[1] سۇلايمان پىرئەۋننىڭ قىزىنى ئەمرىگە ئېلىپ، پىرئەۋن بىلەن ئىتتىپاق تۈزدى. ئۇ پىرئەۋىننىڭ قىزىنى داۋۇت شەھىرىگە ئېلىپ كەلدى. سۇلايمان ئۆز ئوردىسى، پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسى ۋە يېرۇسالېم سېپىلىنى سالدۇرۇپ بولغۇچە ئۇ قىز شۇ يەردە تۇردى.
[2] شۇ چاغلاردا پەرۋەردىگارنىڭ نام-شەرىپىگە ئاتالغان ئىبادەتخانا تېخى سېلىنمىغان بولغاچقا، خەلق غەيرىي سەجدىگاھلىرىغا بېرىپ، قۇربانلىق قىلىپ يۈرەتتى.
[3] سۇلايمان پەرۋەردىگارنى سۆيۈپ، ئاتىسى داۋۇتنىڭ ئىزىنى باسقان بولسىمۇ، بىراق ئۇ ئۆزىمۇ غەيرىي سەجدىگاھلاردا قۇربانلىق قىلاتتى ۋە ئىسرىق سالاتتى.
[4] بىر كۈنى پادىشاھ گىبئون شەھىرىگە قۇربانلىق قىلىشقا باردى. (ئۇ يەر سەجدىگاھلار ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىمى ئىدى. سۇلايمان ئىلگىرى ئۇ يەردىكى قۇربانلىق سۇپىسىدا مىڭ تۇياقچە كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلغانىدى).
[5] سۇلايمان گىبئوندىكى ۋاقتىدا بىر كېچىسى پەرۋەردىگار خۇدا ئۇنىڭ چۈشىگە كىرىپ، ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: _ مەن ساڭا نېمە ئىلتىپات قىلاي، سورىغىن.
[6] سۇلايمان: _ خىزمەتكارىڭ ئاتام داۋۇت سېنىڭ ئالدىڭدا ساداقەتمەن، ھەققانىي ۋە دۇرۇس نىيەتلىك بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا ئۇلۇغ مېھىر-شەپقەت كۆرسەتتىڭ. سەن ئاشۇ ئۇلۇغ مېھىر-شەپقىتىڭ بىلەن ھازىر ئۇنىڭ تەختىدە ئولتۇرىدىغان بىر ئوغۇل بەردىڭ.
[7] ئى پەرۋەردىگارىم خۇدا، سەن ئەمدى مەن قۇلۇڭنى ئاتام داۋۇتنىڭ ئورنىغا پادىشاھ قىلدىڭ، ئەمما مەن تېخى قانداق قىلىشنى بىلمەيدىغان كىچىك بالىدەكمەن.
[8] قۇلۇڭ سەن تاللىغان زور خەلق بىلەن ياشايدۇ، ئۇلارنىڭ سانى ھەددى-ھېسابسىزدۇر.
[9] شۇڭا سەن قۇلۇڭغا خەلقىڭنى باشقۇرغۇدەك، ياخشى-ياماننى پەرق قىلغۇدەك ئەقىل-پاراسەت بەرگىن، بولمىسا كىممۇ ئۇلۇغ خەلقىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلالىسۇن؟ _ دېدى.
[10] سۇلايماننىڭ ئەقىل-پاراسەت سورىشى ئىگىمىزنى خۇرسەن قىلدى.
[11] خۇدا ئۇنىڭغا: _ سەن ئۆزۈڭگە ئۇزۇن ئۆمۈر، بايلىق ياكى دۈشمىنىڭنىڭ جېنىنى سورىماستىن، بەلكى ھەق-ناھەقنى پەرق قىلغۇدەك ئەقىل-پاراسەت سورىدىڭ.
[12] شۇڭا، مانا مەن ساڭا تەلىپىڭ بويىچە سەندىن بۇرۇن ھېچكىمدە بولۇپ باقمىغان ۋە بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ھېچكىمدە بولمايدىغان ئەقىل-پاراسەت ئاتا قىلىمەن.
[13] ساڭا يەنە سەن مەندىن سورىمىغان بايلىق ۋە شان-شۆھرەتنىمۇ قوشۇپ بېرىمەن. ئۆمرۈڭدە ھېچقانداق پادىشاھ سەن بىلەن تەڭ بولالمايدۇ.
[14] ئەگەر سەن مېنىڭ يولۇمدا ماڭساڭ، ئەمر-پەرمانلىرىمنى ئاتاڭ داۋۇتقا ئوخشاش ئورۇندىساڭ، مەن ساڭا ئۇزۇن ئۆمۈر ئاتا قىلىمەن، _ دېدى.
[15] سۇلايمان ئويغىنىپ، بۇنىڭ بىر چۈش ئىكەنلىكىنى بىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ يېرۇسالېمغا قايتىپ، ئىگىمىزنىڭ ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ، كۆيدۈرمە ۋە ئامانلىق قۇربانلىقى قىلىپ، بارلىق ئەمەلدارلىرىغا زىياپەت قىلىپ بەردى.
[16] بىر كۈنى ئىككى پاھىشە ئايال سۇلايمان پادىشاھنىڭ ئالدىغا داد ئېيتىپ كەلدى.
[17] ئۇلاردىن بىرى: _ پادىشاھ ئالىيلىرى، مەن بۇ ئايال بىلەن بىر ئۆيدە تۇرىمەن. مېنىڭ تۇغۇتۇمدا ئۇ ئايالمۇ ئۆيدە بار ئىدى.
[18] مەن تۇغۇپ ئۈچ كۈن بولغاندا بۇ ئايالمۇ بىر بالا تۇغدى. بۇ ئۆيدە ئىككىمىزلا تۇراتتۇق، بىزدىن باشقا ھېچكىم يوق ئىدى.
[19] بىر كېچىسى بۇ ئايال ئۇخلاۋېتىپ، ئوغلىنى بېسىپ ئۆلتۈرۈپ قويۇپتۇ.
[20] ئەمما ئۇ يېرىم كېچىدە ئاجىزەلىرى ئۇخلاۋاتقاندا، يېنىمدىكى ئوغلۇمنى ئېلىۋېلىپ، ئۆزىنىڭ ئۆلگەن ئوغلىنى مېنىڭ يېنىمغا ياتقۇزۇپ قويۇپتۇ.
[21] مەن ئەتىسى ئەتىگەندە ئويغىنىپ، ئوغلۇمنى ئېمىتەي دەپ قارىسام، ئۇ ئۆلۈپ قاپتۇ. مەن سىنچىلاپ قارىسام ئۇ مەن تۇغقان بالا ئەمەس ئىكەن، _ دېدى.
[22] يەنە بىر ئايال: _ ياق، ئۇنداق ئەمەس! تىرىكى مېنىڭ ئوغلۇم، ئۆلۈكى سېنىڭ! _ دەپ ۋارقىرىدى. بىرىنچى ئايال: _ ياق، ئۆلۈكى سېنىڭ، تىرىكى مېنىڭ، _ دەپ تۇرۇۋالدى. ئۇلار پادىشاھنىڭ ئالدىدا ئەنە شۇنداق تالاش-تارتىش قىلىشتى.
[23] شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ: _ بۇ ئايال «تىرىكى مېنىڭ ئوغلۇم، ئۆلۈكى سېنىڭ ئوغلۇڭ» دەيدۇ. ئۇ ئايال «ياق، ئۆلۈكى سېنىڭ ئوغلۇڭ، تىرىكى مېنىڭ ئوغلۇم» دەيدۇ.
[24] خوش، ئۇنداقتا بىر قىلىچ كەلتۈرۈلسۇن! _ دەپ بۇيرۇدى. پادىشاھقا بىر قىلىچ كەلتۈرۈلدى.
[25] پادىشاھ: _ تىرىك بالىنى ئىككىگە بۆلۈڭلار. بىر پارچىسىنى بۇ ئايالغا، يەنە بىر پارچىسىنى ئۇ ئايالغا بېرىڭلار، _ دېدى.
[26] تىرىك بالىنىڭ ئۆز ئانىسىنىڭ يۈرىكى ئۆرتىنىپ پادىشاھقا: _ پادىشاھ ئالىيلىرى، ھەرگىزمۇ تىرىك بالىنى ئۆلتۈرمىگەيلا، بالىنى ئۇنىڭغا بەرگەيلا، _ دېدى. يەنە بىر ئايال بولسا: _ بالا مېنىڭمۇ ياكى سېنىڭمۇ بولمىسۇن، ئۇنى ئىككىگە بۆلۈڭلار، _ دېدى.
[27] پادىشاھ مۇنداق دېدى: _ بالا ھەرگىز ئۆلتۈرۈلمىسۇن، بالىنى بىرىنچى ئايالغا بېرىڭلار. بۇ ئايال ئۇنىڭ ئانىسى.
[28] پۈتۈن ئىسرائىللار پادىشاھنىڭ بۇ ئەرزنى قانداق بىر تەرەپ قىلغىنىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭدىن ئەيمىنىدىغان بولدى، چۈنكى ئۇلار خۇدانىڭ سۇلايمانغا ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم چىقىرىدىغان دانالىق بەرگىنىنى كۆردى.