Skip to content
Opens in a new window

[1] پەرۋەردىگاردىن خانانىنىڭ ئوغلى يېھۇ پەيغەمبەرگە ۋەھىي كېلىپ، باشانى مۇنداق ئەيىبلىدى:

[2] «مەن سېنى چاڭ-توزانلار ئىچىدىن تىكلەپ، خەلقىم ئىسرائىللارنىڭ بېشى قىلغان بولساممۇ، لېكىن سەن نىباتنىڭ ئوغلى ياروبئامنىڭ يولىدا مېڭىپ، خەلقىم ئىسرائىللارنى گۇناھقا پاتۇردۇڭ. ئۇلارنىڭ گۇناھى مېنىڭ غەزىپىمنى قوزغىدى.

[3] باشا، مانا ئەمدى مەن، سەن ۋە سېنىڭ جەمەتىڭنى ياروبئامنىڭ جەمەتىگە ئوخشاش سۈپۈرۈپ تاشلايمەن.

[4] جەمەتىڭدىن شەھەردە ئۆلگەنلىرىنى ئىتلار، دالىدا ئۆلگەنلىرىنى قاغا-قۇزغۇنلار يەيدۇ».

[5] باشا پادىشاھنىڭ باشقا ئىش-ئىزلىرى، پائالىيەتلىرى ۋە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى «ئىسرائىلىيە پادىشاھلىرىنىڭ تەزكىرىلىرى» گە پۈتۈلگەن.

[6] باشا ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ قېشىغا كېتىپ، تىرزاھ شەھىرىگە دەپنە قىلىندى. ئوغلى ئەلاھ ئۇنىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلدى.

[7] دېمەك، باشا ياروبئام جەمەتىگە ئوخشاش پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان بارلىق ئىش-ھەرىكەتلەرنى قىلىپ، ئۇنىڭ غەزىپىنى كەلتۈرگەنلىكى، شۇنداقلا ئۇنىڭ ياروبئامنىڭ جەمەتىنى قىرىپ تاشلىغانلىقى ئۈچۈن، پەرۋەردىگاردىن خانانىنىڭ ئوغلى يېھۇ پەيغەمبەرگە ئەنە شۇ ۋەھىي كېلىپ، باشانى ۋە ئۇنىڭ جەمەتىنى ئەيىبلىدى.

[8] يەھۇدىيە پادىشاھى ئاسانىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 26-يىلى باشانىڭ ئوغلى ئەلاھ تىرزاھ شەھىرىدە ئىسرائىلىيەگە پادىشاھ بولدى. ئۇ ئىككى يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى.

[9] ئۇنىڭ ئەمەلدارلىرىدىن زىمرى، يەنى ئۇنىڭ ھارۋىلىق لەشكەرلىرىنىڭ يېرىمىغا باش بولغان سەركەردىسى ئۇنىڭغا سۇيىقەست پىلانلىدى. بىر كۈنى ئەلاھ پادىشاھ تىرزاھتا ئوردا غوجىدارى ئارزانىڭ ئۆيىدە شاراب ئىچىپ مەست بولۇپ قالدى.

[10] زىمرى كىرىپ، ئۇنى چېپىپ ئۆلتۈرۈپ، ئۇنىڭ تەختىنى تارتىۋالدى. بۇ ۋەقە يەھۇدىيە پادىشاھى ئاسانىڭ 27-يىلى يۈز بەردى.

[11] زىمرى پادىشاھ بولۇپ، تەختكە چىقىپلا باشانىڭ پۈتۈن جەمەتىنى قىرىپ تاشلىدى. ئۇنىڭ جەمەتى ۋە دوست-يارەنلىرىدىن بىرەر ئەر كىشىنىمۇ تىرىك قالدۇرمىدى.

[12] زىمرىنىڭ باشا جەمەتىنى پۈتۈنلەي يوقىتىپ تاشلىشى پەرۋەردىگارنىڭ يېھۇ پەيغەمبەر ئارقىلىق باشاغا ئېيتقان ۋەھىيىسى بويىچە بولدى.

[13] بۇنىڭ ھەممىسى باشا ۋە ئۇنىڭ ئوغلى ئەلاھنىڭ ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرى، ئۇلارنىڭ ئىسرائىللارنى گۇناھقا يىتەكلىگەنلىكى، شۇنداقلا ئەرزىمەس بۇتلىرىغا چوقۇنۇپ، ئىسرائىللارنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇدانىڭ غەزىپىنى كەلتۈرگەنلىكى سەۋەبىدىن يۈز بەردى.

[14] ئەلاھ پادىشاھنىڭ باشقا ئىش-ئىزلىرى ۋە بارلىق پائالىيەتلىرى «ئىسرائىلىيە پادىشاھلىرىنىڭ تەزكىرىلىرى» گە پۈتۈلگەندۇر.

[15] يەھۇدىيە پادىشاھى ئاسانىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 27-يىلى زىمرى ئىسرائىلىيەگە پادىشاھ بولدى. ئۇ تىرزاھ شەھىرىدە يەتتە كۈن تەختتە ئولتۇردى. ئۇ چاغدا ئىسرائىلىيە قوشۇنى فىلىستىيەلىكلەرنىڭ گىببىتون شەھىرىگە يېقىن يەردە بارگاھ قۇرغانىدى.

[16] بارگاھتىكىلەر «زىمرى سۇيىقەست پىلانلاپ، پادىشاھنى ئۆلتۈرۈپتۇ» دەپ ئاڭلىشى بىلەنلا، شۇ كۈنى بارگاھتىلا قوشۇن سەركەردىسى ئومرىنى ئىسرائىلىيەگە پادىشاھ قىلىپ تەيىنلىدى.

[17] ئومرى بارلىق قوشۇنى بىلەن گىببىتوندىن چىقىپ، تىرزاھنى مۇھاسىرىگە ئالدى.

[18] زىمرى شەھەرنىڭ قولدىن كەتكەنلىكىنى كۆرۈپلا، ئوردا ئىچىدىكى قەلئەگە كىرىپ، ئوردىغا ئوت قويۇۋەتتى، ئۆزىمۇ شۇ ئوتتا كۆيۈپ ئۆلدى.

[19] بۇ ئۇنىڭ گۇناھ قىلغانلىقىدىن، پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلىپ، ياروبئامنىڭ يولىدا ماڭغانلىقىدىن، خۇددى ياروبئامدەك ئۆزى گۇناھ ئۆتكۈزۈپلا قالماي، ئىسرائىللارنىمۇ گۇناھقا پاتۇرغانلىقىدىن بولغان.

[20] زىمرى پادىشاھنىڭ باشقا ئىش-ئىزلىرى ۋە قىلغان سۇيىقەستى «ئىسرائىلىيە پادىشاھلىرىنىڭ تەزكىرىلىرى» گە پۈتۈلگەندۇر.

[21] شۇ ئىشلاردىن كېيىن ئىسرائىللار ئىككىگە بۆلۈنۈپ كەتتى. خەلقنىڭ يېرىمى گىناتنىڭ ئوغلى تىبنىغا ئەگىشىپ، ئۇنى ئۆزلىرىگە پادىشاھ قىلماقچى بولدى. قالغان يېرىمى ئومرىغا ئەگەشتى.

[22] ئومرىغا ئەگەشكەنلەر گىناتنىڭ ئوغلى تىبنىغا ئەگەشكەنلەرنىڭ ئۈستىدىن غالىب كەلدى. تىبنى ئۆلگەندىن كېيىن، ئومرى پادىشاھ بولدى.

[23] يەھۇدىيە پادىشاھى ئاسانىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 31-يىلى ئومرى ئىسرائىلىيەگە پادىشاھ بولدى. ئۇ 12 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇ ئالدىنقى ئالتە يىل تىرزاھتا ھۆكۈم سۈردى.

[24] ئاندىن ئومرى يەتمىش كىلو كۈمۈشكە سەمەر ئىسىملىك بىر كىشىدىن بىر ئېگىزلىكنى سېتىۋېلىپ، ئۇ يەرگە بىر شەھەر قۇردى. ئۇ شەھەرگە شۇ ئېگىزلىكنىڭ ئەسلى ئىگىسىنىڭ نامىنى بېرىپ، ئۇنى «سامارىيە» دەپ ئاتىدى.

[25] ئومرى پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلدى. ئۇنىڭ قىلغان رەزىللىكلىرى ئۆزىدىن ئىلگىرىكى ھەرقانداق پادىشاھلارنىڭكىدىن ئېشىپ كەتتى.

[26] ئۇ پۈتۈنلەي نىباتنىڭ ئوغلى ياروبئام ماڭغان گۇناھلىق يولدا مېڭىپ، ئىسرائىللارنىمۇ گۇناھقا پاتۇردى. ئۇلار ئەرزىمەس بۇتلىرىغا چوقۇنۇپ، ئىسرائىللارنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇدانىڭ غەزىپىنى كەلتۈردى.

[27] ئومرى پادىشاھنىڭ باشقا ئىش-ئىزلىرى، بارلىق پائالىيەتلىرى ۋە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى «ئىسرائىلىيە پادىشاھلىرىنىڭ تەزكىرىلىرى» گە پۈتۈلگەندۇر.

[28] ئومرى ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ قېشىغا كېتىپ، سامارىيەگە دەپنە قىلىندى. ئوغلى ئاخاب ئۇنىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلدى.

[29] يەھۇدىيە پادىشاھى ئاسانىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 38-يىلى ئومرىنىڭ ئوغلى ئاخاب ئىسرائىلىيەگە پادىشاھ بولدى. ئاخاب پادىشاھ سامارىيەدە ئىسرائىلىيەگە 22 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى.

[30] ئومرىنىڭ ئوغلى ئاخاب پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلىپ، ئۆزىدىن ئىلگىرى ئۆتكەن ھەممە پادىشاھلاردىنمۇ ئاشۇرۇۋەتتى.

[31] ئاخابقا نىسبەتەن نىباتنىڭ ئوغلى ياروبئامغا ئوخشاش گۇناھ ئۆتكۈزۈش ھېچقانچە ئىش ئەمەس بولۇپ، ھەتتا سىدون پادىشاھى ئەتبائالنىڭ قىزى ئىزەبەلنى ئەمرىگە ئېلىپ، بائال دېگەن ئىلاھقا باش ئۇرۇپ، ئىبادەت قىلدى.

[32] ئۇ سامارىيەدە بائال بۇتخانىسىنى سالدۇردى ۋە بۇتخانىدا بائالغا ئاتاپ بىر قۇربانلىق سۇپىسى ياساتتى.

[33] ئاخاب يەنە ئاشېرا بۇتى ياساتتى. ئاخابنىڭ قىلغان ئىشلىرى پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدانىڭ غەزىپىنى كەلتۈردى، بۇ غەزەپ ئۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۆتكەن بارلىق ئىسرائىلىيە پادىشاھلىرىغا چۈشكەن غەزەپتىنمۇ ئېشىپ كەتتى.

[34] ئاخاب تەختتىكى ۋاقىتلاردا بەيتەللىك خىئېل دېگەن ئادەم ئېرىخا شەھىرىنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقتى. ئۇ شەھەر سېپىلىگە ئۇل سالىدىغان چاغدا تۇنجى ئوغلى ئابىرام ئۆلۈپ كەتتى. شەھەر دەرۋازىسىنى ئورنىتىدىغان چاغدا كەنجى ئوغلى سىگۇب ئۆلۈپ كەتتى. بۇ ئىشلار، خۇددى پەرۋەردىگارنىڭ نۇننىڭ ئوغلى يوشۇۋا ئارقىلىق يەتكۈزگەن سۆزىدەك بولدى.

پادىشاھلار — Chapters