Skip to content
Opens in a new window

[1] ئىسرائىل خەلقى مىسىردىن چىققاندىن كېيىنكى 480-يىلى _ سۇلايمان ئىسرائىلىيەنىڭ پادىشاھلىق تەختىدە ئولتۇرغان تۆتىنچى يىلىنىڭ زىۋ ئېيىدا، يەنى ئەتىيازنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنى سېلىشنى باشلىدى.

[2] سۇلايمان پادىشاھ پەرۋەردىگارغا ئاتاپ سالغان ئىبادەتخانىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 30 مېتىر، كەڭلىكى 10 مېتىر، ئېگىزلىكى 15 مېتىر ئىدى.

[3] تاشقىرىقى خانا ئايۋىنىنىڭ كەڭلىكى ئىبادەتخانىنىڭ كەڭلىكىگە تەڭ بولۇپ، كەڭلىكى ئون مېتىر، ئۇزۇنلۇقى بەش مېتىر ئىدى.

[4] يەنە ئىبادەتخانىغا ئىچى تەرىپى كەڭ، تېشى تەرىپى تار قىلىپ پەنجىرىلەر ياسالدى.

[5] ئىبادەتخانىنىڭ تاشقىرىقى ۋە ئىچكىرىكى خانىلىرىنى ئوراپ تۇرىدىغان تاملارنىڭ سىرتقى ئۈچ تەرىپىگە يان خانىلارنى قوشتى.

[6] يان خانىلارنىڭ ئاستىنقى قەۋىتىنىڭ كەڭلىكى ئىككى يېرىم مېتىر؛ ئوتتۇرا قەۋىتىنىڭ كەڭلىكى ئۈچ مېتىر؛ ئۈچىنچى قەۋىتىنىڭ كەڭلىكى ئۈچ يېرىم مېتىر ئىدى. چۈنكى ياغاچلارنى ئىبادەتخانا تاملىرىغا كىرگۈزۈشكە تۆشۈك تېشىش ھاجەت بولمىسۇن دەپ، ئىبادەتخانىنىڭ ئۈچ تېمىغا ياغاچلارنىڭ ئۇچىنى قويىدىغان تەكچىلەر ياسالدى.

[7] ئىبادەتخانا ياساشقا ئىشلىتىلىدىغان تاشلار تاش قېزىش مەيدانىدا ئالدىن تەييارلىناتتى. شۇڭا ئىبادەتخانىنى سالغان چاغدا، ئىبادەتخانىدا بولقا، جوتۇ ياكى باشقا ھەرقانداق بىر تۆمۈر ئەسۋابلارنىڭ ئاۋازى ئاڭلانمايتتى.

[8] ئىككىنچى قەۋەتتىكى يان خانىلارنىڭ ئىشىكى ئىبادەتخانىنىڭ جەنۇب تەرىپىدە بولۇپ، ئايلانما پەلەمپەيلەر ئارقىلىق ئوتتۇرا قەۋەتتىكى ھۇجرىلارغا، ئوتتۇرا قەۋەتتىن ئۈچىنچى قەۋەتكە چىققىلى بولاتتى.

[9] سۇلايمان پادىشاھ ئىبادەتخانا تاملىرىنى سېلىپ بولغاندىن كېيىن، تورۇسىنى كېدىر ياغاچلىرى ۋە تاختايلىرى بىلەن ياپتى.

[10] ئىبادەتخانىغا قوشقان يان خانىلارنىڭ ھەر قەۋىتىنىڭ ئېگىزلىكى ئىككى يېرىم مېتىردىن بولۇپ، ئۇلار كېدىر ياغاچلىرى بىلەن ئىبادەتخانىغا تۇتاشتۇرۇلغانىدى.

[11] پەرۋەردىگاردىن سۇلايمانغا ۋەھىي كەلدى:

[12] «سەن بۇ ئىبادەتخانىنى سېلىۋاتىسەن. مېنىڭ ساڭا دەيدىغىنىم شۇكى، ئەگەر سەن ئەمر-پەرمانلىرىم بويىچە مېڭىپ، بارلىق قائىدە-تۈزۈملىرىمگە ئەمەل قىلساڭ، مەن ئاتاڭ داۋۇتقا بەرگەن ۋەدەمنى سەن ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرىمەن.

[13] مۇشۇ يەردە، خەلقىم ئىسرائىللار ئارىسىدا تۇرىمەن ۋە ئۇلارنى تەرك ئەتمەيمەن.»

[14] شۇنداق قىلىپ سۇلايمان پادىشاھ ئىبادەتخانا قۇرۇلۇشىنى تاماملىدى.

[15] ئىبادەتخانىنىڭ ئىچكى تېمىغا يەردىن تورۇسىغىچە پۈتۈنلەي كېدىر تاختىيى ئورنىتىلىپ، يەرگە قارىغاي تاختىيى ياتقۇزۇلدى.

[16] يەنە ئىبادەتخانىنىڭ ئەڭ ئىچكى تېمىدىن ئالدىغا ئون مېتىر ئارىلىق قالدۇرۇپ، يەر يۈزىدىن تورۇسىغىچە كېدىر تاختىيىدىن تام تۇرغۇزۇلۇپ، ئىچكىرىكى خانا، يەنى ئەڭ مۇقەددەس خانا ھازىرلاندى.

[17] ئىچكىرىكى خانىنىڭ ئالدىدىكى تاشقىرىقى خانىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 20 مېتىر ئىدى.

[18] تاملار كېدىر تاختايلىرى بىلەن قاپلانغان بولۇپ، تاشلار ئەسلا كۆرۈنۈپ قالمايتتى. كېدىر تاختايلىرىغا قاپاق ۋە ئېچىلىپ تۇرغان گۈللەر ئويۇلغانىدى.

[19] پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى قويىدىغان خانا، ئىبادەتخانىنىڭ ئەڭ ئىچكىرىگە جايلاشتۇرۇلدى.

[20] ئىچكىرىكى خانىنىڭ ئۇزۇنلۇقى، كەڭلىكى ۋە ئېگىزلىكى ئوخشاشلا ئون مېتىر بولۇپ، ھەممە يېرى ساپ ئالتۇن بىلەن قاپلانغانىدى. ئۇنىڭ ئالدىدىكى كېدىر ياغىچىدىن ياسالغان ئىسرىقدانمۇ ئالتۇن بىلەن قاپلانغانىدى.

[21] سۇلايمان پادىشاھ ئىبادەتخانىنىڭ ئىچىنى ساپ ئالتۇن بىلەن قاپلاتتى. ئالتۇن بىلەن قاپلانغان ئىچكىرىكى خانىنىڭ ئالدىغا ئالتۇن زەنجىر ئېسىپ قويدى.

[22] سۇلايمان پادىشاھ ئىبادەتخانىنىڭ ئىچىدىكى ھەممە يەرنى ۋە ئىچكىرىكى خانىنىڭ ئالدىدىكى ئىسرىقداننىمۇ پۈتۈنلەي ئالتۇن بىلەن قاپلاتتى.

[23] ئىچكىرىكى خانىغا زەيتۇن دەرىخىنىڭ ياغىچىدىن ئېگىزلىكىنى بەش مېتىردىن قىلىپ ئىككى كېرۇبنىڭ ھەيكىلىنى ياساتتى.

[24] بىرىنچى كېرۇبنىڭ ھەر ئىككى قانىتىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئوخشاشلا ئىككى يېرىم مېتىردىن ئىدى. بۇ قانىتىنىڭ ئۇچىدىن ئۇ قانىتىنىڭ ئۇچىغىچە جەمئىي بەش مېتىر كېلەتتى.

[25] ئىككىنچى كېرۇبنىڭ ئىككى قانىتىنىڭ ئۇزۇنلۇقىمۇ بەش مېتىر ئىدى. ئىككى كېرۇبنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ۋە شەكلىمۇ ئوخشاش ئىدى.

[26] ئىككى كېرۇبنىڭ ئېگىزلىكى ئوخشاشلا بەش مېتىردىن ئىدى.

[27] ئۇ، ئىككى كېرۇبنى ئىچكىرىكى خانىغا قويدى. كېرۇبلار قاناتلىرىنى كېرىپ تۇراتتى، بىرىنچى كېرۇبنىڭ بىر قانىتى بۇ تەرەپتىكى تامغا تېگىپ تۇرسا، يەنە بىر كېرۇبنىڭ بىر قانىتى ئۇ تەرەپتىكى تامغا تېگىپ تۇراتتى. ئۇلارنىڭ قالغان قانىتى ئىبادەتخانىنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر-بىرىگە تېگىشىپ تۇراتتى.

[28] ئۇ، بۇ ئىككى كېرۇبنىمۇ ئالتۇن بىلەن قاپلاتتى.

[29] ئىچكىرىكى ۋە تاشقىرىقى خانىنىڭ ھەممە تاملىرىغا كېرۇب، خورما دەرىخى ۋە ئېچىلىپ تۇرغان گۈللەرنىڭ شەكىللىرىنى ئويۇپ نەقىشلەتكۈزدى.

[30] ئىچكىرىكى ۋە تاشقىرىقى خانىنىڭ يەر يۈزىگە ئالتۇن ياتقۇزدى.

[31] سۇلايمان پادىشاھ ئىچكىرىكى خانىنىڭ كىرىش ئېغىزىغا زەيتۇن ياغىچىدىن ئىشىك ياساتتى. ئىشىك كېشىكىنىڭ كەڭلىكى تامنىڭ كەڭلىكىنىڭ بەشتىن بىر قىسمىنى ئىگىلەيتتى.

[32] ئۇ زەيتۇن ياغىچىدىن ياساتقان ئىككى ئىشىكنىڭ يۈزىگە كېرۇب، خورما دەرىخى ۋە ئېچىلىپ تۇرغان گۈللەرنىڭ شەكىللىرىنى ئويۇپ نەقىشلەتكۈزدى. ئۇ يەنە نەقىشلەرنى ئالتۇن بىلەن تەكشى قاپلاتتى.

[33] ئۇ يەنە تاشقىرىقى خانىنىڭ كىرىش ئېغىزىغا زەيتۇن ياغىچىدىن ئىشىك كېشىكى ياساتتى. ئۇنىڭ كەڭلىكى تامنىڭ كەڭلىكىنىڭ تۆتتىن بىر قىسمىنى ئىگىلەيتتى.

[34] قارىغاي ياغىچىدىن ئىككى ئىشىك ياساتتى، بۇ ئىككى ئىشىكنىڭ ھەربىرى ئىككى قاناتلىق بولۇپ، مۇجۇققا ئورنىتىلغانىدى.

[35] ئۇ ئۇلارغا يەنە كېرۇب، خورما دەرىخى ۋە ئېچىلىپ تۇرغان گۈللەرنىڭ شەكىللىرىنى ئويۇپ نەقىشلەتكۈزدى. بۇ نەقىشلەرنىمۇ ئالتۇن بىلەن تەكشى قاپلاتتى.

[36] ئۇ يەنە ھەر ئۈچ قەۋەت يونۇلغان تاش ئۈستىگە بىر قەۋەت كېدىر ياغىچى قويۇلغان تام قوپۇرۇپ، ئىچكىرىكى ھويلىنى پۈتتۈرۈپ چىقتى.

[37] سۇلايمان پادىشاھ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ تۆتىنچى يىلى زىۋ ئېيىدا، يەنى ئەتىيازنىڭ ئوتتۇرىسىدا پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا ئۇل سېلىنغانىدى.

[38] 11-يىلى بۇل ئېيىدا، يەنى كەچ كۈزدە ئىبادەتخانىنىڭ ھەرقايسى بۆلەكلىرىدە ئىش پىلان بويىچە پۈتتى. سۇلايمان پادىشاھ يەتتە يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ ئىبادەتخانىنى ياساپ چىقتى.

پادىشاھلار — Chapters