[1] داۋۇت ئالەمدىن ئۆتۈش ئالدىدا ئوغلى سۇلايماننى ئالدىغا چاقىرىپ، ئۇنىڭغا مۇنداق ۋەسىيەت قىلدى:
[2] _ ئۆلۈم ھەممە ئادەمنىڭ بېشىغا كېلىدۇ، مېنىڭمۇ ئۆمرۈم ئاخىرلىشىپ قالدى. جۈرئەتلىك بولۇپ، ئەركەكتەك ياشا.
[3] پەرۋەردىگارىڭ خۇدانىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇنۇپ، ئۇنىڭ يولىدا مېڭىپ، مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرۈلگەن تەۋرات قانۇنىدا يېزىلغان ئەمر-پەرمان، قائىدە-تۈزۈملەرگە ئەمەل قىل. شۇنداق قىلساڭ مەيلى نېمە قىل، مەيلى قايسى تەرەپكە يول ئال، ھەربىر ئىشىڭدا روناق تاپىسەن.
[4] شۇندا پەرۋەردىگار ماڭا: «ئەگەر سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭ مېنىڭ يولۇمدىن ئاداشماي، ماڭا چىن قەلبى ۋە پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ساداقەتمەن بولسا، ئىسرائىلىيە تەختىدە ئولتۇرۇشقا سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭدىن ئادەم كەم بولمايدۇ» دېگەن ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ.
[5] ئۇنىڭدىن باشقا، سەن زىرۇيانىڭ ئوغلى يوئابنىڭ ماڭا نېمە قىلغانلىقىنى بىلىسەن. ئۇنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ ئىككى باش سەركەردىسىنى، يەنى نېرنىڭ ئوغلى ئابنېر بىلەن يەتەرنىڭ ئوغلى ئاماسانى ئۆلتۈرگەنلىكىدىن خەۋىرىڭ بار، ئۇ ئاسايىشلىق زاماندا خۇددى ئۇرۇش مەزگىلىدىكىدەك ئۇلارنىڭ قېنىنى تۆكتى. ئۇ ئۆز كەمىرى ۋە چورۇقىنى قان بىلەن بويىدى.
[6] ئۇنى قانداق قىلىش كېرەكلىكىنى ئۆزۈڭ بىلىسەن. ئۇنىڭ قېرى كاللىسىنىڭ خاتىرجەم ھالدا ئۆلۈكلەر ماكانىغا يول ئېلىشىغا ئىجازەت بەرمە.
[7] گىلئادلىق بارزىللاينىڭ ئەۋلادلىرىغا ياخشىلىق قىلىپ، ئۇلارغا سەن بىلەن بىر داستىخاندا تائام يەيدىغانلار ئارىسىدىن ئورۇن بەرگىن. چۈنكى، مەن ئاكاڭ ئابسالومدىن قېچىپ يۈرگەن چاغلاردا ئۇلار ماڭا ياخشىلىق قىلغان.
[8] يەنە باخۇرىملىق بىنيامىن قەبىلىسىدىن بولغان گېرانىڭ ئوغلى شىمئىمۇ بار. ئۇ مەن ماخانايىمغا بارغان چېغىمدا مېنى قاتتىق قارغاپ تىللىغان. ئەمما ئۇ ئىئوردان دەرياسىنىڭ بويىغا مەن بىلەن كۆرۈشكىلى كەلگەندە: «مەن سېنى ئۆلتۈرمەيمەن» دەپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا قەسەم قىلغانىدىم.
[9] شۇنداقتىمۇ ئەمدى سەن ئۇنى گۇناھسىز دەپ قارىمىغىن. سەن بىر ئەقىل ئىگىسى، ئۇنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشنى بىلىسەن. ئۇ ئاق باش قېرى، قەبرىسىگە قانغا بويالغان ھالدا كىرىپ كەتسۇن.
[10] داۋۇت ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ قېشىغا كېتىپ، «داۋۇت شەھىرى» گە دەپنە قىلىندى.
[11] ئۇ ئىسرائىلىيەگە 40 يىل پادىشاھ بولدى. ھىبروندا يەتتە يىل، يېرۇسالېمدا 33 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى.
[12] سۇلايمان ئاتىسىنىڭ تەختىدە ئولتۇردى. ئۇنىڭ پادىشاھلىقى مۇستەھكەملەندى.
[13] بىر كۈنى خاگگىتنىڭ ئوغلى ئادونىيا سۇلايماننىڭ ئانىسى باتشەبانىڭ يېنىغا كىردى. باتشەبا ئۇنىڭدىن: _ ياخشى نىيەت بىلەن كەلدىڭمۇ؟ _ دەپ سورىدى. _ شۇنداق، _ دەپ جاۋاب بەردى ئادونىيا، _ سىلىگە دەيدىغان بىر گېپىم بار ئىدى. _ سۆزلە، _ دېدى باتشەبا.
[15] ئادونىيا: _ سىلىگە مەلۇم، بۇ پادىشاھلىق ئەسلى مېنىڭ ئىدى. بارلىق ئىسرائىللار، مېنى ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ، دەپ ئويلىشاتتى. ئەمما ئويلىمىغان يەردىن، پەرۋەردىگارنىڭ خاھىشى بىلەن پادىشاھلىق ئەمدى ئىنىمنىڭ بولۇپ قالدى.
[16] ھازىر مېنىڭ بىر ئىلتىماسىم بار ئىدى، رەت قىلمىغايلا، _ دېدى. _ سۆزلە، _ دېدى باتشەبا.
[17] ئادونىيا: _ سۇلايمان پادىشاھتىن ماڭا شۇنېملىق قىز ئابىشاگنى خوتۇنلۇققا بېرىشىنى سورىسىلا. ئۇ سىلىنىڭ سۆزلىرىنى رەت قىلمايدۇ، _ دېدى.
[18] باتشەبا: _ بولىدۇ، سېنىڭ ئىلتىماسىڭنى پادىشاھقا يەتكۈزەي، _ دېدى.
[19] شۇنىڭ بىلەن باتشەبا ئادونىيانىڭ ئىلتىماسىنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن سۇلايمان پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىغا كىردى. سۇلايمان پادىشاھ ئورنىدىن تۇرۇپ ئۇنىڭغا ئېگىلىپ تەزىم قىلدى. ئاندىن ئۆز تەختىدە ئولتۇرۇپ، خان ئانىسىغىمۇ بىر تەخت ئەكەلدۈرۈپ، ئۆزىنىڭ ئوڭ تەرىپىدە ئولتۇرغۇزدى.
[20] باتشەبا: _ مېنىڭ كىچىككىنە بىر ئىلتىماسىم بار ئىدى، رەت قىلمىغايسەن، _ دېدى. پادىشاھ: _ ئانا، سۆزلىسىلە، مەن سىلىنىڭ سۆزلىرىنى رەت قىلمايمەن، _ دېدى.
[21] باتشەبا: _ شۇنېملىق قىز ئابىشاگنى ئاكاڭ ئادونىياغا خوتۇنلۇققا بەرسەڭ، _ دېدى.
[22] سۇلايمان پادىشاھ ئانىسىغا مۇنداق جاۋاب بەردى: _ سىلى نېمە ئۈچۈن شۇنېملىق قىز ئابىشاگنى ئادونىيا ئۈچۈن سوراپ كىردىلە؟ ئۇنىڭدىن كۆرە، ئادونىيا مېنىڭ ئاكام بولغاندىكىن پادىشاھلىقنى ئۇنىڭغا بېرىشىمنى تەلەپ قىلسىلا بولماسمىدى؟ روھانىي ئابىياتار ۋە زىرۇيانىڭ ئوغلى يوئابلارمۇ ئادونىيا تەرەپتە تۇرىدىغۇ، _ دېدى.
[23] شۇنىڭ بىلەن سۇلايمان پادىشاھ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا قەسەم قىلىپ: _ ئادونىيانىڭ شۇ سۆزى ئۈچۈن ئۇنىڭ جېنىنى ئالمىسام خۇدا مېنى قاتتىق جازالىسۇن!
[24] مېنى قۇدرەتلىك قىلىپ، ئاتام داۋۇتنىڭ تەختىگە ئولتۇرغۇزغان، ئاتامغا ۋەدە قىلغىنىدەك پادىشاھلىقنى ماڭا ۋە ئەۋلادلىرىمغا بەرگەن مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگار ئالدىدا قەسەم قىلىمەنكى، ئادونىيا بۈگۈن ئۆلتۈرۈلىدۇ، _ دېدى.
[25] شۇنىڭ بىلەن سۇلايمان پادىشاھ يىھويادانىڭ ئوغلى بىنايانى ئادونىيانى ئۆلتۈرۈشكە بۇيرۇدى. بىنايا بېرىپ، ئۇنى چېپىپ ئۆلتۈردى.
[26] پادىشاھ روھانىي ئابىياتارغا: _ سەن يۇرتۇڭ ئاناتوتقا قايتقىن. ئەسلى ساڭا ئۆلۈم لايىق ئىدى، ئەمما بۈگۈن مەن سېنى ئۆلتۈرمەيمەن، چۈنكى سەن ئاتام داۋۇتنىڭ ۋاقتىدا ئىگىمىز پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرگەن، ھەم ئاتام بىلەن جاپادا بىللە بولغان، _ دېدى.
[27] شۇنىڭ بىلەن سۇلايمان ئابىياتارنى پەرۋەردىگارنىڭ روھانىيلىق ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىدى. بۇ ئارقىلىق پەرۋەردىگارنىڭ شىلو شەھىرىدە روھانىي ئەلىنىڭ ئەۋلادلىرى ھەققىدە ئېيتقان سۆزى ئەمەلگە ئاشتى.
[28] يوئاب بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ، پەرۋەردىگارنىڭ چېدىرىغا قېچىپ بېرىپ، قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ بۇرجىكىنى تۇتۇۋالدى. چۈنكى ئۇ ئابسالومنى قوللىمىغان بولسىمۇ ئەمما ئادونىيانى قوللىغانىدى.
[29] بىرسى سۇلايمان پادىشاھقا: «يوئاب پەرۋەردىگارنىڭ چېدىرىغا قېچىپ بېرىۋالدى. ھازىر ئۇ قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ يېنىدا!» دەپ خەۋەر يەتكۈزدى. سۇلايمان يىھويادانىڭ ئوغلى بىنايانى «بېرىپ ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەت» دەپ ئەۋەتتى.
[30] بىنايا پەرۋەردىگارنىڭ چېدىرىغا كېلىپ، يوئابقا: _ پادىشاھ سېنى چىقسۇن، دەپ بۇيرۇق قىلدى، _ دېدى. ئەمما ئۇ: _ ياق، مۇشۇ يەردە ئۆلىمەن، _ دېدى. بىنايا يوئابنىڭ سۆزىنى پادىشاھقا يەتكۈزدى.
[31] پادىشاھ مۇنداق دېدى: _ ئۇنىڭ دېگىنى بويىچە ئۇنى ئۆلتۈرۈپ كۆمۈۋەت! يوئابنىڭ سەۋەبسىز قان ئاققۇزغانلىقىنىڭ گۇناھى مېنىڭ ۋە ئاتامنىڭ ئائىلىسىدىن كۆتۈرۈلسۇن.
[32] چۈنكى ئۇ، ئاتام داۋۇتنىڭ خەۋىرى بولمىغان ئەھۋالدا ئۆزىدىن ھەققانىي ۋە ياخشى بولغان ئىسرائىلىيەنىڭ باش سەركەردىسى نېرنىڭ ئوغلى ئابنېر بىلەن يەھۇدىيەنىڭ باش سەركەردىسى يەتەرنىڭ ئوغلى ئاماسانى قىلىچلاپ ئۆلتۈرگەن. پەرۋەردىگار ئۇنىڭ قان تۆككەنلىك جازاسىنى چوقۇم بېرىدۇ.
[33] ئۇلارنىڭ تۆكۈلگەن قان قەرزى يوئاب ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ بېشىغا كەلسۇن. ئەمما ئاتام داۋۇت، ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى، ئائىلىسى ۋە ئۇنىڭ تەختىگە پەرۋەردىگار مەڭگۈ تىنچ-ئامانلىق ئاتا قىلغاي.
[34] شۇنىڭ بىلەن يىھويادانىڭ ئوغلى بىنايا بېرىپ يوئابنى ئۆلتۈرۈپ، ئۇنىڭ جەسىتىنى چۆلدىكى ئۆز يېرىگە دەپنە قىلدى.
[35] پادىشاھ يىھويادانىڭ ئوغلى بىنايانى يوئابنىڭ ئورنىغا لەشكەر بېشى قىلىپ تەيىنلىدى. روھانىي زادوقنى ئابىياتارنىڭ ئورنىغا تەيىنلىدى.
[36] پادىشاھ ئادەم ئەۋەتىپ شىمئىنى چاقىرتىپ كېلىپ، ئۇنىڭغا: _ يېرۇسالېمدا ئۆزۈڭگە بىر ئۆي سال ۋە شۇ يەردە ياشاپ ھېچقانداق يەرگە بارما.
[37] شۇنى بىلىپ قويغىنكى، سېنىڭ ئۆيدىن چىقىپ قىدرون جىلغىسىدىن ئۆتكەن كۈنۈڭ، دەل سېنىڭ ئۆلىدىغان كۈنۈڭ بولىدۇ. ئۇنداق بولغاندا، ئۆز-ئۆزۈڭگە قىلغان بولىسەن، _ دېدى.
[38] شىمئى پادىشاھقا: _ لەببەي، پادىشاھ ئالىيلىرى، قۇللىرى سىلىنىڭ دېگەنلىرىدەك قىلىدۇ، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن شىمئى يېرۇسالېمدا ئۇزۇن مەزگىل تۇرۇپ قالدى.
[39] ئەمما ئۈچىنچى يىلنىڭ ئاخىرىدا شىمئىنىڭ ئىككى قۇلى مائاكانىڭ ئوغلى گات پادىشاھى ئاكىشنىڭ يېنىغا قېچىپ بېرىۋالدى. بىرسى شىمئىگە: _ قارا، سېنىڭ قۇللىرىڭ گاتقا بېرىۋاپتۇ، _ دېدى.
[40] شۇنىڭ بىلەن شىمئى ئېشىكىنى توقۇپ، گاتتىكى ئاكىشنىڭ قېشىغا قۇللىرىنى ئىزدەپ بېرىپ، ئۇلارنى گاتتىن قايتۇرۇپ كەلدى.
[41] بىرسى سۇلايمانغا شىمئىنىڭ يېرۇسالېمدىن گاتقا بېرىپ كەلگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.
[42] پادىشاھ ئادەم ئەۋەتىپ شىمئىنى چاقىرتىپ كېلىپ، ئۇنىڭغا: _ مەن سېنى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا قەسەم قىلغۇزۇپ، قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇپ: «ئېسىڭدە بولسۇن، سېنىڭ ئۆيدىن چىقىپ باشقا يەرگە بارغان كۈنۈڭ، ئۆلىدىغان كۈنۈڭ بولىدۇ» دېمىگەنمىدىم؟ سەن ماڭا: «پادىشاھ ئالىيلىرى، مەن سىلىنىڭ دېگەنلىرىدەك قىلىمەن» دېگەنىدىڭ.
[43] سەن ئەمدى نېمە ئۈچۈن پەرۋەردىگار ئالدىدا قىلغان قەسىمىڭدە تۇرمايسەن؟ نېمىشقا مېنىڭ بۇيرۇقۇمغا ئەمەل قىلمايسەن؟ _ دېدى.
[44] پادىشاھ شىمئىغا يەنە: _ ئاتام داۋۇتقا قىلغان يامانلىقىڭ ئۆز كۆڭلۈڭگە ئايان. شۇڭا پەرۋەردىگار ئۆز يامانلىقىڭنى ئۆزۈڭگە ياندۇرىدۇ.
[45] ئەمما پەرۋەردىگار داۋۇتنىڭ خانىدانلىقىنى مەڭگۈ مۇستەھكەم قىلىپ، ئۇنىڭ ئەۋلادى سۇلايمان پادىشاھنى بەرىكەتلەيدۇ، _ دېدى.
[46] شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ يىھويادانىڭ ئوغلى بىناياغا شىمئىنى ئۆلتۈرۈشنى بۇيرۇق قىلدى. ئۇ بېرىپ شىمئىنى ئۆلتۈردى. شۇنداق قىلىپ سۇلايماننىڭ پادىشاھلىقى مۇستەھكەملەندى.