Skip to content
Opens in a new window

[1] سۇلايمان پادىشاھ پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى داۋۇت شەھىرىدىن، يەنى سىئوندىن ئىبادەتخانىغا يۆتكەپ ئەكېلىش ئۈچۈن، ئىسرائىللارنىڭ ئاقساقاللىرىنى، يەنى ھەرقايسى قەبىلە ۋە جەمەت باشلىقلىرىنىڭ ھەممىسىنى يېرۇسالېمدا ئۆزىنىڭ ئالدىدا جەم بولۇشقا بۇيرۇدى.

[2] شۇ سەۋەبتىن پۈتۈن ئىسرائىل خەلقى ئېتانىم ئېيىدىكى، يەنى باش كۈزدىكى كەپە تىكىش ھېيتىدا سۇلايمان پادىشاھنىڭ ئالدىغا جەم بولدى.

[3] ئىسرائىللارنىڭ ئاقساقاللىرىنىڭ ھەممىسى كەلگەندىن كېيىن، روھانىيلار پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرۈپ يۆتكەپ چىقتى. لاۋىيلار روھانىيلارغا قوشۇلۇپ، ئۇچرىشىش چېدىرىنى ۋە چېدىر ئىچىدىكى بارلىق مۇقەددەس بۇيۇملارنى ئېلىپ چىقتى.

[5] سۇلايمان پادىشاھ ۋە پۈتكۈل ئىسرائىل خەلقى ئەھدە ساندۇقى ئالدىدا جەم بولۇپ، نۇرغۇنلىغان قوي-كالىلارنى قۇربانلىق قىلىشتى. قۇربانلىقلارنىڭ سانى ھېسابسىز بولۇپ، سانىنى ئېلىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى.

[6] ئاندىن روھانىيلار پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى ئۆز جايىغا، يەنى ئىبادەتخانىنىڭ ئىچكىرىكى قىسمىدىكى ئەڭ مۇقەددەس خانىغا ئېلىپ كىرىپ، ئىككى كېرۇبنىڭ قانىتى ئاستىغا قويدى.

[7] كېرۇبلارنىڭ يېيىلىپ تۇرغان قاناتلىرى ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئۈستىنى ئوراپ، ئەھدە ساندۇقى بىلەن ئۇنى كۆتۈرىدىغان بالداقلارنى ئۈستىدىن يېپىپ تۇراتتى.

[8] بۇ بالداقلار ناھايىتى ئۇزۇن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۇچىنى مۇقەددەس جاينىڭ ئىچىدە _ ئىچكىرىكى خانىنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ كۆرگىلى بولاتتى، لېكىن سىرتتىن كۆرۈنمەيتتى. بۇ بالداقلار تا بۈگۈنگىچە شۇ يەردە تۇرماقتا.

[9] ئەھدە ساندۇقى ئىچىدە مۇسا سىناي تېغىدا سېلىپ قويغان ئىككى تاش تاختىدىن باشقا ھېچ نەرسە يوق ئىدى. ئىسرائىللار مىسىردىن چىققاندىن كېيىن، پەرۋەردىگار شۇ تاغدا ئۇلار بىلەن ئەھدە تۈزگەنىدى.

[10] روھانىيلار مۇقەددەس جايدىن چىقىۋاتقاندا، پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسى بۇلۇت بىلەن تولغانىدى.

[11] بۇلۇت، يەنى پەرۋەردىگارنىڭ پارلاق نۇرى ئىبادەتخانىنى قاپلىغاچقا، روھانىيلار ۋەزىپىسىنى ئادا قىلالماي قالدى.

[12] بۇ چاغدا سۇلايمان پادىشاھ: _ ئى پەرۋەردىگار، سەن قويۇق قارا بۇلۇتلار ئىچىدە تۇرىمەن دېگەنىدىڭ.

[13] بۈگۈن مەن ساڭا ئاتاپ، مەڭگۈلۈك تۇرۇشۇڭ ئۈچۈن ھەيۋەتلىك بىر ئىبادەتخانا سالدىم، _ دەپ دۇئا قىلدى.

[14] ئاندىن سۇلايمان پادىشاھ بۇرۇلۇپ، ئۆرە تۇرغان پۈتكۈل ئىسرائىل جامائىتىگە قاراپ، ئۇلارغا بەخت تىلىدى ۋە مۇنداق دېدى:

[15] _ پەرۋەردىگار _ ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇداغا ھەمدۇسانالار بولسۇن! ئۇ ئۆز ئاغزى بىلەن ئاتام داۋۇتقا بەرگەن ۋەدىسىنى بۈگۈن ئۆز قۇدرىتى بىلەن ئەمەلگە ئاشۇردى.

[16] ئۇ ئاتامغا: «مەن ئۆز خەلقىم ئىسرائىللارنى مىسىردىن ئېلىپ چىققان كۈندىن بۇيان نام-شەرىپىم ئۈچۈن ئىبادەتخانا سېلىشقا ئىسرائىل قەبىلىلىرىنىڭ شەھەرلىرىدىن ھېچقايسىسىنى تاللىمىدىم، بىراق خەلقىم ئىسرائىللار ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا سېنى تاللىدىم» دېگەنىدى.

[17] ئاتام داۋۇتنىڭ پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدانىڭ نامىغا ئاتاپ بىر ئىبادەتخانا سالدۇرۇش نىيىتى بار ئىدى.

[18] ئەمما پەرۋەردىگار ئاتام داۋۇتقا: «مېنىڭ نامىمغا ئاتاپ ئىبادەتخانا سېلىش نىيىتىدە بولغىنىڭ ياخشى ئىش،

[19] لېكىن ئىبادەتخانىنى سەن ئەمەس، بەلكى سېنىڭ ئۆز پۇشتۇڭدىن بولغان ئوغلۇڭ سالىدۇ» دېگەنىدى.

[20] ھازىر پەرۋەردىگار ئۆز ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇردى. مەن پەرۋەردىگار ئېيتقاندەك، ئاتام داۋۇتقا ۋارىسلىق قىلىپ، ئىسرائىلىيە تەختىدە ئولتۇردۇم، ھەمدە بىز ئىسرائىللارنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇدانىڭ نامىغا ئاتاپ بۇ ئىبادەتخانىنى سالدۇردۇم.

[21] ئىبادەتخانىدا ئەھدە ساندۇقى ئۈچۈن بىر يەر ھازىرلىدىم. مانا ئەھدە ساندۇقىدا پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدىسى، يەنى ئۇ ئاتا-بوۋىلىرىمىزنى مىسىردىن ئېلىپ چىققان چاغدا ئۇلار بىلەن تۈزگەن ئەھدىسى تۇرۇپتۇ.

[22] سۇلايمان پادىشاھ پۈتكۈل ئىسرائىل جامائىتى ئالدىدا پەرۋەردىگارنىڭ قۇربانلىق سۇپىسىغا يۈزلىنىپ تۇرۇپ، قوللىرىنى كۆككە كۆتۈرۈپ

[23] مۇنداق دۇئا قىلدى: _ ئى پەرۋەردىگار _ بىز ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا، ئاسمان ۋە زېمىندا ساڭا تەڭداش بولالايدىغان باشقا ھېچبىر ئىلاھ يوقتۇر. چىن قەلبىدىن سېنىڭ يولۇڭدا ماڭغان خىزمەتكارلىرىڭغا ئەھدەڭدە تۇرۇپ، ساداقىتىڭنى كۆرسىتىسەن.

[24] سەن خىزمەتكارىڭ ئاتام داۋۇتقا بەرگەن ۋەدەڭدە تۇردۇڭ، ئۆز ئاغزىڭ بىلەن قىلغان ۋەدەڭنى مانا بۈگۈن ئۆز قۇدرىتىڭ بىلەن بەجا كەلتۈردۈڭ.

[25] ئى پەرۋەردىگار _ بىز ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا، سەن خىزمەتكارىڭ ئاتام داۋۇتقا: «سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭ ئۆزىنىڭ ئىش-ئەمەللىرىگە دىققەت قىلىپ، سەن ئالدىمدا قۇسۇرسىز يۈرگەندەك توغرا يولدا يۈرسە، مېنىڭ ئالدىمدا، ئىسرائىلىيە تەختىدە ئولتۇرۇشقا ئەۋلادىڭدىن ئادەم كەم بولمايدۇ» دەپمۇ ئېيتقانىدىڭ. ئەمدى ئاتامغا قىلغان بۇ ۋەدەڭنى ئەمەلگە ئاشۇرغايسەن.

[26] ئى بىز ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا، خىزمەتكارىڭ بولغان ئاتام داۋۇتقا بەرگەن ۋەدەڭنى ئادا قىلىشىڭنى ئۆتۈنىمەن!

[27] ئى خۇدا، سەن ئەجەبا زېمىندا تۇرامسەن؟ سەن ئاسمانلار ۋە ئەرشئەلاغا پاتمىغان يەردە، مەن سالغان بۇ ئىبادەتخانىغا پاتارسەنمۇ؟ ياق!

[28] شۇنداقتىمۇ، ئى پەرۋەردىگارىم خۇدا، خىزمەتكارىڭنىڭ دۇئا ۋە ئىلتىجاسىغا قۇلاق سالغايسەن، خىزمەتكارىڭنىڭ بۈگۈن سېنىڭ ئالدىڭدا قىلغان نىداسى ۋە نالىسىنى ئاڭلىغايسەن!

[29] سەن: «شۇ يەردە ياشايمەن» دەپ ئېيتقان بۇ ئىبادەتخانىغا كېچە-كۈندۈز كۆزلىرىڭنى تىككەيسەن. خىزمەتكارىڭنىڭ بۇ يەرگە يۈزلىنىپ تۇرۇپ قىلغان دۇئاسىغا قۇلاق سالغايسەن!

[30] خىزمەتكارىڭ ۋە ئۆز خەلقىڭ ئىسرائىللار بۇ يەرگە قاراپ دۇئا قىلغان چاغدا ئۇلارنىڭ ئىلتىجاسىغا قۇلاق سالغايسەن. دەرگاھىڭ بولغان ئەرشتە تۇرۇپ ئاڭلىغايسەن ۋە گۇناھلىرىمىزنى كەچۈرگەيسەن.

[31] ئەگەر بىر ئادەم قوشنىسىغا گۇناھ قىلدى، دەپ ئەيىبلەنسە ۋە ئۇ ئادەم ئۆزىنىڭ گۇناھسىزلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن قەسەم ئىچىشكە مەجبۇرلىنىپ، بۇ ئىبادەتخانىغا كېلىپ، سېنىڭ قۇربانلىق سۇپاڭ ئالدىدا قەسەم ئىچسە،

[32] سەن ئەرشتە تۇرۇپ ئاڭلاپ، ھەرىكەت قىلغايسەن، قۇللىرىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىپ، گۇناھكارنى جازالىغايسەن، ئۇنىڭ قىلغىنىنى ئۆز بېشىغا قايتۇرغايسەن. بىگۇناھ كىشىگە ئۆز ھەققانىيىتىگە يارىشا ھەققىنى بەرگەيسەن.

[33] ئۆز خەلقىڭ ئىسرائىللار سېنىڭ ئالدىڭدا گۇناھ قىلغانلىقى تۈپەيلى دۈشمەنلىرىدىن يېڭىلسە، ئاخىر يەنە ساڭا قايتىپ، نامىڭنى ئۇلۇغلاپ، بۇ ئىبادەتخانىدا تۇرۇپ ساڭا دۇئا قىلىپ، رەھىم قىلىشىڭنى تىلىسە،

[34] ئەرشتە تۇرۇپ ئاڭلاپ، ئۆز خەلقىڭ ئىسرائىللارنىڭ گۇناھىنى كەچۈرۈپ، ئۇلارنى سەن ئاتا-بوۋىلىرىغا بەرگەن زېمىنغا قايتۇرۇپ كەلگەيسەن.

[35] ئۇلار سېنىڭ ئالدىڭدا گۇناھ قىلغانلىقىدىن ئاسمانلار يېپىلىپ يامغۇر ياغمىسا، ئۇلار بۇ ئىبادەتخانىغا يۈزلىنىپ ساڭا دۇئا قىلىپ، نامىڭنى ئۇلۇغلاپ، مۈشكۈللۈكتە قالدۇرغانلىقىڭ ئۈچۈن، ئۆز گۇناھلىرىغا توۋا قىلىپ، يامانلىقتىن يانسا،

[36] ئەرشتە تۇرۇپ قۇلاق سېلىپ، قۇللىرىڭ، يەنى ئۆز خەلقىڭ ئىسرائىللارنىڭ گۇناھىنى كەچۈرۈپ، ئۇلارغا ماڭىدىغان دۇرۇس يولنى كۆرسىتىپ، ئۆز خەلقىڭگە تەقسىم قىلىپ بەرگەن زېمىنغا شەپقەت قىلىپ، يامغۇر ياغدۇرغايسەن.

[37] ئەگەر بۇ زېمىندا ئاچارچىلىق بولۇپ، ۋابا تارقىلىپ، زىرائەتلەر ئىسسىق شامالدىن قۇرۇپ، نەم شامالدىن كۆكىرىپ كەتسە، چېكەتكە چۈشۈپ، قۇرت باسسا، ياكى دۈشمەنلەر ئۇلارنىڭ شەھەرلىرىنى قورشىۋالسا، مەيلى قانداق ئاپەتكە دۇچار بولسا ياكى كېسەل تارقالسا،

[38] ئۆز خەلقىڭ ئىسرائىللار ئىچىدىن مەيلى كىم بولسۇن، ئازابلىنىشىنىڭ ئۆز گۇناھلىرى سەۋەبىدىن ئىكەنلىكىنى بىلىپ، بۇ ئىبادەتخانىغا قاراپ، قوللىرىنى كۆتۈرۈپ دۇئا ۋە ئىلتىجا قىلسا،

[39] ئەرشتىكى دەرگاھىڭدا تۇرۇپ ئاڭلاپ، گۇناھلىرىنى كەچۈرۈم قىلغايسەن ۋە ھەربىر كىشىنىڭ قەلبىنى چۈشىنىپ، تۇتقان يولىغا قاراپ، ئۆز ھەققىنى بەرگەيسەن، چۈنكى سەنلا ئىنسانلارنىڭ قەلبىنى بىلىسەن.

[40] ئۇلارنىڭ سەن ئاتا-بوۋىلىرىمىزغا ئاتا قىلغان زېمىندا ئولتۇرۇپ، ئۆمۈر بويى سەندىن ئەيمىنىشى ئۈچۈن شۇنداق قىلغايسەن.

[41] ئۆز خەلقىڭ ئىسرائىللارغا تەۋە بولمىغان يات ئەل خەلقلىرى ئۇلۇغ نامىڭ ۋە ھەممىگە قادىر كۈچ-قۇدرىتىڭ توغرۇلۇق ئاڭلاپ، سېنىڭ نامىڭ ئۈچۈن يىراق يۇرتلاردىن بۇ ئىبادەتخانىغا كېلىپ دۇئا قىلسا،

[43] ئەرشتىكى دەرگاھىڭدا تۇرۇپ قۇلاق سېلىپ، يات ئەل خەلقلىرىنىڭ ساڭا قىلغان بارلىق ئىلتىجالىرىنى ئىجابەت قىلغايسەن. يەر يۈزىدىكى بارلىق خەلقلەرنى ئۆز خەلقىڭ ئىسرائىلغا ئوخشاش سېنىڭ نامىڭنى بىلىدىغان، سەندىن ئەيمىنىدىغان ۋە مەن سالغان بۇ ئىبادەتخانىنىڭ سېنىڭ نامىڭغا بېغىشلانغانلىقىنى بىلىدىغان قىلغايسەن.

[44] ئەگەر سەن ئۆز خەلقىڭنى دۈشمەنلىرىگە قارشى جەڭ قىلىشقا نەگىلا ئەۋەتسەڭ، ئۇلار سەن تاللىغان بۇ شەھەرگە ۋە مەن سېنىڭ نامىڭغا سالغان بۇ ئىبادەتخانىغا قاراپ ساڭا دۇئا قىلسا،

[45] ئەرشتە تۇرۇپ ئۇلارنىڭ دۇئا ۋە ئىلتىجالىرىغا قۇلاق سېلىپ، ئۇلارغا ئادالەت كۆرسەتكەيسەن.

[46] ئۇلار ساڭا گۇناھ قىلغانلىقىدىن (گۇناھ قىلمايدىغان ئىنسان يوق) غەزىپىڭگە ئۇچراپ، دۈشمەنلىرىنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالسا، دۈشمەنلەر ئۇلارنى مەيلى يىراق، ياكى يېقىن بولسۇن ئۆز يۇرتىغا تۇتقۇن قىلىپ ئېلىپ كەتسە،

[47] ئۇلار تۇتقۇن قىلىنىپ ئېلىپ كېتىلگەن يۇرتتا ھوشىنى تېپىپ توۋا قىلىپ، ساڭا: «بىز گۇناھ قىلدۇق، بىز خاتالاشتۇق، بىز يامانلىق قىلدۇق» دەپ رەھىم قىلىشىڭنى تىلەپ،

[48] ئۆزلىرىنى تۇتقۇن قىلغان دۈشمەنلەرنىڭ يۇرتىدا چىن قەلبى ۋە پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ساڭا يۈزلىنىپ، سەن ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىغا ئىنئام قىلىپ بەرگەن زېمىن تەرەپكە تىكىلىپ، سەن تاللىغان بۇ شەھەر ۋە مەن سېنىڭ نامىڭغا سالدۇرغان بۇ ئىبادەتخانىغا يۈزلىنىپ دۇئا قىلسا،

[49] سەن ئەرشتىكى دەرگاھىڭدا ئۇلارنىڭ دۇئاسى ۋە ئىلتىجاسىغا قۇلاق سېلىپ، ئۇلارغا ئادالەت كۆرسەتكەيسەن.

[50] خەلقىڭنىڭ ساڭا قىلغان گۇناھى ۋە ئىتائەتسىزلىكىنى كەچۈرۈپ، ئۇلارنى ئۆزلىرىنى تۇتقۇن قىلغۇچىلىرىدىن رەھىم-شەپقەتكە ئېرىشتۈرگەيسەن.

[51] چۈنكى ئۇلار سېنىڭ ئۆز خەلقىڭ، سېنىڭ مۈلكۈڭدۈر. ئۇلارنى مىسىردىن _ تۆمۈر تاۋلاش ئوچىقىدىن ئۆزۈڭ ئېلىپ چىققانسەن.

[52] كۆزۈڭنى ئېچىپ، مەن خىزمەتكارىڭ ۋە ئۆز خەلقىڭ ئىسرائىللارغا نەزەر سالغايسەن، ئۇلارنىڭ ساڭا يالۋۇرۇپ قىلغان ئىلتىجالىرىغا قۇلاق سالغايسەن.

[53] ئى ئىگەم پەرۋەردىگار، چۈنكى سەن ئۆزۈڭ ئاتا-بوۋىلىرىمىزنى مىسىردىن ئېلىپ چىققاندا خىزمەتكارىڭ مۇسا ئارقىلىق ئۇلارغا ۋەدە قىلغىنىڭدەك، ئۇلارنى يەر يۈزىدىكى خەلقلەر ئىچىدىن ئۆز مۈلكۈڭ بولۇشقا تاللىۋالغان ئەمەسمۇ؟

[54] سۇلايمان پادىشاھ پەرۋەردىگارنىڭ قۇربانلىق سۇپىسى ئالدىدا تىزلىنىپ، ئىككى قولىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، پەرۋەردىگارغا دۇئا ۋە ئىلتىجا قىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئورنىدىن تۇرۇپ، پۈتۈن ئىسرائىل جامائىتىگە بەخت تىلەپ، يۇقىرى ئاۋازدا مۇنداق دېدى:

[56] _ قىلغان بارلىق ۋەدىلىرى بويىچە ئۆز خەلقى ئىسرائىللارغا ئارام بەرگەن پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانالار بولسۇن! ئۇنىڭ ئۆز خىزمەتكارى مۇسا ئارقىلىق قىلغان گۈزەل ۋەدىلىرىنىڭ ھېچبىرى ئەمەلگە ئاشماي قالمىدى.

[57] پەرۋەردىگارىمىز خۇدا خۇددى ئاتا-بوۋىلىرىمىزغا يار بولغاندەك بىزگىمۇ يار بولغاي، بىزدىن ۋاز كەچمىگەي ھەم بىزنى تاشلىۋەتمىگەي.

[58] ئەكسىچە، قەلبىمىزنى ئۆزىگە مايىل قىلىپ، بىزنى ئۆزىنىڭ يولىدا ماڭىدىغان، ئۆزىنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىمىزغا بۇيرۇغان ئەمرلىرى، قائىدە-نىزاملىرىگە رىئايە قىلىدىغان قىلغاي.

[59] مېنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا قىلغان بۇ دۇئا-ئىلتىجالىرىم كېچە-كۈندۈز پەرۋەردىگارىمىز خۇدانىڭ ئېسىدە تۇرغاي، ئۇ ھەر كۈنى، ھەرقانداق ئەھۋالدا ئۆزىنىڭ خىزمەتكارىغا ۋە ئۆز خەلقى ئىسرائىللارغا ئادالەت كۆرسىتىپ،

[60] يەر يۈزىدىكى جىمى ئەللەرگە پەرۋەردىگار _ «ياھۋەھ» نىڭ بىردىنبىر ھەقىقىي خۇدا ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭدىن باشقا خۇدا يوقلۇقىنى بىلدۈرگەي.

[61] سىلەر پەرۋەردىگارىمىز خۇداغا جان-دىلىڭلار بىلەن سادىق بولۇشۇڭلار كېرەك. سىلەر ئۇنىڭ يولىدا مېڭىپ، ئەمر-پەرمانلىرىغا خۇددى بۈگۈنكىدەك رىئايە قىلىڭلار!

[62] ئاندىن كېيىن پادىشاھ ۋە بارلىق ئىسرائىللار پەرۋەردىگار ئالدىدا قۇربانلىقلارنى تەقدىم قىلدى.

[63] سۇلايمان پادىشاھنىڭ پەرۋەردىگارغا تەقدىم قىلغان ئامانلىق قۇربانلىقى 22 مىڭ كالا، 120 مىڭ قوي بولدى. شۇنداق قىلىپ پادىشاھ ۋە پۈتكۈل ئىسرائىللار ئىبادەتخانىنى پەرۋەردىگارغا بېغىشلىدى.

[64] شۇ كۈنى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسى ئالدىدىكى تۇچتىن ياسالغان قۇربانلىق سۇپىسى بەك كىچىك كېلىپ قالغاچقا، كۆيدۈرمە قۇربانلىق، ئاشلىق ھەدىيەسى ۋە ئامانلىق قۇربانلىقىنىڭ يېغى پاتماي قالغانىدى، شۇڭا پادىشاھ پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ ئالدىدىكى، ھويلىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى يەرنى مۇقەددەس يەر قىلىپ بېكىتىپ، ئۇلارنى شۇ يەردە كۆيدۈردى.

[65] ئەنە شۇ چاغدا سۇلايمان پادىشاھ شىمالدا لىبو-خامات شەھىرىدىن تارتىپ جەنۇبتا تاكى مىسىر چېگراسىدىكى دەرياغىچە بولغان ئارىلىقتىن كەلگەن پۈتكۈل ئىسرائىللار بىلەن بىرلىكتە پەرۋەردىگارىمىز خۇدانىڭ ئالدىدا زور جامائەت بولۇپ توپلىنىپ، ئىككى كەررە يەتتە _ ئون تۆت كۈن كەپە تىكىش ھېيتى قىلدى.

[66] ئەتىسى پادىشاھ جامائەتنى ئۆيلىرىگە قايتۇردى. جامائەت پادىشاھ ئۈچۈن دۇئا قىلىپ، شاد-خۇراملىق ئىچىدە ئۆيلىرىگە قايتىشتى. ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ خىزمەتكارى داۋۇتقا ۋە ئۆز خەلقى ئىسرائىللارغا كۆرسەتكەن بارلىق مېھىر-شەپقىتىنى كۆرگەنلىكىدىن تولىمۇ سۆيۈندى ۋە خۇرسەن بولدى.

پادىشاھلار — Chapters