Skip to content
Opens in a new window

[1] سۇلايمان پادىشاھ پۈتۈن ئىسرائىلىيەگە ھۆكۈمرانلىق قىلدى.

[2] ئۇنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى تۆۋەندىكىلەر ئىدى: زادوقنىڭ ئوغلى ئازاريا روھانىي،

[3] شىشانىڭ ئوغۇللىرى ئەلىخورەف ۋە ئاخىيا پۈتۈكچى، ئاخىلۇدنىڭ ئوغلى يىھوشافات تەزكىرىچى،

[4] يىھويادانىڭ ئوغلى بىنايا قوشۇننىڭ باش سەركەردىسى، زادوق ۋە ئابىياتار روھانىي،

[5] ناتاننىڭ ئوغلى ئازاريا ۋەزىر، ناتاننىڭ ئوغلى روھانىي زابۇد پادىشاھنىڭ مەسلىھەتچىسى،

[6] ئاخىشار ئوردا غوجىدارى، ئابدانىڭ ئوغلى ئادورام ھاشارچىلارنىڭ باشقۇرغۇچىسى.

[7] سۇلايمان پادىشاھنىڭ پۈتۈن ئىسرائىلىيەدە ئۇنىڭ ئوردىسىنى يېمەكلىك بىلەن تەمىنلەشكە مەسئۇل ئون ئىككى ئەمەلدارى بار ئىدى. ھەربىر ئەمەلدار ھەر يىلدا بىر ئايدىن يېمەكلىك بىلەن تەمىنلەيتتى.

[8] ئۇلارنىڭ ئىسىملىرى ۋە مەسئۇل بولغان زېمىنلىرى مۇنداق ئىدى. بەنخۇر: ئەفرايىم تاغلىق رايونى،

[9] بەندەقەر: ماقاز، شائالبىم، بەيت-شەمەش ۋە ئېلون-بەيتخانان شەھەرلىرى،

[10] بەنخەسەد: ئارۇببوت (سوكوھ ۋە خېفەرنىڭ بارلىق زېمىنىمۇ ئۇنىڭغا قارايتتى)،

[11] بەن-ئابىناداب (سۇلايماننىڭ قىزى تافاتنىڭ ئېرى): نافات-دورنىڭ ھەممە يەرلىرى،

[12] ئاخىلۇدنىڭ ئوغلى بائانا: تاناك، مىگىددو ۋە يىزرىئەلنىڭ جەنۇبىدىكى زارىتانغا يېقىن بولغان بەيتشان ۋە ئۇ يەردىن يوقمىئامنىڭ قارشى تەرىپىدىكى ئابېل-مىخولاغىچە بولغان بارلىق يەرلەر،

[13] بەنگېبەر: گىلئادتىكى راموت (ۋە يەنە گىلئادتىكى ماناسسەنىڭ ئوغلى يائىر جەمەتىگە قاراشلىق شەھەرلەر ھەم باشان زېمىنىدىكى ئارگوب رايونى، تۇچ تاقاقلىق دەرۋازىلار ۋە سېپىل بىلەن قورشالغان ئاتمىش شەھەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان)،

[14] ئىددونىڭ ئوغلى ئاخىناداب: ماخانايىم،

[15] ئاخىمائاز (سۇلايماننىڭ قىزى باسماتنىڭ ئېرى): نافتالى قەبىلىسىنىڭ زېمىنى،

[16] خۇشاينىڭ ئوغلى بائانا: ئاشېر قەبىلىسىنىڭ زېمىنى ۋە بىئالوت،

[17] پارۇۋاخنىڭ ئوغلى يىھوشافات: ئىسساكار قەبىلىسىنىڭ زېمىنى،

[18] ئېلانىڭ ئوغلى شىمئى: بىنيامىن قەبىلىسىنىڭ زېمىنى،

[19] ئۇرىنىڭ ئوغلى گەبەر: گىلئاد زېمىنى (بۇرۇنقى ئامورلارنىڭ پادىشاھى سىخون ۋە باشان پادىشاھى ئوگنىڭ زېمىنى). ئازاريا ۋەزىر بۇ زېمىنلارنىڭ ھەممىسىنى باشقۇراتتى.

[20] يەھۇدا قەبىلىسى ۋە باشقا ئىسرائىلىيە قەبىلىسىدىكىلەر خۇددى دېڭىز بويىدىكى قۇمدەك كۆپ ئىدى. ئۇلار يەپ-ئىچىپ، خۇشال-خۇرام ياشايتتى.

[21] سۇلايمان فىرات دەرياسىدىن تارتىپ فىلىستىيەلىكلەر زېمىنىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا تاكى مىسىر چېگراسىغىچە بولغان پۈتۈن پادىشاھلىقلار ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلاتتى. بۇ دۆلەتلەر سۇلايمان ھايات چېغىدا ئۇنىڭغا ئولپان تاپشۇرۇپ، ئىزچىل تۈردە ئۇنىڭ خىزمىتىدە بولاتتى.

[22] سۇلايمان پادىشاھ ئوردىسىنىڭ كۈندىلىك يېمەكلىكلىرى ئۈچۈن ئىككى توننا سۈپەتلىك ئۇن، تۆت توننا ئاددىي ئۇن،

[23] بوردالغان 10 كالا، يايلاقتا بېقىلغان 20 كالا، 100 قوي كېتەتتى، بۇنىڭدىن باشقا بۇغا، جەرەن، كېيىك ۋە سېمىز ئۇچار قاناتلار كېتەتتى.

[24] سۇلايمان پادىشاھ تىفساختىن تاكى گازاغىچە بولغان فىرات دەرياسىنىڭ غەربىي تەرىپىدىكى بارلىق پادىشاھلىقلارغا ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان بولغاچقا، ئۇنىڭ تۆت ئەتراپى تىنچ ئىدى.

[25] سۇلايمان پادىشاھ ھايات چېغىدا يەھۇدىيە بىلەن ئىسرائىلىيەدىكى داندىن تارتىپ بەئەرشەباغىچە بولغان خەلقنىڭ ھەممىسى ئۆز ئۈزۈم باراڭلىرى ۋە ئەنجۈر دەرەخلىرى ئاستىدا تىنچ-ئامان ھايات كەچۈردى.

[26] سۇلايمان پادىشاھنىڭ جەڭ ھارۋىلىرىنى قويىدىغان ئاتخانىلىرىدىن 4 مىڭى ۋە ئاتلاردىن 12 مىڭى بار ئىدى.

[27] يۇقىرىدا ئېيتىلغان ئەمەلدارلار ھەر ئايدا سۇلايمان پادىشاھ ۋە ئۇنىڭ بىلەن ھەمداستىخان بولىدىغانلارنىڭ يېمەكلىكلىرىنى كەم قالدۇرماي نۆۋەتلىشىپ تەمىنلىشەتتى.

[28] ئۇلار ئارغىماقلار ۋە باشقا ئاتلار ئۈچۈن ئارپا ۋە سامانلارنىمۇ ئۆز نۆۋىتى بويىچە بەلگىلەنگەن يەرگە يەتكۈزۈپ بېرىشەتتى.

[29] خۇدا سۇلايمانغا دانالىق، زىيادە ئەقىل-پاراسەت ۋە دېڭىز ساھىلىدىكى قۇملاردەك چەكسىز ھېكمەت ئاتا قىلغانىدى.

[30] ئۇ دانالىقتا شەرقتىكى ۋە مىسىردىكى بارچە دانىشمەنلەرنى بېسىپ چۈشەتتى.

[31] ئۇنىڭ دانالىقى ھەرقانداق ئادەمدىن، جۈملىدىن ئەزراخنىڭ ئوغلى ئېتان بىلەن ماخولنىڭ ئۈچ ئوغلى _ ھېمان، كالكول ۋە داردانىڭكىدىنمۇ ئارتۇق ئىدى. ئۇنىڭ داڭقى تۆت ئەتراپتىكى پۈتكۈل دۆلەتلەرگە يېيىلغانىدى.

[32] ئۇنىڭ ھېكمەتلىك سۆزلىرى 3000غا، يازغان شېئىرلىرى 1005كە يەتكەنىدى.

[33] ئۇ ھەر خىل دەل-دەرەخلەر، لىۋان تاغلىرىدا ئۆسىدىغان كېدىر دەرىخىدىن تارتىپ، تامدىن ئۆسۈپ چىقىدىغان لېپەكگۈلگىچە سۆزلەپ ئۆتكەن. ھايۋاناتلار، ئۇچار قاناتلار، ئۆمىلىگۈچى ھايۋانلار ۋە بېلىقلار ئۈستىدىمۇ توختالغان.

[34] يەر يۈزىدىكى پادىشاھلار سۇلايماننىڭ دانالىقىدىن خەۋەر تېپىپ، ئۇنىڭ ھېكمەتلىك سۆزلىرىنى ئاڭلاپ كېلىشكە ئادەم ئەۋەتىشەتتى.

پادىشاھلار — Chapters