Skip to content
Opens in a new window

[1] سۇلايمان پادىشاھ پىرئەۋننىڭ قىزىدىن باشقا يەنە نۇرغۇن يات ئەلنىڭ ئاياللىرىغا، يەنى موئابلىق، ئاممونلۇق، ئىدوملۇق، سىدونلۇق ۋە خىتلىق ئاياللارغا ئاشىق بولدى.

[2] پەرۋەردىگار ئىسرائىللارنى بۇ يات ئەلنىڭ ئادەملىرى توغرۇلۇق ئاگاھلاندۇرۇپ: «سىلەر ئۇ ئەللەرنىڭ ئادەملىرى بىلەن ئارىلىشىپ، نىكاھلانساڭلار بولمايدۇ، بولمىسا ئۇلار جەزمەن قەلبىڭلارنى مايىل قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئىلاھلىرىغا ئىشەندۈرۈپ كېتىدۇ» دېگەن بولسىمۇ، لېكىن سۇلايمان دەل ئەنە شۇ يات ئەللەرنىڭ ئاياللىرىغا ئاشىق بولدى.

[3] سۇلايمان پادىشاھنىڭ ئېسىل ئائىلىلەردىن بولغان 700 خوتۇنى، 300 توقىلى بار ئىدى. ئۇلار سۇلايماننى ئازدۇردى.

[4] سۇلايماننىڭ قېرىشىغا ئەگىشىپ، خوتۇنلىرى ئۇنى ئازدۇرۇپ، باشقا ئىلاھلارغا ئىشەندۈرۈپ كەتتى. ئۇ ئاتىسى داۋۇت پەرۋەردىگار خۇداغا جان-دىلى بىلەن سادىق بولغاندەك سادىق بولمىدى.

[5] سۇلايمان سىدونلۇقلارنىڭ ئايال ئىلاھى ئاشتورەت بىلەن ئاممونلارنىڭ يىرگىنچلىك ئىلاھى مولەككە چوقۇنۇپ،

[6] پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلدى، پەرۋەردىگارغا ئاتىسى داۋۇت ئەگەشكەندەك تولۇق ئەگەشمىدى.

[7] سۇلايمان موئابلارنىڭ يىرگىنچلىك ئىلاھى كىموش بىلەن ئاممونلارنىڭ يىرگىنچلىك ئىلاھى مولەككە ئاتاپ، يېرۇسالېمنىڭ شەرقىي تەرىپىدىكى تاغدا بىر سەجدىگاھ سالدۇردى.

[8] ئۇ يات ئەللەردىن ئالغان ھەممە خوتۇنلىرىنىڭ ئۆز ئىلاھلىرىغا ئىسرىق سېلىپ، قۇربانلىق قىلىشلىرى ئۈچۈن ئۇلارغىمۇ بۇتخانىلارنى سالدۇرۇپ بەردى.

[9] سۇلايمان ئۆزىگە ئىككى قېتىم زاھىر بولغان، ئىسرائىللارنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇدادىن يۈز ئۆرۈگەچكە، پەرۋەردىگارنىڭ ئۇنىڭغا غەزىپى كەلدى.

[10] بۇ ئىش توغرۇلۇق پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: «باشقا ئىلاھلارغا ئەگەشمە» دەپ بۇيرۇغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇقىغا ئېرەن قىلمىدى.

[11] شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار سۇلايمانغا مۇنداق دېدى: _ ئىسرائىللار بىلەن تۈزگەن ئەھدەمگە ۋە ساڭا بۇيرۇغان ئەمر-پەرمانلىرىمغا رىئايە قىلماي بۇ ئىشلارنى قىلغانلىقىڭ ئۈچۈن، جەزمەن پادىشاھلىقىڭنى تارتىۋېلىپ، ئۇنى بىر خىزمەتكارىڭغا ئۆتكۈزۈپ بېرىمەن.

[12] لېكىن ئاتاڭ داۋۇتنىڭ ھۆرمىتىنى قىلىپ، بۇ ئىشنى سەن ھايات چاغدا قىلمايمەن. پادىشاھلىقىڭنى سېنىڭ ئوغلۇڭنىڭ قولىدىن تارتىۋالىمەن.

[13] مەن تاللىغان يېرۇسالېم ۋە خىزمەتكارىم داۋۇتنىڭ ھۆرمىتىنى قىلىپ، پادىشاھلىقنى پۈتۈنلەي تارتىۋالماستىن، ئوغلۇڭغا بىر قەبىلىنى قالدۇرىمەن.

[14] شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار سۇلايمان پادىشاھقا قارشى چىقىدىغان بىرەيلەننى ئوتتۇرىغا چىقاردى، ئۇ ئىدوم پادىشاھىنىڭ ئەۋلادلىرىدىن بولغان ھاداد ئىدى.

[15] ئىلگىرى داۋۇت پادىشاھ ئىدومنى مەغلۇپ قىلغانىدى. شۇ چاغدا قوشۇننىڭ باش سەركەردىسى يوئاب جەڭدە قۇربان بولغان ئىسرائىللارنى دەپنە قىلغىلى بېرىپ، ئىدومدىكى بارلىق ئەركەكلەرنى قىرىپ تاشلىغانىدى.

[16] يوئاب ۋە ئىسرائىلىيە قوشۇنلىرى ئۇ يەردە تاكى ئىدومدىكى بارلىق ئەركەكلەرنى قىرىپ تۈگەتكۈچە ئالتە ئاي تۇرغانىدى.

[17] بىراق ھاداد ئاتىسىنىڭ بىرقانچە ئىدوملۇق خىزمەتكارى بىلەن مىسىرغا قېچىپ بېرىۋالغان بولۇپ، ئۇ چاغدا ئۇ تېخى كىچىك بالا ئىدى.

[18] ئۇلار مىسىرغا يېتىپ بېرىش ئۈچۈن مىديان رايونىدىن ئۆتۈپ، پاران چۆلىگە كەلگەندە، ئۇ يەردىن يەنە بىرقانچە ئادەم ئېلىۋېلىشتى. مىسىرغا يېتىپ كەلگەندە پىرئەۋن بىلەن كۆرۈشتى. پىرئەۋن قول ئاستىدىكىلەرگە ئۇنىڭغا ئۆي، ئوزۇقلۇق بېرىشنى بۇيرۇغان ۋە بىر پارچە يەرنى ئىنئام قىلىپ بەرگەن.

[19] ھاداد پىرئەۋننىڭ ئالدىدا ناھايىتى كۆپ ئىلتىپاتقا ئېرىشكەن، ھەتتا پىرئەۋن ئۆز قېيىنسىڭلىسى، يەنى خانىش تاخپىنېسنىڭ بىر سىڭلىسىنى ئۇنىڭغا بەرگەن.

[20] ئۇ تاخپىنېسنىڭ سىڭلىسىدىن بىر ئوغۇل پەرزەنت كۆرۈپ، ئۇنىڭغا گىنۇبات دەپ ئات قويغان. تاخپىنېس بالىنى پىرئەۋننىڭ ئوردىسىدا چوڭ قىلغان. گىنۇبات پىرئەۋننىڭ ئوغۇللىرى بىلەن بىرلىكتە ئوردىدا تۇراتتى.

[21] ھاداد مىسىردا تۇرۇپ، داۋۇت پادىشاھنىڭ ئالەمدىن ئۆتكەنلىكىنى، ئىسرائىلىيە قوشۇنىنىڭ باش سەركەردىسى يوئابنىڭمۇ ئۆلگەنلىكىنى ئاڭلاپ، پىرئەۋندىن: _ ئۆز ئېلىمگە قايتىشىمغا ئىجازەت بېرىشلىرىنى سورايمەن، _ دەپ ئۆتۈندى.

[22] پىرئەۋن ئۇنىڭغا: _ «ئۆز ئېلىمگە قايتىشىمغا ئىجازەت بەرسىلە» دەيسەن، بۇ يەردە ساڭا بىرەر نەرسە كەم بولۇپ قالدىمۇ؟ _ دېدى. ئۇ: _ كەم بولۇپ قالغان بىرەر نەرسە يوق، قانداقلا بولمىسۇن ئۆز ئېلىمگە قايتىشىمغا ئىجازەت بەرگەيلا، _ دەپ تۇرۇۋالدى.

[23] خۇدا ئەليادانىڭ ئوغلى رىزوننىمۇ سۇلايمان پادىشاھقا دۈشمەن قىلىپ قويدى. ئۇ غوجايىنى زوباھنىڭ پادىشاھى ھادادئەزەرنىڭ يۇرتىدىن قېچىپ چىققانىدى.

[24] داۋۇت پادىشاھ زوباھلىقلارنى مەغلۇپ قىلغاندا، رىزون بىر تۈركۈم كىشىلەرنى توپلاپ، ئۆزى بۇ قاراقچىلارنىڭ ئاتامانى بولۇپ، دەمەشققە بېرىپ، ھۆكۈمرانلىقىنى تۇرغۇزغانىدى.

[25] ئۇ پۈتكۈل ئارراملار ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزۈپ، ھادادقا ئوخشاش يامانلىق قىلىپ، ئىسرائىللارغا ئۆچمەنلىك قىلاتتى. رىزون سۇلايمان پادىشاھ ھايات چېغىدا ئىزچىل تۈردە ئىسرائىلىيەگە قارشى چىقىپ كەلگەنىدى.

[26] سۇلايمان پادىشاھنىڭ خىزمەتكارى _ نىباتنىڭ ئوغلى ياروبئاممۇ پادىشاھقا قارشى كۆتۈرۈلۈپ چىقتى. ئۇ ئەفرايىم قەبىلىسىدىن بولۇپ، زىرېدا شەھىرىدىن ئىدى. ئانىسىنىڭ ئىسمى زىرۇئا بولۇپ، بىر تۇل خوتۇن ئىدى.

[27] ئۇ سۇلايمان پادىشاھقا قارشى چىقىشتىن بۇرۇن مۇنداق ئىشلار بولغان: سۇلايمان پادىشاھ تىندۇرۇلغان يەرنى چىڭداپ، ئاتىسى داۋۇتنىڭ نامىغا ئاتالغان «داۋۇت شەھىرى» سېپىلىنىڭ بۇزۇلغان يەرلىرىنى ئوڭشاۋاتاتتى.

[28] ياروبئام دېگەن بۇ يىگىت ئىنتايىن ئىقتىدارلىق ئادەم ئىدى. سۇلايمان پادىشاھ ئۇنىڭ ناھايىتى تىرىشچان ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۇنى يۈسۈپنىڭ ئەۋلادلىرى، يەنى ئەفرايىم ۋە ماناسسە قەبىلىسىگە تەۋە بولغان بارلىق ھاشارچىلارنى باشقۇرۇشقا قويدى.

[29] بىر كۈنى ياروبئام يېرۇسالېمدىن چىققاندا، شىلولۇق ئاخىيا پەيغەمبەر يولدا ئۇنىڭغا يولۇقتى. ئاخىيا يېڭى تون كىيگەن بولۇپ، دالىدا شۇ ئىككىيلەنلا بار ئىدى.

[30] ئاخىيا ئۈستىدىكى يېڭى تونىنى سېلىپ، يىرتىپ، ئون ئىككى پارچە قىلىپ،

[31] ياروبئامغا مۇنداق دېدى: _ سەن بۇ ئون پارچىنى ئال! ئىسرائىللارنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇدا ساڭا مۇنداق دەيدۇ: «بىلىپ قويغىنكى، پادىشاھلىقنى پارچىلاپ، سۇلايماننىڭ قولىدىن تارتىۋېلىپ، ئون قەبىلىنى ساڭا بېرىمەن.

[32] لېكىن خىزمەتكارىم داۋۇتنىڭ ۋە ئىسرائىل قەبىلىلىرىگە تەۋە شەھەرلەردىن تاللىغان يېرۇسالېمنىڭ ھۆرمىتىنى قىلىپ، سۇلايماندا يەنىلا بىر قەبىلە قالىدۇ.

[33] سۇلايمان مەندىن ۋاز كېچىپ، سىدونلۇقلارنىڭ ئايال ئىلاھى ئاشتورەت، موئابلارنىڭ ئىلاھى كىموش ۋە ئاممونلارنىڭ ئىلاھى مولەككە چوقۇنۇپ، مېنىڭ يولۇمنى تۇتمىغانلىقى، نەزىرىمدە دۇرۇس بولغان ئىشلارنى قىلماي، مېنىڭ ئەمر-پەرمانلىرىم ۋە قائىدە-تۈزۈملىرىمگە ئاتىسى داۋۇت رىئايە قىلغاندەك رىئايە قىلمىغانلىقى ئۈچۈن، پادىشاھلىقنى سۇلايماننىڭ قولىدىن تارتىۋالىمەن.

[34] شۇنداقتىمۇ پۈتكۈل پادىشاھلىقنى ئۇنىڭ قولىدىن تارتىۋالماستىن، بەلكى ئۇنى ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە پادىشاھلىقىدا تۇرغۇزىمەن. چۈنكى مەن تاللىغان خىزمەتكارىم داۋۇت مېنىڭ ئەمر-پەرمانلىرىمغا رىئايە قىلغان.

[35] مەن پادىشاھلىقنى ئۇنىڭ ئوغلىنىڭ قولىدىن تارتىۋېلىپ، ئون قەبىلىنى ساڭا تەقدىم قىلىمەن.

[36] شۇنداقتىمۇ مەن سۇلايماننىڭ ئوغلىغا بىر قەبىلىنى بېرىپ، ماڭا ئىبادەت قىلىشقا تاللىغان شەھەر يېرۇسالېمدا خىزمەتكارىم داۋۇتنىڭ چىرىغىنى ئۆچۈرۈپ قويمايمەن.

[37] مەن سېنى ئۆزۈڭ ئارزۇ قىلغاندەك، ئىسرائىلىيەگە ھۆكۈمران قىلىپ، پادىشاھ بولۇشقا تاللىدىم.

[38] ئەگەر ئەمرلىرىمنىڭ ھەممىسىگە بويسۇنۇپ، يولۇمنى تۇتۇپ، مېنىڭ نەزىرىمدە دۇرۇس بولغان ئىشلارنى قىلىپ، مېنىڭ ئەمر-پەرمانلىرىمغا خىزمەتكارىم داۋۇتتەك رىئايە قىلساڭ، مەن ساڭا يار بولۇپ، داۋۇتقا قۇرۇپ بەرگىنىمگە ئوخشاش ساڭىمۇ مۇستەھكەم بىر خانىدانلىق قۇرۇپ بېرىمەن ھەمدە ئىسرائىلىيەنى ساڭا تەقدىم قىلىمەن.

[39] سۇلايماننىڭ بۇتپەرەسلىكى تۈپەيلىدىن داۋۇتنىڭ ئەۋلادلىرىنى ئاجىز قىلىمەن، بىراق بۇ مەڭگۈلۈك بولمايدۇ.»

[40] شۇنىڭدىن كېيىن سۇلايمان پادىشاھ ياروبئامنى ئۆلتۈرمەكچى بولدى. لېكىن ياروبئام پىرئەۋن شىشاقنىڭ يېنىغا قېچىپ بېرىپ، تاكى سۇلايمان پادىشاھ ۋاپات بولغانغا قەدەر مىسىردا تۇردى.

[41] سۇلايمان پادىشاھنىڭ باشقا ئىش-ئىزلىرى، بارلىق پائالىيەتلىرى ۋە دانالىقى «سۇلايمان پادىشاھ تەزكىرىسى» گە پۈتۈلگەن.

[42] سۇلايمان پادىشاھ يېرۇسالېمدا پۈتۈن ئىسرائىلىيەگە 40 يىل پادىشاھ بولدى.

[43] سۇلايمان ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ قېشىغا كېتىپ، ئاتىسى داۋۇتنىڭ نامىدا ئاتالغان «داۋۇت شەھىرى» دە دەپنە قىلىندى. ئوغلى رىخوبئام ئۇنىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلدى.

پادىشاھلار — Chapters