈۋەتتى.

[14] گەرچە غەيرىي سەجدىگاھلار يوقىتىۋېتىلمىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئاسا ئۆمۈر بويى جان-دىلى بىلەن پەرۋەردىگارغا سادىق بولۇپ كەلدى.

[15] ئۇ ئاتىسى ۋە ئۆزى پەرۋەردىگارغا ئاتىغان نەرسىلەرنى، يەنى ئالتۇن-كۈمۈش ۋە باشقا بۇيۇملارنى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا قويدى.

[16] يەھۇدىيە پادىشاھى ئاسا بىلەن ئىسرائىلىيە پادىشاھى باشا ئوتتۇرىسىدا ئىزچىل ئۇرۇش بولۇپ تۇردى.

[17] ئىسرائىلىيە پادىشاھى باشا يەھۇدىيەگە تاجاۋۇز قىلىپ، راماھنى بېسىۋالدى. ھېچكىمنىڭ يەھۇدىيە پادىشاھى ئاسانىڭ زېمىنىغا كىرىپ-چىقماسلىقى ئۈچۈن، راماھ شەھىرىنىڭ سېپىلىنى مۇستەھكەملىدى.

[18] شۇنىڭ بىلەن ئاسا پادىشاھ پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ خەزىنىلىرىدە قالغان پۈتۈن ئالتۇن-كۈمۈشلەر ۋە پادىشاھ ئوردىسىدىكى بايلىقلارنى ئېلىپ، ئۇلارنى ئەمەلدارلىرى ئارقىلىق دەمەشقتىكى ئاررام پادىشاھى بەنھادادقا ئەۋەتتى. بەنھاداد خەزيوننىڭ نەۋرىسى، تابرىمموننىڭ ئوغلى ئىدى. ئاسانىڭ ئەمەلدارلىرى بەنھاداد پادىشاھقا:

[19] «ئاتا-بوۋىلىرىمىز ئوتتۇرىسىدا سۈلھى بولغىنىدەك، ئىككىمىز ئوتتۇرىسىدىمۇ سۈلھى بولسۇن. مانا بۇ ئالتۇن-كۈمۈشلەرنى سىلىگە سوۋغات قىلدىم. ئىسرائىلىيە پادىشاھى باشا بىلەن بولغان سۈلھىنى بىكار قىلغايلا. شۇندا، ئۇ زېمىنىمدىن ئۆز قوشۇنلىرىنى چېكىندۈرىدۇ» دېگەن خەۋەرنى ئېلىپ باردى.

[20] بەنھاداد پادىشاھ ئاسا پادىشاھنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، ئۆز قوشۇنلىرىنىڭ سەركەردىلىرىنى ئىسرائىلىيە شەھەرلىرىگە ھۇجۇم قىلىشقا ئەۋەتتى. ئۇلار ئىيون، دان، بەيت-مائاكادىكى ئابېل، جەلىلىيە كۆلى ئەتراپىدىكى بارلىق جايلار ۋە پۈتۈن نافتالى زېمىنىنى ئىشغال قىلدى.

[21] باشا پادىشاھ بۇ ئىشلارنى ئاڭلاپلا، راماھ سېپىلىنى مۇستەھكەملەش ئىشىنى توختىتىپ، تىرزاھ شەھىرىدە تۇرۇپ قالدى.

[22] شۇنىڭ بىلەن ئاسا پادىشاھ پۈتۈن يەھۇدىيە خەلقىگە بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، باشا پادىشاھنىڭ راماھنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن ئىشلەتمەكچى بولغان ياغاچ-تاشلارنى يۆتكىگۈزدى. ھېچكىم بۇ ئىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇشقا بولمايتتى. ئاسا پادىشاھ بۇ ياغاچ-تاشلار بىلەن بىنيامىن زېمىنىدىكى گىبئاھ ۋە مىزپاھ سېپىللىرىنى مۇستەھكەملىدى.

[23] ئاسا پادىشاھنىڭ باشقا ئىش-ئىزلىرى، قولغا كەلتۈرگەن ھەممە نەتىجىلىرى، بارلىق پائالىيەتلىرى ۋە مۇستەھكەملىگەن شەھەرلىرى «يەھۇدىيە پادىشاھلىرىنىڭ تەزكىرىلىرى» گە پۈتۈلگەن. ئۇ ياشىنىپ قالغاندا، پۇتلىرى ئاغرىيدىغان بولۇپ قالغانىدى.

[24] ئاسا ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ قېشىغا كەتتى. ئۇ ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ يېنىغا، يەنى ئەجدادى داۋۇتنىڭ نامىدا ئاتالغان «داۋۇت شەھىرى» گە دەپنە قىلىندى. ئوغلى يىھوشافات ئۇنىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلدى.

[25] ياروبئامنىڭ ئوغلى ناداب يەھۇدىيە پادىشاھى ئاسانىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئىككىنچى يىلى ئىسرائىلىيەگە پادىشاھ بولدى. ئۇ ئىككى يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى.

[26] ناداب پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلىپ، ئاتىسىنىڭ يولىدا مېڭىپ، ئۇنىڭ ئىسرائىللارنى گۇناھقا پاتۇرغان گۇناھىنى داۋاملاشتۇردى.

[27] ئىسساكار قەبىلىسىدىن بولغان ئاخىيانىڭ ئوغلى باشا ناداب پادىشاھقا قارشى سۇيىقەست پىلانلىدى. ناداب پۈتۈن ئىسرائىللارنى باشلاپ فىلىستىيەلىكلەرنىڭ گىببىتون شەھىرىنى مۇھاسىرىگە ئالغىلى كەلگەندە، باشا ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتتى.

[28] بۇ ئىش يەھۇدىيە پادىشاھى ئاسانىڭ ئۈچىنچى يىلى يۈز بەردى. باشا ئۇنىڭ ئورنىغا ئىسرائىلىيەگە پادىشاھ بولدى.

[29] ئۇ تەختكە چىقىشى بىلەنلا ياروبئام جەمەتىنىڭ ئادەملىرىنى قىرىپ تۈگەتتى. پەرۋەردىگار، خىزمەتكارى بولغان شىلولۇق ئاخىيا ئارقىلىق ئالدىن ئېيتقاندەك، باشا ياروبئام جەمەتىنىڭ كىشىلىرىنىڭ بىرىنىمۇ تىرىك قالدۇرماي پۈتۈنلەي ئۆلتۈرۈۋەتتى.

[30] بۇنىڭ سەۋەبى، ياروبئامنىڭ ئۆزىنىڭ گۇناھ قىلىشى ۋە ئۇنىڭ ئىسرائىللارنى گۇناھقا پاتۇرۇشى ئىسرائىللارنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇدانىڭ غەزىپىنى قوزغىغانىدى.

[31] ناداب پادىشاھنىڭ باشقا ئىش-ئىزلىرى ۋە بارلىق پائالىيەتلىرى «ئىسرائىلىيە پادىشاھلىرىنىڭ تەزكىرىلىرى» گە پۈتۈلگەن.

[32] يەھۇدىيە پادىشاھى ئاسا بىلەن ئىسرائىلىيە پادىشاھى باشا ئوتتۇرىسىدا ئىزچىل ئۇرۇش بولۇپ تۇردى.

[33] يەھۇدىيە پادىشاھى ئاسانىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئۈچىنچى يىلى ئاخىيانىڭ ئوغلى باشا تىرزاھتا پۈتۈن ئىسرائىلىيەگە پادىشاھ بولدى. ئۇ 24 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى.

[34] ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلىپ، ياروبئامنىڭ يولىدا مېڭىپ، ئۇنىڭغا ئوخشاش گۇناھ ئۆتكۈزۈپ، ئىسرائىللارنى گۇناھقا پاتۇردى.

پادىشاھلار — Chapters