Skip to content
Opens in a new window

[1] ۋاھالەنكى، سۇلايمان پادىشاھ ئۆزىگە سالدۇرغان ئوردىنى پۈتتۈرۈشكە 13 يىل ۋاقىت سەرپ قىلدى.

[2] بۇ جەرياندا ئۇ «لىۋان ئورمان سارىيى» نىمۇ ياساتتى. ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى 50 مېتىر، كەڭلىكى 25 مېتىر، ئېگىزلىكى 15 مېتىر ئىدى. كېدىر ياغىچىدىن تۆت رەت تۈۋرۈك قويۇلغانىدى. ھەر ئىككى رەت تۈۋرۈك ئۈستىگە 15تىن، جەمئىي 45 تۈپ كېدىر دەرىخىنىڭ لىم ياغاچلىرى قويۇلغانىدى. لىم ياغاچلارنىڭ ئۈستى كېدىر تاختايلىرى بىلەن يېپىلغانىدى.

[4] ساراي دېرىزىلىرىنىڭ ئىچى تەرىپى كەڭ، تېشى تەرىپى تار ئىدى. ساراينىڭ ئىككى تېمىدىكى دېرىزىلەر ئۈچ قۇردىن بولۇپ، بىر-بىرىگە قارىشىپ تۇراتتى.

[5] ھەممە ئىشىكلەرنىڭ كېشەكلىرى تۆت چاسا ئىدى. دېرىزىلەر ئۈچ قۇردىن بولۇپ، بىر-بىرىگە قارىشىپ تۇراتتى.

[6] ئۇ يەنە «تۈۋرۈك سارىيى» نى ياساتتى. ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى 25 مېتىر، كەڭلىكى 15 مېتىر ئىدى. ئۇ «تۈۋرۈك سارىيى» ئالدىغا تۈۋرۈكلەرنى ئورنىتىپ، بىر ئايۋان سالدۇردى.

[7] سۇلايمان پادىشاھ يەنە تەخت تۇرىدىغان ساراينى سالدۇردى ۋە ئۇنى «ھۆكۈم سارىيى» دەپ ئاتىدى. ئۇ شۇ يەردە ھۆكۈم چىقىراتتى. ساراينىڭ ئاستىغا بۇ چېتىدىن ئۇ چېتىگىچە كېدىر تاختىيى ياتقۇزۇلدى.

[8] سۇلايماننىڭ ئۆزى تۇرىدىغان ئوردىسى «ھۆكۈم سارىيى» ئارقىسىدىكى بىر ھويلىدا بولۇپ، ئۇنىڭ قۇرۇلۇشىمۇ ئوخشاش ئىدى. ئۇ ئۆز ئەمرىگە ئالغان پىرئەۋننىڭ قىزى ئۈچۈنمۇ بىر ئوردا ياساتتى، ئۇنىڭ قۇرۇلۇشى ئاشۇ «تۈۋرۈك سارىيى» نىڭكىگە ئوخشاش ئىدى.

[9] ھەممە ئىمارەتلەرگە ئۇلىدىن تارتىپ ئۆگزىسىگىچە، ئۆلچەم بويىچە يونۇلغان، ئالدى-كەينى ئېكەك بىلەن تەكشى تۈزلەنگەن سۈپەتلىك تاشلار ئىشلىتىلگەن. چوڭ ھويلىنىڭ تېمىمۇ شۇ خىل تاشلار بىلەن قوپۇرۇلغانىدى.

[10] ئۇلىغا ئىشلىتىلگەن سۈپەتلىك، چوڭ تاشلارنىڭ ئىچىدە تۆت مېتىرلىقلىرىمۇ، بەش مېتىرلىقلىرىمۇ بار ئىدى.

[11] ئۇلىنىڭ ئۈستىگە ئۆلچەم بويىچە يونۇلغان سۈپەتلىك تاشلار ۋە كېدىر لىم ياغاچلىرى قويۇلغانىدى.

[12] ئوردىنىڭ چوڭ ھويلىسىنى چۆرىدەپ ياسالغان تاملار ھەر ئۈچ قەۋەت يونۇلغان تاش ئۈستىگە بىر قەۋەت كېدىر ياغىچى قويۇپ قوپۇرۇلغان بولۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ ئىچكىرىكى ھويلىسى ۋە ئايۋىنىنىڭ تاملىرىمۇ شۇ تەرىقىدە قوپۇرۇلغانىدى.

[13] سۇلايمان ئادەم ئەۋەتىپ ھۇرامنى تىردىن ئەكەلدۈردى.

[14] ھۇرام نافتالى قەبىلىسىدىن بولغان بىر تۇل خوتۇننىڭ بالىسى ئىدى. ئۇنىڭ ئاتىسى تىرلىق مىسكەر ئىدى. ھۇرام مىسكەرچىلىككە ئائىت ھەرقانداق ئىشتا پاراسەتلىك، ئىقتىدارلىق ۋە بىلىملىك ئىدى. ئۇ سۇلايمان پادىشاھنىڭ يېنىغا كېلىپ، پادىشاھنىڭ ھەممە ئىشىنى قىلدى.

[15] ھۇرام ئېگىزلىكى توققۇز مېتىر، ئايلانما ئۇزۇنلۇقى ئالتە مېتىر كېلىدىغان ئىككى تۇچ تۈۋرۈك ياسىدى.

[16] تۈۋرۈكنىڭ ئۇچىغا ئورنىتىدىغان ئىككى باشنى تۇچتىن قۇيۇپ چىقتى. تۈۋرۈك بېشىنىڭ ھەربىرىنىڭ ئېگىزلىكى ئىككى يېرىم مېتىردىن ئىدى.

[17] تۈۋرۈكلەرنىڭ بېشىغا، ئۆرۈلگەن زەنجىرلەردىن ھاسىل بولغان چاقماق شەكىللىك تورسىمان بېزەك قويۇلدى. ھەر ئىككى باش مۇشۇنداق تورلار بىلەن ئورالغانىدى.

[18] ئۇ يەنە تۇچتىن تۈۋرۈك بېشىدىكى تورلارنى ئوراپ تۇرىدىغان ئىككى قۇر ئانار ياسىدى. ھەر ئىككى باش ئانارلار بىلەن قاپلانغانىدى.

[19] ئايۋان ئالدىدىكى تۈۋرۈك باشلىرىنىڭ ئۈستىگە ئىككى مېتىر ئېگىزلىكتە پىيازگۈل شەكلىدە بېزەك ياسالغانىدى.

[20] ھەر ئىككى تۈۋرۈكنىڭ باشلىرىدا، يەنى تورسىمان بېزەكنىڭ قېشىدىكى كۆپتۈرمە نەقىش ئۈستىدە ئىككى قۇر ئانار بار بولۇپ، بۇ قۇرلاردا جەمئىي 200 دانە ئانار بار ئىدى، ئۇلار تۈۋرۈك باشلىرىنى ئوراپ تۇراتتى.

[21] ھۇرام بۇ ئىككى تۈۋرۈكنى تاشقىرىقى خانا ئايۋىنىنىڭ ئالدىغا تۇرغۇزدى. جەنۇب تەرەپكە قويۇلغان تۈۋرۈككە «ياكىن» [مەنىسى «خۇدا تىكلەيدۇ»]، شىمال تەرەپكە قويۇلغان تۈۋرۈككە «بوئاز» [مەنىسى «خۇدانىڭ قۇدرىتى بىلەن»] دەپ ئات قويدى.

[22] تۈۋرۈكلەرنىڭ بېشى پىيازگۈلسىمان قىلىپ ياسالدى. شۇنداق قىلىپ تۈۋرۈكلەرنى ياساش ئىشى ئاخىرلاشتى.

[23] ھۇرام يەنە كەڭلىكى بەش مېتىر، چوڭقۇرلۇقى ئىككى يېرىم مېتىر، ئايلانمىسى 15 مېتىر كېلىدىغان، «دېڭىز» دەپ ئاتالغان يۇمىلاق شەكىلدىكى تۇچ داڭقان قۇيدى.

[24] تۇچ داڭقاننىڭ گىرۋىكى ئاستىغا ئىككى قۇر قاپاق شەكىللىك نەقىش چىقىرىلغان. ھەر مېتىر ئارىلىققا يىگىرمە قاپاق قۇيۇلغان بولۇپ، ئۇلار داڭقان قۇيۇلغان چاغدىلا بىللە قۇيۇلۇپ چىققانىدى.

[25] داڭقان ئون ئىككى تۇچ بۇقىلارنىڭ ئۈستىگە قويۇلغانىدى. بۇقىلارنىڭ ئۈچى شىمالغا، ئۈچى غەربكە، ئۈچى جەنۇبقا، ئۈچى شەرققە قارىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ قۇيرۇقلىرى ئىچى تەرەپكە قارايتتى.

[26] داڭقاننىڭ قېلىنلىقى سەككىز سانتىمېتىر بولۇپ، گىرۋىكى خۇددى پىيالىنىڭ گىرۋىكىگە ھەم پىيازگۈلنىڭ گۈلىگە ئوخشايتتى. 44 مىڭ لىتىر سۇ سىغاتتى.

[27] ھۇرام يەنە ھەربىرىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ۋە كەڭلىكى ئىككى مېتىر، ئېگىزلىكى بىر يېرىم مېتىر كېلىدىغان تۇچ داسلارنى قويىدىغان تۇچ ھارۋىدىن ئوننى ياسىدى.

[28] ھارۋىلار مۇنداق شەكىلدە ياسالدى: ھارۋىلارنىڭ ئاستى، ئۈستى ئىككى دانە تۆت چاسا رامكىدىن تۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ رامكىلار تۆت بۇرجىكىدىن تۆت دانە خادا بىلەن تۇتاشتۇرۇلغانىدى.

[29] خادىلار ئارىسىدىكى تۆت چاسا رامكىلارغا شىر، بۇقا ۋە كېرۇبلارنىڭ شەكىللىرى قۇيۇلغانىدى. شىر بىلەن بۇقىلارنىڭ ئاستى ۋە ئۈستىدىكى خادىلارغا گۈلچەمبىرەكلەردىن نەقىش چىقىرىلغانىدى.

[30] ھەربىر ھارۋىدا تۇچ چاقتىن تۆتى ۋە چاقلارنى تۇتاشتۇرىدىغان تۇچ ئوقلار بار ئىدى. داسنى تىرەپ تۇرۇش ئۈچۈن ياسالغان پۇتلاردىن تۆتى بار بولۇپ، پۇتلارنىڭ ھەر تەرىپىگە گۈلچەمبىرەكلەردىن نەقىش چىقىرىلغانىدى.

[31] ھەربىر ھارۋىنىڭ ئۈستىدە داسنى كۆتۈرۈپ تۇرىدىغان بىر يۇمىلاق قۇرۇلما بار ئىدى. ئۇنىڭ دىيامېتىرى 75 سانتىمېتىر، ھارۋىدىن چىقىپ تۇرىدىغان ئېگىزلىكى يېرىم مېتىر بولۇپ، ئۇمۇ نەقىشلەنگەنىدى. لېكىن رامكىلار يۇمىلاق ئەمەس، بەلكى تۆت چاسا ئىدى.

[32] ھارۋىلارنىڭ تۆت چاقى رامكىلارنىڭ ئاستىدا بولۇپ، ئوقلىرى ھارۋىغا تۇتىشىپ تۇراتتى. ھەربىر چاقنىڭ ئېگىزلىكى 75 سانتىمېتىر ئىدى.

[33] چاقلار جەڭ ھارۋىسىنىڭ چاقلىرىنىڭ تۈزۈلۈشىگە ئوخشاش بولۇپ، چاق ئوقى، چاق ئۇلتىڭى، گۈگۈسۈنى ۋە چاق مەركىزىنىڭ ھەممىسى تۇچتىن قۇيۇلغانىدى.

[34] ھەربىر ھارۋىنىڭ تۆت بۇلۇڭىدا بىردىن تىرەك بولۇپ، ئۇلار ھارۋا بىلەن بىر گەۋدە ئىدى.

[35] ھارۋىنىڭ ئۈستىدىكى يۇمىلاق قۇرۇلمىنىڭ ئېگىزلىكى 25 سانتىمېتىر كېلەتتى. يۇمىلاق قۇرۇلما تىرەكلەر بىلەن ھارۋىنىڭ تۆت چاسا رامكىلىرىغا تۇتاشتۇرۇلۇپ مۇقىملاشتۇرۇلغانىدى.

[36] تىرەك بىلەن رامكىلارنىڭ ھەربىر يۈزىگە كېرۇب، شىر ۋە خورما دەرەخلىرىنىڭ شەكىللىرى ئويۇلغان بولۇپ، ھەممە قىرلىرى گۈلچەمبىرەكلەردىن نەقىشلەنگەنىدى.

[37] ئون ھارۋىنىڭ ھەممىسى شۇ شەكىلدە ياسالغانىدى. ئۇلار بىر قېلىپتا قۇيۇپ چىقىلغان بولۇپ، ئۆلچىمى ۋە شەكلى بىر-بىرىگە ئوخشاش ئىدى.

[38] ھۇرام يەنە دىيامېتىرلىرى ئىككى مېتىر كېلىدىغان، ھەربىرىگە 900 لىتىر سۇ پاتىدىغان ئون تۇچ داس ياسىدى. ئون ھارۋىنىڭ ھەربىرىگە بىردىن تۇچ داس قويۇلدى.

[39] ئون ھارۋىنىڭ بەشىنى ئىبادەتخانىنىڭ جەنۇبىغا، بەشىنى ئىبادەتخانىنىڭ شىمالىغا قويدى. داڭقاننى ئىبادەتخانىنىڭ شەرقىي جەنۇب بۇرجىكىگە ئورۇنلاشتۇردى.

[40] ھۇرام يەنە كۈلدان، گۈرجەك ۋە داسلارنى ياسىدى. شۇنداق قىلىپ ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدا سۇلايمان پادىشاھ ئۈچۈن قىلىشقا تېگىشلىك ھەممە ئىشنى پۈتتۈردى.

[41] ئۇنىڭ ياسىغانلىرى مۇنۇلاردىن ئىبارەت: ئىككى تۈۋرۈك، تۈۋرۈكلەرنىڭ بېشىغا ياسالغان قاچا شەكىللىك ئىككى فورما، قاچا شەكىللىك فورمىلارنى يېپىپ تۇرىدىغان ئىككى تورسىمان بېزەك،

[42] تۈۋرۈكلەرنىڭ بېشىدىكى قاچا شەكىللىك ئىككى فورمىنى يېپىپ تۇرىدىغان تورسىمان بېزەكلەرنىڭ ھەر بىرىگە ئىككى قۇردىن ياسالغان 400 دانە ئانار،

[43] ئون ھارۋا، ھارۋا ئۈستىدىكى ئون تۇچ داس،

[44] داڭقان ۋە داڭقان ئاستىدىكى ئون ئىككى بۇقا،

[45] كۈلدان، گۈرجەك ۋە داس. سۇلايمان پادىشاھنىڭ تەلىپى بىلەن ھۇرام پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا ياسىغان بۇ نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى پارقىراق تۇچتىن ياساپ چىقتى.

[46] پادىشاھ بۇلارنى ئىئوردان تۈزلەڭلىكىدە، سۇككوت بىلەن زارىتاننىڭ ئوتتۇرىسىدا سېغىز لاي قېلىپلاردا قۇيدۇرۇپ ياساتتى.

[47] بۇ نەرسىلەر تولىمۇ كۆپ بولغاچقا، سۇلايمان ئۇلارنى ئۆلچەتمەي ئىشلىتىۋەردى. شۇنداق قىلىپ ئىشلىتىلگەن بارلىق تۇچلارنىڭ ئېغىرلىقىنىڭ ھېسابى ئېنىقلانمىدى.

[48] سۇلايمان يەنە پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدىكى بارلىق بۇيۇملارنى ياساتقۇزدى. ئۇلار تۆۋەندىكىچە: ئالتۇن ئىسرىقدان، خۇداغا سۇنۇلىدىغان نانلارنى تىزىدىغان ئالتۇن شىرە،

[49] ئىچكىرىكى خانىنىڭ ئالدىغا ئوڭ تەرىپىگە بەشتىن، سول تەرىپىگە بەشتىن قويۇلىدىغان ساپ ئالتۇن چىراغدان، چىراغداننىڭ ئالتۇن گۈللۈك نەقىشلىرى، ئالتۇن چىراغلىرى، ئالتۇن پىلىك قىسقۇچلار،

[50] ساپ ئالتۇن پىيالە، پىلىك قايچىسى، داس، ئىسرىق تەخسىسى ۋە ئوتدانلار، ئەڭ مۇقەددەس جاي بولغان ئىچكىرىكى خانىنىڭ ۋە تاشقىرىقى خانىنىڭ ئىشىكلىرىنىڭ ئالتۇندىن ياسالغان مۇجۇقلىرى.

[51] شۇنداق قىلىپ سۇلايمان پادىشاھ پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنى قۇرۇپ چىقىش ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىنى تاماملاپ بولدى. سۇلايمان پادىشاھ ئاتىسى داۋۇتنىڭ پەرۋەردىگارغا ئاتىغان، ئالتۇن-كۈمۈش ۋە بۇيۇملىرىنىڭ ھەممىسىنى ئەكەلدۈرۈپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ خەزىنىلىرىگە قويدى.

پادىشاھلار — Chapters