[1] بىر كۈنى ئاررام پادىشاھى بەنھاداد پۈتۈن قوشۇنىنى يىغدى. ئۇ قول ئاستىدىكى 32 بەگ ۋە ئۇلارنىڭ ئاتلىرى ۋە جەڭ ھارۋىلىرى بىلەن بىرگە، سامارىيەگە قورشاپ ھۇجۇم قىلدى.
[2] ئۇ شەھەرگە ئەلچى ئەۋەتىپ، ئىسرائىلىيە پادىشاھى ئاخابقا
[3] مۇنداق دېدى: _ بەنھاداد پادىشاھ دەيدۇ: «سېنىڭ ئالتۇن-كۈمۈشلىرىڭ، خوتۇنلىرىڭ شۇنداقلا بالىلىرىڭنىڭ كۈچتۈڭگۈرلىرى مېنىڭكى».
[4] ئىسرائىلىيە پادىشاھى جاۋابەن: _ ئى پادىشاھ ئالىيلىرى، سىلىنىڭ سۆزلىرى بويىچە بولغاي. مەن ۋە مەندە بار ھەممە نەرسە ئۆزلىرىنىڭكىدۇر، _ دېدى.
[5] ئەلچىلەر يەنە كېلىپ: _ بەنھاداد پادىشاھ دەيدۇكى: «مەن ساڭا ئالتۇن-كۈمۈشلىرىڭ ۋە خوتۇن-بالىلىرىڭنى بېرىسەن دەپ ئېيتقانىدىم.
[6] بىراق، ئەتە مۇشۇ ۋاقىتتا مەن ئەمەلدارلىرىمنى قېشىڭغا ئەۋەتىمەن، ئۇلار سېنىڭ ئورداڭ بىلەن ئەمەلدارلىرىڭنىڭ ئۆيلىرىنى ئاختۇرىدۇ. ئۇلار سېنىڭ نەزىرىڭدە نېمە ئەزىز بولسا، شۇنىڭ ھەممىسىنى ئېلىپ كېتىدۇ»، _ دېدى.
[7] ئىسرائىلىيە پادىشاھى زېمىنىدىكى ئاقساقاللارنىڭ ھەممىسىنى يىغىپ، ئۇلارغا: _ بۇ ئادەمنىڭ نىيىتىنىڭ يامانلىقىغا قاراڭلار. ئۇ، ئادەم ئەۋەتىپ، خوتۇن-بالىلىرىمنى ۋە ئالتۇن-كۈمۈشلىرىمنى تەلەپ قىلغاندا، مەن ئۇنىڭغا ياق دېمىدىم، _ دېدى.
[8] ئاقساقاللار ۋە خالايىقنىڭ ھەممىسى: _ ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلىمىسىلا ھەم ماقۇل بولمىسىلا! _ دېيىشتى.
[9] شۇنىڭ بىلەن ئاخاب بەنھادادنىڭ ئەلچىلىرىگە: _ پادىشاھ ئالىيلىرىغا مۇنۇ سۆزۈمنى يەتكۈزۈپ قويغايسىلەر: «كەمىنىلىرىدىن دەسلەپتە تەلەپ قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئورۇنلايمەن، لېكىن كېيىنكى تەلەپنى مەن ئورۇنلىيالمايمەن»، _ دېدى. ئەلچىلەر قايتىپ، بۇ سۆزنى بەنھادادقا يەتكۈزدى.
[10] بەنھاداد ئاخابقا خەۋەر ئەۋەتىپ: _ پۈتۈن سامارىيەنى يەر بىلەن يەكسان قىلىپ، تۈزلەپ تاشلىغىنىمدا، ئۇ يەردە ماڭا ئەگەشكەن كىشىلەرنىڭ قولىغا چىققۇدەك يىڭنە چاغلىق بىر نەرسە قالىدىغان بولسا، ئىلاھلار مېنى ئېغىر جازالىغاي، _ دېدى.
[11] شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىلىيە پادىشاھى: _ ئۇنىڭغا: «ئادەم دۇبۇلغا-ساۋۇتنى كىيىشتىن بۇرۇن ئەمەس، بەلكى يەشكەندىن كېيىن ماختىنىشى كېرەك!» دەڭلار _ دېدى.
[12] بەنھاداد بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندا، بەگلەر بىلەن چېدىردا شاراب ئىچىۋاتاتتى. ئۇ قول ئاستىدىكىلەرگە: _ ھۇجۇمغا تەييارلىنىڭلار! _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار سامارىيەگە ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلاندى.
[13] بۇ چاغدا بىر پەيغەمبەر ئىسرائىلىيە پادىشاھى ئاخابنىڭ ئالدىغا كېلىپ، ئۇنىڭغا: _ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «بۇ زور قوشۇننى كۆردۈڭمۇ؟ مانا بۈگۈن مەن ئۇلارنى سېنىڭ قولۇڭغا چۈشۈرۈپ بېرىمەن. شۇ چاغدا سەن مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىپ يېتىسەن»، _ دېدى.
[14] ئاخاب ئۇنىڭدىن: _ كىم ئارقىلىق بېرىدۇ؟ _ دەپ سورىدى. _ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئۆلكە ھۆكۈمرانلىرىنىڭ قول ئاستىدىكى ياش پالۋانلار ئارقىلىق»، _ دېدى پەيغەمبەر. ئاخاب: _ جەڭنى كىم باشلايدۇ؟ _ دەپ سورىدى. _ سىلى، _ دېدى پەيغەمبەر.
[15] شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆلكە ھۆكۈمرانلىرىنىڭ قول ئاستىدىكى ياش پالۋانلارنى چاقىردى. ئۇلار 232 ئادەم ئىدى. ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇ يەنە پۈتۈن ئىسرائىلىيە قوشۇنىنى چاقىردى. ئۇلارنىڭ سانى 7000 ئادەم ئىدى.
[16] چۈش ۋاقتىدا بەنھاداد ۋە ئۇنىڭغا ياردەمدە بولغان 32 بەگ چېدىردا شاراب ئىچىپ مەست بولۇپ ئولتۇرۇۋاتقاندا، ئىسرائىللار ھۇجۇمغا چىقتى.
[17] ئالدى بىلەن ئۆلكە ھۆكۈمرانلىرىنىڭ قول ئاستىدىكى ياش پالۋانلار شەھەردىن چىقتى. بەنھاداد ئايغاقچىلارنى ئەۋەتكەنىدى، ئۇلار ئۇنىڭغا: _ سامارىيەدىن ئادەملەر چىقتى، _ دېدى.
[18] بەنھاداد: _ مەيلى ئۇلار تىنچلىق ئۈچۈن چىققان بولسۇن ياكى جەڭ قىلىش ئۈچۈن چىققان بولسۇن، ئۇلارنى تىرىك تۇتۇڭلار! _ دېدى.
[19] ئۇ ۋاقىتتا ئۆلكە ھۆكۈمرانلىرىنىڭ قول ئاستىدىكى ياش پالۋانلار ۋە ئۇلارغا ئەگىشىپ ماڭغان قوشۇن شەھەردىن چىقىپ بولغانىدى.
[20] ئۇلارنىڭ ھەربىرى ئۆزىگە ئۇچرىغان دۈشمەننى ئۆلتۈردى. ئارراملار قېچىشتى، ئىسرائىللار كەينىدىن قوغلاپ ماڭدى. ئاررام پادىشاھى بەنھاداد ئاتقا مىنىپ، بىرنەچچە ئاتلىقلار بىلەن بىللە قاچتى.
[21] ئىسرائىلىيە پادىشاھى ئاخاب ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئارراملارنىڭ جەڭ ھارۋىلىرى ۋە ئاتلىرىغا زەربە بېرىپ، ئۇلارنى زور دەرىجىدە قىرغىن قىلدى.
[22] ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇ پەيغەمبەر ئىسرائىلىيە پادىشاھىنىڭ قېشىغا كېلىپ: _ بېرىپ ئۆزلىرىنى كۈچەيتىپ، نېمە قىلىش كېرەكلىكلىرىنى ياخشى بىلسىلە. چۈنكى ئەتىياز كېلىشى بىلەن ئاررام پادىشاھى قايتىدىن سىلىگە قارشى چىقىدۇ، _ دېدى.
[23] ئوخشاش بىر ۋاقىتتا ئاررام پادىشاھىنىڭ ئەمەلدارلىرى پادىشاھقا: _ ئۇلارنىڭ ئىلاھى تاغ ئىلاھى بولغاچقا، بىزدىن كۈچلۈك كەلدى. بىراق بىز ئۇلار بىلەن تۈزلەڭلىكتە جەڭ قىلساق، جەزمەن ئۇلاردىن كۈچلۈك كېلەلەيمىز.
[24] مۇنداق قىلغايلا: بەگلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ھوقۇقىنى ئېلىپ تاشلاپ، ئۇلارنىڭ ئورنىغا سەردارلارنى قويغايلا.
[25] ئالدىنقى قېتىم قانچىلىك لەشكەر، ئات، جەڭ ھارۋىسى يوقاتقان بولسىلا، شۇنچىلىك لەشكەر، ئات، جەڭ ھارۋىسى توپلاپ، قوشۇن تەشكىل قىلغايلا. ئاندىن بىز تۈزلەڭلىكتە ئۇلارغا قارشى جەڭ قىلايلى. شۇنداق بولغاندا بىز جەزمەن ئۇلاردىن كۈچلۈك چىقالايمىز، _ دېدى. ئاررام پادىشاھى ئۇلارنىڭ گېپىگە قۇلاق سېلىپ، شۇ بويىچە ئىش كۆردى.
[26] ئەتىياز كېلىشى بىلەن بەنھاداد قوشۇنلىرىنى يىغىپ، ئىسرائىللارغا قارشى جەڭ قىلىش ئۈچۈن ئافېققا باردى.
[27] ئىسرائىللارمۇ قوشۇنىنى توپلاپ، ئوزۇق-تۈلۈك تەييارلاپ، ئۇلارغا قارشى ئاتلاندى. ئىسرائىللار ئارراملارغا ئۇدۇل يەردە بارگاھ قۇردى. بىراق ئۇلار دالانى قاپلىغان ئارراملارنىڭ ئالدىدا، خۇددى ئىككى كىچىك ئۆچكە توپىدەك ئىدى.
[28] خۇدانىڭ يەنە بىر پەيغەمبىرى ئىسرائىلىيە پادىشاھىنىڭ قېشىغا كېلىپ، ئۇنىڭغا: _ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئارراملار مېنى، تۈزلەڭلىك ئىلاھى ئەمەس، بەلكى تاغ ئىلاھى، دېگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ بۇ زور قوشۇنىنىڭ ھەممىسىنى سېنىڭ قولۇڭغا تاپشۇرىمەن. ئاندىن سىلەر مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىپ يېتىسىلەر»، _ دېدى.
[29] ئىسرائىللار بىلەن ئارراملار يەتتە كۈن بىر-بىرىنىڭ ئۇدۇلىدا بارگاھ قۇرۇپ تۇرۇشتى. يەتتىنچى كۈنى جەڭ باشلاندى. ئىسرائىللار بىر كۈن ئىچىدە ئاررام پىيادە لەشكەرلىرىدىن 100 مىڭ كىشىنى قىرىپ تاشلىدى.
[30] ھايات قالغانلار ئافېق شەھىرىگە قېچىپ كىرىۋالغان بولسىمۇ، شەھەر سېپىلى ئۆرۈلۈپ، 27 مىڭ ئادەمنىڭ ھەممىسىنى بېسىۋالدى. بەنھادادمۇ شەھەرگە قېچىپ كىرىپ، بىر ئۆينىڭ ئەڭ ئىچكىرىسىدىكى خانىسىغا يوشۇرۇنۇۋالدى.
[31] ئەمەلدارلىرى ئۇنىڭغا: _ ئاڭلىشىمىزچە ئىسرائىلىيە پادىشاھلىرى رەھىمدىل ئىكەن. بىزنىڭ ئىسرائىلىيە پادىشاھىنىڭ يېنىغا بېرىشىمىزغا رۇخسەت قىلغايلا، بىز بېلىمىزگە ماتا باغلاپ، بوينىمىزغا ئارغامچا سالايلى. ئۇ ئۆزلىرىنىڭ بىر قوشۇق قانلىرىدىن كەچسە ئەجەب ئەمەس، _ دېدى.
[32] شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بەللىرىگە ماتا باغلانغان، بويۇنلىرىغا ئارغامچا سېلىنغان ھالەتتە ئىسرائىلىيە پادىشاھىنىڭ ئالدىغا بېرىپ: _ قۇللىرى بەنھاداد ئۆزلىرىدىن بىر قوشۇق قېنىنى تىلەيدۇ، _ دېدى. _ ئۇ تېخى ھاياتمۇ؟ ئۇ دېگەن مېنىڭ قېرىندىشىم! _ دېدى ئاخاب.
[33] ئەمەلدارلار بۇنى بىر ياخشىلىقنىڭ بېشارىتى دەپ چۈشىنىپ، تېزدىن بۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ: _ بەنھاداد سىلىنىڭ قېرىنداشلىرىدۇر! _ دېيىشتى. ئاخاب: _ ئۇنى يېنىمغا ئېلىپ كېلىڭلار! _ دېدى. بەنھاداد ئۇنىڭ يېنىغا كەلگەندە، ئاخاب ئۇنى ئۆز ھارۋىسىغا چىقىشقا تەكلىپ قىلدى.
[34] بەنھاداد ئۇنىڭغا: _ ئاتام سىلىنىڭ ئاتىلىرىدىن تارتىۋالغان شەھەرلەرنى سىلىگە قايتۇرۇپ بېرەي. خۇددى ئاتام سامارىيەدە قىلغىنىدەك، سىلىمۇ دەمەشقتە ئۆزلىرىگە بازارلارنى سالدۇرغايلا، _ دېدى. ئىسرائىلىيە پادىشاھى جاۋابەن: _ مۇشۇ سۈلھى بىلەن مەن سېنى قويۇۋېتىمەن، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئاخاب ئۇنىڭ بىلەن سۈلھى تۈزۈپ، ئۇنى قويۇۋەتتى.
[35] پەيغەمبەرلەر جامائىتىدىن بىر پەيغەمبەر پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بىلەن يەنە بىر پەيغەمبەرگە: _ مېنى ئۇر، _ دېدى. بىراق ئۇ ئۇنداق قىلىشقا ئۇنىمىدى.
[36] ئاندىن ئۇ پەيغەمبەر ئۇنىڭغا: _ سەن پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ئاڭلىمىغانلىقىڭ ئۈچۈن، مېنىڭ يېنىمدىن كېتىشىڭ بىلەنلا سېنى بىر شىر ئۆلتۈرىدۇ، _ دېدى. ئۇ، پەيغەمبەرنىڭ يېنىدىن كېتىشىگىلا، دەرۋەقە بىر شىر ئۇنى ئۆلتۈردى.
[37] ئۇ پەيغەمبەر يەنە بىر كىشىنىڭ يېنىغا بېرىپ: _ مېنى ئۇرغىن! _ دېدى. ئۇ كىشى ئۇنى ئۇرۇپ يارىلاندۇردى.
[38] پەيغەمبەر ئۇ يەردىن كېتىپ، يۈز-كۆزىنى رەخت بىلەن تېڭىپ، باشقا ئادەم قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ، يولنىڭ بويىدا ئاخاب پادىشاھنىڭ ئۆتۈشىنى كۈتۈپ تۇردى.
[39] پادىشاھ ئۆتكەندە، پەيغەمبەر ۋارقىراپ: _ مەن قۇللىرى جەڭ بولۇۋاتقان مەيدانغا بارسام، بىرسى مەن تەرەپكە بۇرۇلۇپ، ئەسىر ئالغان بىر ئادەمنى مېنىڭ قېشىمغا ئېلىپ كېلىپ: «بۇ ئادەمگە قاراپ تۇر، ئەگەر ئۇنى قاچۇرۇپ قويىدىغان بولساڭ، ئۇنىڭ جېنى ئورنىغا ئۆز جېنىڭنى بېرىسەن. بولمىسا ئوتتۇز بەش كىلو كۈمۈش تۆلەيسەن» دېگەنىدى.
[40] لېكىن مەن قۇللىرى باشقا ئىش بىلەن بولۇپ كېتىپتىمەن، ئۇ قېچىپ كېتىپتۇ، _ دېدى. _ سەن جازاغا تارتىلىشىڭ كېرەك. ئۆزۈڭگە ئۆزۈڭ قىلدىڭ، _ دېدى ئاخاب پادىشاھ.
[41] پەيغەمبەر دەرھال يۈز-كۆزىدىكى رەختنى ئېلىپ تاشلىغانىدى، پادىشاھ ئۇنىڭ پەيغەمبەرلەردىن ئىكەنلىكىنى تونۇپ قالدى.
[42] شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر پادىشاھقا: _ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن يوقىتىشنى ئىرادە قىلغان ئادەمنى قولدىن چىقارغانلىقىڭ ئۈچۈن، ئۇنىڭ جېنى ئورنىغا ئۆز جېنىڭنى بېرىسەن. ئادەملىرىڭمۇ ئۇلارنىڭ ئادەملىرى ئورنىغا جېنىنى بېرىدۇ»، _ دېدى.
[43] پادىشاھ خاپا بولۇپ، غەزەپلەنگەن ھالدا سامارىيەدىكى ئوردىسىغا قايتىپ كەلدى.