Skip to content
Opens in a new window

[1] تىر پادىشاھى ھىرام داۋۇت پادىشاھ بىلەن ئۇزۇن يىللاردىن بېرى يېقىن دوستلاردىن بولغاچقا، سۇلايماننىڭ، ئاتىسى داۋۇتنىڭ ئورنىغا پادىشاھلىققا تىكلەنگەنلىكىنى ئاڭلاپ، ئۆز ئەلچىلىرىنى ئۇنىڭ ئالدىغا سالامغا ئەۋەتتى.

[2] سۇلايمان ھىرامغا مۇنۇ سۆزلەرنى يوللىدى:

[3] «ئۆزلىرىگە مەلۇمكى، ئاتام داۋۇت ئۆپچۆرىسىدىكى دۈشمەنلەر بىلەن بولغان جەڭلەر تۈپەيلىدىن، پەرۋەردىگارىمىز خۇدانىڭ نام-شەرىپىگە ئاتاپ ئىبادەتخانا سالدۇرالمىغانىدى. ئاتام، پەرۋەردىگارنىڭ ئۇنىڭ دۈشمەنلىرىنى تاپىنى ئاستىغا چۈشۈرۈشىنى ساقلىغانىدى.

[4] لېكىن ھازىر پەرۋەردىگارىم خۇدا ھەر تەرەپتىن ماڭا ئاراملىق بەردى. دۈشمەنمۇ قالمىدى، ئۇلارنىڭ ھۇجۇم قىلىش خەۋپىمۇ قالمىدى.

[5] پەرۋەردىگار، ئاتام داۋۇتقا: ‹مېنىڭ نامىمغا ئاتاپ ئىبادەتخانا سالغۇچى _ مەن سېنىڭ تەختىڭدە ئولتۇرغۇزىدىغان ئوغلۇڭدۇر› دېگەنىدى. شۇڭا مەن ئەمدى، پەرۋەردىگارىم خۇدانىڭ نامىغا ئاتاپ بىر ئىبادەتخانا سېلىش قارارىغا كەلدىم.

[6] شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزلىرى ئادەملىرىگە مەن ئۈچۈن لىۋان تاغلىرىدىكى كېدىر دەرەخلىرىنى كېسىپ بېرىشكە بۇيرۇق بەرگەيلا. مېنىڭ ئادەملىرىم سىلىنىڭ ئادەملىرى بىلەن بىللە ئىشلىسۇن، ئادەملىرىنىڭ ئىش ھەققىنى ئۆزلىرىنىڭ دېگىنى بويىچە بېرىمەن. چۈنكى، ئۆزلىرىگە مەلۇم، بىزنىڭ ئارىمىزدا سىلەر سىدونلۇقلاردەك ئۇستا ياغاچ كەسكۈچىلەر يوق.»

[7] ھىرام سۇلايماننىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، تولىمۇ خۇشال بولدى ۋە: «بۇنداق زور خەلققە ھۆكۈمرانلىق قىلىش ئۈچۈن، داۋۇتقا مۇشۇنداق بىر ئەقىللىق ئوغۇلنى بەرگەن پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانالار بولسۇن!» دېدى.

[8] ئاندىن ھىرام سۇلايمانغا مۇنۇ سۆزلەرنى يوللىدى: «ماڭا ئەۋەتكەن سۆزلىرىنى ئاڭلىدىم. سىلىنىڭ خائىشلىرى بويىچە بارلىق كېدىر ۋە قارىغاي ياغاچلىرىنى مەن ئۆزۈم تەمىنلەپ بېرىمەن.

[9] مېنىڭ ئادەملىرىم بۇ ياغاچلارنى لىۋاندىن ئېلىپ چىقىپ، باغلاپ سال قىلىپ، سىلى كۆرسەتكەن يەرگە دېڭىز ئارقىلىق ئېقىتىپ ئېلىپ بارىدۇ. ئادەملىرىم شۇ يەردە ياغاچلارنى چۇۋۇغاندىن كېيىن توشۇپ ئەكەتسەڭلار بولىدۇ. مېنىڭمۇ بىر تەلىپىم بار: سىلى ئوردامنى ئوزۇق-تۈلۈك بىلەن تەمىن ئەتكەيلا.»

[10] شۇنىڭ بىلەن ھىرام سۇلايمانغا كېرەكلىك بولغان كېدىر ۋە قارىغاي ياغاچلىرىنى يەتكۈزۈپ بەردى.

[11] سۇلايمانمۇ ھىرامنىڭ بۇ ئەجىرلىرىنىڭ بەدىلىگە ئۇنىڭغا ئىككى مىڭ توننا بۇغداي، ئۈچ مىڭ لىتىر ساپ زەيتۇن يېغى بەردى. سۇلايمان ھىرامنى ھەر يىلى ئەنە شۇنداق تەمىنلەپ تۇردى.

[12] پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ ۋەدىسى بويىچە سۇلايمانغا دانالىق بەردى. ھىرام بىلەن سۇلايمان ئۆزئارا كېلىشىم تۈزۈپ، تىنچلىقنى داۋاملاشتۇردى.

[13] سۇلايمان پادىشاھ ئىسرائىل خەلقى ئىچىدىن ھاشارچىلارنى يىغدى. ئۇلارنىڭ سانى 30 مىڭ ئادەم ئىدى.

[14] ئۇلاردىن ھەر ئايدا نۆۋەت بىلەن 10 مىڭ ئادەمنى لىۋان تاغلىرىغا ئەۋەتەتتى. ئۇلار لىۋان تاغلىرىدا بىر ئاي، ئۆيىدە ئىككى ئاي تۇراتتى. ھاشارچىلارنىڭ باشقۇرغۇچىسى ئادورام ئىدى.

[15] سۇلايمان پادىشاھنىڭ تاغدا تاش-ياغاچ توشۇيدىغان ئادىمىدىن 70 مىڭ، تاش قازىدىغان ئادىمىدىن 80 مىڭى بار ئىدى.

[16] ئۇلاردىن باشقا يەنە سۇلايماننىڭ ئىشلەمچىلەرنى نازارەت قىلىدىغان ۋە ئىشنىڭ بېشىدا تۇرىدىغان 3300 نەپەر ئەمەلدارلىرى بار ئىدى.

[17] پادىشاھنىڭ بۇيرۇقى بويىچە كىشىلەر ھەم يوغان ھەم سۈپەتلىك تاشلارنى قېزىپ چىقىرىپ، ئۇلارنى يونۇپ تەييارلىغاندىن كېيىن، ئىبادەتخانىنىڭ ئۇلى قىلىشقا ئىشلەتتى.

[18] شۇنداق قىلىپ سۇلايماننىڭ ۋە ھىرامنىڭ ھۈنەرۋەنلىرى گىبال شەھىرىدىن كەلگەنلەر بىلەن بىللە تاشلارنى يونۇپ، ئىبادەتخانا قۇرۇلۇشىغا كېتەرلىك تاش-ياغاچلارنى تەييارلاشتى.

پادىشاھلار — Chapters