Skip to content
Opens in a new window

[1] سۇلايمان پادىشاھ پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنى، پادىشاھلىق ئوردىسىنى ۋە ئۆزى قۇرۇشنى ئارمان قىلىپ كەلگەن ھەممە قۇرۇلۇشلارنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن،

[2] پەرۋەردىگار سۇلايمانغا خۇددى گىبئوندا زاھىر بولغاندەك، يەنە زاھىر بولدى.

[3] پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: _ سېنىڭ قىلغان دۇئا ۋە ئىلتىجايىڭنى ئاڭلىدىم. سەن سالغان بۇ ئىبادەتخانىنى ماڭا ئىبادەت قىلىدىغان جاي بولسۇن دەپ، مۇقەددەس قىلدىم. كۆزۈم ۋە قەلبىم ھەمىشە مۇشۇ يەردە بولىدۇ.

[4] ئەگەر سەن ئاتاڭ داۋۇتقا ئوخشاش ئالدىمدا ساداقەتمەنلىك ۋە ئادىللىق بىلەن ئىش كۆرسەڭ، ئەمرلىرىمنىڭ ھەممىسىگە ئىخلاس قىلىپ، قانۇن-بەلگىلىمىلىرىمگە ئەمەل قىلساڭ،

[5] ئاتاڭ داۋۇتقا: «ئىسرائىلىيە تەختىدە ئولتۇرۇشقا سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭدىن ئادەم كەم بولمايدۇ» دېگىنىمدەك، سېنىڭ ئىسرائىللارغا ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان تەختىڭنى ئەبەدىلئەبەد مۇستەھكەم قىلىمەن.

[6] ئەمما سىلەر ياكى سىلەرنىڭ ئەۋلادلىرىڭلار مەندىن يۈز ئۆرۈپ، مېنىڭ يولۇمنى تۇتمىسا، سىلەرگە بېكىتكەن قانۇن-بەلگىلىمىلىرىمگە رىئايە قىلماي، باشقا ئىلاھلارنىڭ يولىدا مېڭىپ، ئۇلارنىڭ خىزمىتىدە بولسا ۋە ئۇلارغا چوقۇنسا،

[7] مەن ئۇلارنى ئۇلارغا بەرگەن بۇ زېمىندىن قوغلاپ چىقىرىمەن، ھەتتا ئۆز نام-شەرىپىم ئۈچۈن مۇقەددەس قىلغان بۇ ئىبادەتخانىنىمۇ كۆزۈمدىن يوقىتىمەن. ئۇلار جىمى خەلقلەر ئالدىدا ئىزا-ئاھانەت ۋە كۈلكىگە قالىدۇ.

[8] بۇ ئىبادەتخانا خارابىگە ئايلىنىپ، بۇ يەردىن ئۆتكەن-كەچكەنلەر ھەيران قالىدۇ ھەم مەسخىرە قىلىشىپ: «پەرۋەردىگار نېمىشقا بۇ زېمىننى ۋە ئىبادەتخانىنى بۇ ھالغا كەلتۈرۈپ قويغاندۇ؟» دەپ سورىشىدۇ.

[9] كىشىلەر: «چۈنكى ئۇلار ئاتا-بوۋىلىرىنى مىسىردىن ئېلىپ چىققان پەرۋەردىگارى خۇدادىن ۋاز كېچىپ، باشقا ئىلاھلارغا ئەگىشىپ، ئۇلارغا چوقۇنغان ۋە ئۇلارنىڭ خىزمىتىنى قىلىشقان، شۇڭا پەرۋەردىگار بۇ بالايىئاپەتلەرنى ئۇلارنىڭ بېشىغا ياغدۇرغان» دەپ جاۋاب بېرىشىدۇ.

[10] سۇلايمان پادىشاھ پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسى بىلەن پادىشاھ ئوردىسىدىن ئىبارەت بۇ ئىككى يۈرۈش ئىمارەتنى سالدۇرۇشقا 20 يىل ۋاقىت سەرپ قىلغان.

[11] سۇلايمان پادىشاھنىڭ خاھىشى بويىچە تىر پادىشاھى ھىرام ئۇنى كېدىر ياغىچى، قارىغاي ياغىچى ۋە ئالتۇنلار بىلەن تەمىنلىگەچكە، سۇلايمان پادىشاھ ئۇنىڭغا جەلىلىيەدىكى يىگىرمە شەھەرنى بەردى.

[12] بىراق ھىرام پادىشاھ تىردىن چىقىپ، سۇلايمان پادىشاھ بەرگەن شەھەرلەرنى كۆرۈپ، ئانچە ياراتمىدى.

[13] ئۇ: «بۇرادەر، ماڭا تەقدىم قىلغان شەھەرلىرىڭ شۇمۇ؟» دېدى ۋە بۇ شەھەرلەر جايلاشقان زېمىنغا «قابۇل» [مەنىسى «ھېچنېمىگە ئەرزىمەس»] دەپ نام بەردى. بۇ زېمىن تاكى ھازىرغىچە شۇ نام بىلەن ئاتىلىپ كەلمەكتە.

[14] ھىرام پادىشاھ سۇلايمان پادىشاھقا تۆت توننا ئالتۇن تەقدىم قىلغانىدى.

[15] تۆۋەندىكىلەر سۇلايمان پادىشاھنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنى ۋە ئۆزىنىڭ ئوردىسىنى سالدۇرۇپ، يېرۇسالېمدىكى تىندۇرۇلغان يەرنى ۋە سېپىلنى ھەمدە خازور، مىگىددو، گەزەر شەھەرلىرىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن ھاشارغا ئادەم ئالغانلىقىنىڭ خاتىرىسىدۇر:

[16] (بۇرۇن پىرئەۋن گەزەرگە ھۇجۇم قىلىپ، ئۇنى ئالغاندىن كېيىن، ئوت قويۇپ كۆيدۈرۈۋەتكەن، شەھەردىكى كەنئانلىقلارنى ئۆلتۈرۈپ، شەھەرنى سۇلايمان پادىشاھقا ياتلىق قىلغان قىزىغا سوۋغات قىلىپ بەرگەنىدى.

[17] سۇلايمان پادىشاھ گەزەرنى قايتىدىن قۇرۇپ، ئاستىن بەيت-خورون،

[18] بائالات ۋە چۆلگە جايلاشقان تامارنى مۇستەھكەملىدى.

[19] شۇنىڭدەك ئۇ ئۆزىنىڭ ئامبارلىرى بار ھەممە شەھەرلىرىنى، جەڭ ھارۋىلىرى ساقلىنىدىغان، ھارۋىلىق لەشكەرلەر تۇرىدىغان شەھەرلەرنى قۇردى ھەمدە يېرۇسالېمدا، لىۋان تاغلىرىدا ۋە ئۆزى ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان ھەرقايسى جايلاردا نېمىنى خالىسا، شۇنى سالدۇردى.)

[20] ئىسرائىللاردىن بولمىغان ئامورلار، خىتلار، پەرىززىلەر، خىۋلار بىلەن يىبۇسلاردىن قېلىپ قالغانلارنى ھاشارغا تۇتتى.

[21] ئىسرائىللار ئۇلارنى تەلتۆكۈس يوقىتىۋېتەلمىگەنلىكتىن، ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى ھېلىمۇ شۇ زېمىندا ياشىماقتا. سۇلايمان پادىشاھ ئۇلارنى ھاشارچى قىلغان بولۇپ، ئۇلار تاكى ھازىرغىچە ھاشارچى بولۇپ ياشىماقتا.

[22] سۇلايمان پادىشاھ ئىسرائىللارنى ھاشارچى قىلماي، ئۆزىگە جەڭچى، خىزمەتكار، ئەمەلدار، لەشكەر باشلىقى، جەڭ ھارۋىلىرىنىڭ سەركەردىلىرى ۋە ھارۋىلىق لەشكەرلىرى قىلدى.

[23] سۇلايماننىڭ ئىشلەمچىلەرنى نازارەت قىلىدىغان ۋە ئىشنىڭ بېشىدا تۇرىدىغان 550 نەپەر ئەمەلدارلىرى بار ئىدى.

[24] پىرئەۋننىڭ قىزى داۋۇت شەھىرىدىن سۇلايمان پادىشاھ ئۆزىگە سېلىپ بەرگەن سارايغا كۆچۈپ كەلدى. ئۇنىڭدىن كېيىن سۇلايمان پادىشاھ يېرۇسالېمدىكى تىندۇرۇلغان يەرنى چىڭدىدى.

[25] سۇلايمان پادىشاھ پەرۋەردىگارغا ئاتاپ سالدۇرغان قۇربانلىق سۇپىسىدا ھەر يىلى ئۈچ قېتىم كۆيدۈرمە ۋە ئامانلىق قۇربانلىقى تەقدىم قىلاتتى. ئۇ يەنە پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئىسرىق سالاتتى. ئىبادەتخانا قۇرۇلۇشى شۇ تەرىقىدە پۈتكەنىدى.

[26] سۇلايمان پادىشاھ يەنە ئىدومدىكى قىزىل دېڭىز بويىدا، يەنى ئېلاتقا يېقىن ئەزيون-گەبەردە بىر قاتار كېمە ياساتقۇزدى.

[27] ھىرام پادىشاھ ئۆزىنىڭ كېمىلىرى ۋە تەجرىبىلىك دېڭىزچىلىرىنى سۇلايمان پادىشاھنىڭ ئادەملىرى بىلەن بىرگە ئوفىر زېمىنىغا ئەۋەتتى. ئۇلار ئۇ يەرگە بېرىپ، 14 توننا ئالتۇننى سۇلايمان پادىشاھقا ئېلىپ كەلدى.

پادىشاھلار — Chapters